בַּשָּׁנָה הַתְּשִׁעִית לְצִדְקִיָּהוּ מֶלֶךְ־יְהוּדָה בַּחֹדֶשׁ הָעֲשִׂרִי בָּא נְבוּכַדְרֶאצַּר מֶלֶךְ־בָּבֶל וְכׇל־חֵילוֹ אֶל־יְרוּשָׁלַ͏ִם וַיָּצֻרוּ עָלֶֽיהָ׃ | 1 |
يېرۇسالېم ئىشغال قىلىنغاندا تۆۋەندىكى ئىشلار يۈز بەردى: ــ يەھۇدا پادىشاھى زەدەكىيانىڭ توققۇزىنچى يىلى ئونىنچى ئايدا، بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار ۋە بارلىق قوشۇنى يېرۇسالېمغا جەڭ قىلىشقا كېلىپ ئۇنى مۇھاسىرىگە ئالدى؛ |
בְּעַשְׁתֵּֽי־עֶשְׂרֵה שָׁנָה לְצִדְקִיָּהוּ בַּחֹדֶשׁ הָרְבִיעִי בְּתִשְׁעָה לַחֹדֶשׁ הׇבְקְעָה הָעִֽיר׃ | 2 |
زەدەكىيانىڭ ئون بىرىنچى يىلى، تۆتىنچى ئاينىڭ توققۇزىنچى كۈنىدە، ئۇلار شەھەر سېپىلىدىن بۆسۈپ كىردى. |
וַיָּבֹאוּ כֹּל שָׂרֵי מֶלֶךְ־בָּבֶל וַיֵּשְׁבוּ בְּשַׁעַר הַתָּוֶךְ נֵרְגַל שַׂרְאֶצֶר סַֽמְגַּר־נְבוּ שַׂר־סְכִים רַב־סָרִיס נֵרְגַל שַׂרְאֶצֶר רַב־מָג וְכׇל־שְׁאֵרִית שָׂרֵי מֶלֶךְ בָּבֶֽל׃ | 3 |
شۇنىڭ بىلەن بابىل پادىشاھىنىڭ ئەمىرلىرىنىڭ ھەممىسى، يەنى سامگارلىق نەرگال-شارەزەر، باش خەزىنىچى نېبۇ-سارسېقىم، باش سېھىرگەر نەرگال-شارەزەر ۋە بابىل پادىشاھلىقىنىڭ باشقا ئەمەلدارلىرى كىرىپ «ئوتتۇرا دەرۋازا»دا ئولتۇردى. |
וַיְהִי כַּאֲשֶׁר רָאָם צִדְקִיָּהוּ מֶלֶךְ־יְהוּדָה וְכֹל ׀ אַנְשֵׁי הַמִּלְחָמָה וַֽיִּבְרְחוּ וַיֵּצְאוּ לַיְלָה מִן־הָעִיר דֶּרֶךְ גַּן הַמֶּלֶךְ בְּשַׁעַר בֵּין הַחֹמֹתָיִם וַיֵּצֵא דֶּרֶךְ הָעֲרָבָֽה׃ | 4 |
يەھۇدا پادىشاھى زەدەكىيا ۋە بارلىق جەڭگىۋار لەشكەرلەر ئۇلارنى كۆرۈپ قاچماقچى بولۇپ، تۈن كېچىدە شەھەردىن بەدەر تىكىۋېتىشتى؛ ئۇ پادىشاھنىڭ باغچىسى ئارقىلىق، «ئىككى سېپىل» ئارىلىقىدىكى دەرۋازىدىن چىقىپ [ئىئوردان جىلغىسىدىكى] «ئاراباھ تۈزلەڭلىكى»گە قاراپ قېچىشتى. |
וַיִּרְדְּפוּ חֵיל־כַּשְׂדִּים אַחֲרֵיהֶם וַיַּשִּׂגוּ אֶת־צִדְקִיָּהוּ בְּעַֽרְבוֹת יְרֵחוֹ וַיִּקְחוּ אוֹתוֹ וַֽיַּעֲלֻהוּ אֶל־נְבוּכַדְרֶאצַּר מֶלֶךְ־בָּבֶל רִבְלָתָה בְּאֶרֶץ חֲמָת וַיְדַבֵּר אִתּוֹ מִשְׁפָּטִֽים׃ | 5 |
كالدىيلەرنىڭ قوشۇنى ئۇلارنى قوغلاپ يېرىخو تۈزلەڭلىكىدە زەدەكىياغا يېتىشىپ ئۇنى قولغا ئېلىپ خامات زېمىنىدىكى رىبلاھ شەھىرىگە، بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسارنىڭ ئالدىغا ئاپاردى؛ ئۇ شۇ يەردە ئۇنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقاردى. |
וַיִּשְׁחַט מֶלֶךְ בָּבֶל אֶת־בְּנֵי צִדְקִיָּהוּ בְּרִבְלָה לְעֵינָיו וְאֵת כׇּל־חֹרֵי יְהוּדָה שָׁחַט מֶלֶךְ בָּבֶֽל׃ | 6 |
بابىل پادىشاھى رىبلاھ شەھىرىدە زەدەكىيانىڭ ئوغۇللىرىنى كۆز ئالدىدا ئۆلتۈرۈۋەتتى؛ بابىل پادىشاھى يەھۇدادىكى بارلىق مۆتىۋەرلەرنىمۇ ئۆلتۈرۈۋەتتى. |
וְאֶת־עֵינֵי צִדְקִיָּהוּ עִוֵּר וַיַּאַסְרֵהוּ בַּֽנְחֻשְׁתַּיִם לָבִיא אֹתוֹ בָּבֶֽלָה׃ | 7 |
ئۇ زەدەكىيانىڭ كۆزلىرىنى ئويۇپ، ئۇنى بابىلغا ئاپىرىش ئۈچۈن مىس كىشەنلەر بىلەن كىشەنلەپ قويدى. |
וְאֶת־בֵּית הַמֶּלֶךְ וְאֶת־בֵּית הָעָם שָׂרְפוּ הַכַּשְׂדִּים בָּאֵשׁ וְאֶת־חֹמוֹת יְרוּשָׁלַ͏ִם נָתָֽצוּ׃ | 8 |
كالدىيلەر پادىشاھنىڭ ئوردىسىنى ۋە پۇقرالارنىڭ ئۆيلىرىنى ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈپ يېرۇسالېمنىڭ سېپىللىرىنى كۆمۈرۈپ تاشلىدى. |
וְאֵת יֶתֶר הָעָם הַנִּשְׁאָרִים בָּעִיר וְאֶת־הַנֹּֽפְלִים אֲשֶׁר נָפְלוּ עָלָיו וְאֵת יֶתֶר הָעָם הַנִּשְׁאָרִים הֶגְלָה נְבוּזַרְאֲדָן רַב־טַבָּחִים בָּבֶֽל׃ | 9 |
شاھانە قاراۋۇل بېگى نېبۇزار-ئادان شەھەردە قېلىپ قالغان باشقا خەلقنى، ئۆزىگە تەسلىم بولۇپ چىققانلارنى، يەنى قالغان خەلقنىڭ ھەممىسىنى قولغا ئېلىپ، بابىلغا سۈرگۈن قىلدى. |
וּמִן־הָעָם הַדַּלִּים אֲשֶׁר אֵין־לָהֶם מְאוּמָה הִשְׁאִיר נְבוּזַרְאֲדָן רַב־טַבָּחִים בְּאֶרֶץ יְהוּדָה וַיִּתֵּן לָהֶם כְּרָמִים וִיגֵבִים בַּיּוֹם הַהֽוּא׃ | 10 |
ھالبۇكى، قاراۋۇل بېگى نېبۇزار-ئادان يەھۇدا زېمىنىدا ھېچ تەۋەلىكى بولمىغان بەزى نامراتلارنى قالدۇردى؛ شۇ چاغدا ئۇ ئۇلارغا ئۈزۈمزارلار ۋە ئېتىزلارنى تەقسىملەپ بەردى. |
וַיְצַו נְבוּכַדְרֶאצַּר מֶלֶךְ־בָּבֶל עַֽל־יִרְמְיָהוּ בְּיַד נְבוּזַרְאֲדָן רַב־טַבָּחִים לֵאמֹֽר׃ | 11 |
بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار يەرەمىيا توغرۇلۇق قاراۋۇل بېگى نېبۇزار-ئادان ئارقىلىق: «ئۇنى تېپىپ ئۇنىڭدىن خەۋەر ئال؛ ئۇنىڭغا ھېچ زىيان يەتكۈزمە؛ ئۇ نېمىنى خالىسا شۇنى ئۇنىڭغا قىلىپ بەر» ــ دەپ پەرمان چۈشۈرگەنىدى. |
קָחֶנּוּ וְעֵינֶיךָ שִׂים עָלָיו וְאַל־תַּעַשׂ לוֹ מְאוּמָה רָּע כִּי (אם) כַּֽאֲשֶׁר יְדַבֵּר אֵלֶיךָ כֵּן עֲשֵׂה עִמּֽוֹ׃ | 12 |
וַיִּשְׁלַח נְבוּזַרְאֲדָן רַב־טַבָּחִים וּנְבֽוּשַׁזְבָּ ן רַב־סָרִיס וְנֵרְגַל שַׂרְאֶצֶר רַב־מָג וְכֹל רַבֵּי מֶלֶךְ־בָּבֶֽל׃ | 13 |
شۇڭا قاراۋۇل بېگى نېبۇزار-ئادان، شۇنداقلا باش خەزىنىچى نېبۇشازبان، باش سېھىرگەر نەرگال-شارەزەر ۋە بابىل پادىشاھىنىڭ باشقا باش ئەمەلدارلىرىنىڭ ھەممىسى ئادەم ئەۋەتىپ |
וַיִּשְׁלְחוּ וַיִּקְחוּ אֶֽת־יִרְמְיָהוּ מֵחֲצַר הַמַּטָּרָה וַיִּתְּנוּ אֹתוֹ אֶל־גְּדַלְיָהוּ בֶּן־אֲחִיקָם בֶּן־שָׁפָן לְהוֹצִאֵהוּ אֶל־הַבָּיִת וַיֵּשֶׁב בְּתוֹךְ הָעָֽם׃ | 14 |
يەرەمىيانى «قاراۋۇللارنىڭ ھويلىسى»دىن ئېلىپ شافاننىڭ نەۋرىسى، ئاھىكامنىڭ ئوغلى گەدالىيانىڭ ئۆز ئۆيىگە ئاپىرىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇرغۇزدى. لېكىن يەرەمىيا پۇقرالار ئارىسىدا تۇردى. |
וְאֶֽל־יִרְמְיָהוּ הָיָה דְבַר־יְהֹוָה בִּֽהְיֹתוֹ עָצוּר בַּחֲצַר הַמַּטָּרָה לֵאמֹֽר׃ | 15 |
يەرەمىيا «قاراۋۇللارنىڭ ھويلىسى»دا قاماپ قويۇلغان ۋاقتىدا، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئۇنىڭغا كېلىپ مۇنداق دېيىلگەنىدى: ــ |
הָלוֹךְ וְאָמַרְתָּ לְעֶבֶד־מֶלֶךְ הַכּוּשִׁי לֵאמֹר כֹּֽה־אָמַר יְהֹוָה צְבָאוֹת אֱלֹהֵי יִשְׂרָאֵל הִנְנִי מֵבִי אֶת־דְּבָרַי אֶל־הָעִיר הַזֹּאת לְרָעָה וְלֹא לְטוֹבָה וְהָיוּ לְפָנֶיךָ בַּיּוֹם הַהֽוּא׃ | 16 |
بارغىن، ئېفىئوپىيەلىك ئەبەد-مەلەككە مۇنداق دېگىن: «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن ئۆز سۆزلىرىمنى مۇشۇ شەھەر ئۈستىگە چۈشۈرىمەن؛ ئاۋات-ھالاۋەت ئەمەس، بەلكى بالايىئاپەت چۈشۈرىمەن؛ شۇ كۈنى بۇ ئىشلار ئۆز كۆزۈڭ ئالدىدا يۈز بېرىدۇ. |
וְהִצַּלְתִּיךָ בַיּוֹם־הַהוּא נְאֻם־יְהֹוָה וְלֹא תִנָּתֵן בְּיַד הָאֲנָשִׁים אֲשֶׁר־אַתָּה יָגוֹר מִפְּנֵיהֶֽם׃ | 17 |
لېكىن شۇ كۈنى مەن سېنى قۇتقۇزىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ ــ سەن قورقىدىغان ئادەملەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلمايسەن؛ |
כִּי מַלֵּט אֲמַלֶּטְךָ וּבַחֶרֶב לֹא תִפֹּל וְהָיְתָה לְךָ נַפְשְׁךָ לְשָׁלָל כִּֽי־בָטַחְתָּ בִּי נְאֻם־יְהֹוָֽה׃ | 18 |
چۈنكى مەن چوقۇم سېنى قۇتقۇزىمەن؛ سەن قىلىچلانمايسەن، بەلكى ئۆز جېنىڭ ئۆزۈڭگە ئولجىدەك قالىدۇ؛ چۈنكى سەن ماڭا تايىنىپ كەلگەنسەن ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار». |