וַיִּקְרָא מֹשֶׁה אֶל־כׇּל־יִשְׂרָאֵל וַיֹּאמֶר אֲלֵהֶם שְׁמַע יִשְׂרָאֵל אֶת־הַחֻקִּים וְאֶת־הַמִּשְׁפָּטִים אֲשֶׁר אָנֹכִי דֹּבֵר בְּאׇזְנֵיכֶם הַיּוֹם וּלְמַדְתֶּם אֹתָם וּשְׁמַרְתֶּם לַעֲשֹׂתָֽם׃ | 1 |
شۇنىڭ بىلەن مۇسا پۈتكۈل ئىسرائىلنى چاقىرىپ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ «ئى ئىسرائىل، مەن بۈگۈن قۇلاقلىرىڭلارغا ئاڭلىتىۋاتقان بۇ بەلگىلىمىلەرگە ھەم ھۆكۈملەرگە قۇلاق سېلىڭلار، ئۇلارنى ئۆگىنىڭلار، ئۇلارغا ئەمەل قىلىشقا كۆڭۈل بۆلۈڭلار! |
יְהֹוָה אֱלֹהֵינוּ כָּרַת עִמָּנוּ בְּרִית בְּחֹרֵֽב׃ | 2 |
پەرۋەردىگار خۇدايىمىز بىز بىلەن ھورەب تېغىدا ئەھدە تۈزدى. |
לֹא אֶת־אֲבֹתֵינוּ כָּרַת יְהֹוָה אֶת־הַבְּרִית הַזֹּאת כִּי אִתָּנוּ אֲנַחְנוּ אֵלֶּה פֹה הַיּוֹם כֻּלָּנוּ חַיִּֽים׃ | 3 |
بۇ ئەھدىنى پەرۋەردىگار ئاتا-بوۋىلىرىمىز بىلەن تۈزگەن ئەمەس، بەلكى بىز بىلەن، يەنى بۈگۈنكى كۈندە تىرىك قالغان بىزلەر بىلەن تۈزدى. |
פָּנִים ׀ בְּפָנִים דִּבֶּר יְהֹוָה עִמָּכֶם בָּהָר מִתּוֹךְ הָאֵֽשׁ׃ | 4 |
تاغدا ئوت ئىچىدە تۇرۇپ پەرۋەردىگار سىلەر بىلەن يۈز تۇرانە سۆزلەشكەنىدى |
אָנֹכִי עֹמֵד בֵּין־יְהֹוָה וּבֵֽינֵיכֶם בָּעֵת הַהִוא לְהַגִּיד לָכֶם אֶת־דְּבַר יְהֹוָה כִּי יְרֵאתֶם מִפְּנֵי הָאֵשׁ וְלֹֽא־עֲלִיתֶם בָּהָר לֵאמֹֽר׃ | 5 |
(شۇ چاغدا سىلەرگە پەرۋەردىگارنىڭ سۆز-كالامىنى جاكارلاش ئۈچۈن مەن سىلەر ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرغانىدىم؛ سىلەر ئوتنىڭ ئالدىدا قورقۇپ، تاغقا چىقىشنى خالىمىدىڭلار). |
אָֽנֹכִי יְהֹוָה אֱלֹהֶיךָ אֲשֶׁר הוֹצֵאתִיךָ מֵאֶרֶץ מִצְרַיִם מִבֵּית עֲבָדִ͏ֽים׃ | 6 |
ئۇ مۇنداق دېدى: ــ «مەن سېنى مىسىر زېمىنىدىن، يەنى «قۇللۇق ماكانى»دىن چىقارغان پەرۋەردىگارىڭ خۇدادۇرمەن. |
לֹא־יִהְיֶ͏ֽה־לְךָ אֱלֹהִים אֲחֵרִים עַל־פָּנָֽ͏ַי׃ | 7 |
سېنىڭ مەندىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھىڭ بولمايدۇ. |
לֹֽא־תַעֲשֶֽׂה־לְךָ פֶסֶל ׀ כׇּל־תְּמוּנָה אֲשֶׁר בַּשָּׁמַיִם ׀ מִמַּעַל וַאֲשֶׁר בָּאָרֶץ מִתָּ͏ַחַת וַאֲשֶׁר בַּמַּיִם ׀ מִתַּחַת לָאָֽרֶץ׃ | 8 |
سەن ئۆزۈڭ ئۈچۈن مەيلى يۇقىرىدىكى ئاسماندا بولسۇن، مەيلى تۆۋەندىكى زېمىندا بولسۇن، ياكى يەر ئاستىدىكى سۇلاردا بولسۇن، ھەرقانداق نەرسىنىڭ قىياپىتىدىكى ھېچقانداق ئويما شەكىلنى ياسىما؛ |
לֹא־תִשְׁתַּחֲוֶה לָהֶם וְלֹא תׇעׇבְדֵם כִּי אָנֹכִי יְהֹוָה אֱלֹהֶיךָ אֵל קַנָּא פֹּקֵד עֲוֺן אָבוֹת עַל־בָּנִים וְעַל־שִׁלֵּשִׁים וְעַל־רִבֵּעִים לְשֹׂנְאָֽי׃ | 9 |
سەن بۇنداق نەرسىلەرگە باش ئۇرما ياكى ئۇلارنىڭ قۇللۇقىغا كىرمە. چۈنكى مەنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ۋاپاسىزلىققا ھەسەت قىلغۇچى خۇدادۇرمەن. مەندىن نەپرەتلەنگەنلەرنىڭ قەبىھلىكلىرىنى ئۆزلىرىگە، ئوغۇللىرىغا، ھەتتا نەۋرە-چەۋرىلىرىگىچە چۈشۈرىمەن. |
וְעֹשֶׂה חֶסֶד לַֽאֲלָפִים לְאֹהֲבַי וּלְשֹׁמְרֵי (מצותו) [מִצְוֺתָֽי]׃ | 10 |
ئەمما مېنى سۆيىدىغان ۋە ئەمرلىرىمنى تۇتىدىغانلارغا مىڭ ئەۋلادىغىچە ئۆزگەرمەس مېھرىبانلىق كۆرسىتىمەن. |
לֹא תִשָּׂא אֶת־שֵֽׁם־יְהֹוָה אֱלֹהֶיךָ לַשָּׁוְא כִּי לֹא יְנַקֶּה יְהֹוָה אֵת אֲשֶׁר־יִשָּׂא אֶת־שְׁמוֹ לַשָּֽׁוְא׃ | 11 |
پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ نامىنى قالايمىقان تىلغا ئالما؛ چۈنكى كىمدەكىم نامىنى قالايمىقان تىلغا ئالسا، پەرۋەردىگار ئۇنى گۇناھكار ھېسابلىماي قالمايدۇ. |
שָׁמוֹר אֶת־יוֹם הַשַּׁבָּת לְקַדְּשׁוֹ כַּאֲשֶׁר צִוְּךָ ׀ יְהֹוָה אֱלֹהֶֽיךָ׃ | 12 |
پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا ئەمر قىلغاندەك شابات كۈنىنى مۇقەددەس دەپ بىلىپ تۇت، ئۇنىڭغا ئەمەل قىل. |
שֵׁשֶׁת יָמִים תַּֽעֲבֹד וְעָשִׂיתָ כׇּֿל־מְלַאכְתֶּֽךָ׃ | 13 |
ئالتە كۈن ئىشلەپ بارلىق ئىشلىرىڭنى تۈگەتكىن؛ |
וְיוֹם הַשְּׁבִיעִי שַׁבָּת ׀ לַיהֹוָה אֱלֹהֶיךָ לֹא תַעֲשֶׂה כׇל־מְלָאכָה אַתָּה וּבִנְךָֽ־וּבִתֶּךָ וְעַבְדְּךָֽ־וַאֲמָתֶךָ וְשׁוֹרְךָ וַחֲמֹֽרְךָ וְכׇל־בְּהֶמְתֶּךָ וְגֵֽרְךָ אֲשֶׁר בִּשְׁעָרֶיךָ לְמַעַן יָנוּחַ עַבְדְּךָ וַאֲמָתְךָ כָּמֽוֹךָ׃ | 14 |
لېكىن يەتتىنچى كۈنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭغا ئاتالغان شابات كۈنىدۇر. سەن شۇ كۈنى ھېچقانداق ئىش قىلمايسەن؛ مەيلى سەن ياكى ئوغلۇڭ بولسۇن، مەيلى قىزىڭ، مەيلى قۇلۇڭ، مەيلى دېدىكىڭ، مەيلى بۇقاڭ، مەيلى ئېشىكىڭ، مەيلى ھەرقانداق باشقا ئۇلىغىڭ، ياكى سەن بىلەن بىر يەردە تۇرۇۋاتقان مۇساپىر بولسۇن، ھېچقانداق ئىش قىلمىسۇن؛ شۇنىڭ بىلەن قۇلۇڭ ۋە دېدىكىڭ سەندەك ئارام ئالالايدۇ. |
וְזָכַרְתָּ כִּי־עֶבֶד הָיִיתָ ׀ בְּאֶרֶץ מִצְרַיִם וַיֹּצִאֲךָ יְהֹוָה אֱלֹהֶיךָ מִשָּׁם בְּיָד חֲזָקָה וּבִזְרֹעַ נְטוּיָה עַל־כֵּן צִוְּךָ יְהֹוָה אֱלֹהֶיךָ לַעֲשׂוֹת אֶת־יוֹם הַשַּׁבָּֽת׃ | 15 |
سەن ئۆزۈڭنىڭ ئەسلىدە مىسىر زېمىنىدا قۇل بولغانلىقىڭنى، پەرۋەردىگار خۇدايىڭ كۈچلۈك قولى ۋە ئۇزاتقان بىلىكى بىلەن سېنى شۇ يەردىن چىقارغانلىقىنى ئېسىڭدە تۇت؛ شۇ سەۋەبتىن پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا شابات كۈنىنى تۇتۇشنى ئەمر قىلغان. |
כַּבֵּד אֶת־אָבִיךָ וְאֶת־אִמֶּךָ כַּאֲשֶׁר צִוְּךָ יְהֹוָה אֱלֹהֶיךָ לְמַעַן ׀ יַאֲרִיכֻן יָמֶיךָ וּלְמַעַן יִיטַב לָךְ עַל הָֽאֲדָמָה אֲשֶׁר־יְהֹוָה אֱלֹהֶיךָ נֹתֵן לָֽךְ׃ | 16 |
پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا ئەمر قىلغاندەك ئاتا-ئاناڭنى ھۆرمەت قىل. شۇنداق قىلساڭ پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا ئاتا قىلماقچى بولغان زېمىندا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىسەن، ھالىڭ ياخشى بولىدۇ. |
לֹא תִּֿרְצָ͏ֽח׃ | 17 |
قاتىللىق قىلما. |
וְלֹא תִּֿנְאָ͏ֽף׃ | 18 |
ھەم زىنا قىلما. |
וְלֹא תִּֿגְנֹֽב׃ | 19 |
ھەم ئوغرىلىق قىلما. |
וְלֹֽא־תַעֲנֶה בְרֵֽעֲךָ עֵד שָֽׁוְא׃ | 20 |
ھەم قوشناڭ توغرۇلۇق يالغان گۇۋاھلىق بەرمە. |
וְלֹא תַחְמֹד אֵשֶׁת רֵעֶךָ וְלֹא תִתְאַוֶּה בֵּית רֵעֶךָ שָׂדֵהוּ וְעַבְדּוֹ וַאֲמָתוֹ שׁוֹרוֹ וַחֲמֹרוֹ וְכֹל אֲשֶׁר לְרֵעֶֽךָ׃ | 21 |
ھەم قوشناڭنىڭ ئايالىنى تەمە قىلما ۋە نە ئۇنىڭ ئۆيى، ئۇنىڭ ئېتىزى، ئۇنىڭ قۇلى، نە ئۇنىڭ دېدىكى، نە ئۇنىڭ كالىسى، نە ئۇنىڭ ئېشىكىگە ياكى قوشناڭنىڭ ھەرقانداق باشقا نەرسىسىگە كۆز قىرىڭنى سالما». |
אֶֽת־הַדְּבָרִים הָאֵלֶּה דִּבֶּר יְהֹוָה אֶל־כׇּל־קְהַלְכֶם בָּהָר מִתּוֹךְ הָאֵשׁ הֶֽעָנָן וְהָֽעֲרָפֶל קוֹל גָּדוֹל וְלֹא יָסָף וַֽיִּכְתְּבֵם עַל־שְׁנֵי לֻחֹת אֲבָנִים וַֽיִּתְּנֵם אֵלָֽי׃ | 22 |
ــ بۇ سۆزلەرنى پەرۋەردىگار تاغدا، ئوت، بۇلۇت ۋە سۈرلۈك قاراڭغۇلۇق ئىچىدىن كۈچلۈك ئاۋازى بىلەن سىلەرنىڭ پۈتكۈل جامائىتىڭلارغا ئېيتقان ۋە ئۇلارغا ھېچ باشقا [سۆزلەرنى] قوشمىغان؛ ئۇ ئۇلارنى ئىككى تاش تاختايغا پۈتۈپ ماڭا تاپشۇردى. |
וַיְהִי כְּשׇׁמְעֲכֶם אֶת־הַקּוֹל מִתּוֹךְ הַחֹשֶׁךְ וְהָהָר בֹּעֵר בָּאֵשׁ וַתִּקְרְבוּן אֵלַי כׇּל־רָאשֵׁי שִׁבְטֵיכֶם וְזִקְנֵיכֶֽם׃ | 23 |
ۋە شۇنداق بولدىكى، قاراڭغۇلۇقتىن چىققان ئاۋازنى ئاڭلىغىنىڭلاردا ۋە ئوتلۇق تاغ كۆيگىنىدە سىلەر، يەنى قەبىلە باشلىقلىرىڭلار ۋە ئاقساقاللىرىڭلار يېنىمغا كېلىپ: ــ |
וַתֹּאמְרוּ הֵן הֶרְאָנוּ יְהֹוָה אֱלֹהֵינוּ אֶת־כְּבֹדוֹ וְאֶת־גׇּדְלוֹ וְאֶת־קֹלוֹ שָׁמַעְנוּ מִתּוֹךְ הָאֵשׁ הַיּוֹם הַזֶּה רָאִינוּ כִּֽי־יְדַבֵּר אֱלֹהִים אֶת־הָֽאָדָם וָחָֽי׃ | 24 |
«مانا، پەرۋەردىگار خۇدايىمىز ئۆز شان-شەرىپى ۋە ئۇلۇغلۇقىنى ئايان قىلدى ۋە بىز ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئوت ئوتتۇرىسىدىن ئاڭلىدۇق، شۇنىڭ بىلەن بىز بۈگۈنكى كۈندە خۇدا ئىنسانلار بىلەن سۆزلەشكەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ تىرىك قالغانلىقىنى كۆردۇق. |
וְעַתָּה לָמָּה נָמוּת כִּי תֹֽאכְלֵנוּ הָאֵשׁ הַגְּדֹלָה הַזֹּאת אִם־יֹסְפִים ׀ אֲנַחְנוּ לִשְׁמֹעַ אֶת־קוֹל יְהֹוָה אֱלֹהֵינוּ עוֹד וָמָֽתְנוּ׃ | 25 |
ئەمدى بىز جېنىمىزغا تەۋەككۈل قىلىشىمىزنىڭ نېمە ھاجىتى؟ چۈنكى مۇشۇ دەھشەتلىك ئوت بىزنى يۇتۇۋېتىدۇ. ئەگەر بىز پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاۋەرسەك ئۆلۈپ كېتىمىز. |
כִּי מִי כׇל־בָּשָׂר אֲשֶׁר שָׁמַע קוֹל אֱלֹהִים חַיִּים מְדַבֵּר מִתּוֹךְ־הָאֵשׁ כָּמֹנוּ וַיֶּֽחִי׃ | 26 |
چۈنكى ئەت ئىگىلىرىدىن ھايات ئىگىسى خۇدانىڭ ئوتنىڭ ئوتتۇرىسىدىن سۆزلىگەن ئاۋازىنى ئاڭلاپ، بىزدەك تىرىك تۇرۇۋاتقانلاردىن كىم بار؟ |
קְרַב אַתָּה וּֽשְׁמָע אֵת כׇּל־אֲשֶׁר יֹאמַר יְהֹוָה אֱלֹהֵינוּ וְאַתְּ ׀ תְּדַבֵּר אֵלֵינוּ אֵת כׇּל־אֲשֶׁר יְדַבֵּר יְהֹוָה אֱלֹהֵינוּ אֵלֶיךָ וְשָׁמַעְנוּ וְעָשִֽׂינוּ׃ | 27 |
سەن ئۆزۈڭ پەرۋەردىگار خۇدايىمىزغا يېقىنلىشىپ، ئۇنىڭ سۆزلىگەنلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئاڭلىغىن؛ ئاندىن پەرۋەردىگار خۇدايىمىز ساڭا سۆزلىگەنلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىزگە ئېيتىپ بېرىسەن؛ شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇنى ئاڭلاپ ئەمەل قىلىمىز» ــ دېدىڭلار. |
וַיִּשְׁמַע יְהֹוָה אֶת־קוֹל דִּבְרֵיכֶם בְּדַבֶּרְכֶם אֵלָי וַיֹּאמֶר יְהֹוָה אֵלַי שָׁמַעְתִּי אֶת־קוֹל דִּבְרֵי הָעָם הַזֶּה אֲשֶׁר דִּבְּרוּ אֵלֶיךָ הֵיטִיבוּ כׇּל־אֲשֶׁר דִּבֵּֽרוּ׃ | 28 |
پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ بۇ ماڭا ئېيتقان سۆزلىرىڭلارنى ئاڭلاپ ماڭا: «بۇ خەلقنىڭ ساڭا ئېيتقان سۆزلىرىنى ئاڭلىدىم؛ ئۇلارنىڭ بارلىق ئېيتقان سۆزلىرى دۇرۇستۇر. |
מִֽי־יִתֵּן וְהָיָה לְבָבָם זֶה לָהֶם לְיִרְאָה אֹתִי וְלִשְׁמֹר אֶת־כׇּל־מִצְוֺתַי כׇּל־הַיָּמִים לְמַעַן יִיטַב לָהֶם וְלִבְנֵיהֶם לְעֹלָֽם׃ | 29 |
كاشكى ئۇلاردا مەندىن قورقۇپ، ئەمرلىرىمنى ئىزچىل تۇتىدىغان بىر قەلب بولسىدى، ئۇلارنىڭ ھالى ۋە بالىلىرىڭنىڭ ھالى مەڭگۈگە ياخشى بولاتتى! |
לֵךְ אֱמֹר לָהֶם שׁוּבוּ לָכֶם לְאׇהֳלֵיכֶֽם׃ | 30 |
سەن بېرىپ ئۇلارغا: «چېدىرىڭلارغا قايتىڭلار» ــ دېگىن. |
וְאַתָּה פֹּה עֲמֹד עִמָּדִי וַאֲדַבְּרָה אֵלֶיךָ אֵת כׇּל־הַמִּצְוָה וְהַחֻקִּים וְהַמִּשְׁפָּטִים אֲשֶׁר תְּלַמְּדֵם וְעָשׂוּ בָאָרֶץ אֲשֶׁר אָנֹכִי נֹתֵן לָהֶם לְרִשְׁתָּֽהּ׃ | 31 |
سەن بولساڭ يېنىمدا تۇرغىن؛ مەن سېنىڭ ئۇلارغا ئۆگىتىشىڭ كېرەك بولغان ئەمرلەر، بەلگىلىمىلەر ۋە ھۆكۈملەرنىڭ ھەممىسىنى ساڭا ئېيتىپ بېرىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مەن ئۇلارغا تەۋەلىك قىلىپ بېرىدىغان زېمىندا تۇرۇپ بۇلارغا ئەمەل قىلىدىغان بولىدۇ. |
וּשְׁמַרְתֶּם לַעֲשׂוֹת כַּאֲשֶׁר צִוָּה יְהֹוָה אֱלֹהֵיכֶם אֶתְכֶם לֹא תָסֻרוּ יָמִין וּשְׂמֹֽאל׃ | 32 |
ئەمدى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە ئەمر قىلغاندەك قىلىشقا كۆڭۈل بۆلۈڭلار؛ ئۇنىڭدىن ئوڭ ۋە سولغا تايماڭلار! |
בְּכׇל־הַדֶּרֶךְ אֲשֶׁר צִוָּה יְהֹוָה אֱלֹהֵיכֶם אֶתְכֶם תֵּלֵכוּ לְמַעַן תִּֽחְיוּן וְטוֹב לָכֶם וְהַאֲרַכְתֶּם יָמִים בָּאָרֶץ אֲשֶׁר תִּֽירָשֽׁוּן׃ | 33 |
پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە ئەمر قىلغان بارلىق يوللىرىدا مېڭىڭلار؛ شۇنداق قىلساڭلار ھاياتلىق تېپىپ، ھالىڭلار ياخشى بولىدۇ ۋە سىلەر ئىگىدارچىلىق قىلىدىغان زېمىندا تۇرۇپ كۈنلىرىڭلار ئۇزۇن بولىدۇ». |