וַיַּרְא הָעָם כִּֽי־בֹשֵׁשׁ מֹשֶׁה לָרֶדֶת מִן־הָהָר וַיִּקָּהֵל הָעָם עַֽל־אַהֲרֹן וַיֹּאמְרוּ אֵלָיו קוּם ׀ עֲשֵׂה־לָנוּ אֱלֹהִים אֲשֶׁר יֵֽלְכוּ לְפָנֵינוּ כִּי־זֶה ׀ מֹשֶׁה הָאִישׁ אֲשֶׁר הֶֽעֱלָנוּ מֵאֶרֶץ מִצְרַיִם לֹא יָדַעְנוּ מֶה־הָיָה לֽוֹ׃ | 1 |
خەلق مۇسانىڭ تاغدىن چۈشمەي ھايال بولۇپ قالغىنىنى كۆرۈپ، ھارۇننىڭ قېشىغا يىغىلىپ ئۇنىڭغا: ــ سەن قوپۇپ، بىزگە ئالدىمىزدا يول باشلاپ ماڭىدىغان بىر ئىلاھ ياساپ بەرگىن! چۈنكى بىزنى مىسىر زېمىنىدىن چىقىرىپ كەلگەن مۇسا دېگەن ھېلىقى كىشىگە نېمە بولۇپ كەتكەنلىكىنى بىلمەيمىز، ــ دېيىشتى. |
וַיֹּאמֶר אֲלֵהֶם אַהֲרֹן פָּֽרְקוּ נִזְמֵי הַזָּהָב אֲשֶׁר בְּאׇזְנֵי נְשֵׁיכֶם בְּנֵיכֶם וּבְנֹתֵיכֶם וְהָבִיאוּ אֵלָֽי׃ | 2 |
ھارۇن ئۇلارغا: ــ خوتۇنلىرىڭلار بىلەن ئوغۇل-قىزلىرىڭلارنىڭ قۇلاقلىرىدىكى ئالتۇن زىرە ھالقىلارنى چىقىرىپ، مېنىڭ قېشىمغا ئېلىپ كېلىڭلار، دېدى. |
וַיִּתְפָּֽרְקוּ כׇּל־הָעָם אֶת־נִזְמֵי הַזָּהָב אֲשֶׁר בְּאׇזְנֵיהֶם וַיָּבִיאוּ אֶֽל־אַהֲרֹֽן׃ | 3 |
شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل خەلق ئۆز قۇلاقلىرىدىكى ئالتۇن زىرە ھالقىلارنى چىقىرىپ ھارۇننىڭ قېشىغا ئېلىپ كەلدى. |
וַיִּקַּח מִיָּדָם וַיָּצַר אֹתוֹ בַּחֶרֶט וַֽיַּעֲשֵׂהוּ עֵגֶל מַסֵּכָה וַיֹּאמְרוּ אֵלֶּה אֱלֹהֶיךָ יִשְׂרָאֵל אֲשֶׁר הֶעֱלוּךָ מֵאֶרֶץ מִצְרָֽיִם׃ | 4 |
ئۇ بۇلارنى ئۇلارنىڭ قولىدىن ئېلىپ، ئىسكىنە بىلەن قۇيما بىر موزاينى ياساتقۇزدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار: ــ ئەي ئىسرائىل، سېنى مىسىر زېمىنىدىن چىقىرىپ كەلگەن خۇدايىڭلار مانا بۇدۇر! ــ دېيىشتى. |
וַיַּרְא אַהֲרֹן וַיִּבֶן מִזְבֵּחַ לְפָנָיו וַיִּקְרָא אַֽהֲרֹן וַיֹּאמַר חַג לַיהֹוָה מָחָֽר׃ | 5 |
ھارۇن ئۇنى كۆرۈپ ئۇنىڭ ئالدىدا بىر قۇربانگاھنى ياسىتىپ ئاندىن: «ئەتە پەرۋەردىگار ئۈچۈن بىر ھېيت ئۆتكۈزۈلىدۇ»، دەپ ئېلان قىلدى. |
וַיַּשְׁכִּימוּ מִֽמׇּחֳרָת וַיַּעֲלוּ עֹלֹת וַיַּגִּשׁוּ שְׁלָמִים וַיֵּשֶׁב הָעָם לֶֽאֱכֹל וְשָׁתוֹ וַיָּקֻמוּ לְצַחֵֽק׃ | 6 |
ئەتىسى ئۇلار سەھەر قوپۇپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى سۇنۇپ، ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىنىمۇ كەلتۈردى؛ ئاندىن خالايىق ئولتۇرۇپ يەپ-ئىچىشتى، قوپۇپ ئەيش-ئىشرەت قىلىشتى. |
וַיְדַבֵּר יְהֹוָה אֶל־מֹשֶׁה לֶךְ־רֵד כִּי שִׁחֵת עַמְּךָ אֲשֶׁר הֶעֱלֵיתָ מֵאֶרֶץ מִצְרָֽיִם׃ | 7 |
شۇ چاغدا پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ ئورنۇڭدىن تۇر، تېزدىن پەسكە چۈشكىن! چۈنكى سەن مىسىر زېمىنىدىن چىقىرىپ كەلگەن خەلقىڭ بۇزۇقچىلىققا بېرىلىپ كەتتى. |
סָרוּ מַהֵר מִן־הַדֶּרֶךְ אֲשֶׁר צִוִּיתִם עָשׂוּ לָהֶם עֵגֶל מַסֵּכָה וַיִּשְׁתַּֽחֲווּ־לוֹ וַיִּזְבְּחוּ־לוֹ וַיֹּאמְרוּ אֵלֶּה אֱלֹהֶיךָ יִשְׂרָאֵל אֲשֶׁר הֶֽעֱלוּךָ מֵאֶרֶץ מִצְרָֽיִם׃ | 8 |
مەن ئۇلارغا بۇيرۇغان يولدىن شۇنچە تېزلا چەتنەپ، ئۆزلىرى ئۈچۈن بىر قۇيما موزاينى ياساپ، ئۇنىڭغا چوقۇنۇپ قۇربانلىق كەلتۈرۈشتى ھەمدە: «ئەي ئىسرائىل، سېنى مىسىر زېمىنىدىن چىقىرىپ كەلگەن خۇدايىڭ مانا شۇدۇر!»، دېيىشتى، ــ دېدى. |
וַיֹּאמֶר יְהֹוָה אֶל־מֹשֶׁה רָאִיתִי אֶת־הָעָם הַזֶּה וְהִנֵּה עַם־קְשֵׁה־עֹרֶף הֽוּא׃ | 9 |
ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ مانا، بۇ خەلقنى كۆرۈپ قويدۇم؛ مانا، ئۇلار دەرۋەقە بوينى قاتتىق بىر خەلقتۇر. |
וְעַתָּה הַנִּיחָה לִּי וְיִֽחַר־אַפִּי בָהֶם וַאֲכַלֵּם וְאֶֽעֱשֶׂה אוֹתְךָ לְגוֹי גָּדֽוֹל׃ | 10 |
ئەمدى مېنى توسما، مەن غەزەپ ئوتۇمنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرۈپ، ئۇلارنى يۇتۇۋېتىمەن؛ ئاندىن سېنى ئۇلۇغ بىر ئەل قىلىمەن، ــ دېدى. |
וַיְחַל מֹשֶׁה אֶת־פְּנֵי יְהֹוָה אֱלֹהָיו וַיֹּאמֶר לָמָה יְהֹוָה יֶחֱרֶה אַפְּךָ בְּעַמֶּךָ אֲשֶׁר הוֹצֵאתָ מֵאֶרֶץ מִצְרַיִם בְּכֹחַ גָּדוֹל וּבְיָד חֲזָקָֽה׃ | 11 |
لېكىن مۇسا خۇداسى پەرۋەردىگاردىن ئۆتۈنۈپ ئىلتىجا قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ ئەي پەرۋەردىگار، نېمىشقا سەن غەزەپ ئوتۇڭنى ئۆزۈڭ زور قۇدرەت ۋە كۈچلۈك قول بىلەن مىسىر زېمىنىدىن چىقىرىپ كەلگەن خەلقىڭنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرىسەن؟ |
לָמָּה יֹאמְרוּ מִצְרַיִם לֵאמֹר בְּרָעָה הֽוֹצִיאָם לַהֲרֹג אֹתָם בֶּֽהָרִים וּלְכַלֹּתָם מֵעַל פְּנֵי הָֽאֲדָמָה שׁוּב מֵחֲרוֹן אַפֶּךָ וְהִנָּחֵם עַל־הָרָעָה לְעַמֶּֽךָ׃ | 12 |
مىسىرلىقلار مازاق قىلىپ: ــ ئۇلارنىڭ بېشىغا بالا چۈشۈرۈش ئۈچۈن، ئۇلارنى تاغلارنىڭ ئۈستىدە ئۆلتۈرۈپ يەر يۈزىدىن يوقىتىش ئۈچۈن، [ئۇلارنىڭ خۇداسى] ئۇلارنى ئېلىپ كەتتى، ــ دېيىشسۇنمۇ؟ ئۆز ئوتلۇق غەزىپىڭدىن يېنىپ، ئۆز خەلقىڭگە بالايىئاپەت كەلتۈرۈش نىيىتىڭدىن يانغايسەن! |
זְכֹר לְאַבְרָהָם לְיִצְחָק וּלְיִשְׂרָאֵל עֲבָדֶיךָ אֲשֶׁר נִשְׁבַּעְתָּ לָהֶם בָּךְ וַתְּדַבֵּר אֲלֵהֶם אַרְבֶּה אֶֽת־זַרְעֲכֶם כְּכוֹכְבֵי הַשָּׁמָיִם וְכׇל־הָאָרֶץ הַזֹּאת אֲשֶׁר אָמַרְתִּי אֶתֵּן לְזַרְעֲכֶם וְנָחֲלוּ לְעֹלָֽם׃ | 13 |
ئۆز قۇللىرىڭ ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ئىسرائىلنى ياد قىلغىن؛ سەن ئۇلارغا قەسەم بىلەن ۋەدە قىلىپ: «نەسلىڭلارنى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك ئاۋۇتىمەن، ئۆزۈم ئۇنىڭ توغرىسىدا سۆزلىگەن مۇشۇ زېمىننىڭ ھەممىسىنى نەسلىڭلارغا بېرىمەن، ئۇلار ئۇنىڭغا مەڭگۈ ئىگىدارچىلىق قىلىدىغان بولىدۇ» دېگەنىدىڭغۇ، ــ دېدى. |
וַיִּנָּחֶם יְהֹוָה עַל־הָרָעָה אֲשֶׁר דִּבֶּר לַעֲשׂוֹת לְעַמּֽוֹ׃ | 14 |
شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنىڭ ئۈستىگە: «بالايىئاپەت چۈشۈرىمەن» دېگەن نىيىتىدىن ياندى. |
וַיִּפֶן וַיֵּרֶד מֹשֶׁה מִן־הָהָר וּשְׁנֵי לֻחֹת הָעֵדֻת בְּיָדוֹ לֻחֹת כְּתֻבִים מִשְּׁנֵי עֶבְרֵיהֶם מִזֶּה וּמִזֶּה הֵם כְּתֻבִֽים׃ | 15 |
مۇسا كەينىگە بۇرۇلۇپ، ئىككى ھۆكۈم-گۇۋاھلىق تاختىيىنى قولىغا ئېلىپ تاغدىن چۈشتى. تاختايلارنىڭ ئىككى تەرىپىگە سۆزلەر پۈتۈلگەنىدى؛ ئۇ يۈزىگىمۇ، بۇ يۈزىگىمۇ پۈتۈكلۈك ئىدى. |
וְהַלֻּחֹת מַעֲשֵׂה אֱלֹהִים הֵמָּה וְהַמִּכְתָּב מִכְתַּב אֱלֹהִים הוּא חָרוּת עַל־הַלֻּחֹֽת׃ | 16 |
بۇ تاختايلار بولسا خۇدانىڭ ئۆزىنىڭ ياسىغىنى، پۈتۈلگەنلىرى بولسا خۇدانىڭ ئۆزىنىڭ پۈتكىنى ئىدى، ئۇ تاختايلارغا ئويۇلغانىدى. |
וַיִּשְׁמַע יְהוֹשֻׁעַ אֶת־קוֹל הָעָם בְּרֵעֹה וַיֹּאמֶר אֶל־מֹשֶׁה קוֹל מִלְחָמָה בַּֽמַּחֲנֶֽה׃ | 17 |
يەشۇئا خەلقنىڭ كۆتۈرگەن چۇقان-سۈرەنلىرىنى، ۋارقىراشلىرىنى ئاڭلاپ مۇساغا: ــ چېدىرگاھدىن جەڭنىڭ خىتابى چىقىۋاتىدۇ، دېدى. |
וַיֹּאמֶר אֵין קוֹל עֲנוֹת גְּבוּרָה וְאֵין קוֹל עֲנוֹת חֲלוּשָׁה קוֹל עַנּוֹת אָנֹכִי שֹׁמֵֽעַ׃ | 18 |
لېكىن ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ ئاڭلىنىۋاتقان ئاۋاز نە نۇسرەت تەنتەنىسى ئەمەس، نە مەغلۇبىيەتنىڭ پەريادى ئەمەس، بەلكى ناخشا-كۈي ساداسى! ــ دېدى. |
וַֽיְהִי כַּאֲשֶׁר קָרַב אֶל־הַֽמַּחֲנֶה וַיַּרְא אֶת־הָעֵגֶל וּמְחֹלֹת וַיִּֽחַר־אַף מֹשֶׁה וַיַּשְׁלֵךְ מִיָּדָו אֶת־הַלֻּחֹת וַיְשַׁבֵּר אֹתָם תַּחַת הָהָֽר׃ | 19 |
مۇسا چېدىرگاھغا يېقىن كېلىپ، موزاينى ۋە جامائەتنىڭ ئۇسسۇلغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ شۇنداق دەرغەزەپ بولدىكى، تاختايلارنى قولىدىن تاشلاپ تاغنىڭ تۈۋىدە چېقىۋەتتى. |
וַיִּקַּח אֶת־הָעֵגֶל אֲשֶׁר עָשׂוּ וַיִּשְׂרֹף בָּאֵשׁ וַיִּטְחַן עַד אֲשֶׁר־דָּק וַיִּזֶר עַל־פְּנֵי הַמַּיִם וַיַּשְׁקְ אֶת־בְּנֵי יִשְׂרָאֵֽל׃ | 20 |
ئاندىن ئۇلار ياسىغان موزاينى ئوتقا سېلىپ كۆيدۈرۈپ، ئۇنى يانجىپ كۇكۇم-تالقان قىلىپ، سۇ ئۈستىگە چېچىپ ئىسرائىللارنى ئىچىشكە مەجبۇرلىدى. |
וַיֹּאמֶר מֹשֶׁה אֶֽל־אַהֲרֹן מֶֽה־עָשָׂה לְךָ הָעָם הַזֶּה כִּֽי־הֵבֵאתָ עָלָיו חֲטָאָה גְדֹלָֽה׃ | 21 |
ئاندىن مۇسا ھارۇنغا: سەن ئۇلارنى شۇنچە ئېغىر گۇناھقا پاتقۇزغۇدەك، مۇشۇ خەلق ساڭا نېمە قىلدى؟ ــ دېدى. |
וַיֹּאמֶר אַהֲרֹן אַל־יִחַר אַף אֲדֹנִי אַתָּה יָדַעְתָּ אֶת־הָעָם כִּי בְרָע הֽוּא׃ | 22 |
ھارۇن جاۋاب بېرىپ: ــ خوجامنىڭ غەزەپ-ئاچچىقى تۇتاشمىغاي! بۇ خەلقنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ زەزىللىككە مايىل ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىسەن. |
וַיֹּאמְרוּ לִי עֲשֵׂה־לָנוּ אֱלֹהִים אֲשֶׁר יֵלְכוּ לְפָנֵינוּ כִּי־זֶה ׀ מֹשֶׁה הָאִישׁ אֲשֶׁר הֶֽעֱלָנוּ מֵאֶרֶץ מִצְרַיִם לֹא יָדַעְנוּ מֶה־הָיָה לֽוֹ׃ | 23 |
ئۇلار ماڭا: ــ «بىزگە ئالدىمىزدا يول باشلاپ ماڭىدىغان بىر ئىلاھنى ياساپ بەرگىن؛ چۈنكى بىزنى مىسىر زېمىنىدىن چىقىرىپ كەلگەن مۇسا دېگەن شۇ ئادەمگە نېمە بولغىنىنى بىلمەيمىز»، دېدى. |
וָאֹמַר לָהֶם לְמִי זָהָב הִתְפָּרָקוּ וַיִּתְּנוּ־לִי וָאַשְׁלִכֵהוּ בָאֵשׁ וַיֵּצֵא הָעֵגֶל הַזֶּֽה׃ | 24 |
مەن ئۇلارغا: «كىمدە ئالتۇن بولسا شۇنى چىقىرىپ بەرسۇن» دېسەم، ئۇلار ماڭا تاپشۇرۇپ بەردى؛ مەن ئۇنى ئوتقا تاشلىۋىدىم، مانا، بۇ موزاي چىقتى، ــ دېدى. |
וַיַּרְא מֹשֶׁה אֶת־הָעָם כִּי פָרֻעַ הוּא כִּֽי־פְרָעֹה אַהֲרֹן לְשִׁמְצָה בְּקָמֵיהֶֽם׃ | 25 |
مۇسا خەلقنىڭ قانداقسىگە تىزگىنسىز بولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆردى؛ چۈنكى ھارۇن ئۇلارنى دۈشمەنلىرىنىڭ ئالدىدا مەسخىرە ئوبيېكتى بولۇشقا ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتكەنىدى. |
וַיַּעֲמֹד מֹשֶׁה בְּשַׁעַר הַֽמַּחֲנֶה וַיֹּאמֶר מִי לַיהֹוָה אֵלָי וַיֵּאָסְפוּ אֵלָיו כׇּל־בְּנֵי לֵוִֽי׃ | 26 |
مۇسا چېدىرگاھنىڭ كىرىش ئېغىزىغا بېرىپ، شۇ يەردە تۇرۇپ: ــ كىمكى پەرۋەردىگارنىڭ تەرىپىدە بولسا مېنىڭ يېنىمغا كەلسۇن! ــ دېدى. شۇنى دېۋىدى، لاۋىيلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ قېشىغا يىغىلدى. |
וַיֹּאמֶר לָהֶם כֹּֽה־אָמַר יְהֹוָה אֱלֹהֵי יִשְׂרָאֵל שִׂימוּ אִישׁ־חַרְבּוֹ עַל־יְרֵכוֹ עִבְרוּ וָשׁוּבוּ מִשַּׁעַר לָשַׁעַר בַּֽמַּחֲנֶה וְהִרְגוּ אִֽישׁ־אֶת־אָחִיו וְאִישׁ אֶת־רֵעֵהוּ וְאִישׁ אֶת־קְרֹבֽוֹ׃ | 27 |
ئۇ ئۇلارغا: ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «ھەربىر كىشى ئۆز قىلىچىنى يانپىشىغا ئېسىپ، چېدىرگاھنىڭ ئىچىگە كىرىپ، بۇ چېتىدىن ئۇ چېتىگىچە كېزىپ يۈرۈپ، ھەربىرى ئۆز قېرىندىشىنى، ئۆز دوست-بۇرادىرىنى، ئۆز قوشنىسىنى ئۆلتۈرسۇن!» ــ دېدى. |
וַיַּֽעֲשׂוּ בְנֵֽי־לֵוִי כִּדְבַר מֹשֶׁה וַיִּפֹּל מִן־הָעָם בַּיּוֹם הַהוּא כִּשְׁלֹשֶׁת אַלְפֵי אִֽישׁ׃ | 28 |
شۇنىڭ بىلەن لاۋىيلار مۇسانىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە ئىش كۆردى؛ شۇ كۈنى خەلقنىڭ ئىچىدىن ئۈچ مىڭ كىشى ئۆلتۈرۈلدى. |
וַיֹּאמֶר מֹשֶׁה מִלְאוּ יֶדְכֶם הַיּוֹם לַֽיהֹוָה כִּי אִישׁ בִּבְנוֹ וּבְאָחִיו וְלָתֵת עֲלֵיכֶם הַיּוֹם בְּרָכָֽה׃ | 29 |
ئاندىن مۇسا: ــ ھەربىرىڭلار بۈگۈن ئۆزۈڭلارنى پەرۋەردىگارغا خاس بولۇشقا ئاتىدىڭلار؛ چۈنكى ھەربىرىڭلار ھەتتا ئۆز ئوغلۇڭلار ھەم قېرىندىشىڭلارنىمۇ ئايىمىدىڭلار؛ شۇنىڭ بىلەن بۈگۈن بەخت-بەرىكەتنى ئۈستۈڭلارغا چۈشۈردۇڭلار، دېدى. |
וַיְהִי מִֽמׇּחֳרָת וַיֹּאמֶר מֹשֶׁה אֶל־הָעָם אַתֶּם חֲטָאתֶם חֲטָאָה גְדֹלָה וְעַתָּה אֶֽעֱלֶה אֶל־יְהֹוָה אוּלַי אֲכַפְּרָה בְּעַד חַטַּאתְכֶֽם׃ | 30 |
ئەتىسى مۇسا خەلققە سۆز قىلىپ: ــ سىلەر دەرۋەقە ناھايىتى ئېغىر بىر گۇناھ سادىر قىلدىڭلار. ئەمدى مانا، مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا چىقىمەن؛ گۇناھىڭلار ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرەلەيمەنمىكىن، ــ دېدى. |
וַיָּשׇׁב מֹשֶׁה אֶל־יְהֹוָה וַיֹּאמַר אָנָּא חָטָא הָעָם הַזֶּה חֲטָאָה גְדֹלָה וַיַּֽעֲשׂוּ לָהֶם אֱלֹהֵי זָהָֽב׃ | 31 |
شۇنىڭ بىلەن مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا يېنىپ بېرىپ: ــ ھەي...! بۇ خەلق دەرۋەقە ئېغىر بىر گۇناھ سادىر قىلىپ، ئۆزلىرىگە ئالتۇندىن ئىلاھلارنى ياساپتۇ! |
וְעַתָּה אִם־תִּשָּׂא חַטָּאתָם וְאִם־אַיִן מְחֵנִי נָא מִֽסִּפְרְךָ אֲשֶׁר כָּתָֽבְתָּ׃ | 32 |
لېكىن ئەمدى سەن ئۇلارنىڭ گۇناھىنى ئەپۇ قىلىشقا ئۇنىغايسەن...، ئۇنىمىساڭ، ئىسمىمنى ئۆزۈڭ يازغان دەپتىرىڭدىن ئۆچۈرۈۋەتكىن! ــ دېدى. |
וַיֹּאמֶר יְהֹוָה אֶל־מֹשֶׁה מִי אֲשֶׁר חָֽטָא־לִי אֶמְחֶנּוּ מִסִּפְרִֽי׃ | 33 |
پەرۋەردىگار مۇساغا جاۋاب بېرىپ: ــ كىمكى مېنىڭ ئالدىمدا گۇناھ قىلغان بولسا، ئۇنىڭ ئېتىنى ئۆز دەپتىرىمدىن ئۆچۈرۈۋېتىمەن. |
וְעַתָּה לֵךְ ׀ נְחֵה אֶת־הָעָם אֶל אֲשֶׁר־דִּבַּרְתִּי לָךְ הִנֵּה מַלְאָכִי יֵלֵךְ לְפָנֶיךָ וּבְיוֹם פׇּקְדִי וּפָקַדְתִּי עֲלֵהֶם חַטָּאתָֽם׃ | 34 |
ئەمدى سەن بېرىپ، مەن ساڭا ئېيتقان جايغا خەلقنى باشلاپ بارغىن. مانا، مېنىڭ پەرىشتەم ئالدىڭدا ماڭىدۇ. لېكىن ئۇلارغا جازا بېرىدىغان كۈنۈم كەلگەندە، ئۇلارغا گۇناھى ئۈچۈن جازا بېرىمەن، دېدى. |
וַיִּגֹּף יְהֹוָה אֶת־הָעָם עַל אֲשֶׁר עָשׂוּ אֶת־הָעֵגֶל אֲשֶׁר עָשָׂה אַהֲרֹֽן׃ | 35 |
بۇ سۆزدىن كېيىن پەرۋەردىگار خەلقنىڭ ھارۇننىڭ قولى بىلەن موزاينى قۇيدۇرۇپ ياساتقىنى ئۈچۈن ئۇلارنى ۋابا بىلەن جازالىدى. |