וַיְהִי ׀ בַּחֹדֶשׁ הַשְּׁבִיעִי בָּא יִשְׁמָעֵאל בֶּן־נְתַנְיָה בֶן־אֱלִישָׁמָע מִזֶּרַע הַמְּלוּכָה וְרַבֵּי הַמֶּלֶךְ וַעֲשָׂרָה אֲנָשִׁים אִתּוֹ אֶל־גְּדַלְיָהוּ בֶן־אֲחִיקָם הַמִּצְפָּתָה וַיֹּאכְלוּ שָׁם לֶחֶם יַחְדָּו בַּמִּצְפָּֽה׃ | 1 |
ئەمدى يەتتىنچى ئايدا شۇنداق بولدىكى، شاھزادە، شۇنداقلا پادىشاھنىڭ باش ئەمەلدارلىرىدىن بىرى بولغان ئەلىشامانىڭ نەۋرىسى، نەتانىيانىڭ ئوغلى ئىشمائىل ئون ئادەم ئېلىپ مىزپاھغا، ئاھىكامنىڭ ئوغلى گەدالىيانىڭ يېنىغا كەلدى؛ ئۇلار شۇ يەردە، يەنى مىزپاھدا نان ئوشتۇپ غىزالانغاندا، |
וַיָּקׇם יִשְׁמָעֵאל בֶּן־נְתַנְיָה וַעֲשֶׂרֶת הָֽאֲנָשִׁים ׀ אֲשֶׁר־הָיוּ אִתּוֹ וַיַּכּוּ אֶת־גְּדַלְיָהוּ בֶן־אֲחִיקָם בֶּן־שָׁפָן בַּחֶרֶב וַיָּמֶת אֹתוֹ אֲשֶׁר־הִפְקִיד מֶלֶךְ־בָּבֶל בָּאָֽרֶץ׃ | 2 |
نەتانىيانىڭ ئوغلى ئىشمائىل ھەم ئۇ ئېپكەلگەن ئون ئادەم ئورنىدىن تۇرۇپ، ئاھىكامنىڭ ئوغلى گەدالىياغا قىلىچ چاپتى؛ ئۇلارنىڭ شۇنداق قىلىشى بابىل پادىشاھى يەھۇدا زېمىنى ئۈستىگە ھۆكۈمرانلىققا بەلگىلىگەننى ئۆلتۈرۈشتىن ئىبارەت ئىدى. |
וְאֵת כׇּל־הַיְּהוּדִים אֲשֶׁר־הָיוּ אִתּוֹ אֶת־גְּדַלְיָהוּ בַּמִּצְפָּה וְאֶת־הַכַּשְׂדִּים אֲשֶׁר נִמְצְאוּ־שָׁם אֵת אַנְשֵׁי הַמִּלְחָמָה הִכָּה יִשְׁמָעֵֽאל׃ | 3 |
ئىشمائىل مىزپاھدا گەدالىياغا ھەمراھ بولغان بارلىق يەھۇدىيلار ۋە شۇ يەردە تۇرۇۋاتقان بارلىق كالدىي جەڭگىۋار لەشكەرلەرنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. |
וַיְהִי בַּיּוֹם הַשֵּׁנִי לְהָמִית אֶת־גְּדַלְיָהוּ וְאִישׁ לֹא יָדָֽע׃ | 4 |
شۇنداق بولدىكى، گەدالىيانى ئۆلتۈرۈۋەتكەندىن كېيىن، ئىككىنچى كۈنىگىچە ھېچكىم تېخى ئۇنىڭدىن خەۋەر تاپمىغانىدى، |
וַיָּבֹאוּ אֲנָשִׁים מִשְּׁכֶם מִשִּׁלוֹ וּמִשֹּֽׁמְרוֹן שְׁמֹנִים אִישׁ מְגֻלְּחֵי זָקָן וּקְרֻעֵי בְגָדִים וּמִתְגֹּֽדְדִים וּמִנְחָה וּלְבוֹנָה בְּיָדָם לְהָבִיא בֵּית יְהֹוָֽה׃ | 5 |
مانا شەقەم، شىلوھ ھەم سامارىيەدىن سەكسەن ئادەم يېتىپ كەلدى. ئۇلار ساقىلىنى چۈشۈرگەن، كىيىملىرىنى يىرتقان، ئەتلىرىنى تىلغان، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە سۇنۇشقا قولىدا ھەدىيەلەرنى ھەم خۇشبۇينى تۇتقان ھالدا كەلگەنىدى. |
וַיֵּצֵא יִשְׁמָעֵאל בֶּן־נְתַנְיָה לִקְרָאתָם מִן־הַמִּצְפָּה הֹלֵךְ הָלֹךְ וּבֹכֶה וַֽיְהִי כִּפְגֹשׁ אֹתָם וַיֹּאמֶר אֲלֵיהֶם בֹּאוּ אֶל־גְּדַלְיָהוּ בֶן־אֲחִיקָֽם׃ | 6 |
نەتانىيانىڭ ئوغلى ئىشمائىل ئۇلارنى قارشى ئېلىشقا ماڭغىنىچە يىغلىغانغا سېلىپ مىزپاھدىن چىقتى؛ ئۇلارغا: «مەرھەمەت، ئاھىكامنىڭ ئوغلى گەدالىيا بىلەن كۆرۈشۈشكە ئاپىرىمەن» ــ دېدى. |
וַיְהִי כְּבוֹאָם אֶל־תּוֹךְ הָעִיר וַיִּשְׁחָטֵם יִשְׁמָעֵאל בֶּן־נְתַנְיָה אֶל־תּוֹךְ הַבּוֹר הוּא וְהָאֲנָשִׁים אֲשֶׁר־אִתּֽוֹ׃ | 7 |
شۇنداق بولدىكى، ئۇلار شەھەر ئوتتۇرىسىغا يەتكەندە، نەتانىيانىڭ ئوغلى ئىشمائىل ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان ئادەملەر ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ جەسەتلىرىنى سۇ ئازگىلىغا تاشلىۋەتتى. |
וַעֲשָׂרָה אֲנָשִׁים נִמְצְאוּ־בָם וַיֹּאמְרוּ אֶל־יִשְׁמָעֵאל אַל־תְּמִתֵנוּ כִּֽי־יֶשׁ־לָנוּ מַטְמֹנִים בַּשָּׂדֶה חִטִּים וּשְׂעֹרִים וְשֶׁמֶן וּדְבָשׁ וַיֶּחְדַּל וְלֹא הֱמִיתָם בְּתוֹךְ אֲחֵיהֶֽם׃ | 8 |
ھالبۇكى، ئۇلار ئارىسىدىن ئون ئادەم ئىشمائىلغا: «بىزنى ئۆلتۈرۈۋەتمە، چۈنكى دالادا بىزنىڭ يوشۇرۇپ قويغان بۇغداي، ئارپا، زەيتۇن مېيى ۋە ھەسەل قاتارلىق ئوزۇق-تۈلۈكىمىز بار» ــ دېدى. شۇڭا ئۇ قولىنى يىغىپ، بۇرادەرلىرى ئارىسىدىن ئۇلارنى ئۆلتۈرمىدى. |
וְהַבּוֹר אֲשֶׁר הִשְׁלִיךְ שָׁם יִשְׁמָעֵאל אֵת ׀ כׇּל־פִּגְרֵי הָאֲנָשִׁים אֲשֶׁר הִכָּה בְּיַד־גְּדַלְיָהוּ הוּא אֲשֶׁר עָשָׂה הַמֶּלֶךְ אָסָא מִפְּנֵי בַּעְשָׁא מֶלֶךְ־יִשְׂרָאֵל אֹתוֹ מִלֵּא יִשְׁמָעֵאל בֶּן־נְתַנְיָהוּ חֲלָלִֽים׃ | 9 |
ئىشمائىل ئۆلتۈرگەن ئادەملەرنىڭ جەسەتلىرىنى تاشلىۋەتكەن بۇ ئازگال بولسا، ئىنتايىن چوڭ ئىدى؛ ئۇنى ئەسلى پادىشاھ ئاسا ئىسرائىل پادىشاھى بائاشادىن قورقۇپ كولاپ ياسىغانىدى. نەتانىيانىڭ ئوغلى ئىشمائىل بۇ ئازگالنى جەسەتلەر بىلەن تولدۇردى. |
וַיִּשְׁבְּ ׀ יִשְׁמָעֵאל אֶת־כׇּל־שְׁאֵרִית הָעָם אֲשֶׁר בַּמִּצְפָּה אֶת־בְּנוֹת הַמֶּלֶךְ וְאֶת־כׇּל־הָעָם הַנִּשְׁאָרִים בַּמִּצְפָּה אֲשֶׁר הִפְקִיד נְבֽוּזַרְאֲדָן רַב־טַבָּחִים אֶת־גְּדַלְיָהוּ בֶּן־אֲחִיקָם וַיִּשְׁבֵּם יִשְׁמָעֵאל בֶּן־נְתַנְיָה וַיֵּלֶךְ לַעֲבֹר אֶל־בְּנֵי עַמּֽוֹן׃ | 10 |
ئىشمائىل مىزپاھتا تۇرغان خەلقنىڭ قالدىسىنىڭ ھەممىسىنى، جۈملىدىن قاراۋۇل بېگى نېبۇزار-ئادان ئاھىكامنىڭ ئوغلى گەدالىياغا تاپشۇرغان پادىشاھنىڭ قىزلىرى ۋە مىزپاھدا قالغان بارلىق كىشىلەرنى ئەسىرگە ئېلىپ كەتتى؛ نەتانىيانىڭ ئوغلى ئىشمائىل ئۇلارنى ئەسىرگە ئېلىپ ئاممونىيلارنىڭ قېشىغا ئۆتۈشكە يول ئالدى. |
וַיִּשְׁמַע יוֹחָנָן בֶּן־קָרֵחַ וְכׇל־שָׂרֵי הַחֲיָלִים אֲשֶׁר אִתּוֹ אֵת כׇּל־הָרָעָה אֲשֶׁר עָשָׂה יִשְׁמָעֵאל בֶּן־נְתַנְיָֽה׃ | 11 |
كارېئاھنىڭ ئوغلى يوھانان ۋە ئۇنىڭ قېشىدىكى ھەممە لەشكەر باشلىقلىرى نەتانىيانىڭ ئوغلى ئىشمائىل سادىر قىلغان بارلىق رەزىللىكتىن خەۋەر تاپتى؛ |
וַיִּקְחוּ אֶת־כׇּל־הָאֲנָשִׁים וַיֵּלְכוּ לְהִלָּחֵם עִם־יִשְׁמָעֵאל בֶּן־נְתַנְיָה וַיִּמְצְאוּ אֹתוֹ אֶל־מַיִם רַבִּים אֲשֶׁר בְּגִבְעֽוֹן׃ | 12 |
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بارلىق ئادەملىرىنى ئېلىپ نەتانىيانىڭ ئوغلى ئىشمائىلغا جەڭ قىلىشقا چىقتى؛ ئۇلار گىبېئوندىكى چوڭ كۆل بويىدا ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشتى. |
וַיְהִי כִּרְאוֹת כׇּל־הָעָם אֲשֶׁר אֶת־יִשְׁמָעֵאל אֶת־יֽוֹחָנָן בֶּן־קָרֵחַ וְאֵת כׇּל־שָׂרֵי הַחֲיָלִים אֲשֶׁר אִתּוֹ וַיִּשְׂמָֽחוּ׃ | 13 |
ئىشمائىلنىڭ قولىدا تۇرغان بارلىق خەلق كارېئاھنىڭ ئوغلى يوھانان ھەم ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بولغان بارلىق لەشكەر باشلىقلىرىنى كۆرگەندە خۇشال بولدى. |
וַיָּסֹבּוּ כׇּל־הָעָם אֲשֶׁר־שָׁבָה יִשְׁמָעֵאל מִן־הַמִּצְפָּה וַיָּשֻׁבוּ וַיֵּלְכוּ אֶל־יוֹחָנָן בֶּן־קָרֵֽחַ׃ | 14 |
ئىشمائىل مىزپاھدىن ئېلىپ كەتكەن بارلىق خەلق يولدىن يېنىپ، كارېئاھنىڭ ئوغلى يوھاناننىڭ يېنىغا كەلدى. |
וְיִשְׁמָעֵאל בֶּן־נְתַנְיָה נִמְלַט בִּשְׁמֹנָה אֲנָשִׁים מִפְּנֵי יוֹחָנָן וַיֵּלֶךְ אֶל־בְּנֵי עַמּֽוֹן׃ | 15 |
لېكىن نەتانىيانىڭ ئوغلى ئىشمائىل سەككىز ئادىمى بىلەن يوھاناندىن قېچىپ، ئاممونىيلار تەرىپىگە ئۆتۈپ كەتتى. |
וַיִּקַּח יוֹחָנָן בֶּן־קָרֵחַ וְכׇל־שָׂרֵי הַחֲיָלִים אֲשֶׁר־אִתּוֹ אֵת כׇּל־שְׁאֵרִית הָעָם אֲשֶׁר הֵשִׁיב מֵאֵת יִשְׁמָעֵאל בֶּן־נְתַנְיָה מִן־הַמִּצְפָּה אַחַר הִכָּה אֶת־גְּדַלְיָה בֶּן־אֲחִיקָם גְּבָרִים אַנְשֵׁי הַמִּלְחָמָה וְנָשִׁים וְטַף וְסָרִסִים אֲשֶׁר הֵשִׁיב מִגִּבְעֽוֹן׃ | 16 |
ئاندىن كارېئاھنىڭ ئوغلى يوھانان ھەم ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بولغان بارلىق لەشكەر باشلىقلىرى نەتانىيانىڭ ئوغلى ئىشمائىل ئاھىكامنىڭ ئوغلى گەدالىيانى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن مىزپاھدىن ئېلىپ كەتكەن خەلقنىڭ قالدىسىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز قېشىغا ئالدى؛ ئۇ ئۇلارنى، يەنى جەڭگىۋار لەشكەرلەر، قىز-ئاياللار، بالىلار ۋە ئوردا ئەمەلدارلىرىنى گىبېئوندىن ئېلىپ كەتتى. |
וַיֵּֽלְכוּ וַיֵּֽשְׁבוּ בְּגֵרוּת (כמוהם) [כִּמְהָם] אֲשֶׁר־אֵצֶל בֵּית לָחֶם לָלֶכֶת לָבוֹא מִצְרָֽיִם׃ | 17 |
ئۇلار كالدىيىلەردىن ئۆزلىرىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن مىسىرغا قاراپ يول ئېلىپ بەيت-لەھەمگە يېقىن بولغان گېرۇت-قىمخامدا توختاپ تۇردى. |
מִפְּנֵי הַכַּשְׂדִּים כִּי יָֽרְאוּ מִפְּנֵיהֶם כִּֽי־הִכָּה יִשְׁמָעֵאל בֶּן־נְתַנְיָה אֶת־גְּדַלְיָהוּ בֶּן־אֲחִיקָם אֲשֶׁר־הִפְקִיד מֶלֶךְ־בָּבֶל בָּאָֽרֶץ׃ | 18 |
سەۋەبى بولسا، ئۇلار كالدىيلەردىن قورقاتتى؛ چۈنكى بابىل پادىشاھى زېمىن ئۈستىگە ھۆكۈمرانلىققا بەلگىلىگەن ئاھىكامنىڭ ئوغلى گەدالىيانى نەتانىيانىڭ ئوغلى ئىشمائىل ئۆلتۈرۈۋەتكەنىدى. |