וְשַׁבְתִּֽי אֲנִי וָאֶרְאֶה אֶת־כׇּל־הָעֲשֻׁקִים אֲשֶׁר נַעֲשִׂים תַּחַת הַשָּׁמֶשׁ וְהִנֵּה ׀ דִּמְעַת הָעֲשֻׁקִים וְאֵין לָהֶם מְנַחֵם וּמִיַּד עֹֽשְׁקֵיהֶם כֹּחַ וְאֵין לָהֶם מְנַחֵֽם׃ | 1 |
ئاندىن مەن قايتىدىن زېھنىمنى يىغىپ قۇياش ئاستىدا دائىم بولۇۋاتقان بارلىق زورلۇق-زۇمبۇلۇقنى كۆردۈم؛ مانا، ئېزىلگەنلەرنىڭ كۆز ياشلىرى! ئۇلارغا ھېچ تەسەللى بەرگۈچى يوق ئىدى؛ ئۇلارنى ئەزگەنلەرنىڭ كۈچلۈك يۆلەنچۈكى بار ئىدى، بىراق ئېزىلگەنلەرگە ھېچ تەسەللى بەرگۈچى يوق ئىدى. |
וְשַׁבֵּחַ אֲנִי אֶת־הַמֵּתִים שֶׁכְּבָר מֵתוּ מִן־הַחַיִּים אֲשֶׁר הֵמָּה חַיִּים עֲדֶֽנָה׃ | 2 |
شۇڭا مەن ئاللىقاچان ئۆلۈپ كەتكەن ئۆلگۈچىلەرنى تېخى ھايات بولغان تىرىكلەردىن ئۈستۈن دەپ تەرىپلىدىم؛ |
וְטוֹב מִשְּׁנֵיהֶם אֵת אֲשֶׁר־עֲדֶן לֹא הָיָה אֲשֶׁר לֹֽא־רָאָה אֶת־הַמַּעֲשֶׂה הָרָע אֲשֶׁר נַעֲשָׂה תַּחַת הַשָּֽׁמֶשׁ׃ | 3 |
شۇنداقلا بۇ ئىككى خىل كىشىلەردىن بەختلىكى تېخى ئاپىرىدە بولمىغان كىشىدۇر؛ چۈنكى ئۇ قۇياش ئاستىدا قىلىنغان يامانلىقلارنى ھېچ كۆرۈپ باقمىغان. |
וְרָאִיתִֽי אֲנִי אֶת־כׇּל־עָמָל וְאֵת כׇּל־כִּשְׁרוֹן הַֽמַּעֲשֶׂה כִּי הִיא קִנְאַת־אִישׁ מֵרֵעֵהוּ גַּם־זֶה הֶבֶל וּרְעוּת רֽוּחַ׃ | 4 |
ئاندىن مەن بارلىق ئەجىر ۋە بارلىق خىزمەتنىڭ ئۇتۇقلىرىدىن شۇنى كۆرۈپ يەتتىمكى، ئۇ ئىنساننىڭ يېقىنىنى كۆرەلمەسلىكىدىن بولىدۇ. بۇمۇ بىمەنىلىك ۋە شامالنى قوغلىغاندەك ئىشتۇر. |
הַכְּסִיל חֹבֵק אֶת־יָדָיו וְאֹכֵל אֶת־בְּשָׂרֽוֹ׃ | 5 |
ئەخمەق قول قوشتۇرۇپ، ئۆز گۆشىنى يەيدۇ. |
טוֹב מְלֹא כַף נָחַת מִמְּלֹא חׇפְנַיִם עָמָל וּרְעוּת רֽוּחַ׃ | 6 |
جاپا چېكىپ شامالنى قوغلاپ ئوچۇمىنى توشقۇزىمەن دېگەندىن، چاڭگىلىنى توشقۇزۇپ خاتىرجەملىكتە بولۇش ئەلادۇر. |
וְשַׁבְתִּי אֲנִי וָאֶרְאֶה הֶבֶל תַּחַת הַשָּֽׁמֶשׁ׃ | 7 |
مەن يەنە زېھنىمنى يىغىپ، قۇياش ئاستىدىكى بىر بىمەنىلىكنى كۆردۇم؛ |
יֵשׁ אֶחָד וְאֵין שֵׁנִי גַּם בֵּן וָאָח אֵֽין־לוֹ וְאֵין קֵץ לְכׇל־עֲמָלוֹ גַּם־[עֵינוֹ] (עיניו) לֹא־תִשְׂבַּע עֹשֶׁר וּלְמִי ׀ אֲנִי עָמֵל וּמְחַסֵּר אֶת־נַפְשִׁי מִטּוֹבָה גַּם־זֶה הֶבֶל וְעִנְיַן רָע הֽוּא׃ | 8 |
بىرسى يالغۇز، تىكەندەك بولسىمۇ، شۇنداقلا نە ئوغلى نە ئاكا-ئۇكىسى بولمىسىمۇ ــ بىراق ئۇنىڭ جاپاسىنىڭ ئاخىرى بولمايدۇ، ئۇنىڭ كۆزى بايلىقلارغا تويمايدۇ. ئۇ: «مەن بۇنداق جاپالىق ئىشلەپ، جېنىمدىن زادى كىمگە ياخشىلىق قالدۇرىمەن؟» ــ دېگەننى سورىمايدۇ. بۇمۇ بىمەنىلىك ۋە ئېغىر جاپادىن ئىبارەتتۇر. |
טוֹבִים הַשְּׁנַיִם מִן־הָאֶחָד אֲשֶׁר יֵשׁ־לָהֶם שָׂכָר טוֹב בַּעֲמָלָֽם׃ | 9 |
ئىككى بىردىن ياخشىدۇر؛ چۈنكى ئىككى بولسا ئەمگىكىدىن ياخشى ئىنئام ئالىدۇ. |
כִּי אִם־יִפֹּלוּ הָאֶחָד יָקִים אֶת־חֲבֵרוֹ וְאִילוֹ הָֽאֶחָד שֶׁיִּפּוֹל וְאֵין שֵׁנִי לַהֲקִימֽוֹ׃ | 10 |
يىقىلىپ كەتسە، بىرسى ھەمراھىنى يۆلەپ كۆتۈرىدۇ؛ بىراق يالغۇز ھالەتتە يىقىلىپ كەتسە، يۆلىگۈدەك باشقا بىرسى يوق بولسا، بۇ كىشىنىڭ ھالىغا ۋاي! |
גַּם אִם־יִשְׁכְּבוּ שְׁנַיִם וְחַם לָהֶם וּלְאֶחָד אֵיךְ יֵחָֽם׃ | 11 |
يەنە، ئىككىسى بىللە ياتسا، بىر-بىرىنى ئىللىتىدۇ؛ لېكىن بىرسى يالغۇز ياتسا قانداق ئىللىتىلسۇن؟ |
וְאִֽם־יִתְקְפוֹ הָאֶחָד הַשְּׁנַיִם יַעַמְדוּ נֶגְדּוֹ וְהַחוּט הַֽמְשֻׁלָּשׁ לֹא בִמְהֵרָה יִנָּתֵֽק׃ | 12 |
يەنە، بىراۋ يالغۇز بىر ئادەمنى يېڭىۋالغان بولسا، ئىككىسى ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرالايدۇ؛ شۇنىڭدەك ئۈچ قات ئارغامچا ئاسان ئۈزۈلمەس. |
טוֹב יֶלֶד מִסְכֵּן וְחָכָם מִמֶּלֶךְ זָקֵן וּכְסִיל אֲשֶׁר לֹא־יָדַע לְהִזָּהֵר עֽוֹד׃ | 13 |
كەمبەغەل ئەمما ئاقىل يىگىت يەنە نەسىھەتنىڭ ئەتىۋارىنى قىلمايدىغان قېرى ئەخمەق پادىشاھتىن ياخشىدۇر؛ |
כִּֽי־מִבֵּית הָסוּרִים יָצָא לִמְלֹךְ כִּי גַּם בְּמַלְכוּתוֹ נוֹלַד רָֽשׁ׃ | 14 |
چۈنكى گەرچە ئۇ بۇ پادىشاھنىڭ پادىشاھلىقىدا كەمبەغەل بولۇپ تۇغۇلغان بولسىمۇ، ئۇ زىنداندىن تەختكە ئولتۇرۇشقا چىقتى. |
רָאִיתִי אֶת־כׇּל־הַחַיִּים הַֽמְהַלְּכִים תַּחַת הַשָּׁמֶשׁ עִם הַיֶּלֶד הַשֵּׁנִי אֲשֶׁר יַעֲמֹד תַּחְתָּֽיו׃ | 15 |
مەن قۇياش ئاستىدىكى بارلىق تىرىكلەرنىڭ ئاشۇ ئىككىنچىنى، يەنى [پادىشاھنىڭ] ئورنىنى باسقۇچىنى، شۇ يىگىتنى قوللايدىغانلىقىنى كۆردۇم. |
אֵֽין־קֵץ לְכׇל־הָעָם לְכֹל אֲשֶׁר־הָיָה לִפְנֵיהֶם גַּם הָאַחֲרוֹנִים לֹא יִשְׂמְחוּ־בוֹ כִּֽי־גַם־זֶה הֶבֶל וְרַעְיוֹן רֽוּחַ׃ | 16 |
بارلىق خەلق، يەنى ئۇلارنىڭ ئالدىدا تۇرغان بارلىق پۇقرالار ساناقسىز بولسىمۇ، بىراق ئۇلاردىن كېيىنكىلەر يىگىتتىنمۇ رازى بولمايدۇ؛ بۇمۇ بىمەنىلىك ۋە شامالنى قوغلىغاندەك ئىشتۇر. |