וְאֵלֶּה אֲשֶׁר־נָחֲלוּ בְנֵֽי־יִשְׂרָאֵל בְּאֶרֶץ כְּנָעַן אֲשֶׁר נִחֲלוּ אוֹתָם אֶלְעָזָר הַכֹּהֵן וִיהוֹשֻׁעַ בִּן־נוּן וְרָאשֵׁי אֲבוֹת הַמַּטּוֹת לִבְנֵי יִשְׂרָאֵֽל׃ | 1 |
ئىسرائىللارنىڭ قانائان زېمىنىدىن ئالغان مىراسلىرى تۆۋەندىكىدەك؛ ئەلىئازار كاھىن بىلەن نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئا ۋە ئىسرائىل قەبىلىلىرىدىكى جەمەت-ئائىلە باشلىقلىرى مۇشۇ مىراسلارنى ئۇلارغا بۆلۈپ بەرگەن. |
בְּגוֹרַל נַחֲלָתָם כַּאֲשֶׁר צִוָּה יְהֹוָה בְּיַד־מֹשֶׁה לְתִשְׁעַת הַמַּטּוֹת וַחֲצִי הַמַּטֶּֽה׃ | 2 |
پەرۋەردىگار مۇسانىڭ ۋاسىتىسى بىلەن توققۇز يېرىم قەبىلە توغرىسىدا بۇيرۇغىنىدەك، ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ ئۈلۈشى چەك تاشلاش بىلەن بۆلۈپ بېرىلدى. |
כִּֽי־נָתַן מֹשֶׁה נַחֲלַת שְׁנֵי הַמַּטּוֹת וַחֲצִי הַמַּטֶּה מֵעֵבֶר לַיַּרְדֵּן וְלַלְוִיִּם לֹא־נָתַן נַחֲלָה בְּתוֹכָֽם׃ | 3 |
چۈنكى قالغان ئىككى قەبىلە بىلەن ماناسسەھنىڭ يېرىم قەبىلىسىنىڭ مىراسىنى بولسا مۇسا ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدە ئۇلارغا تەقسىم قىلغانىدى؛ لېكىن ئۇ لاۋىيلارغا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھېچ مىراس بەرمىگەنىدى |
כִּֽי־הָיוּ בְנֵֽי־יוֹסֵף שְׁנֵי מַטּוֹת מְנַשֶּׁה וְאֶפְרָיִם וְלֹֽא־נָתְנוּ חֵלֶק לַלְוִיִּם בָּאָרֶץ כִּי אִם־עָרִים לָשֶׁבֶת וּמִגְרְשֵׁיהֶם לְמִקְנֵיהֶם וּלְקִנְיָנָֽם׃ | 4 |
(يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرى ماناسسەھ ۋە ئەفرائىم دېگەن ئىككى قەبىلىگە بۆلۈنگەنىدى. لاۋىيلارغا بولسا، تۇرۇشقا بولىدىغان شەھەرلەر بېكىتىلىپ، شۇنداقلا شۇ شەھەرلەرگە تەۋە يايلاقلاردىن چارپايلىرىنى باقىدىغان ۋە مال-مۈلۈكلىرىنى ئورۇنلاشتۇرىدىغان يەرلەردىن باشقا ئۇلارغا ھېچ ئۈلۈشلەرنى بەرمىگەنىدى). |
כַּאֲשֶׁר צִוָּה יְהֹוָה אֶת־מֹשֶׁה כֵּן עָשׂוּ בְּנֵי יִשְׂרָאֵל וַֽיַּחְלְקוּ אֶת־הָאָֽרֶץ׃ | 5 |
پەرۋەردىگار مۇساغا قانداق بۇيرۇغان بولسا، ئىسرائىللار شۇنداق قىلىپ زېمىننى بۆلۈشۈۋالدى. |
וַיִּגְּשׁוּ בְנֵי־יְהוּדָה אֶל־יְהוֹשֻׁעַ בַּגִּלְגָּל וַיֹּאמֶר אֵלָיו כָּלֵב בֶּן־יְפֻנֶּה הַקְּנִזִּי אַתָּה יָדַעְתָּ אֶֽת־הַדָּבָר אֲשֶׁר־דִּבֶּר יְהֹוָה אֶל־מֹשֶׁה אִישׁ־הָאֱלֹהִים עַל אֹדוֹתַי וְעַל אֹדוֹתֶיךָ בְּקָדֵשׁ בַּרְנֵֽעַ׃ | 6 |
يەھۇدالار گىلگالغا، يەشۇئانىڭ قېشىغا كەلدى، كەنىززىي يەفۇننەھنىڭ ئوغلى كالەب يەشۇئاغا مۇنداق دېدى: ــ «پەرۋەردىگار ئۆز ئادىمى بولغان مۇساغا مەن بىلەن سېنىڭ توغراڭدا قادەش-بارنېئادا نېمە دېگەنلىكىنى بىلىسەنغۇ؛ |
בֶּן־אַרְבָּעִים שָׁנָה אָנֹכִי בִּשְׁלֹחַ מֹשֶׁה עֶבֶד־יְהֹוָה אֹתִי מִקָּדֵשׁ בַּרְנֵעַ לְרַגֵּל אֶת־הָאָרֶץ וָאָשֵׁב אֹתוֹ דָּבָר כַּאֲשֶׁר עִם־לְֽבָבִֽי׃ | 7 |
پەرۋەردىگارنىڭ ئادىمى مۇسا مېنى قادەش-بارنېئادىن زېمىننى چارلاپ كېلىشكە ئەۋەتكەندە، مەن قىرىق ياشتا ئىدىم؛ چىن [ئېتىقادلىق] كۆڭلۈم بىلەن ئۇنىڭغا خەۋەر يەتكۈزگەنىدىم. |
וְאַחַי אֲשֶׁר עָלוּ עִמִּי הִמְסִיו אֶת־לֵב הָעָם וְאָנֹכִי מִלֵּאתִי אַחֲרֵי יְהֹוָה אֱלֹהָֽי׃ | 8 |
ئەمما مەن بىلەن چىققان قېرىنداشلىرىم خەلقنىڭ كۆڭلىنى سۇ قىلىۋەتكەنىدى. لېكىن مەن بولسام پۈتۈن قەلبىم بىلەن پەرۋەردىگار خۇدايىمغا ئەگەشتىم. |
וַיִּשָּׁבַע מֹשֶׁה בַּיּוֹם הַהוּא לֵאמֹר אִם־לֹא הָאָרֶץ אֲשֶׁר דָּרְכָה רַגְלְךָ בָּהּ לְךָ תִהְיֶה לְנַחֲלָה וּלְבָנֶיךָ עַד־עוֹלָם כִּי מִלֵּאתָ אַחֲרֵי יְהֹוָה אֱלֹהָֽי׃ | 9 |
ئۇ كۈنى مۇسا قەسەم قىلىپ: ــ «سەن پۈتۈن قەلبىڭ بىلەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭغا ئەگەشكىنىڭ ئۈچۈن، سېنىڭ پۇتۇڭ دەسسىگەن زېمىن جەزمەن ئەبەدگىچە سېنىڭ بىلەن نەسلىڭنىڭ مىراسى بولىدۇ» ــ دېگەنىدى. |
וְעַתָּה הִנֵּה הֶחֱיָה יְהֹוָה ׀ אוֹתִי כַּאֲשֶׁר דִּבֵּר זֶה אַרְבָּעִים וְחָמֵשׁ שָׁנָה מֵאָז דִּבֶּר יְהֹוָה אֶת־הַדָּבָר הַזֶּה אֶל־מֹשֶׁה אֲשֶׁר־הָלַךְ יִשְׂרָאֵל בַּמִּדְבָּר וְעַתָּה הִנֵּה אָנֹכִי הַיּוֹם בֶּן־חָמֵשׁ וּשְׁמֹנִים שָׁנָֽה׃ | 10 |
ــ مانا ئىسرائىل چۆلدە سەرگەردان بولۇپ يۈرگەندە، پەرۋەردىگار مۇساغا شۇ سۆزلەرنى دېگەن كۈنىدىن كېيىنكى قىرىق بەش يىل ئىچىدە ئۆزى ئېيتقىنىدەك مېنى تىرىك ساقلىدى. مانا مەن بۈگۈن سەكسەن بەش ياشقا كىردىم. |
עוֹדֶנִּי הַיּוֹם חָזָק כַּֽאֲשֶׁר בְּיוֹם שְׁלֹחַ אוֹתִי מֹשֶׁה כְּכֹחִי אָז וּכְכֹחִי עָתָּה לַמִּלְחָמָה וְלָצֵאת וְלָבֽוֹא׃ | 11 |
مەن مۇشۇ كۈندىمۇ مۇسا مېنى چارلاشقا ئەۋەتكەن كۈندىكىدەك كۈچلۈكمەن، مەيلى جەڭ قىلىش بولسۇن ياكى بىر يەرگە بېرىپ-كېلىش بولسۇن، مېنىڭ يەنىلا بالدۇرقىدەك كۈچ-دەرمانىم باردۇر. |
וְעַתָּה תְּנָה־לִּי אֶת־הָהָר הַזֶּה אֲשֶׁר־דִּבֶּר יְהֹוָה בַּיּוֹם הַהוּא כִּי אַתָּֽה־שָׁמַעְתָּ בַיּוֹם הַהוּא כִּֽי־עֲנָקִים שָׁם וְעָרִים גְּדֹלוֹת בְּצֻרוֹת אוּלַי יְהֹוָה אוֹתִי וְהוֹרַשְׁתִּים כַּאֲשֶׁר דִּבֶּר יְהֹוָֽה׃ | 12 |
ئەمدى پەرۋەردىگار شۇ كۈنىدە ۋەدە قىلغان بۇ تاغلىق يۇرتنى ماڭا مىراس قىلىپ بەرگىن؛ چۈنكى ئۇ كۈنى سەنمۇ ئۇ يەردە ئاناكىيلار تۇرىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا چوڭ ھەم مۇستەھكەم شەھەرلەر بارلىقىنى ئاڭلىدىڭغۇ. لېكىن پەرۋەردىگار مەن بىلەن بىللە بولسىلا، پەرۋەردىگار ئېيتقىنىدەك مەن ئۇلارنى قوغلىۋېتىمەن». |
וַֽיְבָרְכֵהוּ יְהוֹשֻׁעַ וַיִּתֵּן אֶת־חֶבְרוֹן לְכָלֵב בֶּן־יְפֻנֶּה לְנַחֲלָֽה׃ | 13 |
بۇنى ئاڭلاپ يەشۇئا يەفۇننەھنىڭ ئوغلى كالەبكە بەخت-بەرىكەت تىلەپ، ھېبروننى ئۇنىڭغا مىراس قىلىپ بەردى. |
עַל־כֵּן הָיְתָֽה־חֶבְרוֹן לְכָלֵב בֶּן־יְפֻנֶּה הַקְּנִזִּי לְֽנַחֲלָה עַד הַיּוֹם הַזֶּה יַעַן אֲשֶׁר מִלֵּא אַחֲרֵי יְהֹוָה אֱלֹהֵי יִשְׂרָאֵֽל׃ | 14 |
شۇڭا ھېبرون تاكى بۈگۈنگىچە كەنىززىي يەفۇننەھنىڭ ئوغلى كالەبنىڭ مىراسى بولۇپ تۇرماقتا؛ چۈنكى ئۇ پۈتۈن قەلبى بىلەن ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا ئەگەشكەن |
וְשֵׁם חֶבְרוֹן לְפָנִים קִרְיַת אַרְבַּע הָאָדָם הַגָּדוֹל בָּעֲנָקִים הוּא וְהָאָרֶץ שָֽׁקְטָה מִמִּלְחָמָֽה׃ | 15 |
(ئىلگىرى ھېبرون بولسا كىرىئات-ئاربا دەپ ئاتىلاتتى. ئاربا دېگەن ئادەم ئاناكىيلار ئارىسىدا ئەڭ داڭقى چىققان ئادەم ئىدى). شۇنداق قىلىپ زېمىن جەڭدىن ئارام تاپتى. |