חֲזוֹן יְשַֽׁעְיָהוּ בֶן־אָמוֹץ אֲשֶׁר חָזָה עַל־יְהוּדָה וִירֽוּשָׁלָ͏ִם בִּימֵי עֻזִּיָּהוּ יוֹתָם אָחָז יְחִזְקִיָּהוּ מַלְכֵי יְהוּדָֽה׃ | 1 |
ئۇززىيا، يوتام، ئاھاز ۋە ھەزەكىيالار يەھۇداغا پادىشاھ بولغان ۋاقىتلاردا، يېرۇسالېم ۋە يەھۇدا توغرىسىدا، ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا كۆرگەن غايىبانە ۋەھىي-ئالامەتلەر: ــ |
שִׁמְעוּ שָׁמַיִם וְהַאֲזִינִי אֶרֶץ כִּי יְהֹוָה דִּבֵּר בָּנִים גִּדַּלְתִּי וְרוֹמַמְתִּי וְהֵם פָּשְׁעוּ בִֽי׃ | 2 |
«ئى ئاسمانلار، ئاڭلاڭلار! ئى يەر-زېمىن، قۇلاق سال! چۈنكى پەرۋەردىگار سۆز ئېيتتى: ــ «مەن بالىلارنى بېقىپ چوڭ قىلدىم، بىراق ئۇلار ماڭا ئاسىيلىق قىلدى. |
יָדַע שׁוֹר קֹנֵהוּ וַחֲמוֹר אֵבוּס בְּעָלָיו יִשְׂרָאֵל לֹא יָדַע עַמִּי לֹא הִתְבּוֹנָֽן׃ | 3 |
كالا بولسا ئىگىسىنى تونۇيدۇ، ئېشەكمۇ خوجايىنىنىڭ ئوقۇرىغا [ماڭىدىغان يولنى] بىلىدۇ، بىراق ئىسرائىل بىلمەيدۇ، ئۆز خەلقىم ھېچ يورۇتۇلغان ئەمەس. |
הוֹי ׀ גּוֹי חֹטֵא עַם כֶּבֶד עָוֺן זֶרַע מְרֵעִים בָּנִים מַשְׁחִיתִים עָזְבוּ אֶת־יְהֹוָה נִֽאֲצוּ אֶת־קְדוֹשׁ יִשְׂרָאֵל נָזֹרוּ אָחֽוֹר׃ | 4 |
ئاھ، گۇناھكار «يات ئەل»، قەبىھلىكنى توپلاپ ئۆزىگە يۈكلىگەن خەلق، رەزىللەرنىڭ بىر نەسلى، نىجىس بولۇپ كەتكەن بالىلار! ئۇلار پەرۋەردىگاردىن يىراقلىشىپ، «ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچى»نى كۆزىگە ئىلمىدى، ئۇلار كەينىگە ياندى. |
עַל מֶה תֻכּוּ עוֹד תּוֹסִיפוּ סָרָה כׇּל־רֹאשׁ לׇֽחֳלִי וְכׇל־לֵבָב דַּוָּֽי׃ | 5 |
نېمىشقا يەنە دۇمبالانغۇڭلار كېلىدۇ؟ نېمىشقا ئاسىيلىق قىلىۋېرىسىلەر؟ پۈتۈن باشلىرىڭلار ئاغرىپ، يۈرىكىڭلار پۈتۈنلەي زەئىپلىشىپ كەتتى، |
מִכַּף־רֶגֶל וְעַד־רֹאשׁ אֵֽין־בּוֹ מְתֹם פֶּצַע וְחַבּוּרָה וּמַכָּה טְרִיָּה לֹא־זֹרוּ וְלֹא חֻבָּשׁוּ וְלֹא רֻכְּכָה בַּשָּֽׁמֶן׃ | 6 |
بېشىڭلاردىن ئايىغىڭلارغىچە ساق يېرىڭلار قالمىدى، پەقەت يارا-جاراھەت، ئىششىق ۋە يىرىڭ بىلەن تولدى، ئۇلار تازىلانمىغان، تېڭىلمىغان ياكى ئۇلارغا ھېچ مەلھەم سۈرۈلمىگەن. |
אַרְצְכֶם שְׁמָמָה עָרֵיכֶם שְׂרֻפוֹת אֵשׁ אַדְמַתְכֶם לְנֶגְדְּכֶם זָרִים אֹכְלִים אֹתָהּ וּשְׁמָמָה כְּמַהְפֵּכַת זָרִֽים׃ | 7 |
ۋەتىنىڭلار چۆللەشتى؛ شەھەرلىرىڭلار كۆيۈپ ۋەيرانە بولدى؛ يەر-زېمىنىڭلارنى بولسا، ياتلار كۆز ئالدىڭلاردىلا يۇتۇۋېلىۋاتىدۇ؛ ئۇ ياتلار تەرىپىدىن دەپسەندە قىلىنىپ چۆللىشىپ كەتتى. |
וְנוֹתְרָה בַת־צִיּוֹן כְּסֻכָּה בְכָרֶם כִּמְלוּנָה בְמִקְשָׁה כְּעִיר נְצוּרָֽה׃ | 8 |
ئەمدى ئۈزۈمزارغا سېلىنغان چەللىدەك، تەرخەمەكلىككە سېلىنغان كەپىدەك، مۇھاسىرىگە چۈشكەن شەھەردەك، زىئوننىڭ قىزى زەئىپ قالدۇرۇلدى. |
לוּלֵי יְהֹוָה צְבָאוֹת הוֹתִיר לָנוּ שָׂרִיד כִּמְעָט כִּסְדֹם הָיִינוּ לַעֲמֹרָה דָּמִֽינוּ׃ | 9 |
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار بىزگە ئازغىنە «قالدىسى»نى قالدۇرمىغان بولسا، بىز سودوم شەھىرىگە ئوخشاپ قالاتتۇق، گوموررا شەھىرىنىڭ ھالىغا چۈشۈپ قالاتتۇق. |
שִׁמְעוּ דְבַר־יְהֹוָה קְצִינֵי סְדֹם הַאֲזִינוּ תּוֹרַת אֱלֹהֵינוּ עַם עֲמֹרָֽה׃ | 10 |
ئى سودومنىڭ ھۆكۈمرانلىرى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ قويۇڭلار، «ئى گوموررانىڭ خەلقى، خۇدايىمىزنىڭ قانۇن-نەسىھىتىگە قۇلاق سېلىڭلار! |
לָמָּה־לִּי רֹב־זִבְחֵיכֶם יֹאמַר יְהֹוָה שָׂבַעְתִּי עֹלוֹת אֵילִים וְחֵלֶב מְרִיאִים וְדַם פָּרִים וּכְבָשִׂים וְעַתּוּדִים לֹא חָפָֽצְתִּי׃ | 11 |
سىلەر زادى نېمە دەپ ماڭا ئاتاپ نۇرغۇنلىغان قۇربانلىقلارنى سۇنىسىلەر؟» ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. ــ «مەن كۆيدۈرمە قوچقار قۇربانلىقىڭلاردىن، بورداق مالنىڭ ياغلىرىدىن تويۇپ كەتتىم، بۇقىلار، پاقلانلار، تېكىلەرنىڭ قانلىرىدىن ھېچ خۇرسەن ئەمەسمەن. |
כִּי תָבֹאוּ לֵֽרָאוֹת פָּנָי מִֽי־בִקֵּשׁ זֹאת מִיֶּדְכֶם רְמֹס חֲצֵרָֽי׃ | 12 |
سىلەر مېنىڭ ئالدىمغا كىرىپ كەلگىنىڭلاردا، سىلەردىن ھويلا-ئايۋانلىرىمنى شۇنداق دەسسەپ-چەيلەشنى كىم تەلەپ قىلغان؟ |
לֹא תוֹסִיפוּ הָבִיא מִנְחַת־שָׁוְא קְטֹרֶת תּוֹעֵבָה הִיא לִי חֹדֶשׁ וְשַׁבָּת קְרֹא מִקְרָא לֹא־אוּכַל אָוֶן וַֽעֲצָרָֽה׃ | 13 |
بىھۇدە «ئاشلىق ھەدىيە»لەرنى ئېلىپ كېلىشنى بولدى قىلىڭلار، خۇشبۇي بولسا ماڭا يىرگىنچلىك بولۇپ قالدى. «يېڭى ئاي» ھېيتلىرى ۋە «شابات كۈن»لىرىگە، جامائەت ئىبادەت سورۇنلىرىغا چاقىرىلىشلارغا ــ قىسقىسى، قەبىھلىكتە ئۆتكۈزۈلگەن داغدۇغىلىق يىغىلىشلارغا چىدىغۇچىلىكىم قالمىدى. |
חׇדְשֵׁיכֶם וּמֽוֹעֲדֵיכֶם שָֽׂנְאָה נַפְשִׁי הָיוּ עָלַי לָטֹרַח נִלְאֵיתִי נְשֹֽׂא׃ | 14 |
«يېڭى ئاي» ھېيتىڭلاردىن، بېكىتىلگەن ھېيت-بايرىمىڭلاردىن قەلبىم نەپرەتلىنىدۇ؛ ئۇلار ماڭا يۈك بولۇپ قالدى؛ ئۇلارنى كۆتۈرۈپ يۈرۈشتىن چارچاپ كەتتىم. |
וּבְפָרִשְׂכֶם כַּפֵּיכֶם אַעְלִים עֵינַי מִכֶּם גַּם כִּֽי־תַרְבּוּ תְפִלָּה אֵינֶנִּי שֹׁמֵעַ יְדֵיכֶם דָּמִים מָלֵֽאוּ׃ | 15 |
قولۇڭلارنى كۆتۈرۈپ دۇئاغا يايغىنىڭلاردا، كۆزۈمنى سىلەردىن ئېلىپ قاچىمەن؛ بەرھەق، كۆپلەپ دۇئالارنى قىلغىنىڭلاردا، ئاڭلىمايمەن؛ چۈنكى قوللىرىڭلار قانغا بويالدى. |
רַֽחֲצוּ הִזַּכּוּ הָסִירוּ רֹעַ מַעַלְלֵיכֶם מִנֶּגֶד עֵינָי חִדְלוּ הָרֵֽעַ׃ | 16 |
ئۆزۈڭلارنى يۇيۇپ، پاكلىنىڭلار؛ قىلمىشلىرىڭلارنىڭ رەزىللىكىنى كۆز ئالدىمدىن نېرى قىلىڭلار، رەزىللىكنى قىلىشتىن قولۇڭلارنى ئۈزۈڭلار؛ |
לִמְדוּ הֵיטֵב דִּרְשׁוּ מִשְׁפָּט אַשְּׁרוּ חָמוֹץ שִׁפְטוּ יָתוֹם רִיבוּ אַלְמָנָֽה׃ | 17 |
ياخشىلىق قىلىشنى ئۆگىنىڭلار؛ ئادىللىقنى ئىزدەڭلار، زومىگەرلەرگە تەنبىھ بېرىڭلار، يېتىم-يېسىرلەرنى ناھەقلىقتىن خالاس قىلىڭلار، تۇل خوتۇنلارنىڭ دەۋاسىنى سوراڭلار. |
לְכוּ־נָא וְנִוָּכְחָה יֹאמַר יְהֹוָה אִם־יִהְיוּ חֲטָאֵיכֶם כַּשָּׁנִים כַּשֶּׁלֶג יַלְבִּינוּ אִם־יַאְדִּימוּ כַתּוֹלָע כַּצֶּמֶר יִֽהְיֽוּ׃ | 18 |
ئەمدى كېلىڭلار، بىز مۇنازىرە قىلىشايلى، دەيدۇ پەرۋەردىگار، سىلەرنىڭ گۇناھىڭلار قىپ-قىزىل بولسىمۇ، يەنىلا قاردەك ئاقىرىدۇ؛ ئۇلار قىزىل قۇرۇتتەك توق قىزىل بولسىمۇ، يۇڭدەك ئاپئاق بولىدۇ. |
אִם־תֹּאבוּ וּשְׁמַעְתֶּם טוּב הָאָרֶץ תֹּאכֵֽלוּ׃ | 19 |
ئەگەر ئىتائەتمەن بولۇپ، ئاڭلىساڭلار، زېمىندىكى ئېسىل مەھسۇلاتتىن بەھرىمەن بولىسىلەر؛ |
וְאִם־תְּמָאֲנוּ וּמְרִיתֶם חֶרֶב תְּאֻכְּלוּ כִּי פִּי יְהֹוָה דִּבֵּֽר׃ | 20 |
بىراق رەت قىلىپ يۈز ئۆرىسەڭلار، قىلىچ بىلەن ئۇجۇقتۇرۇلىسىلەر» ــ چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز ئاغزى بىلەن شۇنداق دېگەن. |
אֵיכָה הָיְתָה לְזוֹנָה קִרְיָה נֶאֱמָנָה מְלֵֽאֲתִי מִשְׁפָּט צֶדֶק יָלִין בָּהּ וְעַתָּה מְרַצְּחִֽים׃ | 21 |
سادىق شەھەر قانداقمۇ پاھىشە بولۇپ قالدى!؟ ئەسلىدە ئۇ ئادالەت بىلەن تولغانىدى، ھەققانىيلىق ئۇنى ماكان قىلغانىدى، بىراق ھازىر قاتىللار ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتىدۇ. |
כַּסְפֵּךְ הָיָה לְסִיגִים סׇבְאֵךְ מָהוּל בַּמָּֽיִם׃ | 22 |
كۈمۈشۈڭ بولسا داشقالغا ئايلىنىپ قالدى، شارابىڭغا سۇ ئارىلىشىپ قالدى؛ |
שָׂרַיִךְ סוֹרְרִים וְחַבְרֵי גַּנָּבִים כֻּלּוֹ אֹהֵב שֹׁחַד וְרֹדֵף שַׁלְמֹנִים יָתוֹם לֹא יִשְׁפֹּטוּ וְרִיב אַלְמָנָה לֹא־יָבוֹא אֲלֵיהֶֽם׃ | 23 |
ئەمىرلىرىڭ ئاسىيلىق قىلغۇچىلار، ئوغرىلارغا ئۈلپەت بولدى؛ ئۇلارنىڭ ھەربىرى پارىغا ئامراق بولۇپ، سوغا-سالاملارنى كۆزلەپ يۈرمەكتە؛ ئۇلار يېتىم-يېسىرلەر ئۈچۈن ئادالەت ئىزدىمەيدۇ؛ تۇل خوتۇنلارنىڭ دەۋاسى ئۇلارنىڭ ئالدىغا يەتمەيدۇ. |
לָכֵן נְאֻם הָאָדוֹן יְהֹוָה צְבָאוֹת אֲבִיר יִשְׂרָאֵל הוֹי אֶנָּחֵם מִצָּרַי וְאִנָּקְמָה מֵאוֹיְבָֽי׃ | 24 |
شۇڭا ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگار ــ يەنى ئىسرائىلدىكى قۇدرەت ئىگىسى ئېيتىدۇ: ــ مەن كۈشەندىلىرىمنى [جازالاپ] پۇخادىن چىقىمەن، دۈشمەنلىرىمدىن قىساس ئالىمەن؛ |
וְאָשִׁיבָה יָדִי עָלַיִךְ וְאֶצְרֹף כַּבֹּר סִיגָיִךְ וְאָסִירָה כׇּל־בְּדִילָֽיִךְ׃ | 25 |
قولۇمنى ئۈستۈڭگە تەگكۈزۈپ، سېنى تاۋلاپ، سەندىكى داشقالنى تەلتۆكۈس تازىلايمەن، سەندىكى بارلىق ئارىلاشمىلارنى ئېلىپ تاشلايمەن. |
וְאָשִׁיבָה שֹׁפְטַיִךְ כְּבָרִאשֹׁנָה וְיֹעֲצַיִךְ כְּבַתְּחִלָּה אַֽחֲרֵי־כֵן יִקָּרֵא לָךְ עִיר הַצֶּדֶק קִרְיָה נֶאֱמָנָֽה׃ | 26 |
ھۆكۈمران-سوراقچىلىرىڭلارنى ئاۋۋالقىدەك، مەسلىھەتچىلىرىڭلارنى دەسلەپتىكىدەك ھالغا كەلتۈرىمەن. كېيىن سەن «ھەققانىيلىقنىڭ ماكانى»، «سادىق شەھەر» ــ دەپ ئاتىلىسەن. |
צִיּוֹן בְּמִשְׁפָּט תִּפָּדֶה וְשָׁבֶיהָ בִּצְדָקָֽה׃ | 27 |
ئەمدى زىئون ئادىللىق بىلەن، ۋە ئۇنىڭغا قايتىپ كەلگەنلەر ھەققانىيلىق بىلەن قۇتقۇزۇلۇپ ھۆر قىلىنىدۇ. |
וְשֶׁבֶר פֹּשְׁעִים וְחַטָּאִים יַחְדָּו וְעֹזְבֵי יְהֹוָה יִכְלֽוּ׃ | 28 |
بىراق ئاسىيلار ۋە گۇناھكارلار بىردەك ئۇجۇقتۇرۇلىدۇ، پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرىگۈچىلەر بولسا ھالاك بولىدۇ. |
כִּי יֵבֹשׁוּ מֵאֵילִים אֲשֶׁר חֲמַדְתֶּם וְתַחְפְּרוּ מֵהַגַּנּוֹת אֲשֶׁר בְּחַרְתֶּֽם׃ | 29 |
شۇ چاغدا سىلەر تەشنا بولغان دۇب دەرەخلىرىدىن نومۇس قىلىسىلەر، تاللىغان باغلاردىن خىجىل بولىسىلەر. |
כִּי תִֽהְיוּ כְּאֵלָה נֹבֶלֶת עָלֶהָ וּֽכְגַנָּה אֲשֶׁר־מַיִם אֵין לָֽהּ׃ | 30 |
چۈنكى ئۆزۈڭلار خۇددى يوپۇرماقلىرى قۇرۇپ كەتكەن دۇب دەرىخىدەك، سۇسىز قۇرۇق بىر باغدەك بولىسىلەر. |
וְהָיָה הֶחָסֹן לִנְעֹרֶת וּפֹעֲלוֹ לְנִיצוֹץ וּבָעֲרוּ שְׁנֵיהֶם יַחְדָּו וְאֵין מְכַבֶּֽה׃ | 31 |
شۇ كۈنى كۈچى بارلار ئوتقا شام پىلىكى، ئۇلارنىڭ ئەجرى بولسا، ئۇچقۇن بولىدۇ؛ بۇلار ھەر ئىككىسى تەڭلا كۆيۈپ كېتىدۇ، ئۇلارنى ئۆچۈرۈشكە ھېچكىم چىقمايدۇ. |