וּבְהַפִּֽילְכֶם אֶת־הָאָרֶץ בְּנַחֲלָה תָּרִימוּ תְרוּמָה לַיהֹוָה ׀ קֹדֶשׁ מִן־הָאָרֶץ אֹרֶךְ חֲמִשָּׁה וְעֶשְׂרִים אֶלֶף אֹרֶךְ וְרֹחַב עֲשָׂרָה אָלֶף קֹדֶשׁ־הוּא בְכׇל־גְּבוּלָהּ סָבִֽיב׃ | 1 |
سىلەر زېمىننى مىراس قىلىپ بۆلۈش ئۈچۈن چەك تاشلاپ تەقسىم قىلغىنىڭلاردا، سىلەر «كۆتۈرمە ھەدىيە» سۈپىتىدە زېمىندىكى مۇقەددەس بىر ئۈلۈشنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ سۇنىسىلەر. ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە بەش مىڭ [خادا]، كەڭلىكى يىگىرمە مىڭ [خادا] بولىدۇ. بۇ پارچە يەر ھەر تەرەپتىكى چىگرىسىغىچە مۇقەددەس ھېسابلىنىدۇ. |
יִֽהְיֶה מִזֶּה אֶל־הַקֹּדֶשׁ חֲמֵשׁ מֵאוֹת בַּחֲמֵשׁ מֵאוֹת מְרֻבָּע סָבִיב וַחֲמִשִּׁים אַמָּה מִגְרָשׁ לוֹ סָבִֽיב׃ | 2 |
ئۇ يەردىن بەش مىڭ [خادا] ئۇزۇنلۇقتىكى، بەش مىڭ [خادا] كەڭلىكتىكى تۆت چاسىلىق يەر مۇقەددەس جايغا ئايرىلىدۇ؛ ئۇنىڭ ئەتراپىدا بوش يەر بولۇش ئۈچۈن ئەللىك گەزلىك كەڭلىكتىكى يەر بۆلۈنىدۇ. |
וּמִן־הַמִּדָּה הַזֹּאת תָּמוֹד אֹרֶךְ (חמש) [חֲמִשָּׁה] וְעֶשְׂרִים אֶלֶף וְרֹחַב עֲשֶׂרֶת אֲלָפִים וּבֽוֹ־יִהְיֶה הַמִּקְדָּשׁ קֹדֶשׁ קׇדָשִֽׁים׃ | 3 |
بۇ ئۈلۈشتىن سەن ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە بەش مىڭ [خادا]، كەڭلىكى ئون مىڭ [خادا] بولغان يەرنى ئۆلچەپ بۆلىسەن؛ بۇنىڭ ئىچى مۇقەددەس جاي، ئەڭ مۇقەددەس جاي بولىدۇ. |
קֹדֶשׁ מִן־הָאָרֶץ הוּא לַכֹּהֲנִים מְשָׁרְתֵי הַמִּקְדָּשׁ יִֽהְיֶה הַקְּרֵבִים לְשָׁרֵת אֶת־יְהֹוָה וְהָיָה לָהֶם מָקוֹם לְבָתִּים וּמִקְדָּשׁ לַמִּקְדָּֽשׁ׃ | 4 |
بۇ يەر زېمىننىڭ مۇقەددەس ئۈلۈشى بولىدۇ؛ ئۇ مۇقەددەس جاينىڭ خىزمىتىدە بولغان، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىدە بولۇشقا يېنىغا يېقىن كېلىدىغان كاھىنلار ئۈچۈن بولىدۇ؛ ئۇ ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى ئۈچۈن، شۇنداقلا مۇقەددەس جاينىڭ ئورۇنلىشىشى ئۈچۈن مۇقەددەس ئورۇن بولىدۇ. |
וַחֲמִשָּׁה וְעֶשְׂרִים אֶלֶף אֹרֶךְ וַעֲשֶׂרֶת אֲלָפִים רֹחַב (יהיה) [וְֽהָיָה] לַלְוִיִּם מְשָׁרְתֵי הַבַּיִת לָהֶם לַאֲחֻזָּה עֶשְׂרִים לְשָׁכֹֽת׃ | 5 |
ئۇنىڭدىن سىرت يەنە ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە بەش مىڭ گەز، كەڭلىكى ئون مىڭ گەز بولغان يەر، ئۆينىڭ خىزمىتىدە بولىدىغان لاۋىيلارنىڭ ئىگىلىكى، يەنى ئۆزلىرى تۇرىدىغان شەھەرلىرى ئۈچۈن بولىدۇ. |
וַאֲחֻזַּת הָעִיר תִּתְּנוּ חֲמֵשֶׁת אֲלָפִים רֹחַב וְאֹרֶךְ חֲמִשָּׁה וְעֶשְׂרִים אֶלֶף לְעֻמַּת תְּרוּמַת הַקֹּדֶשׁ לְכׇל־בֵּית יִשְׂרָאֵל יִהְיֶֽה׃ | 6 |
سىلەر بۇ «كۆتۈرمە ھەدىيە» بولغان مۇقەددەس ئۈلۈشنىڭ يېنىدىن شەھەر ئۈچۈن كەڭلىكى بەش مىڭ [خادا]، ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە بەش مىڭ [خادا] يەرنى بۆلۈپ بېكىتىسىلەر. بۇ پۈتكۈل ئىسرائىل جەمەتى ئۈچۈن بولىدۇ. |
וְלַנָּשִׂיא מִזֶּה וּמִזֶּה לִתְרוּמַת הַקֹּדֶשׁ וְלַאֲחֻזַּת הָעִיר אֶל־פְּנֵי תְרֽוּמַת־הַקֹּדֶשׁ וְאֶל־פְּנֵי אֲחֻזַּת הָעִיר מִפְּאַת־יָם יָמָּה וּמִפְּאַת־קֵדְמָה קָדִימָה וְאֹרֶךְ לְעֻמּוֹת אַחַד הַחֲלָקִים מִגְּבוּל יָם אֶל־גְּבוּל קָדִֽימָה׃ | 7 |
شاھزادىنىڭ ئۈلۈشى بولسا، بۇ مۇقەددەس ئۈلۈشنىڭ ئىككى تەرىپىگە تۇتىشىدۇ، شۇنداقلا شەھەرگە تەۋە جاينىڭ ئىككى تەرىپىگە تۇتىشىدۇ، يەنى غەربىي تەرىپى غەربكە قارايدىغان، شەرق تەرىپى شەرققە قارايدىغان ئىككى پارچە يەر بولىدۇ؛ بۇ پارچە يەرلەرنىڭ جەمئىي ئۇزۇنلۇقى قەبىلىلەرنىڭ ئۈلۈشىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىلەن پاراللېل بولىدۇ. |
לָאָרֶץ יִֽהְיֶה־לּוֹ לַאֲחֻזָּה בְּיִשְׂרָאֵל וְלֹא־יוֹנוּ עוֹד נְשִׂיאַי אֶת־עַמִּי וְהָאָרֶץ יִתְּנוּ לְבֵֽית־יִשְׂרָאֵל לְשִׁבְטֵיהֶֽם׃ | 8 |
بۇ يەر شاھزادىنىڭ ئىسرائىل زېمىنىدىكى ئىگىلىكى بولىدۇ؛ ۋە مېنىڭ شاھزادىلىرىم خەلقىمنى يەنە ھېچ ئەزمەيدۇ؛ زېمىن ئىسرائىل جەمەتىگە، قەبىلىلىرى بويىچە بۆلۈپ تەقسىم قىلىنىدۇ. |
כֹּה־אָמַר אֲדֹנָי יֱהֹוִה רַב־לָכֶם נְשִׂיאֵי יִשְׂרָאֵל חָמָס וָשֹׁד הָסִירוּ וּמִשְׁפָּט וּצְדָקָה עֲשׂוּ הָרִימוּ גְרֻשֹֽׁתֵיכֶם מֵעַל עַמִּי נְאֻם אֲדֹנָי יֱהֹוִֽה׃ | 9 |
رەب پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇ: ــ بولدى بەس، ئى ئىسرائىل شاھزادىلىرى! جەبىر-زۇلۇم ۋە بۇلاڭ-تالاڭنى ئۆزۈڭلاردىن نېرى قىلىپ، توغرا ھۆكۈم چىقىرىپ ئادالەت يۈرگۈزۈڭلار؛ مېنىڭ خەلقىمنى قايتا يېرىدىن ھەيدىۋەتكۈچى بولماڭلار، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. |
מֹֽאזְנֵי־צֶדֶק וְאֵֽיפַת־צֶדֶק וּבַת־צֶדֶק יְהִי לָכֶֽם׃ | 10 |
سىلەردە توغرا مىزان، توغرا ئەفاھ، توغرا «بات» بولسۇن. |
הָאֵיפָה וְהַבַּת תֹּכֶן אֶחָד יִֽהְיֶה לָשֵׂאת מַעְשַׂר הַחֹמֶר הַבָּת וַֽעֲשִׂירִת הַחֹמֶר הָאֵיפָה אֶל־הַחֹמֶר יִהְיֶה מַתְכֻּנְתּֽוֹ׃ | 11 |
«ئەفاھ» ۋە «بات» بولسا بىر ئۆلچەم بولسۇن؛ شۇنىڭ بىلەن بات خومىرنىڭ ئوندىن بىرىگە، ئەفاھ خومىرنىڭ ئوندىن بىرىگە باراۋەر بولسۇن؛ خومىر بولسا ئۇلار ئىككىسى ئۈچۈن ئۆلچەم بولسۇن. |
וְהַשֶּׁקֶל עֶשְׂרִים גֵּרָה עֶשְׂרִים שְׁקָלִים חֲמִשָּׁה וְעֶשְׂרִים שְׁקָלִים עֲשָׂרָה וַֽחֲמִשָּׁה שֶׁקֶל הַמָּנֶה יִהְיֶה לָכֶֽם׃ | 12 |
بىر شەكەل بولسا يىگىرمە «گەراھ» بولسۇن. يىگىرمە شەكەل، يىگىرمە بەش شەكەل، ئون بەش شەكەل قوشۇلۇپ سىلەرگە «مىنا» بولىدۇ. |
זֹאת הַתְּרוּמָה אֲשֶׁר תָּרִימוּ שִׁשִּׁית הָאֵיפָה מֵחֹמֶר הַחִטִּים וְשִׁשִּׁיתֶם הָאֵיפָה מֵחֹמֶר הַשְּׂעֹרִֽים׃ | 13 |
بۇ سىلەرنىڭ [شاھزادە ئۈچۈن] «كۆتۈرمە ھەدىيە»ڭلار بولىدۇ؛ بىر «خومىر» بۇغدايدىن ئالتىدىن بىر ئەفاھ بۇغداي، بىر «خومىر» ئارپىدىن ئالتىدىن بىر ئەفاھ ئارپا سۇنىسىلەر؛ |
וְחֹק הַשֶּׁמֶן הַבַּת הַשֶּׁמֶן מַעְשַׂר הַבַּת מִן־הַכֹּר עֲשֶׂרֶת הַבַּתִּים חֹמֶר כִּֽי־עֲשֶׂרֶת הַבַּתִּים חֹֽמֶר׃ | 14 |
زەيتۇن مېيى بولسا، «بات» بىلەن ئۆلچىنىدۇ، ھەربىر «كور»دىن ئوندىن بىر بات سۇنىسىلەر (بىر «كور» ئون «بات» ياكى بىر «خومىر» بولىدۇ، چۈنكى ئون بات بىر خومىر بولىدۇ). |
וְשֶׂה־אַחַת מִן־הַצֹּאן מִן־הַמָּאתַיִם מִמַּשְׁקֵה יִשְׂרָאֵל לְמִנְחָה וּלְעוֹלָה וְלִשְׁלָמִים לְכַפֵּר עֲלֵיהֶם נְאֻם אֲדֹנָי יֱהֹוִֽה׃ | 15 |
ئىسرائىلنىڭ سۈيى مول يايلاقلىرىدىن، ھەر ئىككى يۈز تۇياق پادىغا بىردىن پاخلان سۇنىسىلەر ــ بۇلار بولسا، «ئاشلىق ھەدىيە»، «كۆيدۈرمە قۇربانلىق»، «ئىناقلىق قۇربانلىق»لار بولۇپ، ئىسرائىللار ئۈچۈن كافارەت قىلىش ئۈچۈن بولىدۇ، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. |
כֹּל הָעָם הָאָרֶץ יִהְיוּ אֶל־הַתְּרוּמָה הַזֹּאת לַנָּשִׂיא בְּיִשְׂרָאֵֽל׃ | 16 |
زېمىندىكى خەلقنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىسرائىلنىڭ شاھزادىسىگە سۇنغان بۇ «كۆتۈرمە ھەدىيە»گە تۆھپىسى بولىدۇ. |
וְעַֽל־הַנָּשִׂיא יִֽהְיֶה הָעוֹלוֹת וְהַמִּנְחָה וְהַנֵּסֶךְ בַּחַגִּים וּבֶחֳדָשִׁים וּבַשַּׁבָּתוֹת בְּכׇֽל־מוֹעֲדֵי בֵּית יִשְׂרָאֵל הֽוּא־יַעֲשֶׂה אֶת־הַחַטָּאת וְאֶת־הַמִּנְחָה וְאֶת־הָעוֹלָה וְאֶת־הַשְּׁלָמִים לְכַפֵּר בְּעַד בֵּֽית־יִשְׂרָאֵֽל׃ | 17 |
شاھزادىنىڭ ۋەزىپىسى بولسا، ھېيتلەرگە، «يېڭى ئاي»لارغا، «شابات كۈن»لەرگە، جۈملىدىن ئىسرائىل جەمەتىنىڭ بارلىق «ئىبادەت سورۇن»لىرىغا كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار، ئاشلىق ھەدىيەلەر ۋە شاراب ھەدىيەلەرنى تەمىنلەشتىن ئىبارەت؛ ئىسرائىل جەمەتى ئۈچۈن كافارەت ئېلىپ كېلىدىغان گۇناھ قۇربانلىقى، ئاشلىق ھەدىيە، كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىنى تەمىنلىگۈچى دەل شۇ بولىدۇ. |
כֹּה־אָמַר אֲדֹנָי יֱהֹוִה בָּֽרִאשׁוֹן בְּאֶחָד לַחֹדֶשׁ תִּקַּח פַּר־בֶּן־בָּקָר תָּמִים וְחִטֵּאתָ אֶת־הַמִּקְדָּֽשׁ׃ | 18 |
رەب پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇ: ــ بىرىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنىدە سەن بېجىرىم ياش بىر تورپاقنى ئالىسەن، ئۇنىڭ بىلەن سەن مۇقەددەس جاينى پاكلايسەن. |
וְלָקַח הַכֹּהֵן מִדַּם הַחַטָּאת וְנָתַן אֶל־מְזוּזַת הַבַּיִת וְאֶל־אַרְבַּע פִּנּוֹת הָעֲזָרָה לַמִּזְבֵּחַ וְעַל־מְזוּזַת שַׁעַר הֶחָצֵר הַפְּנִימִֽית׃ | 19 |
كاھىن بۇ گۇناھ قۇربانلىقىنىڭ قېنىدىن ئېلىپ ئىبادەتخانىنىڭ ئىشىك كېشەكلىرىگە، قۇربانگاھنىڭ يۇقىرى تەكچىسىدىكى تۆت بۇرجەككە ۋە ئىچكى ھويلىنىڭ دەرۋازىسىنىڭ كىرىش يولىنىڭ كېشەكلىرىگە سۈرىدۇ؛ |
וְכֵן תַּֽעֲשֶׂה בְּשִׁבְעָה בַחֹדֶשׁ מֵאִישׁ שֹׁגֶה וּמִפֶּתִי וְכִפַּרְתֶּם אֶת־הַבָּֽיִת׃ | 20 |
شۇنىڭدەك يولدىن ئازغانلار ياكى نادانلار ئۈچۈن سەن شۇ ئاينىڭ يەتتىنچى كۈنىدە ئوخشاش ئىش قىلىشىڭ كېرەك؛ شۇنىڭ بىلەن سەن ئىبادەتخانا ئۈچۈن كافارەت قىلىسەن. |
בָּרִאשׁוֹן בְּאַרְבָּעָה עָשָׂר יוֹם לַחֹדֶשׁ יִהְיֶה לָכֶם הַפָּסַח חָג שְׁבֻעוֹת יָמִים מַצּוֹת יֵאָכֵֽל׃ | 21 |
بىرىنچى ئاينىڭ ئون تۆتىنچى كۈنىدە سىلەر «ئۆتۈپ كېتىش» ھېيتى، يەتتە كۈنلۈك بىر ھېيتنى ئۆتكۈزىسىلەر؛ پېتىر ناننى يېيىش كېرەك. |
וְעָשָׂה הַנָּשִׂיא בַּיּוֹם הַהוּא בַּעֲדוֹ וּבְעַד כׇּל־עַם הָאָרֶץ פַּר חַטָּֽאת׃ | 22 |
شۇ كۈنى شاھزادە ئۆزى ۋە زېمىندىكى بارلىق خەلق ئۈچۈن گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە بىر تورپاقنى سۇنىدۇ. |
וְשִׁבְעַת יְמֵי־הֶחָג יַעֲשֶׂה עוֹלָה לַיהֹוָה שִׁבְעַת פָּרִים וְשִׁבְעַת אֵילִים תְּמִימִם לַיּוֹם שִׁבְעַת הַיָּמִים וְחַטָּאת שְׂעִיר עִזִּים לַיּֽוֹם׃ | 23 |
ھېيتنىڭ يەتتە كۈنىنىڭ ھەربىرىدە ئۇ پەرۋەردىگارغا كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى، يەنى يەتتە كۈننىڭ ھەربىرىدە يەتتە تورپاق ۋە يەتتە قوچقارنى، ھەممىسىنى بېجىرىم ھالدا سۇنىدۇ؛ ھەر كۈنى گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكىنى سۇنىدۇ. |
וּמִנְחָה אֵיפָה לַפָּר וְאֵיפָה לָאַיִל יַעֲשֶׂה וְשֶׁמֶן הִין לָאֵיפָֽה׃ | 24 |
ئۇ ھەربىر تورپاققا بىر ئەفاھ ئاشلىق ھەدىيەنى، ھەربىر قوچقارغا بىر ئەفاھ ئاشلىق ھەدىيەنى قوشۇپ سۇنىدۇ؛ ھەربىر ئەفاھ ئۇنغا ئۇ بىر خىن زەيتۇن مېيىنى قوشۇپ سۇنىدۇ. |
בַּשְּׁבִיעִי בַּֽחֲמִשָּׁה עָשָׂר יוֹם לַחֹדֶשׁ בֶּחָג יַעֲשֶׂה כָאֵלֶּה שִׁבְעַת הַיָּמִים כַּֽחַטָּאת כָּעֹלָה וְכַמִּנְחָה וְכַשָּֽׁמֶן׃ | 25 |
يەتتىنچى ئاينىڭ ئون بەشىنچى كۈنىدە باشلانغان ھېيتتا، ھېيتنىڭ يەتتە كۈنىنىڭ ھەربىرىدە ئۇ مۇشۇنداق گۇناھ قۇربانلىقلىرى، كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار، ئاشلىق ھەدىيەلەرنى ۋە زەيتۇن مېيى قاتارلىقلارنى ئوخشاش سۇنۇشى كېرەك. |