וַיִּצָּעֵק אִישׁ אֶפְרַיִם וַֽיַּעֲבֹר צָפוֹנָה וַיֹּאמְרוּ לְיִפְתָּח מַדּוּעַ ׀ עָבַרְתָּ ׀ לְהִלָּחֵם בִּבְנֵי־עַמּוֹן וְלָנוּ לֹא קָרָאתָ לָלֶכֶת עִמָּךְ בֵּיתְךָ נִשְׂרֹף עָלֶיךָ בָּאֵֽשׁ׃ | 1 |
لېكىن ئەفرائىمىيلار بولسا توپلىشىپ زافون تەرەپكە ئۆتۈپ يەفتاھقا سوئال قويۇپ: ــ سەن ئاممونىيلار بىلەن جەڭ قىلغىلى بارغىنىڭدا نېمىشقا بىزنى بىللە بېرىشقا چاقىرمايسەن؟ ئەمدى بىز ئۆيۈڭنى ئۆزۈڭ بىلەن قوشۇپ ئوتتا كۆيدۈرۈۋېتىمىز، ــ دېدى. |
וַיֹּאמֶר יִפְתָּח אֲלֵיהֶם אִישׁ רִיב הָיִיתִי אֲנִי וְעַמִּי וּבְנֵֽי־עַמּוֹן מְאֹד וָאֶזְעַק אֶתְכֶם וְלֹא־הוֹשַׁעְתֶּם אוֹתִי מִיָּדָֽם׃ | 2 |
يەفتاھ ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: ــ مەن بىلەن خەلقىم ئاممونىيلارغا قارشى قاتتىق جەڭ قىلىۋاتقاندا، سىلەرنى چاقىرسام، مېنى ئۇلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزمىدىڭلار. |
וָאֶרְאֶה כִּֽי־אֵינְךָ מוֹשִׁיעַ וָאָשִׂימָה נַפְשִׁי בְכַפִּי וָֽאֶעְבְּרָה אֶל־בְּנֵי עַמּוֹן וַיִּתְּנֵם יְהֹוָה בְּיָדִי וְלָמָה עֲלִיתֶם אֵלַי הַיּוֹם הַזֶּה לְהִלָּחֶם בִּֽי׃ | 3 |
سىلەرنىڭ كېلىپ مېنى قۇتقۇزمايدىغانلىقىڭلارنى كۆرۈپ، جېنىمنى ئالقىنىمغا ئېلىپ قويۇپ، ئاممونىيلارغا ھۇجۇم قىلىشقا ئاتلاندىم، پەرۋەردىگار ئۇلارنى قولۇمغا تاپشۇردى. ئەمدى سىلەر نېمىشقا بۈگۈن كېلىپ ماڭا ھۇجۇم قىلماقچىسىلەر؟ ــ دېدى. |
וַיִּקְבֹּץ יִפְתָּח אֶת־כׇּל־אַנְשֵׁי גִלְעָד וַיִּלָּחֶם אֶת־אֶפְרָיִם וַיַּכּוּ אַנְשֵׁי גִלְעָד אֶת־אֶפְרַיִם כִּי אָֽמְרוּ פְּלִיטֵי אֶפְרַיִם אַתֶּם גִּלְעָד בְּתוֹךְ אֶפְרַיִם בְּתוֹךְ מְנַשֶּֽׁה׃ | 4 |
لېكىن ئەفرائىملار گىلېئادلارنى [ھاقارەتلەپ]: ــ سىلەر ئى گىلېئادلار، ئەفرائىمنىڭ ئارىسىدا ۋە ماناسسەھنىڭ ئارىسىدا تۇرۇۋاتقان مۇساپىرلار، ئەفرائىمدا تۇرۇۋاتقان قاچقۇنسىلەر، خالاس! ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن يەفتاھ بارلىق گىلېئادتىكىلەرنى يىغىپ ئەفرائىم بىلەن سوقۇشتى. ئۇلار ئەفرائىملارنى ئۇرۇپ قىرىپ مەغلۇپ قىلدى. |
וַיִּלְכֹּד גִּלְעָד אֶֽת־מַעְבְּרוֹת הַיַּרְדֵּן לְאֶפְרָיִם וְֽהָיָה כִּי יֹאמְרוּ פְּלִיטֵי אֶפְרַיִם אֶֽעֱבֹרָה וַיֹּאמְרוּ לוֹ אַנְשֵֽׁי־גִלְעָד הַאֶפְרָתִי אַתָּה וַיֹּאמֶֽר ׀ לֹֽא׃ | 5 |
ئاندىن گىلېئادتىكىلەر ئىئوردان دەرياسىنىڭ كېچىكلىرىنى توسۇپ، ئەفرائىملارنى ئۆتكۈزمىدى. شۇنداق بولدىكى، ئەفرائىملىق بىرەر قاچقون كېچىككە كېلىپ: ــ مېنى ئۆتكىلى قويغىن، دېسە گىلېئادتىكىلەر ئۇنىڭدىن: ــ سەن ئەفرائىمىيمۇ؟ ــ دەپ سورايتتى. ئۇ كىشى «ياق» دېسە، |
וַיֹּאמְרוּ לוֹ אֱמׇר־נָא שִׁבֹּלֶת וַיֹּאמֶר סִבֹּלֶת וְלֹא יָכִין לְדַבֵּר כֵּן וַיֹּאחֲזוּ אוֹתוֹ וַיִּשְׁחָטוּהוּ אֶל־מַעְבְּרוֹת הַיַּרְדֵּן וַיִּפֹּל בָּעֵת הַהִיא מֵֽאֶפְרַיִם אַרְבָּעִים וּשְׁנַיִם אָֽלֶף׃ | 6 |
ئۇلار ئۇنىڭغا: ــ «شىبولەت» دېگىن! ــ دەيتتى. ئەگەر ئۇ كىشى ناتوغرا تەلەپپۇز قىلىپ «سىبولەت» دەپ جاۋاب بېرىپ قالسا، ئۇلار ئۇنى تۇتۇپ ئىئوردان دەرياسىنىڭ كېچىكىنىڭ يېنىدا ئۆلتۈرۈۋېتەتتى. شۇ تەرىقىدە شۇ ۋاقىتتا قىرىق ئىككى مىڭچە ئەفرائىمىي ئۆلتۈرۈلدى. |
וַיִּשְׁפֹּט יִפְתָּח אֶת־יִשְׂרָאֵל שֵׁשׁ שָׁנִים וַיָּמׇת יִפְתָּח הַגִּלְעָדִי וַיִּקָּבֵר בְּעָרֵי גִלְעָֽד׃ | 7 |
يەفتاھ ئالتە يىل ئىسرائىلغا ھاكىم بولدى. ئاندىن گىلېئادلىق يەفتاھ ئالەمدىن ئۆتۈپ، گىلېئاد شەھەرلىرىنىڭ بىرىدە دەپنە قىلىندى. |
וַיִּשְׁפֹּט אַֽחֲרָיו אֶת־יִשְׂרָאֵל אִבְצָן מִבֵּית לָֽחֶם׃ | 8 |
ئۇنىڭدىن كېيىن بەيت-لەھەملىك ئىبزان ئىسرائىلغا ھاكىم بولدى. |
וַֽיְהִי־לוֹ שְׁלֹשִׁים בָּנִים וּשְׁלֹשִׁים בָּנוֹת שִׁלַּח הַחוּצָה וּשְׁלֹשִׁים בָּנוֹת הֵבִיא לְבָנָיו מִן־הַחוּץ וַיִּשְׁפֹּט אֶת־יִשְׂרָאֵל שֶׁבַע שָׁנִֽים׃ | 9 |
ئۇنىڭ ئوتتۇز ئوغلى، ئوتتۇز قىزى بولۇپ، ئوتتۇز قىزىنى سىرتقا ئەرگە بېرىپ، سىرتتىن ئوتتۇز قىزنى ئوغۇللىرىغا ئېلىپ بەردى. ئۇ يەتتە يىلغىچە ئىسرائىلغا ھاكىم بولدى. |
וַיָּמׇת אִבְצָן וַיִּקָּבֵר בְּבֵית לָֽחֶם׃ | 10 |
ئاندىن ئىبزان ئۆلۈپ، بەيت-لەھەمدە دەپنە قىلىندى. |
וַיִּשְׁפֹּט אַֽחֲרָיו אֶת־יִשְׂרָאֵל אֵילוֹן הַזְּבוּלֹנִי וַיִּשְׁפֹּט אֶת־יִשְׂרָאֵל עֶשֶׂר שָׁנִֽים׃ | 11 |
ئۇنىڭدىن كېيىن زەبۇلۇن قەبىلىسىدىن بولغان ئېلون ئىسرائىلغا ھاكىم بولۇپ، ئون يىل ئىسرائىلدا ھۆكۈم سۈردى. |
וַיָּמׇת אֵילוֹן הַזְּבוּלֹנִי וַיִּקָּבֵר בְּאַיָּלוֹן בְּאֶרֶץ זְבוּלֻֽן׃ | 12 |
ئاندىن زەبۇلۇن قەبىلىسىدىن بولغان ئېلون ئۆلۈپ، زەبۇلۇن زېمىنىدىكى ئايجالون دېگەن جايدا دەپنە قىلىندى. |
וַיִּשְׁפֹּט אַחֲרָיו אֶת־יִשְׂרָאֵל עַבְדּוֹן בֶּן־הִלֵּל הַפִּרְעָתוֹנִֽי׃ | 13 |
ئۇنىڭدىن كېيىن پىراتونلۇق ھىللەلنىڭ ئوغلى ئابدون ئىسرائىلغا ھاكىم بولدى. |
וַֽיְהִי־לוֹ אַרְבָּעִים בָּנִים וּשְׁלֹשִׁים בְּנֵי בָנִים רֹכְבִים עַל־שִׁבְעִים עֲיָרִם וַיִּשְׁפֹּט אֶת־יִשְׂרָאֵל שְׁמֹנֶה שָׁנִֽים׃ | 14 |
ئۇنىڭ قىرىق ئوغلى ۋە ئوتتۇز نەۋرىسى بار ئىدى. ئۇلار يەتمىش ئېشەككە مىنىپ ماڭاتتى. ئۇ ئىسرائىلغا سەككىز يىل ھاكىم بولدى. |
וַיָּמׇת עַבְדּוֹן בֶּן־הִלֵּל הַפִּרְעָתוֹנִי וַיִּקָּבֵר בְּפִרְעָתוֹן בְּאֶרֶץ אֶפְרַיִם בְּהַר הָעֲמָלֵקִֽי׃ | 15 |
ئاندىن پىراتونلۇق ھىللەلنىڭ ئوغلى ئابدون ئۆلۈپ، ئەفرائىم زېمىنىدا، ئامالەكلەرنىڭ تاغلىق رايونىدىكى پىراتون دېگەن جايدا دەپنە قىلىندى. |