וּבִשְׁנַת שְׁתַּיִם לְמַלְכוּת נְבֻֽכַדְנֶצַּר חָלַם נְבֻֽכַדְנֶצַּר חֲלֹמוֹת וַתִּתְפָּעֶם רוּחוֹ וּשְׁנָתוֹ נִהְיְתָה עָלָֽיו׃ | 1 |
نېبوقادنەسار تەختكە ئولتۇرۇپ ئىككىنچى يىلى، بىرنەچچە چۈش كۆردى؛ ئۇنىڭ روھى پاراكەندە بولۇپ، ئۇيقۇسى قاچتى. |
וַיֹּאמֶר הַמֶּלֶךְ לִקְרֹא לַֽחַרְטֻמִּים וְלָֽאַשָּׁפִים וְלַֽמְכַשְּׁפִים וְלַכַּשְׂדִּים לְהַגִּיד לַמֶּלֶךְ חֲלֹמֹתָיו וַיָּבֹאוּ וַיַּֽעַמְדוּ לִפְנֵי הַמֶּֽלֶךְ׃ | 2 |
شۇڭا پادىشاھ رەمچى-پالچى، پىر-ئۇستاز، جادۇگەر ۋە كالدىي مۇنەججىملەرنى چۈشلىرىگە تەبىر بېرىشكە چاقىرىشنى بۇيرۇدى. ئۇلار كېلىپ پادىشاھنىڭ ئالدىدا تۇردى. |
וַיֹּאמֶר לָהֶם הַמֶּלֶךְ חֲלוֹם חָלָמְתִּי וַתִּפָּעֶם רוּחִי לָדַעַת אֶֽת־הַחֲלֽוֹם׃ | 3 |
پادىشاھ ئۇلارغا: ــ مەن بىر چۈش كۆردۈم، بۇ چۈشنىڭ مەنىسىنى بىلىشكە كۆڭلۈم ناھايىتى تىت-تىت بولۇۋاتىدۇ، ــ دېدى. |
וַֽיְדַבְּרוּ הַכַּשְׂדִּים לַמֶּלֶךְ אֲרָמִית מַלְכָּא לְעָלְמִין חֱיִי אֱמַר חֶלְמָא (לעבדיך) [לְעַבְדָךְ] וּפִשְׁרָא נְחַוֵּֽא׃ | 4 |
ئاندىن كالدىيلەر پادىشاھقا (ئارامىي تىلىدا): ــ ئالىيلىرى مەڭگۈ ياشىغايلا! قېنى كەمىنلىرىگە چۈشلىرىنى ئېيتقايلا، بىز تەبىر بېرىمىز، ــ دېدى. |
עָנֵה מַלְכָּא וְאָמַר (לכשדיא) [לְכַשְׂדָּאֵי] מִלְּתָה מִנִּי אַזְדָּא הֵן לָא תְהֽוֹדְעוּנַּנִי חֶלְמָא וּפִשְׁרֵהּ הַדָּמִין תִּתְעַבְדוּן וּבָתֵּיכוֹן נְוָלִי יִתְּשָׂמֽוּן׃ | 5 |
پادىشاھ كالدىيلەرگە: ــ مەندىن بۇيرۇق! سىلەر ئاۋۋال كۆرگەن چۈشۈمنى ئېيتىپ ئاندىن تەبىر بېرىشىڭلار كېرەك. ئۇنداق قىلمىساڭلار قىيما-چىيما قىلىۋېتىلىسىلەر، ئۆيۈڭلار ھاجەتخانىغا ئايلاندۇرۇۋېتىلىدۇ! |
וְהֵן חֶלְמָא וּפִשְׁרֵהּ תְּֽהַחֲוֺן מַתְּנָן וּנְבִזְבָּה וִיקָר שַׂגִּיא תְּקַבְּלוּן מִן־קֳדָמָי לָהֵן חֶלְמָא וּפִשְׁרֵהּ הַחֲוֺֽנִי׃ | 6 |
لېكىن چۈشۈمنى ئېيتىپ، ئۇنىڭغا تەبىر بېرەلىسەڭلار مەندىن سوۋغاتلار، ئىنئاملار ۋە ئالىي ئىززەتتىن مۇيەسسەر بولىسىلەر. ئەمدى چۈشۈمنى ئېيتىڭلار، تەبىر بېرىڭلار! ــ دېدى. |
עֲנוֹ תִנְיָנוּת וְאָמְרִין מַלְכָּא חֶלְמָא יֵאמַר לְעַבְדוֹהִי וּפִשְׁרָה נְהַחֲוֵֽה׃ | 7 |
ئۇلار پادىشاھقا يەنە بىر قېتىم: ــ ئالىيلىرى چۈشلىرىنى ئېيتقايلا، ئاندىن ئۆزلىرىگە تەبىرىنى ئېيتىپ بېرىمىز، ــ دېدى. |
עָנֵה מַלְכָּא וְאָמַר מִן־יַצִּיב יָדַע אֲנָה דִּי עִדָּנָא אַנְתּוּן זָבְנִין כׇּל־קֳבֵל דִּי חֲזֵיתוֹן דִּי אַזְדָּא מִנִּי מִלְּתָֽא׃ | 8 |
بۇ چاغدا پادىشاھ جاۋابەن: ــ شۈبھىسىزىكى، سىلەر پەرمانىمدىن قايتمايدىغىنىمنى بىلگەچكە، ۋاقىتنى كەينىگە سۈرۈۋاتىسىلەر. |
דִּי הֵן־חֶלְמָא לָא תְהֽוֹדְעֻנַּנִי חֲדָה־הִיא דָֽתְכוֹן וּמִלָּה כִדְבָה וּשְׁחִיתָה (הזמנתון) [הִזְדְּמִנְתּוּן] לְמֵאמַר קׇֽדָמַי עַד דִּי עִדָּנָא יִשְׁתַּנֵּא לָהֵן חֶלְמָא אֱמַרוּ לִי וְֽאִנְדַּע דִּי פִשְׁרֵהּ תְּהַחֲוֻנַּֽנִי׃ | 9 |
لېكىن چۈشۈمنى ئېيتىپ بەرمىسەڭلار، سىلەرگە پەقەت بۇيرۇقۇملا قالىدۇ. چۈنكى سىلەر ۋاقىت ئەھۋالنى ئۆزگەرتىدۇ، دەپ بىلىپ ئۆزئارا تىل بىرىكتۈرۈپ، يالغانچىلىق قىلىپ مېنى ئالدىماقچى بولىسىلەر. شۇڭا چۈشۈمنى ئېيتساڭلار، ئاندىن چۈشۈمگە ھەقىقەتەن تەبىر بېرەلەيدىغانلىقىڭلارنى شۇ چاغدىلا بىلىمەن، ــ دېدى. |
עֲנוֹ (כשדיא) [כַשְׂדָּאֵי] קֳדָם־מַלְכָּא וְאָמְרִין לָֽא־אִיתַי אֱנָשׁ עַל־יַבֶּשְׁתָּא דִּי מִלַּת מַלְכָּא יוּכַל לְהַחֲוָיָה כׇּל־קֳבֵל דִּי כׇּל־מֶלֶךְ רַב וְשַׁלִּיט מִלָּה כִדְנָה לָא שְׁאֵל לְכׇל־חַרְטֹם וְאָשַׁף וְכַשְׂדָּֽי׃ | 10 |
كالدىيلەر پادىشاھقا جاۋابەن: ــ دۇنيادا ئالىيلىرىنىڭ سورىغان ئىشىنى ئېيتىپ بېرەلەيدىغان ھېچبىر ئادەم يوقتۇر. ھېچقانداق پادىشاھ، ئۇنىڭ قانداق ئۇلۇغ ياكى كۈچلۈك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، رەمچى-پالچى، پىر-ئۇستاز ياكى كالدىي مۇنەججىملەرگە مۇنداق تەلەپنى قويغان ئەمەس. |
וּמִלְּתָא דִֽי־מַלְכָּה שָׁאֵל יַקִּירָה וְאׇחֳרָן לָא אִיתַי דִּי יְחַוִּנַּהּ קֳדָם מַלְכָּא לָהֵן אֱלָהִין דִּי מְדָרְהוֹן עִם־בִּשְׂרָא לָא אִיתֽוֹהִי׃ | 11 |
چۈنكى ئالىيلىرىنىڭ سورىغانلىرى ھەقىقەتەن ئالامەت مۈشكۈل، ئىلاھلاردىن باشقا ھېچكىم ئۇنى ئايان قىلالمايدۇ. لېكىن ئىلاھلارنىڭ ماكانى ئىنسانلار ئارىسىدا ئەمەس، ــ دېدى. |
כׇּל־קֳבֵל דְּנָה מַלְכָּא בְּנַס וּקְצַף שַׂגִּיא וַאֲמַר לְהוֹבָדָה לְכֹל חַכִּימֵי בָבֶֽל׃ | 12 |
پادىشاھ قاتتىق غەزەپلىنىپ ئاچچىقلانغان ھالدا، بابىل ئوردىسىدىكى بارلىق دانىشمەنلەرنى ئۆلتۈرۈشنى ئەمر قىلدى. |
וְדָתָא נֶפְקַת וְחַכִּֽימַיָּא מִֽתְקַטְּלִין וּבְעוֹ דָּנִיֵּאל וְחַבְרוֹהִי לְהִתְקְטָלָֽה׃ | 13 |
شۇنىڭ بىلەن پادىشاھنىڭ بارلىق دانىشمەنلەرنى ئۆلتۈرۈش توغرىسىدىكى بۇيرۇقى چۈشۈرۈلدى. شۇڭا [خىزمەتكارلىرى] دانىيال ۋە ئۇنىڭ دوستلىرىنىمۇ ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئىزدىدى. |
בֵּאדַיִן דָּנִיֵּאל הֲתִיב עֵטָא וּטְעֵם לְאַרְיוֹךְ רַב־טַבָּחַיָּא דִּי מַלְכָּא דִּי נְפַק לְקַטָּלָה לְחַכִּימֵי בָּבֶֽל׃ | 14 |
شۇ چاغدا دانىيال بابىلدىكى دانىشمەنلەرنى ئۆلتۈرۈش ئەمرىنى ئىجرا قىلغىلى چىققان پادىشاھنىڭ خۇسۇسىي مۇھاپىزەتچىلەر باشلىقى ئارىئوققا ئاقىلانە ۋە دانىشمەنلەرچە جاۋاب قايتۇرۇپ |
עָנֵה וְאָמַר לְאַרְיוֹךְ שַׁלִּיטָא דִֽי־מַלְכָּא עַל־מָה דָתָא מְהַחְצְפָה מִן־קֳדָם מַלְכָּא אֱדַיִן מִלְּתָא הוֹדַע אַרְיוֹךְ לְדָנִיֵּֽאל׃ | 15 |
ئۇنىڭدىن: ــ پادىشاھنىڭ چۈشۈرگەن پەرمانى نېمە ئۈچۈن شۇنچە جىددىي؟ ــ دەپ سورىدى. ئارىئوق ئەھۋالنى دانىيالغا ئېيتىپ بەردى. |
וְדָנִיֵּאל עַל וּבְעָה מִן־מַלְכָּא דִּי זְמָן יִנְתִּן־לֵהּ וּפִשְׁרָא לְהַֽחֲוָיָה לְמַלְכָּֽא׃ | 16 |
دانىيال دەرھال پادىشاھ ئالدىغا كىرىپ، پادىشاھتىن چۈشىگە تەبىر بەرگۈدەك ۋاقىت بېرىشنى تەلەپ قىلدى. |
אֱדַיִן דָּֽנִיֵּאל לְבַיְתֵהּ אֲזַל וְלַחֲנַנְיָה מִֽישָׁאֵל וַעֲזַרְיָה חַבְרוֹהִי מִלְּתָא הוֹדַֽע׃ | 17 |
ئاندىن دانىيال ئۆيىگە قايتىپ، ئەھۋالنى دوستلىرى ھانانىيا، مىشائېل ۋە ئازارىيالارغا ئېيتىپ بەردى. |
וְרַחֲמִין לְמִבְעֵא מִן־קֳדָם אֱלָהּ שְׁמַיָּא עַל־רָזָא דְּנָה דִּי לָא יְהֽוֹבְדוּן דָּנִיֵּאל וְחַבְרוֹהִי עִם־שְׁאָר חַכִּימֵי בָבֶֽל׃ | 18 |
ئۇ ئۇلاردىن ئەرشتىكى خۇدادىن بۇ چۈشنىڭ شىرى توغرۇلۇق رەھىم-شەپقەت ئىلتىجا رەھىم-شەپقەت ئىلتىجا قىلىپ، مەن دانىيال ۋە دوستلىرىم تۆتىمىزنىڭ بابىلدىكى باشقا دانىشمەنلەر بىلەن بىللە ھالاك قىلىنماسلىقىمىزنى تىلەڭلار، دەپ تەلەپ قىلدى. |
אֱדַיִן לְדָנִיֵּאל בְּחֶזְוָא דִֽי־לֵילְיָא רָזָא גְלִי אֱדַיִן דָּֽנִיֵּאל בָּרִךְ לֶאֱלָהּ שְׁמַיָּֽא׃ | 19 |
ئاندىن كېچىدە دانىيالغا غايىبانە كۆرۈنۈشتە شۇ سىرنىڭ يېشىمى ۋەھىي قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن دانىيال ئەرشتىكى خۇداغا ھەمدۇسانالار ئوقۇپ مۇنداق دېدى: |
עָנֵה דָֽנִיֵּאל וְאָמַר לֶהֱוֵא שְׁמֵהּ דִּֽי־אֱלָהָא מְבָרַךְ מִן־עָלְמָא וְעַד עָלְמָא דִּי חׇכְמְתָא וּגְבוּרְתָא דִּי לֵֽהּ־הִֽיא׃ | 20 |
«خۇدانىڭ نامى ئەبەدىلئەبەد مەدھىيىلەنگەي! چۈنكى دانالىق ۋە كۈچ-قۇدرەت ئۇنىڭكىدۇر. |
וְהוּא מְהַשְׁנֵא עִדָּנַיָּא וְזִמְנַיָּא מְהַעְדֵּה מַלְכִין וּמְהָקֵים מַלְכִין יָהֵב חׇכְמְתָא לְחַכִּימִין וּמַנְדְּעָא לְיָדְעֵי בִינָֽה׃ | 21 |
ئۇ ۋاقىت، پەسىللەرنى ئۆزگەرتكۈچىدۇر؛ ئۇ پادىشاھلارنى يىقىتىدۇ، ۋە پادىشاھلارنى تىكلەيدۇ؛ ئۇ دانالارغا دانالىق، ئاقىلانىلارغا ھېكمەت بېرىدۇ. |
הוּא גָּלֵא עַמִּיקָתָא וּמְסַתְּרָתָא יָדַע מָה בַחֲשׁוֹכָא (ונהירא) [וּנְהוֹרָא] עִמֵּהּ שְׁרֵֽא׃ | 22 |
ئۇ چوڭقۇر ۋە سىرلىق ئىشلارنى ئاشكارىلىغۇچىدۇر، قاراڭغۇلۇققا يوشۇرۇنغان ئىشلارنى ياخشى بىلگۈچىدۇر، نۇر ھەمىشە ئۇنىڭ بىلەن بىللىدۇر. |
לָךְ ׀ אֱלָהּ אֲבָהָתִי מְהוֹדֵא וּמְשַׁבַּח אֲנָה דִּי חׇכְמְתָא וּגְבוּרְתָא יְהַבְתְּ לִי וּכְעַן הֽוֹדַעְתַּנִי דִּֽי־בְעֵינָא מִנָּךְ דִּֽי־מִלַּת מַלְכָּא הוֹדַעְתֶּֽנָא׃ | 23 |
ئى ماڭا دانالىق ۋە كۈچ بەرگەن ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ خۇداسى، ساڭا شۈكۈر ۋە ھەمدۇسانالار ئېيتاي! سەن ھازىرلا بىز دۇئا قىلغان ئىشنى ماڭا ئاشكارىلىدىڭ، پادىشاھنىڭ سورىغان ئىشىنى بىزگە كۆرسىتىپ بەردىڭ». |
כׇּל־קֳבֵל דְּנָה דָּֽנִיֵּאל עַל עַל־אַרְיוֹךְ דִּי מַנִּי מַלְכָּא לְהוֹבָדָה לְחַכִּימֵי בָבֶל אֲזַל ׀ וְכֵן אֲמַר־לֵהּ לְחַכִּימֵי בָבֶל אַל־תְּהוֹבֵד הַעֵלְנִי קֳדָם מַלְכָּא וּפִשְׁרָא לְמַלְכָּא אֲחַוֵּֽא׃ | 24 |
ئاندىن دانىيال پادىشاھ بابىلدىكى دانىشمەنلەرنى ئۆلتۈرۈشكە تەيىنلىگەن ئارىئوقنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭغا: ــ بابىلدىكى دانىشمەنلەرنى ئۆلتۈرمىگەيلا. مېنى پادىشاھنىڭ ئالدىغا باشلاپ كىرگەيلا، مەن پادىشاھنىڭ چۈشىگە تەبىر بېرەي، ــ دېدى. |
אֱדַיִן אַרְיוֹךְ בְּהִתְבְּהָלָה הַנְעֵל לְדָנִיֵּאל קֳדָם מַלְכָּא וְכֵן אֲמַר־לֵהּ דִּֽי־הַשְׁכַּחַת גְּבַר מִן־בְּנֵי גָֽלוּתָא דִּי יְהוּד דִּי פִשְׁרָא לְמַלְכָּא יְהוֹדַֽע׃ | 25 |
ئارىئوق شۇئان دانىيالنى پادىشاھ نېبوقادنەسارنىڭ ئالدىغا باشلاپ كىرىپ، پادىشاھقا: ــ «مەن يەھۇدىي ئەسىرلەر ئىچىدىن ئالىيلىرىنىڭ چۈشىگە تەبىر بېرەلەيدىغان بىر كىشىنى تاپتىم» ــ دېدى. |
עָנֵה מַלְכָּא וְאָמַר לְדָנִיֵּאל דִּי שְׁמֵהּ בֵּלְטְשַׁאצַּר (האיתיך) [הַֽאִיתָךְ] כָּהֵל לְהוֹדָעֻתַנִי חֶלְמָא דִֽי־חֲזֵית וּפִשְׁרֵֽהּ׃ | 26 |
پادىشاھ دانىيال (بەلتەشاسار دەپمۇ ئاتىلىدۇ)غا: «سەن مېنىڭ كۆرگەن چۈشۈمنى ئايان قىلىپ، ئۇنىڭغا تەبىر بېرەلەمسەن؟ ــ دېدى. |
עָנֵה דָנִיֵּאל קֳדָם מַלְכָּא וְאָמַר רָזָא דִּֽי־מַלְכָּא שָׁאֵל לָא חַכִּימִין אָֽשְׁפִין חַרְטֻמִּין גָּזְרִין יָכְלִין לְהַֽחֲוָיָה לְמַלְכָּֽא׃ | 27 |
دانىيال پادىشاھنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ شۇنداق جاۋاب بەردى: ــ ئى ئالىيلىرى، سىلى سورىغان بۇ سىرنى دانىشمەن، پىر-ئۇستاز، رەمچى-پالچى ۋە مۇنەججىملار ئۆزلىرىگە يېشىپ بېرەلمەيدۇ. |
בְּרַם אִיתַי אֱלָהּ בִּשְׁמַיָּא גָּלֵא רָזִין וְהוֹדַע לְמַלְכָּא נְבֽוּכַדְנֶצַּר מָה דִּי לֶהֱוֵא בְּאַחֲרִית יוֹמַיָּא חֶלְמָךְ וְחֶזְוֵי רֵאשָׁךְ עַֽל־מִשְׁכְּבָךְ דְּנָה הֽוּא׃ | 28 |
بىراق ئەرشتە سىرلارنى ئاشكارىلىغۇچى بىر خۇدا بار. ئۇ بولسا ئالىيلىرىغا ئاخىرقى زاماننىڭ كۈنلىرىدە نېمە ئىشلارنىڭ بولىدىغانلىقىنى ئايان قىلدى. ئەمدى ئۆزلىرىنىڭ چۈشىنى، يەنى ئالىيلىرى ئۇخلاۋاتقاندا كۆرگەن غايىبانە ئالامەتلەرنى ئېيتىپ بېرەي: ــ |
(אנתה) [אַנְתְּ] מַלְכָּא רַעְיוֹנָךְ עַל־מִשְׁכְּבָךְ סְלִקוּ מָה דִּי לֶהֱוֵא אַחֲרֵי דְנָה וְגָלֵא רָזַיָּא הוֹדְעָךְ מָה־דִי לֶהֱוֵֽא׃ | 29 |
ئى ئالىيلىرى، سىلى ئۇخلاشقا ياتقاندا كەلگۈسىدىكى ئىشلارنى ئويلاپ ياتتىلا. سىرلارنى بىردىنبىر ئاشكارىلىغۇچى ئۆزلىرىگە يۈز بېرىدىغان ئىشلارنى كۆرسەتتى. |
וַאֲנָה לָא בְחׇכְמָה דִּֽי־אִיתַי בִּי מִן־כׇּל־חַיַּיָּא רָזָא דְנָה גֱּלִי לִי לָהֵן עַל־דִּבְרַת דִּי פִשְׁרָא לְמַלְכָּא יְהוֹדְעוּן וְרַעְיוֹנֵי לִבְבָךְ תִּנְדַּֽע׃ | 30 |
ماڭا كەلسەك، بۇ سىرنىڭ ماڭا ئايان قىلىنغىنى مېنىڭ باشقا جان ئىگىلىرىدىن ئارتۇق ھېكمەتكە ئىگە بولغانلىقىمدىن ئەمەس، بەلكى بۇ چۈشنىڭ تەبىرىنى، شۇنداقلا شاھ ئالىيلىرىنىڭ كۆڭۈللىرىدىكى ئويلىرىنى ئۆزلىرىگە مەلۇم قىلىش ئۈچۈندۇر. |
(אנתה) [אַנְתְּ] מַלְכָּא חָזֵה הֲוַיְתָ וַאֲלוּ צְלֵם חַד שַׂגִּיא צַלְמָא דִכֵּן רַב וְזִיוֵהּ יַתִּיר קָאֵם לְקׇבְלָךְ וְרֵוֵהּ דְּחִֽיל׃ | 31 |
ــ ئەي ئالىيلىرى، سىلى غايىبانە ئالامەتتە ئۆزلىرىنىڭ ئالدىلىرىدا تۇرغان گىگانت بىر ھەيكەلنى كۆردىلە. بۇ ھەيكەل ناھايىتى گەۋدىلىك بولۇپ، زور نۇر چاقناپ تۇرىدىغان ھەيۋەتلىك ھەم قورقۇنچلۇق ئىدى. |
הוּא צַלְמָא רֵאשֵׁהּ דִּֽי־דְהַב טָב חֲדוֹהִי וּדְרָעוֹהִי דִּי כְסַף מְעוֹהִי וְיַרְכָתֵהּ דִּי נְחָֽשׁ׃ | 32 |
ھەيكەلنىڭ بېشى ئېسىل ئالتۇندىن، كۆكرىكى ۋە قوللىرى كۈمۈشتىن، بەل ۋە ساغرىلىرى مىستىن، |
שָׁקוֹהִי דִּי פַרְזֶל רַגְלוֹהִי (מנהון) [מִנְּהֵין] דִּי פַרְזֶל (ומנהון) [וּמִנְּהֵין] דִּי חֲסַֽף׃ | 33 |
يۇتا-پاچىقى تۆمۈردىن، پۇتى تۆمۈر بىلەن لاينىڭ ئارىلاشمىسىدىن ياسالغان. |
חָזֵה הֲוַיְתָ עַד דִּי הִתְגְּזֶרֶת אֶבֶן דִּי־לָא בִידַיִן וּמְחָת לְצַלְמָא עַל־רַגְלוֹהִי דִּי פַרְזְלָא וְחַסְפָּא וְהַדֵּקֶת הִמּֽוֹן׃ | 34 |
ئۆزلىرى ئۇنى كۆرۈۋاتقان چاغلىرىدا، ئادەم قولى بىلەن قېزىلمىغان بىر تاش كېلىپ ھەيكەلگە ئۇرۇلۇپ ئۇنىڭ تۆمۈر بىلەن لاينىڭ ئارىلاشمىسىدىن ياسالغان پۇتىنى چېقىۋەتتى. |
בֵּאדַיִן דָּקוּ כַחֲדָה פַּרְזְלָא חַסְפָּא נְחָשָׁא כַּסְפָּא וְדַהֲבָא וַהֲווֹ כְּעוּר מִן־אִדְּרֵי־קַיִט וּנְשָׂא הִמּוֹן רוּחָא וְכׇל־אֲתַר לָא־הִשְׁתְּכַח לְהוֹן וְאַבְנָא ׀ דִּֽי־מְחָת לְצַלְמָא הֲוָת לְטוּר רַב וּמְלָאת כׇּל־אַרְעָֽא׃ | 35 |
ئۇنىڭدىكى تۆمۈر، لاي، مىس، كۈمۈش، ئالتۇنلار شۇئان پارچە-پارچە قىلىنىپ، شامال ئۇلارنى بەئەينى يازلىق خاماندىكى توپىلارنى ئۇچۇرغاندەك، قايتا ھېچ تېپىلمىغۇدەك قىلىپ ئۇچۇرىۋەتتى. لېكىن ھېلىقى تاش يوغىناپ، پۈتكۈل جاھاننى قاپلىغان غايەت زور بىر تاغقا ئايلاندى. |
דְּנָה חֶלְמָא וּפִשְׁרֵהּ נֵאמַר קֳדָם־מַלְכָּֽא׃ | 36 |
كۆرگەن چۈشلىرى مانا شۇدۇر. ئەمدى بىز ئۆزلىرىگە بۇ چۈشنىڭ مەنىسىنى يېشىپ بېرىمىز. |
(אנתה) [אַנְתְּ] מַלְכָּא מֶלֶךְ מַלְכַיָּא דִּי אֱלָהּ שְׁמַיָּא מַלְכוּתָא חִסְנָא וְתׇקְפָּא וִֽיקָרָא יְהַב־לָֽךְ׃ | 37 |
ئەي ئالىيلىرى، ئۆزلىرى پۈتكۈل پادىشاھلارنىڭ بىر پادىشاھى، ئەرشتىكى خۇدا سىلىگە پادىشاھلىق، نوپۇز، كۈچ ۋە شۆھرەت ئاتا قىلدى. |
וּבְכׇל־דִּי (דארין) [דָֽיְרִין] בְּֽנֵי־אֲנָשָׁא חֵיוַת בָּרָא וְעוֹף־שְׁמַיָּא יְהַב בִּידָךְ וְהַשְׁלְטָךְ בְּכׇלְּהוֹן (אנתה) [אַנְתְּ־]הוּא רֵאשָׁה דִּי דַהֲבָֽא׃ | 38 |
ئىنسان بالىلىرى، ھايۋاناتلار، ئۇچار-قاناتلار مەيلى قەيەردە تۇرسۇن، خۇدا ئۇلارنى قوللىرىغا تاپشۇرۇپ سىلىنى ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە ھاكىم قىلدى. سىلى ئۇ ھەيكەلنىڭ ئالتۇن بېشىدۇرسىلا. |
וּבָתְרָךְ תְּקוּם מַלְכוּ אׇחֳרִי (ארעא) [אֲרַע] מִנָּךְ וּמַלְכוּ (תליתיא) [תְלִיתָאָה] אׇחֳרִי דִּי נְחָשָׁא דִּי תִשְׁלַט בְּכׇל־אַרְעָֽא׃ | 39 |
ئۆزلىرىدىن كېيىن يەنە بىر پادىشاھلىق كېلىدۇ. لېكىن ئۇ سىلىنىڭ پادىشاھلىقلىرىغا يەتمەيدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۈچىنچى بىر پادىشاھلىق، يەنى مىس پادىشاھلىق كېلىپ پۈتكۈل يەر يۈزىگە ھاكىم بولىدۇ. |
וּמַלְכוּ (רביעיה) [רְבִיעָאָה] תֶּהֱוֵא תַקִּיפָה כְּפַרְזְלָא כׇּל־קֳבֵל דִּי פַרְזְלָא מְהַדֵּק וְחָשֵׁל כֹּלָּא וּֽכְפַרְזְלָא דִּֽי־מְרָעַע כׇּל־אִלֵּן תַּדִּק וְתֵרֹֽעַ׃ | 40 |
ئۇنىڭدىن كېيىنكى تۆتىنچى پادىشاھلىق بولسا تۆمۈردەك مۇستەھكەم بولىدۇ. تۆمۈر بارلىق باشقا نەرسىلەرنى چېقىۋېتىپ بويسۇندۇرغىنىدەك، شۇنىڭغا ئوخشاش بۇ تۆمۈر پادىشاھلىق ئۆز ئالدىنقى پادىشاھلارنىڭ ھەممىسىنى ئېزىپ چېقىۋېتىدۇ. |
וְדִֽי־חֲזַיְתָה רַגְלַיָּא וְאֶצְבְּעָתָא (מנהון) [מִנְּהֵן] חֲסַף דִּֽי־פֶחָר (ומנהון) [וּמִנְּהֵין] פַּרְזֶל מַלְכוּ פְלִיגָה תֶּהֱוֵה וּמִן־נִצְבְּתָא דִֽי־פַרְזְלָא לֶֽהֱוֵא־בַהּ כׇּל־קֳבֵל דִּי חֲזַיְתָה פַּרְזְלָא מְעָרַב בַּחֲסַף טִינָֽא׃ | 41 |
ئۆزلىرى كۆرگەندەك تۆمۈر بىلەن سېغىز لاينىڭ ئارىلاشمىسىدىن ياسالغان پۇت ۋە بارماقلار بۇ پادىشاھلىقنىڭ بۆلۈنمە بولۇپ كېتىدىغىنىنى كۆرسىتىدۇ. بىراق بۇ پادىشاھلىق تۆمۈردەك كۈچكە ئىگە بولىدۇ، چۈنكى سىلى كۆرگەندەك، تۆمۈر بىلەن لاي ئارىلاشقان. |
וְאֶצְבְּעָת רַגְלַיָּא (מנהון) [מִנְּהֵין] פַּרְזֶל (ומנהון) [וּמִנְּהֵין] חֲסַף מִן־קְצָת מַלְכוּתָא תֶּהֱוֵה תַקִּיפָה וּמִנַּהּ תֶּהֱוֵא תְבִירָֽה׃ | 42 |
تۆمۈر بىلەن لاينىڭ ئارىلاشمىسىدىن ياسالغان پۇتنىڭ بارماقلىرى ئۇ پادىشاھلىقنىڭ بىر قىسمىنىڭ كۈچىيىدىغانلىقىنى، بىر قىسمىنىڭ ئاجىزلىشىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. |
(די) [וְדִי] חֲזַיְתָ פַּרְזְלָא מְעָרַב בַּחֲסַף טִינָא מִתְעָרְבִין לֶהֱוֺן בִּזְרַע אֲנָשָׁא וְלָֽא־לֶהֱוֺן דָּבְקִין דְּנָה עִם־דְּנָה הֵֽא־כְדִי פַרְזְלָא לָא מִתְעָרַב עִם־חַסְפָּֽא׃ | 43 |
ئۆزلىرى تۆمۈر بىلەن لاينىڭ ئارىلاشقانلىقىنى كۆردىلە. بۇ ئۇ [پادىشاھلىقنىڭ ھۆكۈمدارلىرى پادىشاھلىقنىڭ] پۇقرالىرى بىلەن ئىتتىپاقلاشماقچى بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. لېكىن تۆمۈر لاي بىلەن ئارىلاشمىغاندەك، بىرلىشىپ كېتەلمەيدۇ. |
וּֽבְיוֹמֵיהוֹן דִּי מַלְכַיָּא אִנּוּן יְקִים אֱלָהּ שְׁמַיָּא מַלְכוּ דִּי לְעָלְמִין לָא תִתְחַבַּל וּמַלְכוּתָה לְעַם אׇחֳרָן לָא תִשְׁתְּבִק תַּדִּק וְתָסֵיף כׇּל־אִלֵּין מַלְכְוָתָא וְהִיא תְּקוּם לְעָלְמַיָּֽא׃ | 44 |
ئۇ [ئاخىرقى] پادىشاھلار تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە، ئەرشتىكى خۇدا يىمىرىلمەس بىر پادىشاھلىق بەرپا قىلىدۇ. بۇ پادىشاھلىق ھەرگىز باشقا بىر خەلققە ئۆتمەيدۇ؛ ئەكسىچە ئۇ بۇ باشقا پادىشاھلىقلارنى ئۈزۈل-كېسىل گۇمران قىلىپ، ئۆزى مەڭگۈ مەزمۇت تۇرىدۇ. |
כׇּל־קֳבֵל דִּֽי־חֲזַיְתָ דִּי מִטּוּרָא אִתְגְּזֶרֶת אֶבֶן דִּי־לָא בִידַיִן וְהַדֵּקֶת פַּרְזְלָא נְחָשָׁא חַסְפָּא כַּסְפָּא וְדַהֲבָא אֱלָהּ רַב הוֹדַע לְמַלְכָּא מָה דִּי לֶהֱוֵא אַחֲרֵי דְנָה וְיַצִּיב חֶלְמָא וּמְהֵימַן פִּשְׁרֵֽהּ׃ | 45 |
ئۆزلىرى ئادەم قولى بىلەن قېزىلمىغان بىر تاشنىڭ تاغدىن چىققىنىنى ۋە ئۇنىڭ ھەيكەلدىكى تۆمۈر، مىس، لاي، كۈمۈش، ئالتۇننى چېقىۋەتكەنلىكىنى كۆردىلە. شۇڭا ئۇلۇغ خۇدا ئالىيلىرىغا كەلگۈسىدە يۈز بېرىدىغان ئىشلارنى بىلدۈرگەن. كۆرگەن چۈشلىرى چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ، بېرىلگەن تەبىر مۇتلەق ئىشەنچلىكتۇر. |
בֵּאדַיִן מַלְכָּא נְבֽוּכַדְנֶצַּר נְפַל עַל־אַנְפּוֹהִי וּלְדָנִיֵּאל סְגִד וּמִנְחָה וְנִיחֹחִין אֲמַר לְנַסָּכָה לֵֽהּ׃ | 46 |
ئاندىن پادىشاھ نېبوقادنەسار ئۆزىنى يەرگە ئېتىپ دانىيالغا سەجدە قىلدى ۋە ئۇنىڭغا ھەدىيە بېرىپ خۇشپۇراق-ئىسرىق سېلىشنى ئەمر قىلدى. |
עָנֵה מַלְכָּא לְדָנִיֵּאל וְאָמַר מִן־קְשֹׁט דִּי אֱלָהֲכוֹן הוּא אֱלָהּ אֱלָהִין וּמָרֵא מַלְכִין וְגָלֵה רָזִין דִּי יְכֵלְתָּ לְמִגְלֵא רָזָא דְנָֽה׃ | 47 |
پادىشاھ ئۇنىڭغا: ــ دەرۋەقە، سېنىڭ خۇدايىڭ ئىلاھلار ئىچىدە ئەڭ ئۇلۇغ ئىلاھ، پادىشاھلارنىڭ خوجىسى ۋە سىرلارنى ئاشكارىلىغۇچى ئىكەن، چۈنكى سەن بۇ سىرنى يەشتىڭ! ــ دېدى. |
אֱדַיִן מַלְכָּא לְדָנִיֵּאל רַבִּי וּמַתְּנָן רַבְרְבָן שַׂגִּיאָן יְהַב־לֵהּ וְהַשְׁלְטֵהּ עַל כׇּל־מְדִינַת בָּבֶל וְרַב־סִגְנִין עַל כׇּל־חַכִּימֵי בָבֶֽל׃ | 48 |
ئاندىن پادىشاھ دانىيالنىڭ مەرتىۋىسىنى يۇقىرى قىلىپ، ئۇنىڭغا نۇرغۇن ئېسىل سوۋغاتلارنى تەقدىم قىلدى. ئۇ ئۇنى پۈتكۈل بابىل ئۆلكىسىگە ھاكىم بولۇشقا تەيىنلىدى ۋە ئۇنى بابىلدىكى دانىشمەن-ئەقىلدارلارنىڭ باش ئاقساقىلى قىلدى. |
וְדָנִיֵּאל בְּעָא מִן־מַלְכָּא וּמַנִּי עַל עֲבִֽידְתָּא דִּי מְדִינַת בָּבֶל לְשַׁדְרַךְ מֵישַׁךְ וַעֲבֵד נְגוֹ וְדָנִיֵּאל בִּתְרַע מַלְכָּֽא׃ | 49 |
دانىيالنىڭ پادىشاھتىن تەلەپ قىلىشى بىلەن، پادىشاھ شادراك، مىشاك ۋە ئەبەدنېگولارنى بابىل ئۆلكىسىنىڭ مەمۇرىي ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىشقا تەيىنلىدى. دانىيال ئۆزى ئوردا خىزمىتىدە قالدى. |