וַיָּבֹאוּ כׇּל־שִׁבְטֵי יִשְׂרָאֵל אֶל־דָּוִד חֶבְרוֹנָה וַיֹּאמְרוּ לֵאמֹר הִנְנוּ עַצְמְךָ וּֽבְשָׂרְךָ אֲנָֽחְנוּ׃ | 1 |
ئاندىن كېيىن ئىسرائىلنىڭ بارلىق قەبىلىلىرى ھېبرونغا داۋۇتنىڭ قېشىغا كېلىپ: قارىسىلا، بىز ئۆزلىرىنىڭ ئەت-سۆڭەكلىرىدۇرمىز! |
גַּם־אֶתְמוֹל גַּם־שִׁלְשׁוֹם בִּֽהְיוֹת שָׁאוּל מֶלֶךְ עָלֵינוּ אַתָּה (הייתה מוציא) [הָיִיתָ הַמּוֹצִיא] וְהַמֵּבִי אֶת־יִשְׂרָאֵל וַיֹּאמֶר יְהֹוָה לְךָ אַתָּה תִרְעֶה אֶת־עַמִּי אֶת־יִשְׂרָאֵל וְאַתָּה תִּהְיֶה לְנָגִיד עַל־יִשְׂרָאֵֽל׃ | 2 |
بۇرۇن سائۇل بىزنىڭ ئۈستىمىزدە سەلتەنەت قىلغاندىمۇ ئىسرائىل خەلقىگە جەڭگە چىقىپ-كىرىشكە يولباشچى بولغان ئۆزلىرى ئىدىلا؛ پەرۋەردىگار سىلىگە: سەن مېنىڭ خەلقىم ئىسرائىلنىڭ پادىچىسى بولۇپ، ئۇلارنى باقىسەن، ئىسرائىلنىڭ ئەمىرى بولىسەن، دېگەنىدى ــ دېدى. |
וַיָּבֹאוּ כׇּל־זִקְנֵי יִשְׂרָאֵל אֶל־הַמֶּלֶךְ חֶבְרוֹנָה וַיִּכְרֹת לָהֶם הַמֶּלֶךְ דָּוִד בְּרִית בְּחֶבְרוֹן לִפְנֵי יְהֹוָה וַיִּמְשְׁחוּ אֶת־דָּוִד לְמֶלֶךְ עַל־יִשְׂרָאֵֽל׃ | 3 |
شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلنىڭ ھەممە ئاقساقاللىرى ھېبرونغا پادىشاھنىڭ قېشىغا كەلدى؛ داۋۇت پادىشاھ ھېبروندا، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۇلار بىلەن ئەھدە تۈزۈشتى. ئاندىن ئۇلار داۋۇتنى ئىسرائىلغا پادىشاھ بولۇشقا مەسىھ قىلدى. |
בֶּן־שְׁלֹשִׁים שָׁנָה דָּוִד בְּמׇלְכוֹ אַרְבָּעִים שָׁנָה מָלָֽךְ׃ | 4 |
داۋۇت پادىشاھ بولغاندا ئوتتۇز ياشقا كىرگەن بولۇپ، قىرىق يىل سەلتەنەت قىلدى. |
בְּחֶבְרוֹן מָלַךְ עַל־יְהוּדָה שֶׁבַע שָׁנִים וְשִׁשָּׁה חֳדָשִׁים וּבִירוּשָׁלַ͏ִם מָלַךְ שְׁלֹשִׁים וְשָׁלֹשׁ שָׁנָה עַל כׇּל־יִשְׂרָאֵל וִיהוּדָֽה׃ | 5 |
ئۇ ھېبروندا يەھۇدانىڭ ئۈستىدە يەتتە يىل ئالتە ئاي سەلتەنەت قىلىپ، يېرۇسالېمدا پۈتكۈل ئىسرائىل بىلەن يەھۇدانىڭ ئۈستىدە ئوتتۇز ئۈچ يىل سەلتەنەت قىلدى. |
וַיֵּלֶךְ הַמֶּלֶךְ וַֽאֲנָשָׁיו יְרוּשָׁלַ͏ִם אֶל־הַיְבֻסִי יוֹשֵׁב הָאָרֶץ וַיֹּאמֶר לְדָוִד לֵאמֹר לֹא־תָבוֹא הֵנָּה כִּי אִם־הֱסִֽירְךָ הַעִוְרִים וְהַפִּסְחִים לֵאמֹר לֹא־יָבוֹא דָוִד הֵֽנָּה׃ | 6 |
پادىشاھ ئۆز ئادەملىرى بىلەن يېرۇسالېمغا چىقىپ، شۇ زېمىندا تۇرغان يەبۇسىيلار بىلەن جەڭ قىلغىلى باردى. ئۇلار داۋۇتقا: سەن بۇ يەرگە كىرەلمەيسەن، بەلكى ھەتتا كورلار بىلەن ئاقساقلار سېنى چېكىندۈرىدۇ! ــ دېدى. چۈنكى ئۇلار: «داۋۇت بۇ يەرگە قەتئىي كىرەلمەيدۇ»، دەپ ئويلايتتى. |
וַיִּלְכֹּד דָּוִד אֵת מְצֻדַת צִיּוֹן הִיא עִיר דָּוִֽד׃ | 7 |
لېكىن داۋۇت زىئون قورغىنىنى ئالدى (بۇ يەر داۋۇتنىڭ شەھىرى دەپ ئاتىلىدۇ). |
וַיֹּאמֶר דָּוִד בַּיּוֹם הַהוּא כׇּל־מַכֵּה יְבֻסִי וְיִגַּע בַּצִּנּוֹר וְאֶת־הַפִּסְחִים וְאֶת־הַעִוְרִים (שנאו) [שְׂנוּאֵי] נֶפֶשׁ דָּוִד עַל־כֵּן יֹֽאמְרוּ עִוֵּר וּפִסֵּחַ לֹא יָבוֹא אֶל־הַבָּֽיִת׃ | 8 |
داۋۇت ئۇ كۈنى: كىمكى يەبۇسىيلارنى ئۇراي دېسە سۈڭگۈچ بىلەن چىقىشى كېرەك، ئاندىن ئۇ داۋۇت قىن-قىنىدىن ئۆچ كۆرىدىغان بۇ كور، ئاقساقلار بىلەن [ھېسابلىشالايدۇ]، دېدى. شۇنىڭ بىلەن «كورلار يا ئاقساقلار ئۆيگە كىرمىسۇن» دەيدىغان ماقال پەيدا بولدى. |
וַיֵּשֶׁב דָּוִד בַּמְּצֻדָה וַיִּקְרָא־לָהּ עִיר דָּוִד וַיִּבֶן דָּוִד סָבִיב מִן־הַמִּלּוֹא וָבָֽיְתָה׃ | 9 |
شۇنداق قىلىپ داۋۇت قورغاندا تۇردى ۋە ئۇ يەرنى «داۋۇتنىڭ شەھىرى» دەپ ئاتىدى. داۋۇت شەھەرنىڭ ئەتراپىغا مىللودىن تارتىپ ئىچ تەرەپكىچە ئىمارەت سالدى. |
וַיֵּלֶךְ דָּוִד הָלוֹךְ וְגָדוֹל וַיהֹוָה אֱלֹהֵי צְבָאוֹת עִמּֽוֹ׃ | 10 |
داۋۇت بارغانسېرى قۇدرەت تاپتى؛ ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا پەرۋەردىگار ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىدى. |
וַיִּשְׁלַח חִירָם מֶלֶךְ־צֹר מַלְאָכִים אֶל־דָּוִד וַעֲצֵי אֲרָזִים וְחָרָשֵׁי עֵץ וְחָרָשֵׁי אֶבֶן קִיר וַיִּבְנוּ־בַיִת לְדָוִֽד׃ | 11 |
تۇرنىڭ پادىشاھى ھىرام داۋۇتنىڭ قېشىغا ئەلچىلەرنى ئەۋەتتى ۋە ئۇلار بىلەن قوشۇپ، كېدىر ياغاچلىرى، ياغاچچىلار ۋە تاشچىلارنى ئەۋەتتى؛ ئۇلار داۋۇت ئۈچۈن بىر ئوردا ياساپ بەردى. |
וַיֵּדַע דָּוִד כִּֽי־הֱכִינוֹ יְהֹוָה לְמֶלֶךְ עַל־יִשְׂרָאֵל וְכִי נִשֵּׂא מַמְלַכְתּוֹ בַּעֲבוּר עַמּוֹ יִשְׂרָאֵֽל׃ | 12 |
داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزىنى ئىسرائىلغا پادىشاھ تىكلەپ، ئۆز خەلقى ئىسرائىل ئۈچۈن ئۆزىنىڭ پادىشاھلىقىنى گۈللەندۈرگەنلىكىنى بىلىپ يەتتى. |
וַיִּקַּח דָּוִד עוֹד פִּֽלַגְשִׁים וְנָשִׁים מִירוּשָׁלַ͏ִם אַחֲרֵי בֹּאוֹ מֵחֶבְרוֹן וַיִּוָּלְדוּ עוֹד לְדָוִד בָּנִים וּבָנֽוֹת׃ | 13 |
داۋۇت ھېبروندىن كەلگەندىن كېيىن يېرۇسالېمدىن يەنە ئاياللارنى ۋە كېنىزەكلەرنى ئالدى؛ شۇنىڭ بىلەن داۋۇتقا يەنە كۆپ ئوغۇل-قىزلار تۇغۇلدى. |
וְאֵלֶּה שְׁמוֹת הַיִּלֹּדִים לוֹ בִּירוּשָׁלָ͏ִם שַׁמּוּעַ וְשׁוֹבָב וְנָתָן וּשְׁלֹמֹֽה׃ | 14 |
يېرۇسالېمدا ئۇنىڭدىن تۇغۇلغانلارنىڭ ئىسىملىرى مانا مۇنداق ئىدى: شاممۇئا، شوباب، ناتان، سۇلايمان، |
וְיִבְחָר וֶאֱלִישׁוּעַ וְנֶפֶג וְיָפִֽיעַ׃ | 15 |
ئىبھار، ئېلىشۇئا، نەفەگ، يافىيا، |
וֶאֱלִישָׁמָע וְאֶלְיָדָע וֶאֱלִיפָֽלֶט׃ | 16 |
ئېلىشاما، ئېلىئادا ۋە ئېلىفەلەت. |
וַיִּשְׁמְעוּ פְלִשְׁתִּים כִּֽי־מָשְׁחוּ אֶת־דָּוִד לְמֶלֶךְ עַל־יִשְׂרָאֵל וַיַּעֲלוּ כׇל־פְּלִשְׁתִּים לְבַקֵּשׁ אֶת־דָּוִד וַיִּשְׁמַע דָּוִד וַיֵּרֶד אֶל־הַמְּצוּדָֽה׃ | 17 |
فىلىستىيلەر داۋۇتنىڭ ئىسرائىلغا پادىشاھ بولۇشقا مەسىھلەنگىنىنى ئاڭلىغاندا، ئۇلار ھەممىسى داۋۇتنى تۇتقىلى چىقتى، داۋۇت بۇنى ئاڭلاپلا، قورغانغا چۈشتى. |
וּפְלִשְׁתִּים בָּאוּ וַיִּנָּטְשׁוּ בְּעֵמֶק רְפָאִֽים׃ | 18 |
فىلىستىيلەر كېلىپ «رەفايىم جىلغىسى»دا يېيىلىپ تۇردى؛ |
וַיִּשְׁאַל דָּוִד בַּֽיהֹוָה לֵאמֹר הַאֶֽעֱלֶה אֶל־פְּלִשְׁתִּים הֲתִתְּנֵם בְּיָדִי וַיֹּאמֶר יְהֹוָה אֶל־דָּוִד עֲלֵה כִּֽי־נָתֹן אֶתֵּן אֶת־הַפְּלִשְׁתִּים בְּיָדֶֽךָ׃ | 19 |
داۋۇت پەرۋەردىگاردىن يول سوراپ: فىلىستىيلەرگە قارشى ئاتلىنايمۇ؟ ئۇلارنى قولۇمغا تاپشۇرارسەنمۇ؟ ــ دېدى. پەرۋەردىگار داۋۇتقا: چىققىن! چۈنكى، مەن فىلىستىيلەرنى جەزمەن قولۇڭغا تاپشۇرىمەن ــ دېدى. |
וַיָּבֹא דָוִד בְּבַֽעַל־פְּרָצִים וַיַּכֵּם שָׁם דָּוִד וַיֹּאמֶר פָּרַץ יְהֹוָה אֶת־אֹיְבַי לְפָנַי כְּפֶרֶץ מָיִם עַל־כֵּן קָרָא שֵֽׁם־הַמָּקוֹם הַהוּא בַּעַל פְּרָצִֽים׃ | 20 |
ئۇ ۋاقىتتا داۋۇت بائال-پەرازىمغا باردى. ئۇ يەردە داۋۇت ئۇلارنى تارمار قىلدى. ئۇ: ــ «پەرۋەردىگار مېنىڭ ئالدىمدا دۈشمەنلىرىم ئۈستىگە خۇددى كەلكۈن يارنى ئېلىپ كەتكەندەك بۆسۈپ كىردى» ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەرنى «بائال-پەرازىم» دەپ ئاتىدى. |
וַיַּעַזְבוּ שָׁם אֶת־עֲצַבֵּיהֶם וַיִּשָּׂאֵם דָּוִד וַאֲנָשָֽׁיו׃ | 21 |
فىلىستىيلەر ئۇ يەردە ئۆز مەبۇدلىرىنى تاشلاپ كەتتى؛ داۋۇت بىلەن ئادەملىرى ئۇلارنى ئېلىپ كەتتى. |
וַיֹּסִפוּ עוֹד פְּלִשְׁתִּים לַעֲלוֹת וַיִּנָּטְשׁוּ בְּעֵמֶק רְפָאִֽים׃ | 22 |
ئەمدى فىلىستىيلەر يەنە چىقىپ «رەفايىم جىلغىسى»دا يېيىلىپ تۇردى. |
וַיִּשְׁאַל דָּוִד בַּיהֹוָה וַיֹּאמֶר לֹא תַעֲלֶה הָסֵב אֶל־אַחֲרֵיהֶם וּבָאתָ לָהֶם מִמּוּל בְּכָאִֽים׃ | 23 |
داۋۇت پەرۋەردىگاردىن يول سورىدى. پەرۋەردىگار: سەن ئۇ يەرگە چىقماي، بەلكى ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ ئۈجمە دەرەخلىرىنىڭ ئۇدۇلىدىن ھۇجۇم قىلغىن ــ دېدى، |
וִיהִי (בשמעך) [כְּֽשׇׁמְעֲךָ] אֶת־קוֹל צְעָדָה בְּרָאשֵׁי הַבְּכָאִים אָז תֶּחֱרָץ כִּי אָז יָצָא יְהֹוָה לְפָנֶיךָ לְהַכּוֹת בְּמַחֲנֵה פְלִשְׁתִּֽים׃ | 24 |
شۇنداق بولىدۇكى، سەن ئۈجمە دەرەخلىكىنىڭ ئۈستىدىن ئاياغ تىۋىشىنى ئاڭلىشىڭ بىلەنلا دەرھال ئاتلان؛ چۈنكى شۇ تاپتا پەرۋەردىگار فىلىستىيلەرنىڭ قوشۇنىغا ھۇجۇمغا چىققان بولىدۇ، ــ دېدى. |
וַיַּעַשׂ דָּוִד כֵּן כַּאֲשֶׁר צִוָּהוּ יְהֹוָה וַיַּךְ אֶת־פְּלִשְׁתִּים מִגֶּבַע עַד־בֹּאֲךָ גָֽזֶר׃ | 25 |
داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنىڭغا ئەمر قىلغىنىدەك قىلىپ، فىلىستىيلەرنى گىبېئوندىن گەزەرگىچە قوغلاپ قىردى. |