וַיֹּסִיפוּ בְּנֵי יִשְׂרָאֵל לַעֲשׂוֹת הָרַע בְּעֵינֵי יְהֹוָה וַיִּתְּנֵם יְהֹוָה בְּיַד־פְּלִשְׁתִּים אַרְבָּעִים שָׁנָֽה׃ | 1 |
لېكىن ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يەنە رەزىل بولغاننى قىلدى؛ شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ئۇلارنى قىرىق يىلغىچە فىلىستىيلەرنىڭ قولىغا تاشلاپ قويدى. |
וַיְהִי אִישׁ אֶחָד מִצׇּרְעָה מִמִּשְׁפַּחַת הַדָּנִי וּשְׁמוֹ מָנוֹחַ וְאִשְׁתּוֹ עֲקָרָה וְלֹא יָלָֽדָה׃ | 2 |
شۇ چاغدا زورېئاھ دېگەن جايدا، دان جەمەتىدىن بولغان، مانوئاھ ئىسىملىك بىر كىشى بار ئىدى. ئۇنىڭ ئايالى تۇغماس بولۇپ، ھېچ بالىسى يوق ئىدى. |
וַיֵּרָא מַלְאַךְ־יְהֹוָה אֶל־הָאִשָּׁה וַיֹּאמֶר אֵלֶיהָ הִנֵּה־נָא אַתְּ־עֲקָרָה וְלֹא יָלַדְתְּ וְהָרִית וְיָלַדְתְּ בֵּֽן׃ | 3 |
پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى بۇ ئايالغا ئايان بولۇپ ئۇنىڭغا: ــ مانا، سەن تۇغماس بولغىنىڭ ئۈچۈن بالا تۇغمىدىڭ؛ لېكىن ئەمدى سەن ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغىسەن. |
וְעַתָּה הִשָּׁמְרִי נָא וְאַל־תִּשְׁתִּי יַיִן וְשֵׁכָר וְאַל־תֹּאכְלִי כׇּל־טָמֵֽא׃ | 4 |
ئەمما سەن سەگەك بولۇپ، شاراب ياكى كۈچلۈك ھاراق ئىچمە، ھېچ ناپاك نەرسىنىمۇ يېمىگىن. |
כִּי הִנָּךְ הָרָה וְיֹלַדְתְּ בֵּן וּמוֹרָה לֹא־יַעֲלֶה עַל־רֹאשׁוֹ כִּֽי־נְזִיר אֱלֹהִים יִֽהְיֶה הַנַּעַר מִן־הַבָּטֶן וְהוּא יָחֵל לְהוֹשִׁיעַ אֶת־יִשְׂרָאֵל מִיַּד פְּלִשְׁתִּֽים׃ | 5 |
چۈنكى مانا، سەن ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغىسەن. بۇ بالا ئانىسىنىڭ قورسىقىدىكى چاغدىن تارتىپ خۇداغا ئاتالغان «نازارىي» بولىدىغىنى ئۈچۈن، ئۇنىڭ بېشىغا ھەرگىز ئۇستىرا سېلىنمىسۇن. ئۇ ئىسرائىلنى فىلىستىيلەرنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇش ئىشىنى باشلايدۇ، ــ دېدى. |
וַתָּבֹא הָאִשָּׁה וַתֹּאמֶר לְאִישָׁהּ לֵאמֹר אִישׁ הָֽאֱלֹהִים בָּא אֵלַי וּמַרְאֵהוּ כְּמַרְאֵה מַלְאַךְ הָאֱלֹהִים נוֹרָא מְאֹד וְלֹא שְׁאִלְתִּיהוּ אֵֽי־מִזֶּה הוּא וְאֶת־שְׁמוֹ לֹא־הִגִּיד לִֽי׃ | 6 |
ئايال ئېرىنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا: ــ مانا، خۇدانىڭ بىر ئادىمى يېنىمغا كەلدى؛ ئۇنىڭ تۇرقى خۇدانىڭ پەرىشتىسىدەك، ئىنتايىن دەھشەتلىك ئىكەن؛ لېكىن مەن ئۇنىڭدىن: «نەدىن كەلدىڭ» دەپ سورىمىدىم، ئۇمۇ ئۆز نام-شەرىپىنى ماڭا دەپ بەرمىدى. |
וַיֹּאמֶר לִי הִנָּךְ הָרָה וְיֹלַדְתְּ בֵּן וְעַתָּה אַל־תִּשְׁתִּי ׀ יַיִן וְשֵׁכָר וְאַל־תֹּֽאכְלִי כׇּל־טֻמְאָה כִּֽי־נְזִיר אֱלֹהִים יִֽהְיֶה הַנַּעַר מִן־הַבֶּטֶן עַד־יוֹם מוֹתֽוֹ׃ | 7 |
ئۇ ماڭا: ــ «مانا، سەن ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغىسەن؛ ئۇ بالا ئانىسىنىڭ قورسىقىدىكى چاغدىن تارتىپ ئۆلىدىغان كۈنىگىچە خۇداغا ئاتالغان بىر نازارىي بولىدىغان بولغاچقا، ئەمدى سەن شاراب ياكى كۈچلۈك ھاراق ئىچمە ۋە ھېچ ناپاك نەرسىنىمۇ يېمىگىن» دېدى، ــ دېدى. |
וַיֶּעְתַּר מָנוֹחַ אֶל־יְהֹוָה וַיֹּאמַר בִּי אֲדוֹנָי אִישׁ הָאֱלֹהִים אֲשֶׁר שָׁלַחְתָּ יָבוֹא־נָא עוֹד אֵלֵינוּ וְיוֹרֵנוּ מַֽה־נַּעֲשֶׂה לַנַּעַר הַיּוּלָּֽד׃ | 8 |
بۇنى ئاڭلاپ مانوئاھ پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلىپ: ــ ئاھ رەببىم، سەن بۇ يەرگە ئەۋەتكەن خۇدانىڭ ئادىمى بىزگە يەنە كېلىپ، تۇغۇلىدىغان بالىغا نېمە قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى ئۆگىتىپ قويسۇن، دەپ ئىلتىجا قىلدى. |
וַיִּשְׁמַע הָאֱלֹהִים בְּקוֹל מָנוֹחַ וַיָּבֹא מַלְאַךְ הָאֱלֹהִים עוֹד אֶל־הָאִשָּׁה וְהִיא יוֹשֶׁבֶת בַּשָּׂדֶה וּמָנוֹחַ אִישָׁהּ אֵין עִמָּֽהּ׃ | 9 |
خۇدا مانوئاھنىڭ دۇئاسىنى ئاڭلىدى؛ ئايال ئېتىزلىقتا ئولتۇغىنىدا، خۇدانىڭ پەرىشتىسى يەنە ئۇنىڭ قېشىغا كەلدى. ئەمما ئۇنىڭ ئېرى مانوئاھ ئۇنىڭ قېشىدا يوق ئىدى. |
וַתְּמַהֵר הָֽאִשָּׁה וַתָּרׇץ וַתַּגֵּד לְאִישָׁהּ וַתֹּאמֶר אֵלָיו הִנֵּה נִרְאָה אֵלַי הָאִישׁ אֲשֶׁר־בָּא בַיּוֹם אֵלָֽי׃ | 10 |
ئاندىن ئايال دەرھال يۈگۈرۈپ بېرىپ، ئېرىگە خەۋەر بېرىپ: ــ مانا، ھېلىقى كۈنى يېنىمغا كەلگەن ئادەم ماڭا يەنە كۆرۈندى، دېۋىدى، |
וַיָּקׇם וַיֵּלֶךְ מָנוֹחַ אַחֲרֵי אִשְׁתּוֹ וַיָּבֹא אֶל־הָאִישׁ וַיֹּאמֶר לוֹ הַאַתָּה הָאִישׁ אֲשֶׁר־דִּבַּרְתָּ אֶל־הָאִשָּׁה וַיֹּאמֶר אָֽנִי׃ | 11 |
مانوئاھ دەرھال قوپۇپ ئايالىنىڭ كەينىدىن مېڭىپ، ئۇ ئادەمنىڭ قېشىغا كېلىپ: ــ بۇ ئايالغا كېلىپ سۆز قىلغان ئادەم سەنمۇ؟ ــ دەپ سورىۋىدى، ئۇ جاۋابەن: ــ شۇنداق، مەندۇرمەن، دېدى. |
וַיֹּאמֶר מָנוֹחַ עַתָּה יָבֹא דְבָרֶיךָ מַה־יִּהְיֶה מִשְׁפַּט־הַנַּעַר וּמַעֲשֵֽׂהוּ׃ | 12 |
مانوئاھ ئۇنىڭغا: ــ ئېيتقان سۆزلىرىڭ بەجا كەلتۈرۈلگەندە، بالا قايسى تەرىقىدە چوڭ قىلىنىشى كېرەك، ئۇ نېمە ئىشلارنى قىلىدۇ؟ ــ دەپ سورىدى. |
וַיֹּאמֶר מַלְאַךְ יְהֹוָה אֶל־מָנוֹחַ מִכֹּל אֲשֶׁר־אָמַרְתִּי אֶל־הָאִשָּׁה תִּשָּׁמֵֽר׃ | 13 |
پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى مانوئاھقا جاۋاب بېرىپ: ــ مەن بۇ ئايالغا ئېيتقان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىدىن ئۇ ھېزى بولۇپ ئۆزىنى تارتسۇن؛ |
מִכֹּל אֲשֶׁר־יֵצֵא מִגֶּפֶן הַיַּיִן לֹא תֹאכַל וְיַיִן וְשֵׁכָר אַל־תֵּשְׁתְּ וְכׇל־טֻמְאָה אַל־תֹּאכַל כֹּל אֲשֶׁר־צִוִּיתִיהָ תִּשְׁמֹֽר׃ | 14 |
ئۇ ئۈزۈم تېلىدىن چىققان ھېچقانداق نەرسىدىن يېمىسۇن، شاراب ياكى كۈچلۈك ھاراق ئىچمىسۇن، ھېچ ناپاك نەرسىلەردىن يېمىسۇن؛ مەن ئۇنىڭغا بارلىق ئەمر قىلغىنىمنى تۇتسۇن، دېدى. |
וַיֹּאמֶר מָנוֹחַ אֶל־מַלְאַךְ יְהֹוָה נַעְצְרָה־נָּא אוֹתָךְ וְנַעֲשֶׂה לְפָנֶיךָ גְּדִי עִזִּֽים׃ | 15 |
مانوئاھ پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىگە: ــ ئىلتىپات قىلىپ، كەتمەي تۇرسىلا، ئۆزلىرىگە بىر ئوغلاق تەييارلايلى، دېۋىدى، |
וַיֹּאמֶר מַלְאַךְ יְהֹוָה אֶל־מָנוֹחַ אִם־תַּעְצְרֵנִי לֹא־אֹכַל בְּלַחְמֶךָ וְאִם־תַּעֲשֶׂה עֹלָה לַיהֹוָה תַּעֲלֶנָּה כִּי לֹא־יָדַע מָנוֹחַ כִּֽי־מַלְאַךְ יְהֹוָה הֽוּא׃ | 16 |
پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى مانوئاھقا جاۋاب بېرىپ: ــ سەن مېنى تۇتۇپ قالساڭمۇ، مەن نېنىڭدىن يېمەيمەن؛ ئەگەر سەن بىرەر كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇنماقچى بولساڭ، ئۇنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ سۇنۇشۇڭ كېرەك، دېدى (ئۇنىڭ شۇنداق دېيىشىنىڭ سەۋەبى، مانوئاھ ئۇنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئىكەنلىكىنى بىلمىگەنىدى). |
וַיֹּאמֶר מָנוֹחַ אֶל־מַלְאַךְ יְהֹוָה מִי שְׁמֶךָ כִּֽי־יָבֹא (דבריך) [דְבָרְךָ] וְכִבַּדְנֽוּךָ׃ | 17 |
ئاندىن مانوئاھ پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىدىن: ــ ئۆزلىرىنىڭ نام-شەرىپى نېمىدۇ؟ ئېيتىپ بەرگەن بولسىلا، سۆزلىرى ئەمەلگە ئاشۇرۇلغىنىدا، سىلىگە ھۆرمىتىمىزنى بىلدۈرەتتۇق، ــ دېدى. |
וַיֹּאמֶר לוֹ מַלְאַךְ יְהֹוָה לָמָּה זֶּה תִּשְׁאַל לִשְׁמִי וְהוּא־פֶֽלִאי׃ | 18 |
پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ نامىمنى سوراپ قالدىڭغۇ؟ مېنىڭ نامىم كارامەت تىلسىماتتۇر، ــ دېدى. |
וַיִּקַּח מָנוֹחַ אֶת־גְּדִי הָֽעִזִּים וְאֶת־הַמִּנְחָה וַיַּעַל עַל־הַצּוּר לַֽיהֹוָה וּמַפְלִא לַעֲשׂוֹת וּמָנוֹחַ וְאִשְׁתּוֹ רֹאִֽים׃ | 19 |
شۇنىڭ بىلەن مانوئاھ ئوغلاق بىلەن ئاشلىق ھەدىيەسىنى ئېلىپ بېرىپ ئۇنى قورام تاشنىڭ ئۈستىدە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ سۇندى. پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئاجايىپ كارامەت بىر ئىشنى قىلىپ كۆرسەتتى؛ مانوئاھ ۋە ئايالى قاراپ تۇردى. |
וַיְהִי בַעֲלוֹת הַלַּהַב מֵעַל הַמִּזְבֵּחַ הַשָּׁמַיְמָה וַיַּעַל מַלְאַךְ־יְהֹוָה בְּלַהַב הַמִּזְבֵּחַ וּמָנוֹחַ וְאִשְׁתּוֹ רֹאִים וַיִּפְּלוּ עַל־פְּנֵיהֶם אָֽרְצָה׃ | 20 |
شۇنداق بولدىكى، ئوت يالقۇنى قۇربانگاھتىن ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەندە، پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىمۇ قۇربانگاھتىن چىققان ئوت يالقۇنى ئىچىدە يۇقىرىغا چىقىپ كەتتى. مانوئاھ بىلەن ئايالى بۇنى كۆرۈپ، ئۆزلىرىنى يەرگە تاشلاپ يۈزلىرىنى يەرگە يېقىپ دۈم ياتتى. |
וְלֹא־יָסַף עוֹד מַלְאַךְ יְהֹוָה לְהֵרָאֹה אֶל־מָנוֹחַ וְאֶל־אִשְׁתּוֹ אָז יָדַע מָנוֹחַ כִּֽי־מַלְאַךְ יְהֹוָה הֽוּא׃ | 21 |
شۇنىڭدىن كېيىن پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى مانوئاھقا ۋە ئۇنىڭ ئايالىغا قايتا كۆرۈنمىدى. مانوئاھ شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئىكەنلىكىنى بىلدى. |
וַיֹּאמֶר מָנוֹחַ אֶל־אִשְׁתּוֹ מוֹת נָמוּת כִּי אֱלֹהִים רָאִֽינוּ׃ | 22 |
ئاندىن مانوئاھ ئايالىغا: ــ مانا، بىز چوقۇم ئۆلىمىز، چۈنكى بىز خۇدانى كۆردۇق! ــ دېدى. |
וַתֹּאמֶר לוֹ אִשְׁתּוֹ לוּ חָפֵץ יְהֹוָה לַהֲמִיתֵנוּ לֹֽא־לָקַח מִיָּדֵנוּ עֹלָה וּמִנְחָה וְלֹא הֶרְאָנוּ אֶת־כׇּל־אֵלֶּה וְכָעֵת לֹא הִשְׁמִיעָנוּ כָּזֹֽאת׃ | 23 |
لېكىن ئايالى ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ ئەگەر پەرۋەردىگار بىزنى ئۆلتۈرۈشكە لايىق كۆرگەن بولسا، ئۇنداقتا ئۇ كۆيدۈرمە قۇربانلىق بىلەن ئاشلىق ھەدىيەنى قولىمىزدىن قوبۇل قىلمىغان بولاتتى، بۇ ئىشنىمۇ كۆرسەتمىگەن بولاتتى ۋە شۇنداقلا بۇنداق سۆزلەرنى بىزگە ئېيتمىغان بولاتتى، ــ دېدى. |
וַתֵּלֶד הָֽאִשָּׁה בֵּן וַתִּקְרָא אֶת־שְׁמוֹ שִׁמְשׁוֹן וַיִּגְדַּל הַנַּעַר וַֽיְבָרְכֵהוּ יְהֹוָֽה׃ | 24 |
شۇ ئىشتىن كېيىن ئايال بىر ئوغۇل تۇغدى، ئۇنىڭ ئىسمىنى شىمشون قويدى. بۇ بالا ئۆسۈپ، چوڭ بولدى ۋە پەرۋەردىگار ئۇنى بەرىكەتلىدى. |
וַתָּחֶל רוּחַ יְהֹוָה לְפַעֲמוֹ בְּמַחֲנֵה־דָן בֵּין צׇרְעָה וּבֵין אֶשְׁתָּאֹֽל׃ | 25 |
زورېئاھ بىلەن ئەشتائولنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ماھانەھ-داندا پەرۋەردىگارنىڭ روھى ئۇنىڭغا ئۆز تەسىرىنى كۆرسىتىشكە باشلىدى. |