וּבָעֵת הַהִיא יַעֲמֹד מִֽיכָאֵל הַשַּׂר הַגָּדוֹל הָעֹמֵד עַל־בְּנֵי עַמֶּךָ וְהָיְתָה עֵת צָרָה אֲשֶׁר לֹֽא־נִהְיְתָה מִֽהְיוֹת גּוֹי עַד הָעֵת הַהִיא וּבָעֵת הַהִיא יִמָּלֵט עַמְּךָ כׇּל־הַנִּמְצָא כָּתוּב בַּסֵּֽפֶר׃ | 1 |
ــ «ئۇ چاغدا، قېرىنداشلىرىڭنى «قوغدىغۇچى ئۇلۇغ ئەمىر» مىكائىل مەيدانغا چىقىدۇ. بىر ئازابلىق مەزگىل بولىدۇ؛ يۇرت-دۆلەت بارلىققا كەلگەندىن بۇيان، شۇنداق چوڭ بالايىئاپەتلىك مەزگىل بولۇپ باقمىغان. بىراق شۇ چاغدا خەلقىڭ قۇتقۇزۇلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى نامى ھاياتلىق دەپتىرىگە پۈتۈلگەنلەرنىڭ ھەممىسى نىجاتلىققا ئېرىشىدۇ. |
וְרַבִּים מִיְּשֵׁנֵי אַדְמַת־עָפָר יָקִיצוּ אֵלֶּה לְחַיֵּי עוֹלָם וְאֵלֶּה לַחֲרָפוֹת לְדִרְאוֹן עוֹלָֽם׃ | 2 |
تۇپراقتا ياتقان ئۆلۈكلەردىن نۇرغۇنلىرى تىرىلىدۇ. ئۇلار مەڭگۈلۈك ھاياتتىن بەھرىمەن بولىدۇ؛ قالغانلىرى نومۇستا ھەم مەڭگۈلۈك رەسۋاچىلىققا تىرىلىدۇ. |
וְהַמַּשְׂכִּלִים יַזְהִרוּ כְּזֹהַר הָרָקִיעַ וּמַצְדִּיקֵי הָֽרַבִּים כַּכּוֹכָבִים לְעוֹלָם וָעֶֽד׃ | 3 |
ئاقىللار ئاسماندىكى گۈمبۈزدەك پارلاق جۇلالىنىدۇ؛ نۇرغۇن كىشىلەرنى ھەققانىيلىق يولىغا باشلاپ كىرگەنلەر يۇلتۇزلارغا ئوخشاش ئەبەدىلئەبەد پارلاپ تۇرىدۇ». |
וְאַתָּה דָֽנִיֵּאל סְתֹם הַדְּבָרִים וַחֲתֹם הַסֵּפֶר עַד־עֵת קֵץ יְשֹׁטְטוּ רַבִּים וְתִרְבֶּה הַדָּֽעַת׃ | 4 |
ئۇ ماڭا يەنە: ــ ئى دانىيال، سەن ئەمدى بۇ سۆزلەرنى توختات؛ مەزكۇر كىتابنىڭ تاكى دۇنيانىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىگىچە شۇ پېتى تۇرۇشى ئۈچۈن ئۇنى پىچەتلەپ مۆھۈرلىۋەتكىن. نۇرغۇن كىشىلەر ئۇيان-بۇيان يۈرىدۇ ۋە بىلىم ئاشىدۇ، ــ دېدى. |
וְרָאִיתִי אֲנִי דָנִיֵּאל וְהִנֵּה שְׁנַיִם אֲחֵרִים עֹמְדִים אֶחָד הֵנָּה לִשְׂפַת הַיְאֹר וְאֶחָד הֵנָּה לִשְׂפַת הַיְאֹֽר׃ | 5 |
مەنكى دانىيال كۆردۈمكى، مانا ئىككى زات، بىرى دەريانىڭ بۇ تەرىپىدە، يەنە بىرى دەريانىڭ ئۇ تەرىپىدە تۇرۇپتۇ. |
וַיֹּאמֶר לָאִישׁ לְבוּשׁ הַבַּדִּים אֲשֶׁר מִמַּעַל לְמֵימֵי הַיְאֹר עַד־מָתַי קֵץ הַפְּלָאֽוֹת׃ | 6 |
ئۇلاردىن بىرى دەريا سۈيى ئۈستىدە تۇرغان ئاق كاناپ كىيىم كىيگەن زاتتىن: ــ بۇ كارامەت ئىشلار تۈگىگىچە قانچىلىك ۋاقىت كېتىدۇ؟ ــ دەپ سورىدى. |
וָאֶשְׁמַע אֶת־הָאִישׁ ׀ לְבוּשׁ הַבַּדִּים אֲשֶׁר מִמַּעַל לְמֵימֵי הַיְאֹר וַיָּרֶם יְמִינוֹ וּשְׂמֹאלוֹ אֶל־הַשָּׁמַיִם וַיִּשָּׁבַע בְּחֵי הָעוֹלָם כִּי לְמוֹעֵד מֽוֹעֲדִים וָחֵצִי וּכְכַלּוֹת נַפֵּץ יַד־עַם־קֹדֶשׁ תִּכְלֶינָה כׇל־אֵֽלֶּה׃ | 7 |
ئۇ دەريا سۈيى ئۈستىدە تۇرغان، كاناپ كىيىم كىيگەن زات ئوڭ ۋە سول قولىنى ئاسمانغا قارىتىپ كۆتۈرۈپ، مەڭگۈ ھايات بولغۇچىنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىپ: ــ بىر ۋاقىت، ئىككى ۋاقىت، قوشۇمچە يېرىم ۋاقىت كېتىدۇ. [خۇدانىڭ] مۇقەددەس خەلقىنى پارچىلىغۇچى خورلۇق ئاخىرلاشقاندا، بۇ ئىشلار تۈگەيدۇ، ــ دېدى. |
וַאֲנִי שָׁמַעְתִּי וְלֹא אָבִין וָאֹמְרָה אֲדֹנִי מָה אַחֲרִית אֵֽלֶּה׃ | 8 |
ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغان بولساممۇ، مەنىسىنى چۈشەنمىدىم. شۇڭا مەن: ــ تەقسىر، بۇ ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولىدۇ؟ ــ دەپ سورىدىم. |
וַיֹּאמֶר לֵךְ דָּנִיֵּאל כִּֽי־סְתֻמִים וַחֲתֻמִים הַדְּבָרִים עַד־עֵת קֵֽץ׃ | 9 |
ئۇ ماڭا مۇنداق دېدى: ــ «ئەي دانىيال، يولۇڭغا ماڭ، چۈنكى بۇ سۆزلەر ئاخىر زامانغىچە مەخپىي تۇتۇلۇپ يېپىقلىق تۇرىدۇ. |
יִתְבָּֽרְרוּ וְיִֽתְלַבְּנוּ וְיִצָּֽרְפוּ רַבִּים וְהִרְשִׁיעוּ רְשָׁעִים וְלֹא יָבִינוּ כׇּל־רְשָׁעִים וְהַמַּשְׂכִּלִים יָבִֽינוּ׃ | 10 |
نۇرغۇن كىشىلەر تازىلىنىدۇ، پاكلىنىدۇ ۋە تاۋلىنىدۇ. رەزىللەر بولسا، داۋاملىق رەزىللىك قىلىۋېرىدۇ؛ ئۇلاردىن ھېچكىم بۇنى چۈشىنەلمەيدۇ، بىراق ئاقىللار چۈشىنىدۇ. |
וּמֵעֵת הוּסַר הַתָּמִיד וְלָתֵת שִׁקּוּץ שֹׁמֵם יָמִים אֶלֶף מָאתַיִם וְתִשְׁעִֽים׃ | 11 |
كۈندىلىك قۇربانلىق سۇنۇشنى ئەمەلدىن قالدۇرغان كۈندىن تارتىپ، يەنى «ۋەيران قىلغۇچى يىرگىنچلىك نومۇسسىزلىق» قويۇلغان ۋاقىتتىن باشلاپ، بىر مىڭ ئىككى يۈز توقسان كۈن ئۆتىدۇ. |
אַשְׁרֵי הַֽמְחַכֶּה וְיַגִּיעַ לְיָמִים אֶלֶף שְׁלֹשׁ מֵאוֹת שְׁלֹשִׁים וַחֲמִשָּֽׁה׃ | 12 |
ئاخىرغىچە سادىق بولۇپ، بىر مىڭ ئۈچ يۈز ئوتتۇز بەش كۈننى كۈتۈپ ئۆتكۈزگەنلەر نېمىدېگەن بەختلىك-ھە! |
וְאַתָּה לֵךְ לַקֵּץ וְתָנוּחַ וְתַעֲמֹד לְגֹרָלְךָ לְקֵץ הַיָּמִֽין׃ | 13 |
ئەمما سەن بولساڭ، ئاخىرغىچە يولۇڭدا مېڭىۋەرگىن. سەن ئارام تاپىسەن، ۋە كۈنلەرنىڭ ئاخىرىدا نېسىۋەڭگە مۇيەسسەر بولۇشقا قايتا تىرىلىسەن». |