וְעַתָּה יִשְׂרָאֵל שְׁמַע אֶל־הַֽחֻקִּים וְאֶל־הַמִּשְׁפָּטִים אֲשֶׁר אָֽנֹכִי מְלַמֵּד אֶתְכֶם לַעֲשׂוֹת לְמַעַן תִּֽחְיוּ וּבָאתֶם וִֽירִשְׁתֶּם אֶת־הָאָרֶץ אֲשֶׁר יְהֹוָה אֱלֹהֵי אֲבֹתֵיכֶם נֹתֵן לָכֶֽם׃ | 1 |
ــ ئەمدى، ئى ئىسرائىل، مەن سىلەرگە ئۆگىتىدىغان مۇشۇ بەلگىلىمىلەرگە ھەم ھۆكۈملەرگە قۇلاق سېلىڭلار؛ ئۇلارغا ئەمەل قىلساڭلار ھاياتلىق تاپىسىلەر ۋە شۇنداقلا ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار سىلەرگە تەقسىم قىلىدىغان زېمىنغا كىرىپ ئۇنى ئىگىلەيسىلەر. |
לֹא תֹסִפוּ עַל־הַדָּבָר אֲשֶׁר אָנֹכִי מְצַוֶּה אֶתְכֶם וְלֹא תִגְרְעוּ מִמֶּנּוּ לִשְׁמֹר אֶת־מִצְוֺת יְהֹוָה אֱלֹֽהֵיכֶם אֲשֶׁר אָנֹכִי מְצַוֶּה אֶתְכֶֽם׃ | 2 |
مەن سىلەرگە تاپشۇرىدىغان پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ مۇشۇ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىشىڭلار ئۈچۈن، مەن سىلەرگە ئەمر قىلغان سۆزگە ھېچنېمىنى قوشماڭلار ھەمدە ئۇنىڭدىن ھېچنېمىنى چىقىرىۋەتمەڭلار. |
עֵֽינֵיכֶם הָֽרֹאוֹת אֵת אֲשֶׁר־עָשָׂה יְהֹוָה בְּבַעַל פְּעוֹר כִּי כׇל־הָאִישׁ אֲשֶׁר הָלַךְ אַחֲרֵי בַֽעַל־פְּעוֹר הִשְׁמִידוֹ יְהֹוָה אֱלֹהֶיךָ מִקִּרְבֶּֽךָ׃ | 3 |
سىلەر ئۆز كۆزلىرڭلار بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ بائال-پېئورنىڭ تۈپەيلىدىن قىلغان ئىشلىرىنى كۆرگەنسىلەر؛ چۈنكى بائال-پېئورغا ئەگەشكەنلەرنىڭ ھەممىسىنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئاراڭلاردىن يوقاتتى؛ |
וְאַתֶּם הַדְּבֵקִים בַּיהֹוָה אֱלֹהֵיכֶם חַיִּים כֻּלְּכֶם הַיּֽוֹם׃ | 4 |
لېكىن پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارغا چىڭ باغلانغانلاردىن ھەربىرىڭلار بۈگۈنگە قەدەر ھايات تۇرۇۋاتىسىلەر. |
רְאֵה ׀ לִמַּדְתִּי אֶתְכֶם חֻקִּים וּמִשְׁפָּטִים כַּאֲשֶׁר צִוַּנִי יְהֹוָה אֱלֹהָי לַעֲשׂוֹת כֵּן בְּקֶרֶב הָאָרֶץ אֲשֶׁר אַתֶּם בָּאִים שָׁמָּה לְרִשְׁתָּֽהּ׃ | 5 |
مانا، مەن پەرۋەردىگار خۇدايىم ماڭا ئەمر قىلغاندەك، كىرىپ ئىگىلەيدىغان زېمىندا تۇرغاندا ئۇلارغا ئەمەل قىلسۇن دەپ سىلەرگە بەلگىلىمە ھەم ھۆكۈملەرنى ئۆگەتتىم. |
וּשְׁמַרְתֶּם וַעֲשִׂיתֶם כִּי הִוא חׇכְמַתְכֶם וּבִינַתְכֶם לְעֵינֵי הָעַמִּים אֲשֶׁר יִשְׁמְעוּן אֵת כׇּל־הַחֻקִּים הָאֵלֶּה וְאָמְרוּ רַק עַם־חָכָם וְנָבוֹן הַגּוֹי הַגָּדוֹל הַזֶּֽה׃ | 6 |
سىلەر ئۇلارنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەل قىلىڭلار؛ چۈنكى شۇنداق قىلساڭلار بۇ ھۆكۈملەرنىڭ ھەممىسىنى ئاڭلىغان خەلقلەرنىڭ كۆز ئالدىدا سىلەرنىڭ دانا ۋە يورۇتۇلغان بىر خەلق ئىكەنلىكىڭلار ئىسپاتلىنىدۇ؛ ئۇلار دەرۋەقە: «بۇ ئۇلۇغ ئەل دەرھەقىقەت دانا ھەم يورۇتۇلغان بىر خەلق ئىكەن» ــ دەيدۇ. |
כִּי מִי־גוֹי גָּדוֹל אֲשֶׁר־לוֹ אֱלֹהִים קְרֹבִים אֵלָיו כַּיהֹוָה אֱלֹהֵינוּ בְּכׇל־קׇרְאֵנוּ אֵלָֽיו׃ | 7 |
چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ بىزنىڭ ئۇنىڭغا نىدا قىلغان ھەربىر تىلەكلىرىمىزدە بىزگە يېقىن تۇرغىنىدەك، ئۆزىگە يېقىن تۇرغان بىر خۇداسى بولغان بىزگە ئوخشاش باشقا بىر ئۇلۇغ ئەل بارمۇ؟ |
וּמִי גּוֹי גָּדוֹל אֲשֶׁר־לוֹ חֻקִּים וּמִשְׁפָּטִים צַדִּיקִם כְּכֹל הַתּוֹרָה הַזֹּאת אֲשֶׁר אָנֹכִי נֹתֵן לִפְנֵיכֶם הַיּֽוֹם׃ | 8 |
مەن ئالدىڭلارغا قويغان مۇشۇ پۈتكۈل قانۇندىكىدەك ئادىل بەلگىلىمىلەر ھەم ھۆكۈملەرگە ئىگە بولغان سىلەردەك باشقا بىر ئۇلۇغ ئەل بارمۇ؟ |
רַק הִשָּׁמֶר לְךָ וּשְׁמֹר נַפְשְׁךָ מְאֹד פֶּן־תִּשְׁכַּח אֶת־הַדְּבָרִים אֲשֶׁר־רָאוּ עֵינֶיךָ וּפֶן־יָסוּרוּ מִלְּבָבְךָ כֹּל יְמֵי חַיֶּיךָ וְהוֹדַעְתָּם לְבָנֶיךָ וְלִבְנֵי בָנֶֽיךָ׃ | 9 |
ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرگەن ئىشلارنى ئۇنتۇماسلىقىڭلار، ھەتتا ئۆمرۈڭلارنىڭ بارلىق كۈنلىرىدە قەلبىڭلاردىن چىقارماسلىقىڭلار ئۈچۈن ئۆزۈڭلارغا ئېھتىيات قىلىڭلار ۋە ئىخلاسلىق بىلەن قەلبىڭلارنى [ئېزىشتىن] ساقلاڭلار؛ شۇنىڭدەك سىلەر كۆرگىنىڭلارنى بالىلىرىڭلارغا ۋە بالىلىرىڭلارنىڭ بالىلىرىغا يەتكۈزۈڭلار؛ |
יוֹם אֲשֶׁר עָמַדְתָּ לִפְנֵי יְהֹוָה אֱלֹהֶיךָ בְּחֹרֵב בֶּאֱמֹר יְהֹוָה אֵלַי הַקְהֶל־לִי אֶת־הָעָם וְאַשְׁמִעֵם אֶת־דְּבָרָי אֲשֶׁר יִלְמְדוּן לְיִרְאָה אֹתִי כׇּל־הַיָּמִים אֲשֶׁר הֵם חַיִּים עַל־הָאֲדָמָה וְאֶת־בְּנֵיהֶם יְלַמֵּדֽוּן׃ | 10 |
سىلەر ھورەب تېغىدا پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئالدىدا تۇرغان كۈنى پەرۋەردىگار ماڭا: «خەلقنى مېنىڭ سۆزلىرىمنى ئاڭلىشى ئۈچۈن يېنىمغا يىغقىن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سۆزلىرىمنى ئۆگىنىپ، يەر يۈزىدىكى بارلىق كۈنلىرىدە مەندىن ئەيمىنىدۇ ۋە بالىلىرىغا ئۆگىتىدۇ» ــ دېگەنىدى. |
וַתִּקְרְבוּן וַתַּֽעַמְדוּן תַּחַת הָהָר וְהָהָר בֹּעֵר בָּאֵשׁ עַד־לֵב הַשָּׁמַיִם חֹשֶׁךְ עָנָן וַעֲרָפֶֽל׃ | 11 |
سىلەر يېقىن كېلىپ تاغنىڭ تۈۋىدە تۇردۇڭلار؛ بۇ تاغنىڭ ئوتى ئاسمانلارنىڭ باغرىغىچە كۆيۈپ يەتتى، ھەمدە قاراڭغۇلۇق، بۇلۇتلار ۋە سۈر تاغنى قاپلىدى؛ |
וַיְדַבֵּר יְהֹוָה אֲלֵיכֶם מִתּוֹךְ הָאֵשׁ קוֹל דְּבָרִים אַתֶּם שֹׁמְעִים וּתְמוּנָה אֵינְכֶם רֹאִים זוּלָתִי קֽוֹל׃ | 12 |
پەرۋەردىگار ئوتنىڭ ئوتتۇرىسىدىن سىلەرگە سۆز قىلدى؛ سىلەر سۆزلەرنىڭ ساداسىنى ئاڭلىدىڭلار، لېكىن ھېچ شەكىلنى كۆرمىدىڭلار؛ سىلەر پەقەت بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىڭلار. |
וַיַּגֵּד לָכֶם אֶת־בְּרִיתוֹ אֲשֶׁר צִוָּה אֶתְכֶם לַעֲשׂוֹת עֲשֶׂרֶת הַדְּבָרִים וַֽיִּכְתְּבֵם עַל־שְׁנֵי לֻחוֹת אֲבָנִֽים׃ | 13 |
ۋە ئۇ شۇ چاغدا سىلەرگە ئەمر قىلغان ئەھدىسىنى، يەنى «ئون ئەمر»نى ئايان قىلدى ۋە ئۇلارنى ئىككى تاش تاختاي ئۈستىگە پۈتتى. |
וְאֹתִי צִוָּה יְהֹוָה בָּעֵת הַהִוא לְלַמֵּד אֶתְכֶם חֻקִּים וּמִשְׁפָּטִים לַעֲשֹׂתְכֶם אֹתָם בָּאָרֶץ אֲשֶׁר אַתֶּם עֹבְרִים שָׁמָּה לְרִשְׁתָּֽהּ׃ | 14 |
ۋە شۇ چاغدا پەرۋەردىگار ماڭا ئەمر قىلىپ، سىلەر دەريادىن ئۆتۈپ ئىگىلەيدىغان زېمىندا ئۇلارنى ئۇلارغا ئەمەل قىلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە بەلگىلىمىلەر ھەم ھۆكۈملەرنى ئۆگىتىشنى تاپىلىدى. |
וְנִשְׁמַרְתֶּם מְאֹד לְנַפְשֹׁתֵיכֶם כִּי לֹא רְאִיתֶם כׇּל־תְּמוּנָה בְּיוֹם דִּבֶּר יְהֹוָה אֲלֵיכֶם בְּחֹרֵב מִתּוֹךְ הָאֵֽשׁ׃ | 15 |
ئۆزۈڭلارغا ناھايىتى ئېھتىيات قىلىڭلاركى (چۈنكى پەرۋەردىگار ھورەب تېغىدا ئوت ئوتتۇرىسىدىن سىلەرگە سۆز قىلغاندا ھېچقانداق شەكىلنى كۆرمىگەنسىلەر)، |
פֶּן־תַּשְׁחִתוּן וַעֲשִׂיתֶם לָכֶם פֶּסֶל תְּמוּנַת כׇּל־סָמֶל תַּבְנִית זָכָר אוֹ נְקֵבָֽה׃ | 16 |
ئۆزۈڭلارنى بۇلغاپ، مەيلى ئەركەك ياكى ئايال سۈرىتىدە، مەيلى يەر يۈزىدىكى ھەرقانداق ھايۋان ياكى ئاسماندا ئۇچىدىغان ھەرقانداق قۇش بولسۇن، مەيلى يەر يۈزىدە ھەرقانداق ئۆمىلىگۈچى ھايۋان ياكى يەر ئاستىدىكى سۇلاردىكى ھەرقانداق بېلىق بولسۇن، ئۇلارنىڭ سۈرىتىدە ھېچقانداق شەكىل-قىياپەتتىكى ئويما بۇتنى ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ياسىماڭلار، |
תַּבְנִית כׇּל־בְּהֵמָה אֲשֶׁר בָּאָרֶץ תַּבְנִית כׇּל־צִפּוֹר כָּנָף אֲשֶׁר תָּעוּף בַּשָּׁמָֽיִם׃ | 17 |
תַּבְנִית כׇּל־רֹמֵשׂ בָּאֲדָמָה תַּבְנִית כׇּל־דָּגָה אֲשֶׁר־בַּמַּיִם מִתַּחַת לָאָֽרֶץ׃ | 18 |
וּפֶן־תִּשָּׂא עֵינֶיךָ הַשָּׁמַיְמָה וְֽרָאִיתָ אֶת־הַשֶּׁמֶשׁ וְאֶת־הַיָּרֵחַ וְאֶת־הַכּֽוֹכָבִים כֹּל צְבָא הַשָּׁמַיִם וְנִדַּחְתָּ וְהִשְׁתַּחֲוִיתָ לָהֶם וַעֲבַדְתָּם אֲשֶׁר חָלַק יְהֹוָה אֱלֹהֶיךָ אֹתָם לְכֹל הָֽעַמִּים תַּחַת כׇּל־הַשָּׁמָֽיִם׃ | 19 |
ياكى شۇنىڭدەك، بېشىڭلارنى كۆتۈرۈپ ئاسمانلارغا قاراپ، قۇياش، ئاي، يۇلتۇزلار، يەنى پۈتكۈل ساماۋى قوشۇننى كۆرۈپ، كۆڭلۈڭلار مايىل بولۇپ ئۇلارغا باش ئېگىپ قۇللۇقىغا كىرمەڭلار؛ چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار بۇلارنى پۈتكۈل ئاسمان ئاستىدىكى بارلىق خەلقلەر ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرغان. |
וְאֶתְכֶם לָקַח יְהֹוָה וַיּוֹצִא אֶתְכֶם מִכּוּר הַבַּרְזֶל מִמִּצְרָיִם לִהְיוֹת לוֹ לְעַם נַחֲלָה כַּיּוֹם הַזֶּֽה׃ | 20 |
لېكىن سىلەرنى بولسا پەرۋەردىگار ئۆز مىراسى بولغان بىر خەلق بولۇشۇڭلار ئۈچۈن «تۆمۈر تاۋلاش خۇمدانى»دىن، يەنى مىسىردىن ئېلىپ چىقتى. |
וַֽיהֹוָה הִתְאַנַּף־בִּי עַל־דִּבְרֵיכֶם וַיִּשָּׁבַע לְבִלְתִּי עׇבְרִי אֶת־הַיַּרְדֵּן וּלְבִלְתִּי־בֹא אֶל־הָאָרֶץ הַטּוֹבָה אֲשֶׁר יְהֹוָה אֱלֹהֶיךָ נֹתֵן לְךָ נַחֲלָֽה׃ | 21 |
لېكىن پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ ۋەجەڭلاردىن ماڭا غەزەپلىنىپ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە مىراس بولۇش ئۈچۈن ئاتا قىلىدىغان ياخشى زېمىن توغرىسىدا: ــ «سەن شۇ يەرگە كىرىشكە ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتمەيسەن» دەپ قەسەم قىلدى. |
כִּי אָנֹכִי מֵת בָּאָרֶץ הַזֹּאת אֵינֶנִּי עֹבֵר אֶת־הַיַּרְדֵּן וְאַתֶּם עֹֽבְרִים וִֽירִשְׁתֶּם אֶת־הָאָרֶץ הַטּוֹבָה הַזֹּֽאת׃ | 22 |
شۇڭا مەن مۇشۇ زېمىندا ئۆلۈشۈم مۇقەررەر؛ ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتمەيمەن؛ بىراق سىلەر بولساڭلار ئۇنىڭدىن ئۆتۈپ شۇ ياخشى زېمىننى ئىگىلەيسىلەر. |
הִשָּׁמְרוּ לָכֶם פֶּֽן־תִּשְׁכְּחוּ אֶת־בְּרִית יְהֹוָה אֱלֹהֵיכֶם אֲשֶׁר כָּרַת עִמָּכֶם וַעֲשִׂיתֶם לָכֶם פֶּסֶל תְּמוּנַת כֹּל אֲשֶׁר צִוְּךָ יְהֹוָה אֱלֹהֶֽיךָ׃ | 23 |
پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ سىلەر بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىنى ئۇنتۇماسلىقىڭلار، شۇنداقلا ئۆزۈڭلار ئۈچۈن پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە مەنئى قىلغان ئويما بۇتنى ياكى ھەرقانداق نەرسىنىڭ شەكىل-قىياپىتىنى ياسىماسلىقىڭلار ئۈچۈن ئۆزۈڭلارغا ھېزى بولۇڭلار. |
כִּי יְהֹוָה אֱלֹהֶיךָ אֵשׁ אֹכְלָה הוּא אֵל קַנָּֽא׃ | 24 |
چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ھەممىنى يۇتقۇچى بىر ئوت، ۋاپاسىزلىققا ھەسەت قىلغۇچى بىر خۇدادۇر. |
כִּֽי־תוֹלִיד בָּנִים וּבְנֵי בָנִים וְנוֹשַׁנְתֶּם בָּאָרֶץ וְהִשְׁחַתֶּם וַעֲשִׂיתֶם פֶּסֶל תְּמוּנַת כֹּל וַעֲשִׂיתֶם הָרַע בְּעֵינֵי יְהֹוָה־אֱלֹהֶיךָ לְהַכְעִיסֽוֹ׃ | 25 |
سىلەر پەرزەنتلەر، پەرزەنتىڭلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى كۆرۈپ، زېمىندا ئۇزاق ۋاقىت تۇرغاندىن كېيىن، بىرخىل شەكىل-قىياپەتتە بولغان ئويما بۇتنى ياسىغان، شۇنىڭدەك پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنى رەنجىتىپ ئۇنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلىپ ئۆزۈڭلارنى بۇلغىغان بولساڭلار، |
הַעִידֹתִי בָכֶם הַיּוֹם אֶת־הַשָּׁמַיִם וְאֶת־הָאָרֶץ כִּֽי־אָבֹד תֹּאבֵדוּן מַהֵר מֵעַל הָאָרֶץ אֲשֶׁר אַתֶּם עֹבְרִים אֶת־הַיַּרְדֵּן שָׁמָּה לְרִשְׁתָּהּ לֹֽא־תַאֲרִיכֻן יָמִים עָלֶיהָ כִּי הִשָּׁמֵד תִּשָּׁמֵדֽוּן׃ | 26 |
مەن ئاسمان-زېمىننى ئۈستۈڭلارغا گۇۋاھچى بولۇشقا چاقىرىمەن، سىلەر ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، ئىگىلەيدىغان شۇ زېمىندىن تېزلا پۈتۈنلەي يوق قىلىنىسىلەر؛ سىلەرنىڭ ئۇنىڭدا ياشىغان كۈنلىرىڭلار ئۇزۇن بولمايدۇ، سىلەر بەلكى ئۇنىڭدىن پۈتۈنلەي يوق قىلىنىسىلەر. |
וְהֵפִיץ יְהֹוָה אֶתְכֶם בָּעַמִּים וְנִשְׁאַרְתֶּם מְתֵי מִסְפָּר בַּגּוֹיִם אֲשֶׁר יְנַהֵג יְהֹוָה אֶתְכֶם שָֽׁמָּה׃ | 27 |
پەرۋەردىگار سىلەرنى بارلىق خەلقلەر ئارىسىغا تارقىتىدۇ، پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرنى ھەيدىشى بىلەن سىلەر شۇ ئەللەر ئارىسىدا كىچىك بىر قالدۇق بولىسىلەر. |
וַעֲבַדְתֶּם־שָׁם אֱלֹהִים מַעֲשֵׂה יְדֵי אָדָם עֵץ וָאֶבֶן אֲשֶׁר לֹֽא־יִרְאוּן וְלֹא יִשְׁמְעוּן וְלֹא יֹֽאכְלוּן וְלֹא יְרִיחֻֽן׃ | 28 |
سىلەر شۇ يەرلەردە تۇرۇپ ياغاچتىن ياكى تاشتىن ياسالغان، نە كۆرەلمەيدىغان، نە ئاڭلىيالمايدىغان، نە يېمەيدىغان، نە پۇرالمايدىغان، پەقەت ئىنساننىڭ قولىنىڭ ياسىغىنى بولغان ئىلاھلارنىڭ قۇللۇقىدا بولىسىلەر. |
וּבִקַּשְׁתֶּם מִשָּׁם אֶת־יְהֹוָה אֱלֹהֶיךָ וּמָצָאתָ כִּי תִדְרְשֶׁנּוּ בְּכׇל־לְבָבְךָ וּבְכׇל־נַפְשֶֽׁךָ׃ | 29 |
سىلەر شۇ يەرلەردە پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنى ئىزدەيسىلەر؛ پۈتۈن قەلبىڭلار ۋە پۈتۈن جېنىڭلار بىلەن ئۇنى ئىزدىسەڭلار، ئۇنى تاپىسىلەر. |
בַּצַּר לְךָ וּמְצָאוּךָ כֹּל הַדְּבָרִים הָאֵלֶּה בְּאַחֲרִית הַיָּמִים וְשַׁבְתָּ עַד־יְהֹוָה אֱלֹהֶיךָ וְשָׁמַעְתָּ בְּקֹלֽוֹ׃ | 30 |
سىلەر ئېغىر ئازاب-ئوقۇبەت تارتقىنىڭلاردا، بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى بېشىڭلارغا چۈشكەندە، سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارغا يېنىپ كېلىسىلەر ۋە ئۇنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالىسىلەر. |
כִּי אֵל רַחוּם יְהֹוָה אֱלֹהֶיךָ לֹא יַרְפְּךָ וְלֹא יַשְׁחִיתֶךָ וְלֹא יִשְׁכַּח אֶת־בְּרִית אֲבֹתֶיךָ אֲשֶׁר נִשְׁבַּע לָהֶֽם׃ | 31 |
چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار رەھىمدىل بىر خۇدادۇر؛ ئۇ سىلەرنى تاشلىۋەتمەيدۇ، نە ھالاك قىلمايدۇ، نە ئاتا-بوۋىلىرىڭلار بىلەن قەسەم ئىچىپ تۈزگەن ئەھدىسىنى ھېچ ئۇنتۇمايدۇ. |
כִּי שְׁאַל־נָא לְיָמִים רִֽאשֹׁנִים אֲשֶׁר־הָיוּ לְפָנֶיךָ לְמִן־הַיּוֹם אֲשֶׁר בָּרָא אֱלֹהִים ׀ אָדָם עַל־הָאָרֶץ וּלְמִקְצֵה הַשָּׁמַיִם וְעַד־קְצֵה הַשָּׁמָיִם הֲנִֽהְיָה כַּדָּבָר הַגָּדוֹל הַזֶּה אוֹ הֲנִשְׁמַע כָּמֹֽהוּ׃ | 32 |
ئەمدى، سىلەردىن ئىلگىرى، خۇدا ئىنساننى يەر يۈزىدە ياراتقان كۈنىدىن تارتىپ ئۆتكەن كۈنلەر توغرۇلۇق سۈرۈشتە قىلىڭلار، شۇنداقلا ئاسمانلارنىڭ بىر چېتىدىن يەنە بىر چېتىگىچە سۈرۈشتە قىلىڭلاركى، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئۇلۇغ بىر ئىش بولۇپ باققانمۇ؟ ئۇنىڭغا ئوخشاش بىر ئىشنى ئاڭلاپ باققانمۇ؟ |
הֲשָׁמַֽע עָם קוֹל אֱלֹהִים מְדַבֵּר מִתּוֹךְ־הָאֵשׁ כַּאֲשֶׁר־שָׁמַעְתָּ אַתָּה וַיֶּֽחִי׃ | 33 |
سىلەرگە ئوخشاش، خۇدانىڭ ئوت ئىچىدىن چىققان ئاۋازىنى ئاڭلاپ تىرىك قالغان باشقا بىر خەلق بارمۇ؟ |
אוֹ ׀ הֲנִסָּה אֱלֹהִים לָבוֹא לָקַחַת לוֹ גוֹי מִקֶּרֶב גּוֹי בְּמַסֹּת בְּאֹתֹת וּבְמוֹפְתִים וּבְמִלְחָמָה וּבְיָד חֲזָקָה וּבִזְרוֹעַ נְטוּיָה וּבְמוֹרָאִים גְּדֹלִים כְּכֹל אֲשֶׁר־עָשָׂה לָכֶם יְהֹוָה אֱלֹהֵיכֶם בְּמִצְרַיִם לְעֵינֶֽיךָ׃ | 34 |
پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار كۆز ئالدىڭلاردا سىلەر ئۈچۈن مىسىر زېمىنىدا قىلغانلىرىدەك، قىيىن سىناقلار بىلەن، مۆجىزىلىك ئالامەتلەر بىلەن، كارامەتلەر بىلەن، ئۇرۇش بىلەن، كۈچلۈك قول ھەم ئۇزىتىلغان بىلەك بىلەن ۋە دەھشەتلىك ۋەھىمىلەر بىلەن سىلەردىن باشقا بىر خەلقنى يات بىر ئەلنىڭ ئارىسىدىن چىقىرىپ ئۆزىگە خاس قىلىش ئۈچۈن كېلىپ ئۇرۇنۇپ باققانمۇ؟ |
אַתָּה הׇרְאֵתָ לָדַעַת כִּי יְהֹוָה הוּא הָאֱלֹהִים אֵין עוֹד מִלְּבַדּֽוֹ׃ | 35 |
پەرۋەردىگارلا خۇدادۇر، ئۇنىڭدىن باشقا بىرسى يوقتۇر، دەپ بىلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەر بۇ [ئۇلۇغ] ئىشلارنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر قىلىنغانسىلەر. |
מִן־הַשָּׁמַיִם הִשְׁמִֽיעֲךָ אֶת־קֹלוֹ לְיַסְּרֶךָּ וְעַל־הָאָרֶץ הֶרְאֲךָ אֶת־אִשּׁוֹ הַגְּדוֹלָה וּדְבָרָיו שָׁמַעְתָּ מִתּוֹךְ הָאֵֽשׁ׃ | 36 |
سىلەرگە تەلىم بېرىش ئۈچۈن ئۇ ئاسمانلاردىن سىلەرگە ئۆز ئاۋازىنى ئاڭلاتتى؛ ئۇ يەر يۈزىدە ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ ئوتىنى كۆرسەتتى؛ سىلەر شۇ ئوتنىڭ ئوتتۇرىسىدىنمۇ ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدىڭلار. |
וְתַחַת כִּי אָהַב אֶת־אֲבֹתֶיךָ וַיִּבְחַר בְּזַרְעוֹ אַחֲרָיו וַיּוֹצִֽאֲךָ בְּפָנָיו בְּכֹחוֹ הַגָּדֹל מִמִּצְרָֽיִם׃ | 37 |
ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا باغلىغان مۇھەببىتى تۈپەيلىدىن ھەمدە ئۇلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرىنى تاللىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ سىلەرنى مىسىردىن شەخسەن ئۆزى زور قۇدرىتى بىلەن قۇتقۇزۇپ چىقاردى؛ |
לְהוֹרִישׁ גּוֹיִם גְּדֹלִים וַעֲצֻמִים מִמְּךָ מִפָּנֶיךָ לַהֲבִֽיאֲךָ לָֽתֶת־לְךָ אֶת־אַרְצָם נַחֲלָה כַּיּוֹם הַזֶּֽה׃ | 38 |
ئۇ شۇنىڭدەك سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردىن ئۆزۈڭلاردىن كۆپ ۋە كۈچلۈك بولغان ئەللەرنى زېمىنىدىن ھەيدەپ، سىلەرنى ئۇنىڭغا كىرگۈزۈپ، ئۇنى بۈگۈنكى كۈندىكىدەك سىلەرگە مىراس قىلىش ئۈچۈنمۇ شۇنداق قىلغاندۇر. |
וְיָדַעְתָּ הַיּוֹם וַהֲשֵׁבֹתָ אֶל־לְבָבֶךָ כִּי יְהֹוָה הוּא הָֽאֱלֹהִים בַּשָּׁמַיִם מִמַּעַל וְעַל־הָאָרֶץ מִתָּחַת אֵין עֽוֹד׃ | 39 |
شۇڭا بۈگۈن شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى ۋە كۆڭلۈڭلارنى شۇنىڭغا بۆلۈڭلاركى، پەرۋەردىگار يۇقىرىدىكى ئاسمانلاردا بولسۇن، ئاستىدىكى يەر-زېمىندا بولسۇن خۇدادۇر؛ ئۇنىڭدىن باشقا ھېچبىرى يوقتۇر. |
וְשָׁמַרְתָּ אֶת־חֻקָּיו וְאֶת־מִצְוֺתָיו אֲשֶׁר אָנֹכִי מְצַוְּךָ הַיּוֹם אֲשֶׁר יִיטַב לְךָ וּלְבָנֶיךָ אַחֲרֶיךָ וּלְמַעַן תַּאֲרִיךְ יָמִים עַל־הָאֲדָמָה אֲשֶׁר יְהֹוָה אֱלֹהֶיךָ נֹתֵן לְךָ כׇּל־הַיָּמִֽים׃ | 40 |
شۇنىڭدەك سىلەرنىڭ ۋە كېيىنكى بالىلار-ئەۋلادلىرىڭلارنىڭ ئەھۋالى ياخشى بولۇش ئۈچۈن، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە ئاتا قىلىدىغان زېمىندا كۈنلىرىڭلارنى ئۇزۇن، ھەتتا مەڭگۈلۈك قىلىش ئۈچۈن مەن بۈگۈنكى كۈندە سىلەرگە تاپىلاۋاتقان ئۇنىڭ بەلگىلىمىلىرى ۋە ئەمرلىرىنى تۇتۇڭلار». |
אָז יַבְדִּיל מֹשֶׁה שָׁלֹשׁ עָרִים בְּעֵבֶר הַיַּרְדֵּן מִזְרְחָה שָֽׁמֶשׁ׃ | 41 |
ئاندىن مۇسا ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي تەرىپىدە ئۈچ شەھەرنى ئايرىپ بېكىتتى؛ |
לָנֻס שָׁמָּה רוֹצֵחַ אֲשֶׁר יִרְצַח אֶת־רֵעֵהוּ בִּבְלִי־דַעַת וְהוּא לֹא־שֹׂנֵא לוֹ מִתְּמֹל שִׁלְשֹׁם וְנָס אֶל־אַחַת מִן־הֶעָרִים הָאֵל וָחָֽי׃ | 42 |
مەقسىتى، ھېچقانداق ئۆچ-ئاداۋىتى بولماي، تاسادىپىي قوشنىسىنى ئۆلتۈرۈپ قويسا، ئۆلتۈرگەن كىشى شۇ يەرلەرگە، يەنى شۇ شەھەرلەردىن بىرىگە قېچىپ بېرىپ ئامان-ئېسەن قېلىشتىن ئىبارەت ئىدى. |
אֶת־בֶּצֶר בַּמִּדְבָּר בְּאֶרֶץ הַמִּישֹׁר לָרֽאוּבֵנִי וְאֶת־רָאמֹת בַּגִּלְעָד לַגָּדִי וְאֶת־גּוֹלָן בַּבָּשָׁן לַֽמְנַשִּֽׁי׃ | 43 |
بۇ شەھەرلەر بولسا: ــ رۇبەنلەرنىڭ زېمىنىدىن چۆل-باياۋاندىكى بەزەر، گادلارنىڭ زېمىنىدىن گىلېئادتىكى راموت، ماناسسەھلەرنىڭ زېمىنىدىن باشاندىكى گولاندىن ئىبارەت ئىدى. |
וְזֹאת הַתּוֹרָה אֲשֶׁר־שָׂם מֹשֶׁה לִפְנֵי בְּנֵי יִשְׂרָאֵֽל׃ | 44 |
مۇسا ئىسرائىللارنىڭ ئالدىغا قويغان قانۇن مانا تۆۋەندىكىدەك: ــ |
אֵלֶּה הָֽעֵדֹת וְהַֽחֻקִּים וְהַמִּשְׁפָּטִים אֲשֶׁר דִּבֶּר מֹשֶׁה אֶל־בְּנֵי יִשְׂרָאֵל בְּצֵאתָם מִמִּצְרָֽיִם׃ | 45 |
(بۇلار بولسا ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندا مۇسا [پەيغەمبەر] ئۇلارغا جاكارلىغان ئاگاھ-گۇۋاھلار، بەلگىلىمىلەر ھەم ھۆكۈملەردۇر؛ |
בְּעֵבֶר הַיַּרְדֵּן בַּגַּיְא מוּל בֵּית פְּעוֹר בְּאֶרֶץ סִיחֹן מֶלֶךְ הָֽאֱמֹרִי אֲשֶׁר יוֹשֵׁב בְּחֶשְׁבּוֹן אֲשֶׁר הִכָּה מֹשֶׁה וּבְנֵי יִשְׂרָאֵל בְּצֵאתָם מִמִּצְרָֽיִם׃ | 46 |
مۇسا ۋە ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندا ئامورىيلارنىڭ ھەشبون شەھىرىدە تۇرۇشلۇق پادىشاھى سىھوننى ئۆلتۈرگەنىدى؛ مۇسا بۇ ئەمرلەرنى سىھوننىڭ زېمىنىدا، ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرق تەرىپىدە، بەيت-پېئورنىڭ ئۇدۇلىدىكى ۋادىدا ئىسرائىللارغا جاكارلىغان. |
וַיִּֽירְשׁוּ אֶת־אַרְצוֹ וְאֶת־אֶרֶץ ׀ עוֹג מֶֽלֶךְ־הַבָּשָׁן שְׁנֵי מַלְכֵי הָֽאֱמֹרִי אֲשֶׁר בְּעֵבֶר הַיַּרְדֵּן מִזְרַח שָֽׁמֶשׁ׃ | 47 |
شۇ چاغدا ئىسرائىللار [سىھوننىڭ] ۋە باشاننىڭ پادىشاھى ئوگنىڭ زېمىنىنى، يەنى ئىئوردان دەرياسىنىڭ كۈن پېتىش تەرىپىدىكى ئامورىيلارنىڭ ئىككى پادىشاھىنىڭ زېمىنىنىمۇ ئىگىلىگەنىدى؛ |
מֵעֲרֹעֵר אֲשֶׁר עַל־שְׂפַת־נַחַל אַרְנֹן וְעַד־הַר שִׂיאֹן הוּא חֶרְמֽוֹן׃ | 48 |
ئۇلارنىڭ زېمىنى ئارنون دەرياسىنىڭ قىرغىقىدىكى ئاروئەردىن تارتىپ سىئون (يەنى ھەرمون) تېغىغىچە، |
וְכׇל־הָעֲרָבָה עֵבֶר הַיַּרְדֵּן מִזְרָחָה וְעַד יָם הָעֲרָבָה תַּחַת אַשְׁדֹּת הַפִּסְגָּֽה׃ | 49 |
شۇنداقلا ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرق تەرىپىدىكى پۈتكۈل ئاراباھ تۈزلەڭلىكى ۋە پىسگاھ تېغىنىڭ باغرىغا جايلاشقان «تۈزلەڭلىكتىكى دېڭىز»غىچە ئىدى). |