וַיַּעַשׂ אֶת־מִזְבַּח הָעֹלָה עֲצֵי שִׁטִּים חָמֵשׁ אַמּוֹת אׇרְכּוֹ וְחָֽמֵשׁ־אַמּוֹת רׇחְבּוֹ רָבוּעַ וְשָׁלֹשׁ אַמּוֹת קֹמָתֽוֹ׃ | 1 |
ئۇ كۆيدۈرمە قۇربانلىق قۇربانگاھىنى ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياسىدى. قۇربانگاھ تۆت چاسا بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى بەش گەز، كەڭلىكى بەش گەز، ئېگىزلىكى ئۈچ گەز قىلىندى. |
וַיַּעַשׂ קַרְנֹתָיו עַל אַרְבַּע פִּנֹּתָיו מִמֶּנּוּ הָיוּ קַרְנֹתָיו וַיְצַף אֹתוֹ נְחֹֽשֶׁת׃ | 2 |
ئۇ ئۇنىڭ تۆت بۇرجىكىگە قويۇلىدىغان مۈڭگۈزلىرىنى ياسىدى؛ مۈڭگۈزلىرى قۇربانگاھ بىلەن بىر گەۋدە قىلىندى. قۇربانگاھنى مىس بىلەن قاپلىدى. |
וַיַּעַשׂ אֶֽת־כׇּל־כְּלֵי הַמִּזְבֵּחַ אֶת־הַסִּירֹת וְאֶת־הַיָּעִים וְאֶת־הַמִּזְרָקֹת אֶת־הַמִּזְלָגֹת וְאֶת־הַמַּחְתֹּת כׇּל־כֵּלָיו עָשָׂה נְחֹֽשֶׁת׃ | 3 |
ئۇ قۇربانگاھنىڭ بارلىق ئەسۋابلىرىنى ــ ئۇنىڭغا خاس بولغان داسلارنى، گۈرجەكلەرنى، كورىلارنى، لاخشىگىرلارنى ۋە ئوتدانلارنىمۇ ياسىدى؛ ئۇنىڭ بارلىق ئەسۋابلىرىنى مىستىن ياسىدى. |
וַיַּעַשׂ לַמִּזְבֵּחַ מִכְבָּר מַעֲשֵׂה רֶשֶׁת נְחֹשֶׁת תַּחַת כַּרְכֻּבּוֹ מִלְּמַטָּה עַד־חֶצְיֽוֹ׃ | 4 |
قۇربانگاھ ئۈچۈن مىستىن بىر شالا ياسىدى؛ شالانى قۇربانگاھنىڭ قاپ بېلىنىڭ ئاستىدىكى گىرۋەكتىن تۆۋەنرەك تۇرىدىغان قىلدى؛ شالا قۇربانگاھنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدا ئىدى. |
וַיִּצֹק אַרְבַּע טַבָּעֹת בְּאַרְבַּע הַקְּצָוֺת לְמִכְבַּר הַנְּחֹשֶׁת בָּתִּים לַבַּדִּֽים׃ | 5 |
ئۇ شالانىڭ تۆت بۇرجىكىگە بالداقلار ئۆتكۈزۈلىدىغان تۆت مىس ھالقىنى قۇيۇپ ياسىدى. |
וַיַּעַשׂ אֶת־הַבַּדִּים עֲצֵי שִׁטִּים וַיְצַף אֹתָם נְחֹֽשֶׁת׃ | 6 |
ئۇ بالداقلارنى ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياساپ، ئۇلارنى مىس بىلەن قاپلىدى. |
וַיָּבֵא אֶת־הַבַּדִּים בַּטַּבָּעֹת עַל צַלְעֹת הַמִּזְבֵּחַ לָשֵׂאת אֹתוֹ בָּהֶם נְבוּב לֻחֹת עָשָׂה אֹתֽוֹ׃ | 7 |
ئاندىن ئۇ قۇربانگاھنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن بالداقلارنى قۇربانگاھنىڭ ئىككى يېنىدىكى ھالقىلارغا ئۆتكۈزۈپ قويدى. ئۇ قۇربانگاھنى تاختايلاردىن، ئىچىنى بوش قىلىپ ياسىدى. |
וַיַּעַשׂ אֵת הַכִּיּוֹר נְחֹשֶׁת וְאֵת כַּנּוֹ נְחֹשֶׁת בְּמַרְאֹת הַצֹּבְאֹת אֲשֶׁר צָֽבְאוּ פֶּתַח אֹהֶל מוֹעֵֽד׃ | 8 |
ئۇ يەنە يۇيۇنۇش دېسىنى مىستىن، ئۇنىڭ تەگلىكىنىمۇ مىستىن ياسىدى؛ ئۇ بۇلارنى «كۆرۈشۈش چېدىرى»نىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ ئالدىدا خىزمەتتە بولغان ئاياللارنىڭ مىس ئەينەكلىرىدىن ياسىدى. |
וַיַּעַשׂ אֶת־הֶחָצֵר לִפְאַת ׀ נֶגֶב תֵּימָנָה קַלְעֵי הֶֽחָצֵר שֵׁשׁ מׇשְׁזָר מֵאָה בָּאַמָּֽה׃ | 9 |
ئاندىن ئۇ چېدىرنىڭ ھويلىسىنىمۇ ياسىدى. ھويلىنىڭ جەنۇبىغا، يەنى جەنۇبقا يۈزلەنگەن تەرىپىگە نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەختتىن پەردىلەرنى ياسىدى؛ ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى يۈز گەز ئىدى. |
עַמּוּדֵיהֶם עֶשְׂרִים וְאַדְנֵיהֶם עֶשְׂרִים נְחֹשֶׁת וָוֵי הָעַמּוּדִים וַחֲשֻׁקֵיהֶם כָּֽסֶף׃ | 10 |
پەردىلەرنى ئېسىشقا يىگىرمە خادا ۋە خادىلارنىڭ يىگىرمە تەگلىكىنى ئۇ مىستىن ياسىدى. خادىلارنىڭ ئىلمەكلىرى ۋە بالداقلىرى كۈمۈشتىن ياسالغانىدى. |
וְלִפְאַת צָפוֹן מֵאָה בָֽאַמָּה עַמּוּדֵיהֶם עֶשְׂרִים וְאַדְנֵיהֶם עֶשְׂרִים נְחֹשֶׁת וָוֵי הָֽעַמּוּדִים וַחֲשֻׁקֵיהֶם כָּֽסֶף׃ | 11 |
شۇنىڭغا ئوخشاش شىمال تەرىپىدىمۇ ئۇزۇنلۇقى يۈز گەز كېلىدىغان پەردە بار ئىدى. پەردىلەرنى ئېسىشقا يىگىرمە خادا ۋە خادىلارنىڭ يىگىرمە تەگلىكىنى ئۇ مىستىن ياسىدى. خادىلارنىڭ ئىلمەكلىرى ۋە بالداقلىرى كۈمۈشتىن ياسالغانىدى. |
וְלִפְאַת־יָם קְלָעִים חֲמִשִּׁים בָּֽאַמָּה עַמּוּדֵיהֶם עֲשָׂרָה וְאַדְנֵיהֶם עֲשָׂרָה וָוֵי הָעַמֻּדִים וַחֲשׁוּקֵיהֶם כָּֽסֶף׃ | 12 |
شۇنىڭغا ئوخشاش غەرب تەرىپىدە ئۇزۇنلۇقى ئەللىك گەز كېلىدىغان پەردە بار ئىدى؛ پەردىلەرنى ئېسىشقا ئون خادا ۋە خادىلارنىڭ ئون تەگلىكىنى ئۇ مىستىن ياسىدى. خادىلارنىڭ ئىلمەكلىرى ۋە بالداقلىرى كۈمۈشتىن ياسالدى. |
וְלִפְאַת קֵדְמָה מִזְרָחָה חֲמִשִּׁים אַמָּֽה׃ | 13 |
ھويلىنىڭ شەرق تەرىپى، يەنى كۈن چىقىشقا يۈزلەنگەن تەرىپىنىڭ كەڭلىكى ئەللىك گەز ئىدى. |
קְלָעִים חֲמֵשׁ־עֶשְׂרֵה אַמָּה אֶל־הַכָּתֵף עַמּוּדֵיהֶם שְׁלֹשָׁה וְאַדְנֵיהֶם שְׁלֹשָֽׁה׃ | 14 |
بىر تەرىپىدە ئون بەش گەز كېلىدىغان پەردە بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈچ خادىسى بىلەن ئۈچ تەگلىكى بار ئىدى. |
וְלַכָּתֵף הַשֵּׁנִית מִזֶּה וּמִזֶּה לְשַׁעַר הֶֽחָצֵר קְלָעִים חֲמֵשׁ עֶשְׂרֵה אַמָּה עַמֻּדֵיהֶם שְׁלֹשָׁה וְאַדְנֵיהֶם שְׁלֹשָֽׁה׃ | 15 |
يەنە بىر تەرىپىدىمۇ ئون بەش گەز كېلىدىغان پەردە بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈچ خادىسى بىلەن ئۈچ تەگلىكى بار ئىدى. |
כׇּל־קַלְעֵי הֶחָצֵר סָבִיב שֵׁשׁ מׇשְׁזָֽר׃ | 16 |
ھويلىنىڭ چۆرىسىدىكى پەردىلەرنىڭ ھەممىسى نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەختتىن تىكىلگەنىدى. |
וְהָאֲדָנִים לָֽעַמֻּדִים נְחֹשֶׁת וָוֵי הָֽעַמּוּדִים וַחֲשׁוּקֵיהֶם כֶּסֶף וְצִפּוּי רָאשֵׁיהֶם כָּסֶף וְהֵם מְחֻשָּׁקִים כֶּסֶף כֹּל עַמֻּדֵי הֶחָצֵֽר׃ | 17 |
ھويلىنىڭ چۆرىسىدىكى ھەممە خادىلارنىڭ تەگلىكى مىستىن، ئۇلارنىڭ ئىلمەكلىرى ۋە بالداقلىرى كۈمۈشتىن ياسالدى؛ خادىلارنىڭ باشلىرىمۇ كۈمۈشتىن قاپلانغانىدى. ھويلىنىڭ چۆرىسىدىكى ھەممە خادىلار كۈمۈشتىن ياسالغان بالداقلار بىلەن بىر-بىرىگە چېتىلدى. |
וּמָסַךְ שַׁעַר הֶחָצֵר מַעֲשֵׂה רֹקֵם תְּכֵלֶת וְאַרְגָּמָן וְתוֹלַעַת שָׁנִי וְשֵׁשׁ מׇשְׁזָר וְעֶשְׂרִים אַמָּה אֹרֶךְ וְקוֹמָה בְרֹחַב חָמֵשׁ אַמּוֹת לְעֻמַּת קַלְעֵי הֶחָצֵֽר׃ | 18 |
ھويلىنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى پەردە نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەختكە كۆك، سۆسۈن ۋە قىزىل يىپلار ئارىلاشتۇرۇلۇپ، كەشتىچىلەر تەرىپىدىن كەشتىلەندى؛ ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە گەز، ئېگىزلىكى ھويلىدىكى پەردىلەرنىڭ ئېگىزلىكىگە ئوخشاش بولۇپ بەش گەز ئىدى. |
וְעַמֻּֽדֵיהֶם אַרְבָּעָה וְאַדְנֵיהֶם אַרְבָּעָה נְחֹשֶׁת וָוֵיהֶם כֶּסֶף וְצִפּוּי רָאשֵׁיהֶם וַחֲשֻׁקֵיהֶם כָּֽסֶף׃ | 19 |
ئۇنىڭ تۆت خادىسى بىلەن مىستىن ياسالغان تۆت تەگلىكى بار ئىدى؛ خادىلارنىڭ ئىلمەكلىرى كۈمۈشتىن ياسالدى، ئۇلارنىڭ باشلىرى كۈمۈش بىلەن قاپلاندى ۋە بالداقلىرى كۈمۈشتىن ياسالدى. |
וְֽכׇל־הַיְתֵדֹת לַמִּשְׁכָּן וְלֶחָצֵר סָבִיב נְחֹֽשֶׁת׃ | 20 |
مۇقەددەس چېدىرنىڭ ھەم چۆرىسىدىكى ھويلىنىڭ بارلىق مىق-قوزۇقلىرى مىستىن ياسالدى. |
אֵלֶּה פְקוּדֵי הַמִּשְׁכָּן מִשְׁכַּן הָעֵדֻת אֲשֶׁר פֻּקַּד עַל־פִּי מֹשֶׁה עֲבֹדַת הַלְוִיִּם בְּיַד אִֽיתָמָר בֶּֽן־אַהֲרֹן הַכֹּהֵֽן׃ | 21 |
مۇقەددەس چېدىر، يەنى «ھۆكۈم-گۇۋاھلىقى چېدىرى» ئۈچۈن ئاتالغان ماتېرىياللارنىڭ سانى تۆۋەندە خاتىرىلەنگەن (ئۇلار مۇسانىڭ بۇيرۇقى بىلەن، كاھىن ھارۇننىڭ ئوغلى ئىتامارنىڭ قول ئاستىدىكى لاۋىيلار مەسئۇل بولۇپ ساناقتىن ئۆتكۈزۈلۈپ، [خۇداغا] ئاتالغانىدى): ــ |
וּבְצַלְאֵל בֶּן־אוּרִי בֶן־חוּר לְמַטֵּה יְהוּדָה עָשָׂה אֵת כׇּל־אֲשֶׁר־צִוָּה יְהֹוָה אֶת־מֹשֶֽׁה׃ | 22 |
يەھۇدا قەبىلىسىدىن بولغان خۇرنىڭ نەۋرىسى، ئۇرىنىڭ ئوغلى بەزالەل پەرۋەردىگار مۇساغا بۇيرۇغاننىڭ ھەممىسىنى ئادا قىلدى؛ |
וְאִתּוֹ אׇהֳלִיאָב בֶּן־אֲחִיסָמָךְ לְמַטֵּה־דָן חָרָשׁ וְחֹשֵׁב וְרֹקֵם בַּתְּכֵלֶת וּבָֽאַרְגָּמָן וּבְתוֹלַעַת הַשָּׁנִי וּבַשֵּֽׁשׁ׃ | 23 |
دان قەبىلىسىدىن بولغان ئاھىساماقنىڭ ئوغلى ئوھولىياب ئۇنىڭ ياردەمچىسى ئىدى؛ ئۇ بولسا نەققاشلىق-ئويمىچىلىق ئۇستىسى، لايىھىلىگۈچى ھەمدە كۆك، سۆسۈن، قىزىل يىپتىن ئاق كاناپ رەختكە كەشتە تىكەلەيدىغان ئۇستا ئىدى. |
כׇּל־הַזָּהָב הֶֽעָשׂוּי לַמְּלָאכָה בְּכֹל מְלֶאכֶת הַקֹּדֶשׁ וַיְהִי ׀ זְהַב הַתְּנוּפָה תֵּשַׁע וְעֶשְׂרִים כִּכָּר וּשְׁבַע מֵאוֹת וּשְׁלֹשִׁים שֶׁקֶל בְּשֶׁקֶל הַקֹּֽדֶשׁ׃ | 24 |
مۇقەددەس چېدىرنى ياساشقا ئىشلىتىلگەن ئالتۇن، يەنى «پۇلاڭلاتما ھەدىيە» سۈپىتىدە كەلتۈرۈلگەن ئالتۇننىڭ ھەممىسى مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە يىگىرمە توققۇز تالانت يەتتە يۈز ئوتتۇز شەكەل ئىدى. |
וְכֶסֶף פְּקוּדֵי הָעֵדָה מְאַת כִּכָּר וְאֶלֶף וּשְׁבַע מֵאוֹת וַחֲמִשָּׁה וְשִׁבְעִים שֶׁקֶל בְּשֶׁקֶל הַקֹּֽדֶשׁ׃ | 25 |
جامائەت ئارىسىدىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەن ئادەملەر تەرىپىدىن كەلتۈرۈلگەن كۈمۈش بولسا مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە بىر يۈز تالانت بىر مىڭ يەتتە يۈز يەتمىش بەش شەكەل ئىدى. |
בֶּקַע לַגֻּלְגֹּלֶת מַחֲצִית הַשֶּׁקֶל בְּשֶׁקֶל הַקֹּדֶשׁ לְכֹל הָעֹבֵר עַל־הַפְּקֻדִים מִבֶּן עֶשְׂרִים שָׁנָה וָמַעְלָה לְשֵׁשׁ־מֵאוֹת אֶלֶף וּשְׁלֹשֶׁת אֲלָפִים וַחֲמֵשׁ מֵאוֹת וַחֲמִשִּֽׁים׃ | 26 |
بۇ كۈمۈش نوپۇسى رويخەتكە ئېلىنغان كىشىلەردىن ئېلىنغانىدى ــ دېمەك، كىمكى يىگىرمە ياش يا ئۇنىڭدىن چوڭ، ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەرنىڭ ھەربىرى بىر بېكا، يەنى مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە يېرىم شەكەل كۈمۈش بەردى. ساناقتىن ئۆتكەن كىشى ئالتە يۈز ئۈچ مىڭ بەش يۈز ئەللىك كىشى ئىدى. |
וַיְהִי מְאַת כִּכַּר הַכֶּסֶף לָצֶקֶת אֵת אַדְנֵי הַקֹּדֶשׁ וְאֵת אַדְנֵי הַפָּרֹכֶת מְאַת אֲדָנִים לִמְאַת הַכִּכָּר כִּכָּר לָאָֽדֶן׃ | 27 |
مۇقەددەس جاينىڭ تەگلىكلىرىنى ھەم ئوتتۇرىسىدىكى پەردىنىڭ تەگلىكلىرىنى قۇيۇشقا يۈز تالانت كۈمۈش كەتتى؛ يۈز تالانت كۈمۈشتىن يۈز تەگلىك ياسىلىپ، ھەربىر تەگلىك ئۈچۈن بىر تالانت ئىشلىتىلدى. |
וְאֶת־הָאֶלֶף וּשְׁבַע הַמֵּאוֹת וַחֲמִשָּׁה וְשִׁבְעִים עָשָׂה וָוִים לָעַמּוּדִים וְצִפָּה רָאשֵׁיהֶם וְחִשַּׁק אֹתָֽם׃ | 28 |
ئۇ قالغان بىر مىڭ يەتتە يۈز يەتمىش بەش شەكەل كۈمۈشتىن خادىلارنىڭ ئىلمەكلىرىنى ياسىدى، ئۇلارنىڭ باشلىرىنى قاپلىدى، شۇنىڭدەك ئۇلارنى بىر-بىرىگە چاتىدىغان بالداقلارنى ياسىدى. |
וּנְחֹשֶׁת הַתְּנוּפָה שִׁבְעִים כִּכָּר וְאַלְפַּיִם וְאַרְבַּע־מֵאוֹת שָֽׁקֶל׃ | 29 |
«پۇلاڭلاتما ھەدىيە» سۈپىتىدە كەلتۈرۈلگەن مىس بولسا يەتمىش تالانت، ئىككى مىڭ تۆت يۈز شەكەل چىقتى. |
וַיַּעַשׂ בָּהּ אֶת־אַדְנֵי פֶּתַח אֹהֶל מוֹעֵד וְאֵת מִזְבַּח הַנְּחֹשֶׁת וְאֶת־מִכְבַּר הַנְּחֹשֶׁת אֲשֶׁר־לוֹ וְאֵת כׇּל־כְּלֵי הַמִּזְבֵּֽחַ׃ | 30 |
بۇنىڭدىن ئۇ جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ تەگلىكلىرىنى، مىس قۇربانگاھنى، ئۇنىڭ مىس شالاسى ۋە قۇربانگاھنىڭ بارلىق ئەسۋابلىرىنى، |
וְאֶת־אַדְנֵי הֶֽחָצֵר סָבִיב וְאֶת־אַדְנֵי שַׁעַר הֶחָצֵר וְאֵת כׇּל־יִתְדֹת הַמִּשְׁכָּן וְאֶת־כׇּל־יִתְדֹת הֶחָצֵר סָבִֽיב׃ | 31 |
ھويلىنىڭ چۆرىسىدىكى خادا تەگلىكلىرىنى، ھويلىنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى تەگلىكلەرنى، چېدىرنىڭ بارلىق قوزۇقلىرىنى ۋە ھويلىنىڭ چۆرىسىدىكى قوزۇقلارنىڭ ھەممىسىنى ياسىدى. |