לֹֽא־תִרְאֶה אֶת־שׁוֹר אָחִיךָ אוֹ אֶת־שֵׂיוֹ נִדָּחִים וְהִתְעַלַּמְתָּ מֵהֶם הָשֵׁב תְּשִׁיבֵם לְאָחִֽיךָ׃ | 1 |
سەن قېرىندىشىڭنىڭ كالىسى يا قويى ئېزىپ كەتكىنىنى كۆرسەڭ، چاتىقىڭ بولماي يۈرمە؛ قانداقلا بولمىسۇن، ئۇنى قېرىندىشىڭنىڭ قېشىغا يەتكۈزۈپ بەر. |
וְאִם־לֹא קָרוֹב אָחִיךָ אֵלֶיךָ וְלֹא יְדַעְתּוֹ וַאֲסַפְתּוֹ אֶל־תּוֹךְ בֵּיתֶךָ וְהָיָה עִמְּךָ עַד דְּרֹשׁ אָחִיךָ אֹתוֹ וַהֲשֵׁבֹתוֹ לֽוֹ׃ | 2 |
ئەگەردە قېرىندىشىڭ ساڭا يېقىن ئولتۇرمىسا ۋە ياكى ئىگىسىنى تونۇمىساڭ، شۇ ھايۋاننى ئۆز ئۆيۈڭگە ئېلىپ كېلىپ، قېرىندىشىڭ ئۇنى ئىزدەپ كەلگۈچە ئۆزۈڭ ساقلاپ ئاندىن ئۇنىڭغا تاپشۇرۇپ بەرگىن. |
וְכֵן תַּעֲשֶׂה לַחֲמֹרוֹ וְכֵן תַּעֲשֶׂה לְשִׂמְלָתוֹ וְכֵן תַּעֲשֶׂה לְכׇל־אֲבֵדַת אָחִיךָ אֲשֶׁר־תֹּאבַד מִמֶּנּוּ וּמְצָאתָהּ לֹא תוּכַל לְהִתְעַלֵּֽם׃ | 3 |
سەن ئوخشاشلا ئۇنىڭ يىتكەن ئېشىكى ياكى كىيىملىرىنىمۇ شۇنداق قىل؛ شۇنداقلا قېرىندىشىڭنىڭ ھەرقانداق يىتكەن نەرسىسىنى تېپىۋالساڭ، ئۇنىمۇ شۇنداق قىلغىن؛ سەن ئۆزۈڭنى بۇ ئىشتىن قاچۇرمىغىن. |
לֹא־תִרְאֶה אֶת־חֲמוֹר אָחִיךָ אוֹ שׁוֹרוֹ נֹפְלִים בַּדֶּרֶךְ וְהִתְעַלַּמְתָּ מֵהֶם הָקֵם תָּקִים עִמּֽוֹ׃ | 4 |
ئەگەر قېرىندىشىڭنىڭ ئېشىكى ياكى كالىسىنىڭ يولدا يىقىلىپ چۈشكىنىنى كۆرسەڭ، سەن بۇ ئەھۋالدىن ئۆزۈڭنى قاچۇرمىغىن؛ قېرىندىشىڭغا ياردەملىشىپ ئۇلىغىنى تارتىپ تۇرغۇزغىن. |
לֹא־יִהְיֶה כְלִי־גֶבֶר עַל־אִשָּׁה וְלֹא־יִלְבַּשׁ גֶּבֶר שִׂמְלַת אִשָּׁה כִּי תוֹעֲבַת יְהֹוָה אֱלֹהֶיךָ כׇּל־עֹשֵׂה אֵֽלֶּה׃ | 5 |
ئايال كىشى بولسا ئەرلەرنىڭ كىيىمىنى كىيمىسۇن؛ شۇنىڭغا ئوخشاشلا ئەر كىشى ئايال كىشىنىڭ كىيىمىنى كىيمىسۇن؛ چۈنكى كىمكى شۇنداق قىلسا، پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئالدىدا يىرگىنچلىك بولىدۇ. |
כִּי יִקָּרֵא קַן־צִפּוֹר ׀ לְפָנֶיךָ בַּדֶּרֶךְ בְּכׇל־עֵץ ׀ אוֹ עַל־הָאָרֶץ אֶפְרֹחִים אוֹ בֵיצִים וְהָאֵם רֹבֶצֶת עַל־הָֽאֶפְרֹחִים אוֹ עַל־הַבֵּיצִים לֹא־תִקַּח הָאֵם עַל־הַבָּנִֽים׃ | 6 |
ئەگەر سەن يولدا كېتىۋېتىپ، بىر دەرەختە ياكى يەردە بالىلىرى ياكى تۇخۇملىرى بولغان قۇشنىڭ ئۇۋىسىغا ئۇچرىساڭ، ئانىسى تۇخۇم ياكى بالىلىرىنى بېسىپ ياتقان بولسا، ئانا-بالىلىرىنى بىراقلا ئالمىغىن؛ |
שַׁלֵּחַ תְּשַׁלַּח אֶת־הָאֵם וְאֶת־הַבָּנִים תִּֽקַּֽח־לָךְ לְמַעַן יִיטַב לָךְ וְהַאֲרַכְתָּ יָמִֽים׃ | 7 |
ھېچ بولمىغاندا سەن ئانىسىنى قويۇۋېتىپ، بالىلىرىنىلا ئالساڭ بولىدۇ؛ شۇنداق قىلساڭ ساڭا ياخشى بولۇپ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىسەن. |
כִּי תִבְנֶה בַּיִת חָדָשׁ וְעָשִׂיתָ מַעֲקֶה לְגַגֶּךָ וְלֹֽא־תָשִׂים דָּמִים בְּבֵיתֶךָ כִּֽי־יִפֹּל הַנֹּפֵל מִמֶּֽנּוּ׃ | 8 |
يېڭى بىر ئۆي سالساڭ، ئۆگزەڭگە بىر توسما تام ياسىغىن؛ بولمىسا بىرسى ئۇنىڭدىن يىقىلىپ چۈشسە، ئۆزۈڭگە قان تۆكۈلۈش گۇناھىنى كەلتۈرۈشۈڭ مۇمكىن. |
לֹא־תִזְרַע כַּרְמְךָ כִּלְאָיִם פֶּן־תִּקְדַּשׁ הַֽמְלֵאָה הַזֶּרַע אֲשֶׁר תִּזְרָע וּתְבוּאַת הַכָּֽרֶם׃ | 9 |
ئۆز ئۈزۈمزارلىقىڭغا ئىككى خىل ئۇرۇق چاچمىغىن؛ بولمىسا تېرىغىنىڭنىڭ ھەممىسى ۋە ئۈزۈمزارلىقنىڭ مەھسۇلاتلىرى بۇلغانغان ھېسابلىنىدۇ. |
לֹֽא־תַחֲרֹשׁ בְּשׁוֹר־וּבַחֲמֹר יַחְדָּֽו׃ | 10 |
سەن كالا بىلەن ئېشەكنى بىرگە قوشۇپ يەر ھەيدىمىگىن. |
לֹא תִלְבַּשׁ שַֽׁעַטְנֵז צֶמֶר וּפִשְׁתִּים יַחְדָּֽו׃ | 11 |
يۇڭ ۋە كاناپتىن ئىبارەت ئىككى خىل يىپتىن توقولغان كىيىمنى كىيمىگىن. |
גְּדִלִים תַּעֲשֶׂה־לָּךְ עַל־אַרְבַּע כַּנְפוֹת כְּסוּתְךָ אֲשֶׁר תְּכַסֶּה־בָּֽהּ׃ | 12 |
سەن يېپىنغان تونۇڭنىڭ تۆت بۇرجىكىگە پۆپۈك قويغىن. |
כִּֽי־יִקַּח אִישׁ אִשָּׁה וּבָא אֵלֶיהָ וּשְׂנֵאָֽהּ׃ | 13 |
ئەگەر بىرى خوتۇن ئېلىپ ئۇنىڭغا يېقىنچىلىق قىلغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا ئۆچ بولۇپ، |
וְשָׂם לָהּ עֲלִילֹת דְּבָרִים וְהוֹצִא עָלֶיהָ שֵׁם רָע וְאָמַר אֶת־הָאִשָּׁה הַזֹּאת לָקַחְתִּי וָאֶקְרַב אֵלֶיהָ וְלֹא־מָצָאתִי לָהּ בְּתוּלִֽים׃ | 14 |
ئۇنىڭ يامان گېپىنى قىلىپ، ئۇنىڭغا بەتنام چاپلاپ، ئەرز قىلىپ: «مەن بۇ خوتۇننى ئالدىم، لېكىن ئۇنىڭغا يېقىنچىلىق قىلسام ئۇنىڭ قىز ئەمەسلىكىنى بىلدىم» دېسە، |
וְלָקַח אֲבִי הַֽנַּעֲרָ וְאִמָּהּ וְהוֹצִיאוּ אֶת־בְּתוּלֵי הַֽנַּעֲרָ אֶל־זִקְנֵי הָעִיר הַשָּֽׁעְרָה׃ | 15 |
ئۇنداقتا قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى قىزنىڭ پاكلىق ئىسپاتىنى ئېلىپ شەھەر دەرۋازىسىدا ئولتۇرغان شەھەرنىڭ ئاقساقاللىرىغا كەلتۈرسۇن، |
וְאָמַר אֲבִי הַֽנַּעֲרָ אֶל־הַזְּקֵנִים אֶת־בִּתִּי נָתַתִּי לָאִישׁ הַזֶּה לְאִשָּׁה וַיִּשְׂנָאֶֽהָ׃ | 16 |
ئاندىن قىزنىڭ ئاتىسى ئاقساقاللارغا سۆز قىلىپ: «مەن قىزىمنى بۇ كىشىگە خوتۇنلۇققا بەردىم، لېكىن ئۇ ئۇنىڭغا ئۆچ بولۇپ قالدى؛ |
וְהִנֵּה־הוּא שָׂם עֲלִילֹת דְּבָרִים לֵאמֹר לֹֽא־מָצָאתִי לְבִתְּךָ בְּתוּלִים וְאֵלֶּה בְּתוּלֵי בִתִּי וּפָֽרְשׂוּ הַשִּׂמְלָה לִפְנֵי זִקְנֵי הָעִֽיר׃ | 17 |
ۋە مانا، ئۇ ئۇنىڭ يامان گېپىنى قىلىپ، بەتنام چاپلاپ ئەرز قىلىپ: «قىزىڭنىڭ قىز ئەمەسلىكىنى بىلدىم» دەيدۇ. بىراق مانا قىزىمنىڭ پاكلىق ئىسپاتى!» دەپ، ئىسپات رەختنى ئاقساقاللارنىڭ ئالدىدا يېيىپ قويسۇن. |
וְלָקְחוּ זִקְנֵי הָֽעִיר־הַהִוא אֶת־הָאִישׁ וְיִסְּרוּ אֹתֽוֹ׃ | 18 |
ئۇ ۋاقىتتا شەھەرنىڭ ئاقساقاللىرى ئېرىنى تۇتۇپ ئۇنىڭغا تاياق-تەربىيە بېرىپ، |
וְעָנְשׁוּ אֹתוֹ מֵאָה כֶסֶף וְנָתְנוּ לַאֲבִי הַֽנַּעֲרָה כִּי הוֹצִיא שֵׁם רָע עַל בְּתוּלַת יִשְׂרָאֵל וְלֽוֹ־תִהְיֶה לְאִשָּׁה לֹא־יוּכַל לְשַׁלְּחָהּ כׇּל־יָמָֽיו׃ | 19 |
ئىسرائىلدىكى بىر پاك قىزنىڭ يامان گېپىنى قىلىپ، ئۇنىڭغا بەتنام چاپلىدىڭ دەپ، يۈز شەكەل كۈمۈش تۆلەتسۇن؛ ئاندىن ئۇلار پۇلنى قىزنىڭ ئاتىسىغا بەرسۇن دەپ بېكىتسۇن. ئەمما قىز بولسا شۇ كىشىنىڭ خوتۇنى بولۇپ تۇرىۋېرىشى كېرەك؛ ئەر پۈتۈن ئۆمرىدە ئۇنى قويۇپ بەرسە بولمايدۇ. |
וְאִם־אֱמֶת הָיָה הַדָּבָר הַזֶּה לֹא־נִמְצְאוּ בְתוּלִים לַֽנַּעֲרָֽ׃ | 20 |
لېكىن بۇ سۆز راست چىقىپ، قىزنىڭ پاكلىق ئىسپاتى بولمىسا، |
וְהוֹצִיאוּ אֶת־הַֽנַּעֲרָ אֶל־פֶּתַח בֵּית־אָבִיהָ וּסְקָלוּהָ אַנְשֵׁי עִירָהּ בָּאֲבָנִים וָמֵתָה כִּֽי־עָשְׂתָה נְבָלָה בְּיִשְׂרָאֵל לִזְנוֹת בֵּית אָבִיהָ וּבִֽעַרְתָּ הָרָע מִקִּרְבֶּֽךָ׃ | 21 |
قىزنى ئاتىسىنىڭ ئۆيىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا ئاپارسۇن ۋە ئاتىسىنىڭ ئۆيىدە بۇزۇقلۇق قىلىپ ئىسرائىلنىڭ ئىچىدە شەرمەندىلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ شەھىرىنىڭ ئادەملىرى شۇ يەردە ئۇنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرسۇن. شۇنداق قىلغىنىڭلاردا سىلەر ئۆزۈڭلاردىن رەزىللىكنى چىقىرىۋېتىسىلەر. |
כִּֽי־יִמָּצֵא אִישׁ שֹׁכֵב ׀ עִם־אִשָּׁה בְעֻֽלַת־בַּעַל וּמֵתוּ גַּם־שְׁנֵיהֶם הָאִישׁ הַשֹּׁכֵב עִם־הָאִשָּׁה וְהָאִשָּׁה וּבִֽעַרְתָּ הָרָע מִיִּשְׂרָאֵֽל׃ | 22 |
ئەگەر بىرسى ئېرى بار خوتۇن بىلەن زىنا قىلىپ تۇتۇلۇپ قالسا، زىنا قىلىشقان ئەر-خوتۇن ئىككىلىسى ئۆلتۈرۈلسۇن. شۇنداق قىلغاندا ئىسرائىلنىڭ ئىچىدىن رەزىللىكنى چىقىرىۋېتىسىلەر. |
כִּי יִהְיֶה נַעֲרָ בְתוּלָה מְאֹרָשָׂה לְאִישׁ וּמְצָאָהּ אִישׁ בָּעִיר וְשָׁכַב עִמָּֽהּ׃ | 23 |
ئەگەر بىرسى شەھەردە بىراۋ بىلەن ۋەدىلىشىپ قويغان بىر قىزنى ئۇچرىتىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولسا، |
וְהוֹצֵאתֶם אֶת־שְׁנֵיהֶם אֶל־שַׁעַר ׀ הָעִיר הַהִוא וּסְקַלְתֶּם אֹתָם בָּאֲבָנִים וָמֵתוּ אֶת־הַֽנַּעֲרָ עַל־דְּבַר אֲשֶׁר לֹא־צָעֲקָה בָעִיר וְאֶת־הָאִישׁ עַל־דְּבַר אֲשֶׁר־עִנָּה אֶת־אֵשֶׁת רֵעֵהוּ וּבִֽעַרְתָּ הָרָע מִקִּרְבֶּֽךָ׃ | 24 |
ئىككىلىسىنى شەھەرنىڭ دەرۋازىسىغا ئېلىپ چىقىپ چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈڭلار؛ قىز بولسا شەھەردە تۇرۇپ ۋارقىرىمىغىنى ئۈچۈن، ئەر بولسا باشقىسىنىڭ ۋەدىلەشكەن قىزى بىلەن ياتقىنى ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلسۇن. شۇنداق قىلىپ، سىلەر ئۆزۈڭلاردىن رەزىللىكنى چىقىرىۋېتىسىلەر. |
וְֽאִם־בַּשָּׂדֶה יִמְצָא הָאִישׁ אֶת־הַֽנַּעֲרָ הַמְאֹרָשָׂה וְהֶחֱזִֽיק־בָּהּ הָאִישׁ וְשָׁכַב עִמָּהּ וּמֵת הָאִישׁ אֲשֶׁר־שָׁכַב עִמָּהּ לְבַדּֽוֹ׃ | 25 |
ئەگەر ئەر كىشى باشقىسى بىلەن ۋەدىلەشكەن قىزنى دالادا تۇتۇۋېلىپ ئۇنىڭ بىلەن ياتسا، پەقەت قىز بىلەن ياتقان ئەر كىشى ئۆلتۈرۈلسۇن. |
וְלַֽנַּעֲרָ לֹא־תַעֲשֶׂה דָבָר אֵין לַֽנַּעֲרָ חֵטְא מָוֶת כִּי כַּאֲשֶׁר יָקוּם אִישׁ עַל־רֵעֵהוּ וּרְצָחוֹ נֶפֶשׁ כֵּן הַדָּבָר הַזֶּֽה׃ | 26 |
قىزغا بولسا، ھېچنېمە قىلماڭلار، چۈنكى قىزنىڭ ئۆزىدە ئۆلۈمگە لايىق ھېچ گۇناھ يوق. بۇ ئىش بولسا بىرسى قوشنىسىغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى ئۆلتۈرۋەتكەنگە ئوخشاش ئىشتۇر. |
כִּי בַשָּׂדֶה מְצָאָהּ צָעֲקָה הַֽנַּעֲרָ הַמְאֹרָשָׂה וְאֵין מוֹשִׁיעַ לָֽהּ׃ | 27 |
چۈنكى ئۇ باشقىسىغا ۋەدىلەشكەن قىزنى دالادا تۇتۇۋالغاندا، قىز توۋلىغان بولسىمۇ ئۇنى قۇتقۇزغۇدەك كىشى تېپىلمىغان. |
כִּֽי־יִמְצָא אִישׁ נַעֲרָ בְתוּלָה אֲשֶׁר לֹא־אֹרָשָׂה וּתְפָשָׂהּ וְשָׁכַב עִמָּהּ וְנִמְצָֽאוּ׃ | 28 |
ئەگەر بىرسى بىرەر ئەر بىلەن ۋەدىلەشمىگەن قىزنى تۇتۇۋېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن يېتىپ ھەر ئىككىسى تۇتۇلسا، |
וְנָתַן הָאִישׁ הַשֹּׁכֵב עִמָּהּ לַאֲבִי הַֽנַּעֲרָ חֲמִשִּׁים כָּסֶף וְלֽוֹ־תִהְיֶה לְאִשָּׁה תַּחַת אֲשֶׁר עִנָּהּ לֹא־יוּכַל שַׁלְּחָהּ כׇּל־יָמָֽיו׃ | 29 |
قىز بىلەن ياتقان ئادەم قىزغا يېقىنچىلىق قىلىپ خار قىلغىنى ئۈچۈن قىزنىڭ ئاتىسىغا ئەللىك شەكەل كۈمۈش بېرىشى كېرەك؛ ئاندىن قىزنى ئۆزىگە خوتۇن قىلىپ ئېلىشى كېرەك؛ ئۇ پۈتكۈل ئۆمرىدە ئۇنى قويۇپ بەرسە بولمايدۇ. |
לֹא־יִקַּח אִישׁ אֶת־אֵשֶׁת אָבִיו וְלֹא יְגַלֶּה כְּנַף אָבִֽיו׃ | 30 |
ھېچكىم ئاتىسىنىڭ خوتۇنىنى ئالماسلىقى كېرەك، ئاتىسىنىڭ يوتقىنىنى ئاچماسلىقى كېرەك. |