שִׁמְעוּ־זֹאת בֵּֽית־יַעֲקֹב הַנִּקְרָאִים בְּשֵׁם יִשְׂרָאֵל וּמִמֵּי יְהוּדָה יָצָאוּ הַֽנִּשְׁבָּעִים ׀ בְּשֵׁם יְהֹוָה וּבֵאלֹהֵי יִשְׂרָאֵל יַזְכִּירוּ לֹא בֶאֱמֶת וְלֹא בִצְדָקָֽה׃ | 1 |
ئى ياقۇپنىڭ جەمەتى، «ئىسرائىل»نىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغانلار، «يەھۇدا بۇلاقلىرى»دىن چىققانسىلەر، پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى ئىشلىتىپ قەسەم قىلغۇچىسىلەر، ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنى تىلغا ئالغۇچىسىلەر، بىراق بۇلار ھەقىقەت ھەم ھەققانىيلىقتىن ئەمەس! مۇنۇلارنى ئاڭلاپ قويۇڭلار: ــ |
כִּֽי־מֵעִיר הַקֹּדֶשׁ נִקְרָאוּ וְעַל־אֱלֹהֵי יִשְׂרָאֵל נִסְמָכוּ יְהֹוָה צְבָאוֹת שְׁמֽוֹ׃ | 2 |
(چۈنكى ئۇلار «مۇقەددەس شەھەر»نىڭ نامىنى ئىشلىتىپ ئۆزلىرىگە ئىسىم قىلىدۇ، تېخى ئىسرائىلنىڭ خۇداسىغا «تايىنار»مىش! ئۇنىڭ نامى بولسا ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگاردۇر!) |
הָרִֽאשֹׁנוֹת מֵאָז הִגַּדְתִּי וּמִפִּי יָצְאוּ וְאַשְׁמִיעֵם פִּתְאֹם עָשִׂיתִי וַתָּבֹֽאנָה׃ | 3 |
مەن بۇرۇنلا «ئىلگىرىكى ئىشلار»نى ئالدىنئالا بايان قىلدىم؛ ئۇلار ئۆز ئاغزىمدىن چىققان، مەن ئۇلارنى ئاڭلاتتىم؛ مەن بۇلارنى تۇيۇقسىز ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، ئۇلار ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى؛ |
מִדַּעְתִּי כִּי קָשֶׁה אָתָּה וְגִיד בַּרְזֶל עׇרְפֶּךָ וּמִצְחֲךָ נְחוּשָֽׁה׃ | 4 |
چۈنكى مەن سېنىڭ جاھىللىقىڭنى، بوينۇڭنىڭ پەيلىرىنىڭ تۆمۈر، يۈزۈڭنىڭ داپتەك ئىكەنلىكىنى بىلدىم؛ |
וָאַגִּיד לְךָ מֵאָז בְּטֶרֶם תָּבוֹא הִשְׁמַעְתִּיךָ פֶּן־תֹּאמַר עׇצְבִּי עָשָׂם וּפִסְלִי וְנִסְכִּי צִוָּֽם׃ | 5 |
سېنىڭ: «مېنىڭ بۇتۇم مۇشۇلارنى قىلدى»، ياكى «ئويما مەبۇدۇم، قۇيما مەبۇدۇم بۇلارنى بۇيرۇدى» ــ دېمەسلىكىڭ ئۈچۈن، شۇڭا مەن بالدۇر مۇشۇلارنى ساڭا بايان قىلدىم؛ ئىش يۈز بەرگۈچە ئۇلارنى ساڭا ئاڭلىتىپ تۇردۇم. |
שָׁמַעְתָּֽ חֲזֵה כֻּלָּהּ וְאַתֶּם הֲלוֹא תַגִּידוּ הִשְׁמַעְתִּיךָ חֲדָשׁוֹת מֵעַתָּה וּנְצֻרוֹת וְלֹא יְדַעְתָּֽם׃ | 6 |
سەن بۇلارنى ئاڭلىغانسەن؛ ئەمدى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى كۆرۈپ باق! بۇنى راست دەپ ئېتىراپ قىلمامسىلەر؟ مەن باياتىن «يېڭى ئىشلار»نى، يەنى ساقلىنىپ يوشۇرۇنغان ئىشلارنى بايان قىلدىم، سەن بۇلارنى بىلگەن ئەمەسسەن. |
עַתָּה נִבְרְאוּ וְלֹא מֵאָז וְלִפְנֵי־יוֹם וְלֹא שְׁמַעְתָּם פֶּן־תֹּאמַר הִנֵּה יְדַעְתִּֽין׃ | 7 |
سېنىڭ: «دەرۋەقە، مېنىڭ ئۇلاردىن بالدۇر خەۋىرىم بار ئىدى» دېمەسلىكىڭ ئۈچۈن، ئۇلار بۇرۇن ئەمەس، ھازىرلا يارىتىلىدۇ؛ مۇشۇ كۈندىن ئىلگىرى سەن ئۇلارنى ئاڭلاپ باقمىغانسەن. |
גַּם לֹֽא־שָׁמַעְתָּ גַּם לֹא יָדַעְתָּ גַּם מֵאָז לֹא־פִתְּחָה אׇזְנֶךָ כִּי יָדַעְתִּי בָּגוֹד תִּבְגּוֹד וּפֹשֵׁעַ מִבֶּטֶן קֹרָא לָֽךְ׃ | 8 |
بەرھەق، سەن قۇلاق سالمىدىڭ، بەرھەق، سەن خەۋەرمۇ ئالمىدىڭ، بەرھەق، سېنىڭ قۇلىقىڭ خېلى بۇرۇنلا ئېچىلماي ئېتىكلىك قالدى؛ چۈنكى مەن سېنىڭ ۋاپاسىزلىق قىلىۋېرىدىغانلىقىڭنى، بالىياتقۇدىكى چېغىڭدىن تارتىپ «ئاسىي» دەپ ئاتىلىدىغانلىقىڭنى بىلدىم. |
לְמַעַן שְׁמִי אַאֲרִיךְ אַפִּי וּתְהִלָּתִי אֶחֱטׇם־לָךְ לְבִלְתִּי הַכְרִיתֶֽךָ׃ | 9 |
ئۆز نامىم ئۈچۈن غەزىپىمنى كېچىكتۈرىمەن، شۆھرىتىم ئۈچۈن سېنى ئۈزۈپ تاشلىمايمەن دەپ غەزىپىمنى بېسىۋالدىم؛ |
הִנֵּה צְרַפְתִּיךָ וְלֹא בְכָסֶף בְּחַרְתִּיךָ בְּכוּר עֹֽנִי׃ | 10 |
قارا، مەن سېنى تاۋلىدىم، بىراق كۈمۈشنى تاۋلىغاندەك تاۋلاندۇرمىدىم؛ مەن ئازاب-ئوقۇبەتنىڭ خۇمدانىدا سېنى تاللىۋالدىم؛ |
לְמַעֲנִי לְמַעֲנִי אֶעֱשֶׂה כִּי אֵיךְ יֵחָל וּכְבוֹדִי לְאַחֵר לֹֽא־אֶתֵּֽן׃ | 11 |
ئۆز سەۋەبىمدىن، ئۆز سەۋەبىمدىن مەن مۇشۇنى قىلىمەن؛ مېنىڭ نامىمغا داغ تەگسە قانداق بولىدۇ؟ مەن ئۆزۈمنىڭ شان-شۆھرىتىمنى باشقا بىرسىگە ئۆتكۈزۈپ بەرمەيمەن. |
שְׁמַע אֵלַי יַֽעֲקֹב וְיִשְׂרָאֵל מְקֹרָאִי אֲנִי־הוּא אֲנִי רִאשׁוֹן אַף אֲנִי אַחֲרֽוֹן׃ | 12 |
ئى ياقۇپ، ئى چاقىرغىنىم ئىسرائىل! ماڭا قۇلاق سالغىن؛ مەن «ئۇ»دۇرمەن؛ مەن تۇنجىدۇرمەن، بەرھەق ھەم ئاخىرقىدۇرمەن؛ |
אַף־יָדִי יָסְדָה אֶרֶץ וִימִינִי טִפְּחָה שָׁמָיִם קֹרֵא אֲנִי אֲלֵיהֶם יַעַמְדוּ יַחְדָּֽו׃ | 13 |
مېنىڭ قولۇم يەر-زېمىننىڭ ئۇلىنى سالغان، ئوڭ قولۇم ئاسمانلارنى كەرگەن؛ مەن ئۇلارنى چاقىرساملا، ئۇلار جەم بولۇپ ئورنىدىن تۇرىدۇ. |
הִקָּבְצוּ כֻלְּכֶם וּֽשְׁמָעוּ מִי בָהֶם הִגִּיד אֶת־אֵלֶּה יְהֹוָה אֲהֵבוֹ יַעֲשֶׂה חֶפְצוֹ בְּבָבֶל וּזְרֹעוֹ כַּשְׂדִּֽים׃ | 14 |
ھەممىڭلار، جەم بولۇپ يىغىلىڭلار، ئاڭلاپ قويۇڭلار؛ [بۇتلار] ئارىسىدا قايسىسى مۇشۇنداق ئىشلارنى بايان قىلغان؟ پەرۋەردىگار ياخشى كۆرگەن كىشى بولسا ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى ئىشلارنى بابىلدا ئادا قىلىدۇ، ئۇنىڭ بىلەك-قولى كالدىيلەرنىڭ ئۈستىگە زەرب بىلەن چۈشىدۇ؛ |
אֲנִי אֲנִי דִּבַּרְתִּי אַף־קְרָאתִיו הֲבִֽאֹתִיו וְהִצְלִיחַ דַּרְכּֽוֹ׃ | 15 |
مەن، مەن سۆز قىلغانمەن؛ دەرھەقىقەت، مەن ئۇنى چاقىردىم؛ مەن ئۇنى ئالدىغا چىقىرىۋالدىم؛ ئۇنىڭ يولى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدۇ. |
קִרְבוּ אֵלַי שִׁמְעוּ־זֹאת לֹא מֵרֹאשׁ בַּסֵּתֶר דִּבַּרְתִּי מֵעֵת הֱיוֹתָהּ שָׁם אָנִי וְעַתָּה אֲדֹנָי יֱהֹוִה שְׁלָחַנִי וְרוּחֽוֹ׃ | 16 |
ــ ماڭا يېقىن كېلىڭلار، مۇشۇنى ئاڭلاپ قويۇڭلار؛ مەن ئەزەلدىن سۆزۈمنى يوشۇرۇن قىلغان ئەمەس؛ [سۆزۈم] ئەمەلگە ئاشۇرۇلغىنىدىمۇ يەنىلا شۇ يەردە بولغانمەن؛ ھازىر بولسا رەب پەرۋەردىگار ۋە ئۇنىڭ روھى مېنى ئەۋەتتى! |
כֹּה־אָמַר יְהֹוָה גֹּאַלְךָ קְדוֹשׁ יִשְׂרָאֵל אֲנִי יְהֹוָה אֱלֹהֶיךָ מְלַמֶּדְךָ לְהוֹעִיל מַדְרִֽיכְךָ בְּדֶרֶךְ תֵּלֵֽךְ׃ | 17 |
ھەمجەمەت-نىجاتكارىڭ پەرۋەردىگار، ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچى مۇنداق دەيدۇ: ــ «ئۆزۈڭگە پايدا بولسۇن دەپ ساڭا ئۆگەتكۈچى، ساڭا تېگىشلىك بولغان يولدا سېنى يېتەكلىگۈچى مەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭدۇرمەن؛ |
לוּא הִקְשַׁבְתָּ לְמִצְוֺתָי וַיְהִי כַנָּהָר שְׁלוֹמֶךָ וְצִדְקָתְךָ כְּגַלֵּי הַיָּֽם׃ | 18 |
سەن مېنىڭ پەرمانلىرىمغا قۇلاق سالغان بولساڭىدى! ئۇنداق بولغاندا بەخت-خاتىرجەملىكىڭ دەريادەك، ھەققانىيلىقىڭ دېڭىز دولقۇنلىرىدەك بولاتتى! |
וַיְהִי כַחוֹל זַרְעֶךָ וְצֶאֱצָאֵי מֵעֶיךָ כִּמְעֹתָיו לֹא־יִכָּרֵת וְֽלֹא־יִשָּׁמֵד שְׁמוֹ מִלְּפָנָֽי׃ | 19 |
سېنىڭ نەسلىڭ بولسا ئۇنىڭ قۇملىرىدەك، ئىچ-قارنىڭدىن چىققان پەرزەنتلىرىڭ قۇم دانچىلىرىدەك سانسىز بولاتتى! ئۇلارنىڭ ئىسمى مېنىڭ ئالدىمدا ھەرگىز ئۆچۈرۈۋېتىلمەيدىغان ياكى يوقىتىۋېتىلمەيدىغان بولاتتى! |
צְאוּ מִבָּבֶל בִּרְחוּ מִכַּשְׂדִּים בְּקוֹל רִנָּה הַגִּידוּ הַשְׁמִיעוּ זֹאת הוֹצִיאוּהָ עַד־קְצֵה הָאָרֶץ אִמְרוּ גָּאַל יְהֹוָה עַבְדּוֹ יַעֲקֹֽב׃ | 20 |
بابىلدىن چىقىڭلار، كالدىيلەردىن قېچىپ كېتىڭلار! ناخشا ئاۋازلىرىنى ياڭرىتىپ مۇشۇنى جاكارلاڭلار، بۇ خەۋەرنى ئاڭلىتىڭلار، جاھاننىڭ چەت-ياقىلىرىغىچە ئۇنى يەتكۈزۈپ مۇنداق دەڭلار: ــ «پەرۋەردىگار ئۆز قۇلى ياقۇپنى ھەمجەمەتلىك قىلىپ قۇتقۇزدى! |
וְלֹא צָמְאוּ בׇּֽחֳרָבוֹת הוֹלִיכָם מַיִם מִצּוּר הִזִּיל לָמוֹ וַיִּבְקַע־צוּר וַיָּזֻבוּ מָֽיִם׃ | 21 |
ئۇلار چۆل-باياۋانلاردىن ئۆتكەندە ھېچ ئۇسساپ قالمىدى؛ ئۇ سۇلارنى تاشتىن ئاققۇزۇپ بەردى؛ بەرھەق، ئۇ تاشنى يارغۇزدى، سۇلار ئۇنىڭدىن ئۇرغۇپ چىقتى!». |
אֵין שָׁלוֹם אָמַר יְהֹוָה לָרְשָׁעִֽים׃ | 22 |
«رەزىللەر ئۈچۈن» ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، «بەخت-خاتىرجەملىك يوقتۇر». |