וַיַּעַן אִיּוֹב וַיֹּאמַֽר׃ | 1 |
ئايۇپ جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ |
עַד־אָנָה תּוֹגְיוּן נַפְשִׁי וּֽתְדַכּאוּנַנִי בְמִלִּֽים׃ | 2 |
«سىلەر قاچانغىچە جېنىمنى ئازابلىماقچىسىلەر، قاچانغىچە مېنى سۆز بىلەن ئەزمەكچىسىلەر؟ |
זֶה עֶשֶׂר פְּעָמִים תַּכְלִימוּנִי לֹֽא־תֵבֹשׁוּ תַּהְכְּרוּ־לִֽי׃ | 3 |
سىلەر مېنى ئون قېتىم خارلىدىڭلار؛ ماڭا ئۇۋال قىلىشقا نومۇس قىلمايسىلەر. |
וְאַף־אׇמְנָם שָׁגִיתִי אִתִּי תָּלִין מְשׁוּגָתִֽי׃ | 4 |
ئەگەر مېنىڭ سەۋەنلىكىم بولسا، مەن ئەمدى ئۇنىڭ [دەردىنى] تارتىمەن. |
אִם־אׇמְנָם עָלַי תַּגְדִּילוּ וְתוֹכִיחוּ עָלַי חֶרְפָּתִֽי׃ | 5 |
ئەگەر سىلەر مېنىڭدىن ئۈستۈنلۈك تالاشماقچى بولساڭلار، يۈزۈم ئالدىدا شەرم-ھايانى كۆرسىتىپ مېنى ئەيىبلىمەكچى بولساڭلار، |
דְּֽעוּ־אֵפוֹ כִּֽי־אֱלוֹהַּ עִוְּתָנִי וּמְצוּדוֹ עָלַי הִקִּֽיף׃ | 6 |
ئەمدى بىلىپ قويۇڭلاركى، ماڭا ئۇۋال قىلغان تەڭرى ئىكەن، ئۇ تورى بىلەن مېنى چىرماشتۇرۇپ تارتتى؛ |
הֵן אֶצְעַק חָמָס וְלֹא אֵעָנֶה אֲשַׁוַּע וְאֵין מִשְׁפָּֽט׃ | 7 |
قارا، مەن نالە-پەرياد كۆتۈرۈپ «زوراۋانلىق!» دەپ ۋارقىرايمەن، بىراق ھېچكىم ئاڭلىمايدۇ؛ مەن ۋارقىرايمەن، بىراق ماڭا ئادالەت كەلمەيدۇ. |
אׇרְחִי גָדַר וְלֹא אֶעֱבוֹר וְעַל נְתִיבוֹתַי חֹשֶׁךְ יָשִֽׂים׃ | 8 |
ئۇ يولۇمنى مېنى ئۆتۈۋالمىسۇن دەپ چىت بىلەن توسۇپ قويدى، قەدەملىرىمگە قاراڭغۇلۇق سالدى. |
כְּבוֹדִי מֵעָלַי הִפְשִׁיט וַיָּסַר עֲטֶרֶת רֹאשִֽׁי׃ | 9 |
ئۇ مەندىن شان-شەرىپىمنى مەھرۇم قىلدى، بېشىمدىن تاجنى تارتىۋالدى. |
יִתְּצֵנִי סָבִיב וָאֵלַךְ וַיַּסַּע כָּעֵץ תִּקְוָתִֽי׃ | 10 |
ئۇ ماڭا ھەر تەرەپتىن بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتىدۇ، مەن تۈگەشتىم؛ ئۈمىدىمنى ئۇ دەرەخنى يۇلغاندەك يۇلۇۋالدى. |
וַיַּחַר עָלַי אַפּוֹ וַיַּחְשְׁבֵנִי לוֹ כְצָרָֽיו׃ | 11 |
غەزىپىنى ماڭا قارىتىپ قوزغىدى، مېنى ئۆز دۈشمەنلىرىدىن ھېسابلىدى. |
יַחַד ׀ יָבֹאוּ גְדוּדָיו וַיָּסֹלּוּ עָלַי דַּרְכָּם וַיַּחֲנוּ סָבִיב לְאׇהֳלִֽי׃ | 12 |
ئۇنىڭ قوشۇنلىرى سەپ تۈزۈپ ئاتلاندى، پەلەمپەيلىرىنى ياساپ ماڭا ھۇجۇم قىلدى، ئۇلار چېدىرىمنى قورشاۋغا ئېلىپ بارگاھ تىكىۋالدى. |
אַחַי מֵעָלַי הִרְחִיק וְיֹדְעַי אַךְ־זָרוּ מִמֶּֽנִּי׃ | 13 |
ئۇ قېرىنداشلىرىمنى مەندىن نېرى قىلدى، تونۇشلىرىمنىڭ مېھرىنى مەندىن ئۈزدى. |
חָדְלוּ קְרוֹבָי וּֽמְיֻדָּעַי שְׁכֵחֽוּנִי׃ | 14 |
تۇغقانلىرىم مەندىن ياتلىشىپ كەتتى، دوست-بۇرادەرلىرىم مېنى ئۇنۇتتى. |
גָּרֵי בֵיתִי וְאַמְהֹתַי לְזָר תַּחְשְׁבֻנִי נׇכְרִי הָיִיתִי בְעֵינֵיהֶֽם׃ | 15 |
ئۆيۈمدە تۇرغان مۇساپىرلار، ھەتتا دېدەكلىرىممۇ مېنى يات ئادەم دەپ ھېسابلايدۇ؛ ئۇلارنىڭ نەزىرىدە مەن مۇساپىر بولۇپ قالدىم. |
לְעַבְדִּי קָרָאתִי וְלֹא יַעֲנֶה בְּמוֹ־פִי אֶתְחַנֶּן־לֽוֹ׃ | 16 |
مەن چاكىرىمنى چاقىرسام، ئۇ ماڭا جاۋاب بەرمەيدۇ؛ شۇڭا مەن ئۇنىڭغا ئاغزىم بىلەن يېلىنىشىم كېرەك. |
רוּחִי זָרָה לְאִשְׁתִּי וְחַנֹּתִי לִבְנֵי בִטְנִֽי׃ | 17 |
تىنىقىمدىن ئايالىمنىڭ قۇسقۇسى كېلىدۇ، ئاكا-ئۇكىلىرىم سېسىقلىقىمدىن بىزار. |
גַּם־עֲוִילִים מָאֲסוּ בִי אָקוּמָה וַיְדַבְּרוּ־בִֽי׃ | 18 |
ھەتتا كىچىك بالىلار مېنى كەمسىتىدۇ؛ ئورنۇمدىن تۇرماقچى بولسام، ئۇلار مېنى ھاقارەتلەيدۇ. |
תִּעֲבוּנִי כׇּל־מְתֵי סוֹדִי וְזֶה־אָהַבְתִּי נֶהְפְּכוּ־בִֽי׃ | 19 |
مېنىڭ سىرداش دوستلىرىمنىڭ ھەممىسى مەندىن نەپرەتلىنىدۇ، مەن سۆيگەنلەر مەندىن يۈز ئۆرىدى. |
בְּעוֹרִי וּבִבְשָׂרִי דָּבְקָה עַצְמִי וָאֶתְמַלְּטָה בְּעוֹר שִׁנָּֽי׃ | 20 |
ئەت-تېرىلىرىم ئۇستىخانلىرىمغا چاپلىشىپ تۇرىدۇ، جېنىم قىل ئۈستىدە قالدى. |
חׇנֻּנִי חׇנֻּנִי אַתֶּם רֵעָי כִּי יַד־אֱלוֹהַּ נָגְעָה בִּֽי׃ | 21 |
ئاھ، دوستلىرىم، ماڭا ئىچىڭلار ئاغرىسۇن، ئىچىڭلار ئاغرىسۇن! چۈنكى تەڭرىنىڭ قولى ماڭا كېلىپ تەگدى. |
לָמָּה תִּרְדְּפֻנִי כְמוֹ־אֵל וּמִבְּשָׂרִי לֹא תִשְׂבָּֽעוּ׃ | 22 |
سىلەر نېمىشقا تەڭرىدەك ماڭا زىيانكەشلىك قىلىسىلەر؟ سىلەر نېمىشقا ئەتلىرىمگە شۇنچە تويمايسىلەر! |
מִי־יִתֵּן אֵפוֹ וְיִכָּתְבוּן מִלָּי מִי־יִתֵּן בַּסֵּפֶר וְיֻחָֽקוּ׃ | 23 |
ئاھ، مېنىڭ سۆزلىرىم يېزىلسىدى! ئۇلار بىر يازمىغا پۈتۈكلۈك بولغان بولاتتى! |
בְּעֵט־בַּרְזֶל וְעֹפָרֶת לָעַד בַּצּוּר יֵחָצְבֽוּן׃ | 24 |
ئۇلار تۆمۈر قەلەم بىلەن قوغۇشۇن ئىچىگە يېزىلسىدى! ئەبەدىلئەبەد تاش ئۈستىگە ئويۇپ پۈتۈلگەن بولاتتى! |
וַאֲנִי יָדַעְתִּי גֹּאֲלִי חָי וְאַחֲרוֹן עַל־עָפָר יָקֽוּם׃ | 25 |
بىراق مەن شۇنى بىلىمەنكى، ئۆزۈمنىڭ ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچىم ھاياتتۇر، ئۇ ئاخىرەت كۈنىدە يەر يۈزىدە تۇرۇپ تۇرىدۇ! |
וְאַחַר עוֹרִי נִקְּפוּ־זֹאת וּמִבְּשָׂרִי אֶחֱזֶה אֱלֽוֹהַּ׃ | 26 |
ھەم مېنىڭ بۇ تېرە-ئەتلىرىم بۇزۇلغاندىن كېيىن، مەن يەنىلا تېنىمدە تۇرۇپ تەڭرىنى كۆرىمەن! |
אֲשֶׁר אֲנִי ׀ אֶחֱזֶה־לִּי וְעֵינַי רָאוּ וְלֹא־זָר כָּלוּ כִלְיֹתַי בְּחֵקִֽי׃ | 27 |
ئۇنى ئۆزۈملا ئەينى ھالدا كۆرىمەن، باشقا ئادەمنىڭ ئەمەس، بەلكى ئۆزۈمنىڭ كۆزى بىلەن قارايمەن؛ ئاھ، قەلبىم بۇنىڭغا شۇنچە ئىنتىزاردۇر! |
כִּי תֹאמְרוּ מַה־נִּרְדׇּף־לוֹ וְשֹׁרֶשׁ דָּבָר נִמְצָא־בִֽי׃ | 28 |
ئەگەر سىلەر: «ئىشنىڭ يىلتىزى ئۇنىڭدىدۇر، ئۇنى قانداق قىلىپ قىستاپ قوغلىۋېتەلەيمىز؟!» ــ دېسەڭلار، |
גּוּרוּ לָכֶם ׀ מִפְּנֵי־חֶרֶב כִּֽי־חֵמָה עֲוֺנוֹת חָרֶב לְמַעַן תֵּדְעוּן (שדין) [שַׁדּֽוּן]׃ | 29 |
ئەمدى ئۆزۈڭلار قىلىچتىن قورققىنىڭلار تۈزۈك! چۈنكى [خۇدانىڭ] غەزىپى قىلىچ جازاسىنى ئېلىپ كېلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن سىلەر [خۇدانىڭ] سوتىنىڭ قۇرۇق گەپ ئەمەسلىكىنى بىلىسىلەر». |