אֲשֶׁר הָיָה דְבַר־יְהֹוָה אֶל־יִרְמְיָהוּ הַנָּבִיא אֶל־פְּלִשְׁתִּים בְּטֶרֶם יַכֶּה פַרְעֹה אֶת־עַזָּֽה׃ | 1 |
پىرەۋن گازا شەھىرىگە زەربە بېرىشتىن ئىلگىرى، يەرەمىيا پەيغەمبەرگە كەلگەن، پەرۋەردىگارنىڭ فىلىستىيلەر توغرىسىدىكى سۆزى: ــ |
כֹּה ׀ אָמַר יְהֹוָה הִנֵּה־מַיִם עֹלִים מִצָּפוֹן וְהָיוּ לְנַחַל שׁוֹטֵף וְיִשְׁטְפוּ אֶרֶץ וּמְלוֹאָהּ עִיר וְיֹשְׁבֵי בָהּ וְזָעֲקוּ הָאָדָם וְהֵילִל כֹּל יוֹשֵׁב הָאָֽרֶץ׃ | 2 |
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، شىمالدىن [دولقۇنلۇق] سۇلار ئۆرلەيدۇ؛ ئۇلار تېشىپ بىر كەلكۈن بولىدۇ؛ ئۇ زېمىن ۋە ئۇنىڭدا تۇرغان ھەممىنىڭ ئۈستىدىن، شەھەر ۋە ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ئۈستىدىن تاشقىن بولۇپ باسىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئادەملىرى نالە-پەرياد كۆتۈرىدۇ، زېمىندا بارلىق تۇرۇۋاتقانلار [ئازابتىن] نالە-زار قىلىدۇ؛ |
מִקּוֹל שַֽׁעֲטַת פַּרְסוֹת אַבִּירָיו מֵרַעַשׁ לְרִכְבּוֹ הֲמוֹן גַּלְגִּלָּיו לֹא־הִפְנוּ אָבוֹת אֶל־בָּנִים מֵרִפְיוֹן יָדָֽיִם׃ | 3 |
تولپارلىرىنىڭ تۇياقلىرىنىڭ تاراقشىشلىرىنى، جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ تاراقلاشلىرىنى، چاقلىرىنىڭ گۈلدۈرلەشلىرىنى ئاڭلاپ، ئاتىلار ئۆز بالىلىرىدىن خەۋەر ئېلىشقىمۇ قوللىرى بوشاپ، ئارقىغىمۇ قارىمايدۇ. |
עַל־הַיּוֹם הַבָּא לִשְׁדוֹד אֶת־כׇּל־פְּלִשְׁתִּים לְהַכְרִית לְצֹר וּלְצִידוֹן כֹּל שָׂרִיד עֹזֵר כִּֽי־שֹׁדֵד יְהֹוָה אֶת־פְּלִשְׁתִּים שְׁאֵרִית אִי כַפְתּֽוֹר׃ | 4 |
چۈنكى بارلىق فىلىستىيلەرنى نابۇت قىلىدىغان كۈن، ھەم تۇر ۋە زىدوننى ئۇلارغا ياردەمدە بولغۇدەك بارلىق قالغان ئادەملەردىن مەھرۇم قىلىدىغان كۈن يېتىپ كەلدى؛ چۈنكى پەرۋەردىگار فىلىستىيلەرنى، يەنى كرېت ئارىلىدىن چىقىپ كەلگەنلەرنىڭ قالدۇقىنى نابۇت قىلىدۇ. |
בָּאָה קׇרְחָה אֶל־עַזָּה נִדְמְתָה אַשְׁקְלוֹן שְׁאֵרִית עִמְקָם עַד־מָתַי תִּתְגּוֹדָֽדִי׃ | 5 |
گازانىڭ ئۈستى تاقىرلىق بولىدۇ؛ ئاشكېلون شەھىرىدىكىلەر داڭ قېتىپ قالىدۇ؛ قاچانغىچە ئەتلىرىڭلارنى تىلىسىلەر، ئى فىلىستىيە كۈچلىرىدىن ئامان قالغانلار؟ |
הוֹי חֶרֶב לַיהֹוָה עַד־אָנָה לֹא תִשְׁקֹטִי הֵאָֽסְפִי אֶל־תַּעְרֵךְ הֵרָגְעִי וָדֹֽמִּי׃ | 6 |
ئاپلا، ئى پەرۋەردىگارنىڭ قىلىچى، سەن قاچانغىچە تىنمايسەن؟ ئۆز قىنىڭغا قايتقىن، ئارام ئېلىپ تىنچلانغىن! |
אֵיךְ תִּשְׁקֹטִי וַיהֹוָה צִוָּה־לָהּ אֶֽל־אַשְׁקְלוֹן וְאֶל־חוֹף הַיָּם שָׁם יְעָדָֽהּ׃ | 7 |
لېكىن ئۇ قانداقمۇ توختىيالىسۇن؟ چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا پەرمان چۈشۈرگەن؛ ئاشكېلون شەھىرىگە ھەم دېڭىز بويىدىكىلەرگە زەرب قىلىشقا ئۇنى بېكىتكەندۇر! |