הוֹי שׁוֹדֵד וְאַתָּה לֹא שָׁדוּד וּבוֹגֵד וְלֹא־בָגְדוּ בוֹ כַּהֲתִֽמְךָ שׁוֹדֵד תּוּשַּׁד כַּנְּלֹתְךָ לִבְגֹּד יִבְגְּדוּ־בָֽךְ׃ | 1 |
ئى ئۆزۈڭ بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنمىغان، باشقىلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغۇچى، باشقىلار ساڭا ئاسىيلىق قىلمىغان، ئۆزۈڭ ئاسىيلىق قىلغۇچى، سېنىڭ ھالىڭغا ۋاي! سەن بۇلاڭ-تالاڭنى بولدى قىلىشىڭ بىلەن، ئۆزۈڭ بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىسەن؛ سەن ئاسىيلىقنى بولدى قىلىشىڭ بىلەن، ئۆزۈڭ ئاسىيلىققا ئۇچرايسەن؛ |
יְהֹוָה חׇנֵּנוּ לְךָ קִוִּינוּ הֱיֵה זְרֹעָם לַבְּקָרִים אַף־יְשׁוּעָתֵנוּ בְּעֵת צָרָֽה׃ | 2 |
ئى پەرۋەردىگار، بىزگە مېھىر-شەپقەت كۆرسەتكەيسەن؛ بىز سېنى ئۈمىد بىلەن كۈتۈپ كەلدۇق؛ ئۆتۈنىمىزكى، سەن ھەر سەھەر [ئىسرائىلغا] كۈچلۈك بىلەك-قول، قىيىنچىلىق پەيتلىرىدە نىجاتىمىز بولغايسەن. |
מִקּוֹל הָמוֹן נָדְדוּ עַמִּים מֵרוֹמְמֻתֶךָ נָפְצוּ גּוֹיִֽם׃ | 3 |
توپ-توپ ئادەملەرنىڭ غوۋغا-چۇقانلىرىدىن خەلقلەر بەدەر قاچىدۇ؛ سەن [خۇدا] قەددىڭنى تىك قىلىشىڭ بىلەن ئەللەر پىتىراپ كېتىدۇ؛ |
וְאֻסַּף שְׁלַלְכֶם אֹסֶף הֶֽחָסִיל כְּמַשַּׁק גֵּבִים שֹׁקֵק בּֽוֹ׃ | 4 |
چېكەتكە لىچىنكىلىرى ئوت-كۆكلەرنى يىغىپ يەۋالغاندەك، سىلەرگە بېكىتىپ بېرىلگەن ئولجا يىغىۋېلىنىدۇ؛ چېكەتكىلەر ئۇيان-بۇيان يۈگۈرگەندەك ئادەملەر ئولجا ئۈستىدە ئۇيان-بۇيان يۈگۈرۈشىدۇ. |
נִשְׂגָּב יְהֹוָה כִּי שֹׁכֵן מָרוֹם מִלֵּא צִיּוֹן מִשְׁפָּט וּצְדָקָֽה׃ | 5 |
پەرۋەردىگار ئۈستۈن تۇرىدۇ، بەرھەق، ئۇنىڭ تۇرالغۇسى يۇقىرىدىدۇر؛ ئۇ زىئونغا ئادالەت ۋە ھەققانىيلىق تولدۇردى؛ |
וְהָיָה אֱמוּנַת עִתֶּיךָ חֹסֶן יְשׁוּעֹת חׇכְמַת וָדָעַת יִרְאַת יְהֹוָה הִיא אוֹצָרֽוֹ׃ | 6 |
ئۇ بولسا كۈنلىرىڭلارنىڭ تىنچ-ئامانلىقى، نىجاتلىق، دانالىق ۋە بىلىمنىڭ بايلىقلىرى بولىدۇ؛ پەرۋەردىگاردىن قورقۇش ئۇنىڭ ئۈچۈن گۆھەردۇر. |
הֵן אֶרְאֶלָּם צָעֲקוּ חֻצָה מַלְאֲכֵי שָׁלוֹם מַר יִבְכָּיֽוּן׃ | 7 |
مانا، ئۇلارنىڭ پالۋانلىرى سىرتتا تۇرۇپ نالە-پەرياد كۆتۈرىدۇ؛ سۈلھ-ئەھدە تۈزگەن ئەلچىلەر قاتتىق يىغلىشىدۇ؛ |
נָשַׁמּוּ מְסִלּוֹת שָׁבַת עֹבֵר אֹרַח הֵפֵר בְּרִית מָאַס עָרִים לֹא חָשַׁב אֱנֽוֹשׁ׃ | 8 |
يوللار ئادەمسىز قالدى؛ ئۆتكۈنچى يولچىلار يوق بولدى؛ ئۇ ئەھدىنى بۇزۇپ تاشلىدى؛ شەھەرلەرنى كۆزىگە ئىلمايدۇ، ئادەملەرنى ھېچ ئەتىۋارلىمايدۇ. |
אָבַל אֻמְלְלָה אָרֶץ הֶחְפִּיר לְבָנוֹן קָמַל הָיָה הַשָּׁרוֹן כָּֽעֲרָבָה וְנֹעֵר בָּשָׁן וְכַרְמֶֽל׃ | 9 |
زېمىن ماتەم تۇتىدۇ، زەئىپلىشىدۇ؛ لىۋان خىجالەتتىن سولىشىدۇ؛ شارون چۆل-باياۋانغا ئايلاندى؛ باشان ۋە كارمەل بولسا قىرىپ تاشلاندى. |
עַתָּה אָקוּם יֹאמַר יְהֹוָה עַתָּה אֵֽרוֹמָם עַתָּה אֶנָּשֵֽׂא׃ | 10 |
مانا ھازىر ئورنۇمدىن تۇرىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ ھازىر ئۆزۈمنى ئۈستۈن كۆرسىتىمەن، ھازىر قەددىمنى كۆتۈرىمەن. |
תַּהֲרוּ חֲשַׁשׁ תֵּלְדוּ קַשׁ רוּחֲכֶם אֵשׁ תֹּאכַלְכֶֽם׃ | 11 |
ــ سىلەرنىڭ بويۇڭلاردا قۇرۇق ئوت-چۆپلا بار، پاخال تۇغىسىلەر؛ ئۆز نەپەسلىرىڭلار ئوت بولۇپ ئۆزۈڭلارنى يۇتۇۋېتىدۇ؛ |
וְהָיוּ עַמִּים מִשְׂרְפוֹת שִׂיד קוֹצִים כְּסוּחִים בָּאֵשׁ יִצַּֽתּוּ׃ | 12 |
ئەللەر بولسا ھاك كۆيدۈرۈلگەندەك كۆيدۈرىلىدۇ؛ ئورۇلغان جىغان-تىكەنلەردەك ئوتتا كۆيدۈرۈۋېتىلىدۇ. |
שִׁמְעוּ רְחוֹקִים אֲשֶׁר עָשִׂיתִי וּדְעוּ קְרוֹבִים גְּבֻֽרָתִֽי׃ | 13 |
ــ ئى يىراقتىكىلەر، مېنىڭ قىلغانلىرىمنى ئاڭلاڭلار؛ يېقىندىكىلەر، مېنىڭ كۈچ-قۇدرىتىمنى تونۇپ يېتىڭلار. |
פָּחֲדוּ בְצִיּוֹן חַטָּאִים אָחֲזָה רְעָדָה חֲנֵפִים מִי ׀ יָגוּר לָנוּ אֵשׁ אֽוֹכֵלָה מִי־יָגוּר לָנוּ מוֹקְדֵי עוֹלָֽם׃ | 14 |
زىئوندىكى گۇناھكارلار قورقىدۇ؛ ۋەھىمە ئىپلاسلارنى بېسىۋالىدۇ. [ئۇلار]: «ئارىمىزدىكى كىم مەڭگۈلۈك يۇتقۇر ئوت بىلەن بىللە تۇرىدۇ؟ كىم ئەبەدىلئەبەد يالقۇنلار بىلەن بىر ماكاندا بولىدۇ؟» ــ دەيدۇ. |
הֹלֵךְ צְדָקוֹת וְדֹבֵר מֵישָׁרִים מֹאֵס בְּבֶצַע מַעֲשַׁקּוֹת נֹעֵר כַּפָּיו מִתְּמֹךְ בַּשֹּׁחַד אֹטֵם אׇזְנוֹ מִשְּׁמֹעַ דָּמִים וְעֹצֵם עֵינָיו מֵרְאוֹת בְּרָֽע׃ | 15 |
ــ «ھەققانىيلىق يولىدا ماڭىدىغان، دۇرۇس-لىللا گەپ قىلىدىغان، زالىملىقتىن كەلگەن ھارام پايدىغا نەپرەتلىنىدىغان، پارىلارنى سۇنغۇچىلارنى قولىنى پۇلاڭشىتىپ رەت قىلىدىغان، قاننىڭ گېپى بولسىلا قۇلىقىنى يوپۇرۇپ ئاڭلىمايدىغان، پەسلىك-رەزىللىككە قاراشنى رەت قىلىپ، كۆزىنى قاچۇرىدىغان؛ |
הוּא מְרוֹמִים יִשְׁכֹּן מְצָדוֹת סְלָעִים מִשְׂגַּבּוֹ לַחְמוֹ נִתָּן מֵימָיו נֶאֱמָנִֽים׃ | 16 |
ئۇ يۇقىرىنى ماكان قىلىدۇ؛ قورام تاشلار ئۇنىڭ قورغىنى بولۇپ، يۇقىرى ئۇنىڭ باشپاناھى بولىدۇ؛ ئۆز رىسقى ئۇنىڭغا بېرىلىدۇ، ئۇنىڭ سۈيى كاپالەتلىك بولىدۇ». |
מֶלֶךְ בְּיׇפְיוֹ תֶּחֱזֶינָה עֵינֶיךָ תִּרְאֶינָה אֶרֶץ מַרְחַקִּֽים׃ | 17 |
ــ «كۆزلىرىڭ پادىشاھنى گۈزەللىكىدە كۆرىدۇ؛ كۆزلىرىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلغان زېمىنغا نەزەر سالىدۇ. |
לִבְּךָ יֶהְגֶּה אֵימָה אַיֵּה סֹפֵר אַיֵּה שֹׁקֵל אַיֵּה סֹפֵר אֶת־הַמִּגְדָּלִֽים׃ | 18 |
كۆڭلۈڭ ۋەھىمە توغرىسىدا چوڭقۇر ئويغا پاتىدۇ؛ رويخەتچى بەگ قېنى؟ ئولجىنى ئۆلچەيدىغان تارازىچى بەگ قېنى؟ ئىستىھكام-مۇنارلارنى سانىغۇچى بەگ قېنى؟ |
אֶת־עַם נוֹעָז לֹא תִרְאֶה עַם עִמְקֵי שָׂפָה מִשְּׁמוֹעַ נִלְעַג לָשׁוֹן אֵין בִּינָֽה׃ | 19 |
قايتىدىن ئەشەددىي خەلقنى كۆرمەيسەن، ــ سەن ئاڭقىرالمايدىغان، بوغۇزىدا سۆزلەيدىغان، دۇدۇقلاپ گەپ قىلىدىغان، گېپىنى چۈشىنەلمەيدىغان بىر خەلقنى ئىككىنچى كۆرمەيسەن. |
חֲזֵה צִיּוֹן קִרְיַת מוֹעֲדֵנוּ עֵינֶיךָ תִרְאֶינָה יְרוּשָׁלַ͏ִם נָוֶה שַׁאֲנָן אֹהֶל בַּל־יִצְעָן בַּל־יִסַּע יְתֵדֹתָיו לָנֶצַח וְכׇל־חֲבָלָיו בַּל־יִנָּתֵֽקוּ׃ | 20 |
ئىبادەت ھېيتلىرىمىز ئۆتكۈزۈلىدىغان شەھەر زىئونغا قارا؛ سېنىڭ كۆزۈڭ يېرۇسالېمنىڭ تىنچ-ئامان ماكان بولغانلىقىنى، قوزۇقلىرى ھەرگىز يۇلۇنمايدىغان، تانىلىرى ھەرگىز ئۈزۈلمەيدىغان، ئىككىنچى يۆتكەلمەيدىغان چېدىر بولغانلىقىنى كۆرىدۇ؛ |
כִּי אִם־שָׁם אַדִּיר יְהֹוָה לָנוּ מְקוֹם־נְהָרִים יְאֹרִים רַחֲבֵי יָדָיִם בַּל־תֵּלֶךְ בּוֹ אֳנִי־שַׁיִט וְצִי אַדִּיר לֹא יַעַבְרֶֽנּוּ׃ | 21 |
شۇ يەردە پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى بىزگە كۆرۈنىدۇ، ــ ئۇ ئۆزى دەريالار، كەڭ ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان بىر جاي بولىدۇ؛ پالاقلار بىلەن ھەيدەلگەن ھېچقانداق كېمە ئۇ جايدا قاتنىمايدۇ، ۋە ياكى ھېچ ھەيۋەتلىك كېمە ئۇ جايدىن ئۆتمەيدۇ؛ |
כִּי יְהֹוָה שֹׁפְטֵנוּ יְהֹוָה מְחֹקְקֵנוּ יְהֹוָה מַלְכֵּנוּ הוּא יוֹשִׁיעֵֽנוּ׃ | 22 |
چۈنكى پەرۋەردىگار بىزنىڭ نىجاتكار-ھاكىمىمىز، پەرۋەردىگار بىزگە قانۇن بەرگۈچىدۇر، پەرۋەردىگار ــ بىزنىڭ پادىشاھىمىز، ئۇ بىزنى قۇتقۇزىدۇ! |
נִטְּשׁוּ חֲבָלָיִךְ בַּל־יְחַזְּקוּ כֵן־תׇּרְנָם בַּל־פָּרְשׂוּ נֵס אָז חֻלַּק עַד־שָׁלָל מַרְבֶּה פִּסְחִים בָּזְזוּ בַֽז׃ | 23 |
سېنىڭ تانا-ئارغامچىلىرىڭ بوشىغان بولسىمۇ، [ئىسرائىل] يەلكەن خادىسىنىڭ تۇرۇمىنى مۇستەھكەم قىلالمىسىمۇ، يەلكەننى يېيىپ چىقىرالمىسىمۇ، ئۇ چاغدا زور بىر ئولجا ئۈلەشتۈرۈلىدۇ؛ ھەتتا ئاقساق-توكۇرلارمۇ ئولجىنى ئالىدۇ. |
וּבַל־יֹאמַר שָׁכֵן חָלִיתִי הָעָם הַיֹּשֵׁב בָּהּ נְשֻׂא עָוֺֽן׃ | 24 |
شۇ چاغدا شۇ يەردە تۇرغۇچى: «مەن كېسەل» دېمەيدۇ؛ شۇ جاينى ماكان قىلغان خەلقنىڭ گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. |