הַדָּבָר אֲשֶׁר הָיָה אֶֽל־יִרְמְיָהוּ מֵאֵת יְהֹוָה לֵאמֹֽר׃ | 1 |
پەرۋەردىگاردىن يەرەمىياغا كەلگەن سۆز: ــ |
כֹּֽה־אָמַר יְהֹוָה אֱלֹהֵי יִשְׂרָאֵל לֵאמֹר כְּתׇב־לְךָ אֵת כׇּל־הַדְּבָרִים אֲשֶׁר־דִּבַּרְתִּי אֵלֶיךָ אֶל־סֵֽפֶר׃ | 2 |
ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن ساڭا ھازىر دەيدىغان مۇشۇ بارلىق سۆزلىرىمنى يازمىغا يازغىن؛ |
כִּי הִנֵּה יָמִים בָּאִים נְאֻם־יְהֹוָה וְשַׁבְתִּי אֶת־שְׁבוּת עַמִּי יִשְׂרָאֵל וִֽיהוּדָה אָמַר יְהֹוָה וַהֲשִׁבֹתִים אֶל־הָאָרֶץ אֲשֶׁר־נָתַתִּי לַאֲבוֹתָם וִֽירֵשֽׁוּהָ׃ | 3 |
چۈنكى مانا، شۇنداق كۈنلەر كېلىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ مەن خەلقىم ئىسرائىل ھەم يەھۇدانى سۈرگۈنلۈكتىن قايتۇرۇپ ئەسلىگە كەلتۈرىمەن، ئۇلارنى ئاتا-بوۋىلىرىغا تەقدىم قىلغان زېمىنغا قايتۇرىمەن، ئۇلار ئۇنىڭغا ئىگە بولىدۇ. |
וְאֵלֶּה הַדְּבָרִים אֲשֶׁר דִּבֶּר יְהֹוָה אֶל־יִשְׂרָאֵל וְאֶל־יְהוּדָֽה׃ | 4 |
پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىل توغرۇلۇق ۋە يەھۇدا توغرۇلۇق دېگەن سۆزلىرى تۆۋەندىكىدەك: ــ |
כִּי־כֹה אָמַר יְהֹוָה קוֹל חֲרָדָה שָׁמָעְנוּ פַּחַד וְאֵין שָׁלֽוֹם׃ | 5 |
چۈنكى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئاڭلىتىلىدۇ ئالاقزادىلىك ھەم قورقۇنچلۇقنىڭ ئاۋازى، بولسۇن نەدە ئامان-تىنچلىق! |
שַׁאֲלוּ־נָא וּרְאוּ אִם־יֹלֵד זָכָר מַדּוּעַ רָאִיתִי כׇל־גֶּבֶר יָדָיו עַל־חֲלָצָיו כַּיּוֹלֵדָה וְנֶהֶפְכוּ כׇל־פָּנִים לְיֵרָקֽוֹן׃ | 6 |
سوراڭلار، شۇنى كۆرۈپ بېقىڭلاركى، ئەر بالا تۇغامدۇ؟ مەن نېمىشقا ئەمدى تولغاققا چۈشكەن ئايالدەك ھەربىر ئەر كىشىنىڭ چاتىرىقىنى قولى بىلەن تۇتقانلىقىنى كۆرىمەن؟ نېمىشقا يۈزلىرى تاتىرىپ كەتكەندۇ؟ |
הוֹי כִּי גָדוֹל הַיּוֹם הַהוּא מֵאַיִן כָּמֹהוּ וְעֵֽת־צָרָה הִיא לְיַֽעֲקֹב וּמִמֶּנָּה יִוָּשֵֽׁעַ׃ | 7 |
ئايھاي، شۇ كۈنى دەھشەتلىكتۇر! ئۇنىڭغا ھېچقانداق كۈن ئوخشىمايدۇ؛ ئۇ ياقۇپنىڭ ئازاب-ئوقۇبەت كۈنىدۇر؛ لېكىن ئۇ ئۇنىڭدىن قۇتقۇزۇلىدۇ. |
וְהָיָה בַיּוֹם הַהוּא נְאֻם ׀ יְהֹוָה צְבָאוֹת אֶשְׁבֹּר עֻלּוֹ מֵעַל צַוָּארֶךָ וּמוֹסְרוֹתֶיךָ אֲנַתֵּק וְלֹא־יַעַבְדוּ־בוֹ עוֹד זָרִֽים׃ | 8 |
شۇ كۈنىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ــ مەن ئۇنىڭ بويۇنتۇرۇقىنى بوينۇڭدىن ئېلىپ سۇندۇرۇۋېتىمەن، ئاسارەتلىرىڭنى بۇزۇپ تاشلايمەن، يات ئادەملەر ئۇنى ئىككىنچى قۇللۇققا چۈشۈرمەيدۇ. |
וְעָבְדוּ אֵת יְהֹוָה אֱלֹֽהֵיהֶם וְאֵת דָּוִד מַלְכָּם אֲשֶׁר אָקִים לָהֶֽם׃ | 9 |
شۇنىڭ ئورنىدا ئۇلار پەرۋەردىگار خۇداسىنىڭ ھەمدە مەن ئۇلار ئۈچۈن قايتىدىن تىكلەيدىغان داۋۇت پادىشاھىنىڭ قۇللۇقىدا بولىدۇ. |
וְאַתָּה אַל־תִּירָא עַבְדִּי יַעֲקֹב נְאֻם־יְהֹוָה וְאַל־תֵּחַת יִשְׂרָאֵל כִּי הִנְנִי מוֹשִֽׁיעֲךָ מֵֽרָחוֹק וְאֶֽת־זַרְעֲךָ מֵאֶרֶץ שִׁבְיָם וְשָׁב יַעֲקֹב וְשָׁקַט וְשַׁאֲנַן וְאֵין מַחֲרִֽיד׃ | 10 |
ئەمدى سەن، ئى قۇلۇم ياقۇپ، قورقما، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ ــ ئالاقزادە بولما، ئى ئىسرائىل؛ چۈنكى مانا، مەن سېنى يىراق يەرلەردىن، سېنىڭ نەسلىڭنى سۈرگۈن بولغان زېمىندىن قۇتقۇزىمەن؛ ياقۇپ قايتىپ كېلىدۇ، ئارام تېپىپ ئازادە تۇرىدۇ ۋە ھېچكىم ئۇنى قورقۇتمايدۇ. |
כִּֽי־אִתְּךָ אֲנִי נְאֻם־יְהֹוָה לְהֽוֹשִׁיעֶךָ כִּי אֶעֱשֶׂה כָלָה בְּכׇֽל־הַגּוֹיִם ׀ אֲשֶׁר הֲפִצוֹתִיךָ שָּׁם אַךְ אֹֽתְךָ לֹֽא־אֶעֱשֶׂה כָלָה וְיִסַּרְתִּיךָ לַמִּשְׁפָּט וְנַקֵּה לֹא אֲנַקֶּֽךָּ׃ | 11 |
چۈنكى مەن سېنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن سەن بىلەن بىللىدۇرمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ ــ مەن سېنى تارقىتىۋەتكەن ئەللەرنىڭ ھەممىسىنى تۈگەشتۈرسەممۇ، لېكىن سېنى پۈتۈنلەي تۈگەشتۈرمەيمەن؛ پەقەت ئۈستۈڭدىن ھۆكۈم چىقىرىپ تەربىيە-ساۋاق بېرىمەن؛ سېنى جازالىماي قويۇپ قويمايمەن. |
כִּי כֹה אָמַר יְהֹוָה אָנוּשׁ לְשִׁבְרֵךְ נַחְלָה מַכָּתֵֽךְ׃ | 12 |
چۈنكى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: سېنىڭ زېدەڭ داۋالىغۇسىز، سېنىڭ ياراڭ بولسا ئىنتايىن ئېغىردۇر. |
אֵֽין־דָּן דִּינֵךְ לְמָזוֹר רְפֻאוֹת תְּעָלָה אֵין לָֽךְ׃ | 13 |
سېنىڭ دەۋايىڭنى سورايدىغان ھېچكىم يوق، ياراڭنى تاڭغۇچى يوقتۇر، ساڭا شىپالىق دورىلار يوقتۇر؛ |
כׇּל־מְאַהֲבַיִךְ שְׁכֵחוּךְ אוֹתָךְ לֹא יִדְרֹשׁוּ כִּי מַכַּת אוֹיֵב הִכִּיתִיךְ מוּסַר אַכְזָרִי עַל רֹב עֲוֺנֵךְ עָצְמוּ חַטֹּאתָֽיִךְ׃ | 14 |
سېنىڭ بارلىق ئاشنىلىرىڭ سېنى ئۇنتۇغان؛ ئۇلار سېنىڭ ھالىڭنى ھېچ سورىمايدۇ. چۈنكى مەن سېنى دۈشمەندەك زەرب بىلەن ئۇرغانمەن، رەھىمسىز بىر زالىمدەك ساڭا ساۋاق بولسۇن دەپ ئۇرغانمەن؛ چۈنكى سېنىڭ قەبىھلىكىڭ ھەددى-ھېسابسىز، گۇناھلىرىڭ ھەددىدىن زىيادە بولغان. |
מַה־תִּזְעַק עַל־שִׁבְרֵךְ אָנוּשׁ מַכְאֹבֵךְ עַל ׀ רֹב עֲוֺנֵךְ עָֽצְמוּ חַטֹּאתַיִךְ עָשִׂיתִי אֵלֶּה לָֽךְ׃ | 15 |
نېمىشقا زېدەڭ تۈپەيلىدىن، دەرد-ئەلىمىڭ داۋالىغۇسىز بولغانلىقى تۈپەيلىدىن پەرياد كۆتۈرىسەن؟ قەبىھلىكىڭنىڭ ھەددى-ھېسابسىز بولغانلىقىدىن، گۇناھلىرىڭ ھەددىدىن زىيادە بولغانلىقىدىن، مەن شۇلارنى ساڭا قىلغانمەن. |
לָכֵן כׇּל־אֹכְלַיִךְ יֵאָכֵלוּ וְכׇל־צָרַיִךְ כֻּלָּם בַּשְּׁבִי יֵלֵכוּ וְהָיוּ שֹׁאסַיִךְ לִמְשִׁסָּה וְכׇל־בֹּזְזַיִךְ אֶתֵּן לָבַֽז׃ | 16 |
لېكىن سېنى يۇتۇۋالغانلارنىڭ ھەممىسى يۇتۇۋېلىنىدۇ؛ سېنىڭ بارلىق كۈشەندىلىرىڭ بولسا سۈرگۈن بولىدۇ؛ سېنى بۇلىغانلارنىڭ ھەممىسى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىدۇ؛ سېنى ئوۋ قىلغانلارنىڭ ھەممىسىنى ئوۋلىنىدىغان قىلىمەن. |
כִּי אַעֲלֶה אֲרֻכָה לָךְ וּמִמַּכּוֹתַיִךְ אֶרְפָּאֵךְ נְאֻם־יְהֹוָה כִּי נִדָּחָה קָרְאוּ לָךְ צִיּוֹן הִיא דֹּרֵשׁ אֵין לָֽהּ׃ | 17 |
چۈنكى مەن ساڭا تېڭىق تېڭىپ قويىمەن ۋە يارىلىرىڭنى ساقايتىمەن ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ ــ چۈنكى ئۇلار سېنى: «غېرىب-بىچارە، ھېچكىم ھالىنى سورىمايدىغان زىئون دەل مۇشۇدۇر» دەپ ھاقارەتلىگەن. |
כֹּה ׀ אָמַר יְהֹוָה הִנְנִי־שָׁב שְׁבוּת אׇהֳלֵי יַֽעֲקוֹב וּמִשְׁכְּנֹתָיו אֲרַחֵם וְנִבְנְתָה עִיר עַל־תִּלָּהּ וְאַרְמוֹן עַל־מִשְׁפָּטוֹ יֵשֵֽׁב׃ | 18 |
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن ياقۇپنىڭ چېدىرلىرىنى سۈرگۈنلۈكتىن قايتۇرۇپ ئەسلىگە كەلتۈرىمەن، ئۇنىڭ تۇرالغۇلىرى ئۈستىگە رەھىم قىلىمەن؛ شەھەر خارابىلىرى ئۇل قىلىنىپ قايتىدىن قۇرۇلىدۇ، ئوردا-قەلئە ئۆز جايىدا يەنە ئادەمزاتلىق بولىدۇ. |
וְיָצָא מֵהֶם תּוֹדָה וְקוֹל מְשַׂחֲקִים וְהִרְבִּתִים וְלֹא יִמְעָטוּ וְהִכְבַּדְתִּים וְלֹא יִצְעָֽרוּ׃ | 19 |
شۇ جايلاردىن تەشەككۈر كۈيلىرى ۋە شاد-خۇراملىق سادالىرى ئاڭلىنىدۇ؛ مەن ئۇلارنى كۆپەيتىمەنكى، ئۇلار ئەمدى ئازايمايدۇ؛ مەن ئۇلارنىڭ ھۆرمىتىنى ئاشۇرىمەن، ئۇلار ھېچ پەس بولمايدۇ. |
וְהָיוּ בָנָיו כְּקֶדֶם וַעֲדָתוֹ לְפָנַי תִּכּוֹן וּפָקַדְתִּי עַל כׇּל־לֹחֲצָֽיו׃ | 20 |
ئۇلارنىڭ بالىلىرى قەدىمدىكىدەك بولىدۇ؛ ئۇلارنىڭ جامائىتى ئالدىمدا مەزمۇت تۇرغۇزۇلىدۇ؛ ئۇلارنى خورلىغانلارنىڭ ھەممىسىنى جازالايمەن. |
וְהָיָה אַדִּירוֹ מִמֶּנּוּ וּמֹֽשְׁלוֹ מִקִּרְבּוֹ יֵצֵא וְהִקְרַבְתִּיו וְנִגַּשׁ אֵלָי כִּי מִי הוּא־זֶה עָרַב אֶת־לִבּוֹ לָגֶשֶׁת אֵלַי נְאֻם־יְהֹוָֽה׃ | 21 |
ئۇلارنىڭ بېشى ئۆزلىرىدىن بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ھۆكۈم سۈرگۈچىسى ئۆزلىرى ئوتتۇرىسىدىن چىقىدۇ؛ مەن ئۇنى ئۆز يېنىمغا كەلتۈرىمەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ماڭا يېقىن كېلىدۇ؛ چۈنكى يېنىمغا كەلگۈچى [جېنىنى] تەۋەككۈل قىلغۇچى ئەمەسمۇ؟ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. |
וִהְיִיתֶם לִי לְעָם וְאָנֹכִי אֶהְיֶה לָכֶם לֵאלֹהִֽים׃ | 22 |
ــ شۇنىڭ بىلەن سىلەر مېنىڭ خەلقىم بولىسىلەر، مەن سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار بولىمەن. |
הִנֵּה ׀ סַעֲרַת יְהֹוָה חֵמָה יָֽצְאָה סַעַר מִתְגּוֹרֵר עַל רֹאשׁ רְשָׁעִים יָחֽוּל׃ | 23 |
مانا، پەرۋەردىگاردىن چىققان بىر بوران-چاپقۇن! ئۇنىڭدىن قەھر چىقتى؛ بەرھەق، دەھشەتلىك بىر قارا قۇيۇن چىقىپ كەلدى؛ ئۇ پىرقىراپ رەزىللەرنىڭ بېشىغا چۈشىدۇ. |
לֹא יָשׁוּב חֲרוֹן אַף־יְהֹוָה עַד־עֲשֹׂתוֹ וְעַד־הֲקִימוֹ מְזִמּוֹת לִבּוֹ בְּאַחֲרִית הַיָּמִים תִּתְבּוֹנְנוּ בָֽהּ׃ | 24 |
كۆڭلىدىكى نىيەتلىرىنى ئادا قىلىپ تولۇق ئەمەل قىلغۇچە، پەرۋەردىگارنىڭ قاتتىق غەزىپى يانمايدۇ؛ ئاخىرقى كۈنلەردە سىلەر بۇنى چۈشىنىپ يېتىسىلەر. |