וְאֵלֶּה דִּבְרֵי דָוִד הָאַחֲרֹנִים נְאֻם דָּוִד בֶּן־יִשַׁי וּנְאֻם הַגֶּבֶר הֻקַם עָל מְשִׁיחַ אֱלֹהֵי יַעֲקֹב וּנְעִים זְמִרוֹת יִשְׂרָאֵֽל׃ | 1 |
تۆۋەندىكىلەر داۋۇتنىڭ ئاخىرقى سۆزلىرىدۇر: ــ يەسسەنىڭ ئوغلى داۋۇتنىڭ بېشارىتى، يۇقىرى مەرتىۋىگە كۆتۈرۈلگەن، ياقۇپنىڭ خۇداسى تەرىپىدىن مەسىھلەنگەن، ئىسرائىلنىڭ سۆيۈملۈك كۈيچىسىنىڭ بېشارەت سۆزلىرى مانا: ــ |
רוּחַ יְהֹוָה דִּבֶּר־בִּי וּמִלָּתוֹ עַל־לְשׁוֹנִֽי׃ | 2 |
پەرۋەردىگارنىڭ روھى مەن ئارقىلىق سۆز قىلدى، ئۇنىڭ سۆزلىرى تىلىمدىدۇر. |
אָמַר אֱלֹהֵי יִשְׂרָאֵל לִי דִבֶּר צוּר יִשְׂרָאֵל מוֹשֵׁל בָּאָדָם צַדִּיק מוֹשֵׁל יִרְאַת אֱלֹהִֽים׃ | 3 |
ئىسرائىلنىڭ خۇداسى سۆز قىلدى، ئىسرائىلنىڭ قورام تېشى ماڭا شۇنداق دېدى: ــ كىمكى ئادەملەرنىڭ ئارىسىدا ئادالەت بىلەن سەلتەنەت قىلسا، كىمكى خۇدادىن قورقۇش بىلەن سەلتەنەت قىلسا، |
וּכְאוֹר בֹּקֶר יִזְרַח־שָׁמֶשׁ בֹּקֶר לֹא עָבוֹת מִנֹּגַהּ מִמָּטָר דֶּשֶׁא מֵאָֽרֶץ׃ | 4 |
ئۇ قۇياش چىققاندىكى تاڭ نۇرىدەك، بۇلۇتسىز سەھەردەك بولىدۇ، يامغۇردىن كېيىن ئاسمان سۈزۈك بولۇشى بىلەن، يۇمران مايسىلار تۇپراقتىن چىقىدۇ، مانا ئۇ شۇنداق بولىدۇ. |
כִּי־לֹא־כֵן בֵּיתִי עִם־אֵל כִּי בְרִית עוֹלָם שָׂם לִי עֲרוּכָה בַכֹּל וּשְׁמֻרָה כִּֽי־כׇל־יִשְׁעִי וְכׇל־חֵפֶץ כִּי־לֹא יַצְמִֽיחַ׃ | 5 |
بەرھەق، مېنىڭ ئۆيۈم تەڭرى ئالدىدا شۇنداق ئەمەسمۇ؟ چۈنكى ئۇ مەن بىلەن مەڭگۈلۈك ئەھدە تۈزدى، بۇ ئەھدە ھەممە ئىشلاردا مۇپەسسەل ھەم مۇستەھكەمدۇر؛ چۈنكى مېنىڭ بارلىق نىجاتلىق ئىشلىرىمنى، ھەممە ئىنتىزارلىقىمنى، ئۇ بەرق ئۇرغۇزمامدۇ؟ |
וּבְלִיַּעַל כְּקוֹץ מֻנָד כֻּלָּהַם כִּי־לֹא בְיָד יִקָּֽחוּ׃ | 6 |
لېكىن ئىپلاسلارنىڭ ھەممىسى تىكەنلەردەك، ھېچكىم قولىدا تۇتالمىغاچقا، چۆرىۋېتىلىدۇ. |
וְאִישׁ יִגַּע בָּהֶם יִמָּלֵא בַרְזֶל וְעֵץ חֲנִית וּבָאֵשׁ שָׂרוֹף יִשָּֽׂרְפוּ בַּשָּֽׁבֶת׃ | 7 |
ئۇلارغا قول ئۇزاتقۇچى ئۆزىنى تۆمۈر قورال ۋە نەيزە سېپى بىلەن قوراللاندۇرمىسا بولمايدۇ؛ ئۇلار ھامان تۇرغان يېرىدە ئوتتا كۆيدۈرۈۋېتىلىدۇ! |
אֵלֶּה שְׁמוֹת הַגִּבֹּרִים אֲשֶׁר לְדָוִד יֹשֵׁב בַּשֶּׁבֶת תַּחְכְּמֹנִי ׀ רֹאשׁ הַשָּׁלִשִׁי הוּא עֲדִינוֹ (העצנו) [הָֽעֶצְנִי] עַל־שְׁמֹנֶה מֵאוֹת חָלָל בְּפַעַם (אחד) [אֶחָֽת]׃ | 8 |
داۋۇتنىڭ پالۋانلىرىنىڭ ئىسىملىرى تۆۋەندىكىدەك خاتىرىلەنگەندۇر: ــ تاخكىمونلۇق يوشەب-باشسەبەت سەردارلارنىڭ بېشى ئىدى. ئۇ بىر قېتىملىق جەڭدە نەيزە ئوينىتىپ، سەككىز يۈز ئادەمنى ئۆلتۈرگەنىدى. |
וְאַחֲרָו אֶלְעָזָר בֶּן־[דֹּדוֹ] (דדי) בֶּן־אֲחֹחִי בִּשְׁלֹשָׁה (גברים) [הַגִּבֹּרִים] עִם־דָּוִד בְּחָרְפָם בַּפְּלִשְׁתִּים נֶאֶסְפוּ־שָׁם לַמִּלְחָמָה וַֽיַּעֲלוּ אִישׁ יִשְׂרָאֵֽל׃ | 9 |
كېيىنكىسى ئاخوخىي دودونىڭ ئوغلى ئەلىئازار ئىدى؛ فىلىستىيلەر يىغىلىپ جەڭ قىلماقچى بولدى؛ شۇ ۋاقىتتا داۋۇت ۋە ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ چىققان ئۈچ پالۋان ئۇلارنى جەڭگە چاقىردى؛ ئەلىئازار شۇ ئۈچتىن بىرى ئىدى. لېكىن ئىسرائىللار چېكىندى؛ |
הוּא קָם וַיַּךְ בַּפְּלִשְׁתִּים עַד ׀ כִּֽי־יָגְעָה יָדוֹ וַתִּדְבַּק יָדוֹ אֶל־הַחֶרֶב וַיַּעַשׂ יְהֹוָה תְּשׁוּעָה גְדוֹלָה בַּיּוֹם הַהוּא וְהָעָם יָשֻׁבוּ אַחֲרָיו אַךְ־לְפַשֵּֽׁט׃ | 10 |
ئۇ قوزغىلىپ، تاكى بېلىكى تېلىپ، قولى قىلىچقا چاپلىشىپ قالغۇچە فىلىستىيلەرنى قىردى. ئۇ كۈنى پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنى چوڭ نۇسرەتكە ئېرىشتۈردى. خەلق ئۇنىڭ قېشىغا قايتقاندا پەقەت ئولجا يىغىش ئىشىلا قالغانىدى. |
וְאַחֲרָיו שַׁמָּה בֶן־אָגֵא הָרָרִי וַיֵּאָסְפוּ פְלִשְׁתִּים לַחַיָּה וַתְּהִי־שָׁם חֶלְקַת הַשָּׂדֶה מְלֵאָה עֲדָשִׁים וְהָעָם נָס מִפְּנֵי פְלִשְׁתִּֽים׃ | 11 |
ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكىسى ھارارلىق ئاگىينىڭ ئوغلى شامماھ ئىدى. بىر كۈنى فىلىستىيلەر قوشۇن بولۇپ يىغىلغانىدى؛ يېقىن ئەتراپتا قويۇق ئۆسكەن بىر قىزىل ماشلىق بار ئىدى. كىشىلەر فىلىستىلەرنىڭ ئالدىدىن قاچقانىدى، |
וַיִּתְיַצֵּב בְּתוֹךְ־הַחֶלְקָה וַיַּצִּילֶהָ וַיַּךְ אֶת־פְּלִשְׁתִּים וַיַּעַשׂ יְהֹוָה תְּשׁוּעָה גְדוֹלָֽה׃ | 12 |
شامماھ بولسا قىزىل ماشلىق ئوتتۇرىسىدا مەزمۇت تۇرۇپ، ئۇنى قوغداپ فىلىستىيلەرنى قىردى؛ شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار [ئىسرائىللارغا] غايەت زور نۇسرەت ئاتا قىلدى. |
וַיֵּֽרְדוּ (שלשים) [שְׁלֹשָׁה] מֵהַשְּׁלֹשִׁים רֹאשׁ וַיָּבֹאוּ אֶל־קָצִיר אֶל־דָּוִד אֶל־מְעָרַת עֲדֻלָּם וְחַיַּת פְּלִשְׁתִּים חֹנָה בְּעֵמֶק רְפָאִֽים׃ | 13 |
ئورما ۋاقتىدا ئوتتۇز يولباشچى ئىچىدىن يەنە ئۈچى ئادۇللامنىڭ غارىغا چۈشۈپ، داۋۇتنىڭ يېنىغا كەلدى. فىلىستىيلەرنىڭ قوشۇنى رەفايىم ۋادىسىغا بارگاھ قۇرغانىدى؛ |
וְדָוִד אָז בַּמְּצוּדָה וּמַצַּב פְּלִשְׁתִּים אָז בֵּית לָֽחֶם׃ | 14 |
ئۇ چاغدا داۋۇت قورغاندا ئىدى، فىلىستىيلەرنىڭ قاراۋۇلگاھى بولسا بەيت-لەھەمدە ئىدى. |
וַיִּתְאַוֶּה דָוִד וַיֹּאמַר מִי יַשְׁקֵנִי מַיִם מִבֹּאר בֵּֽית־לֶחֶם אֲשֶׁר בַּשָּֽׁעַר׃ | 15 |
داۋۇت ئۇسساپ: ئاھ، بىرسى ماڭا بەيت-لەھەمنىڭ دەرۋازىسىنىڭ يېنىدىكى قۇدۇقتىن سۇ ئەكىلىپ بەرگەن بولسا ياخشى بولاتتى! ــ دېۋىدى، |
וַיִּבְקְעוּ שְׁלֹשֶׁת הַגִּבֹּרִים בְּמַחֲנֵה פְלִשְׁתִּים וַיִּֽשְׁאֲבוּ־מַיִם מִבֹּאר בֵּֽית־לֶחֶם אֲשֶׁר בַּשַּׁעַר וַיִּשְׂאוּ וַיָּבִאוּ אֶל־דָּוִד וְלֹא אָבָה לִשְׁתּוֹתָם וַיַּסֵּךְ אֹתָם לַיהֹוָֽה׃ | 16 |
بۇ ئۈچ پالۋان فىلىستىيلەرنىڭ لەشكەرگاھىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، بەيت-لەھەمنىڭ دەرۋازىسىنىڭ يېنىدىكى قۇدۇقتىن سۇ تارتتى ۋە داۋۇتقا ئېلىپ كەلدى؛ لېكىن ئۇ ئۇنىڭدىن ئىچكىلى ئۇنىمىدى، بەلكى سۇنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ تۆكۈپ: |
וַיֹּאמֶר חָלִילָה לִּי יְהֹוָה מֵעֲשֹׂתִי זֹאת הֲדַם הָאֲנָשִׁים הַהֹלְכִים בְּנַפְשׁוֹתָם וְלֹא אָבָה לִשְׁתּוֹתָם אֵלֶּה עָשׂוּ שְׁלֹשֶׁת הַגִּבֹּרִֽים׃ | 17 |
ــ ئى پەرۋەردىگار، بۇنداق ئىش مەندىن نېرى بولسۇن! بۇ ئۈچ ئادەمنىڭ ئۆز ھاياتىغا تەۋەككۇل قىلىپ بېرىپ ئەكەلگەن بۇ سۇ ئۇلارنىڭ قېنىغا ئوخشاش ئەمەسمۇ! ــ دېدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئىچىشكە ئۇنىمىدى. بۇ ئۈچ پالۋان قىلغان ئىشلار دەل شۇلار ئىدى. |
וַֽאֲבִישַׁי אֲחִי ׀ יוֹאָב בֶּן־צְרוּיָה הוּא רֹאשׁ (השלשי) [הַשְּׁלֹשָׁה] וְהוּא עוֹרֵר אֶת־חֲנִיתוֹ עַל־שְׁלֹשׁ מֵאוֹת חָלָל וְלוֹ־שֵׁם בַּשְּׁלֹשָֽׁה׃ | 18 |
زەرۇئىيانىڭ ئوغلى يوئابنىڭ ئىنىسى ئابىشاي بۇ ئۈچىنىڭ بېشى ئىدى. ئۇ ئۈچ يۈز ئادەم بىلەن قارشىلىشىپ نەيزىسىنى پىقىرىتىپ ئۇلارنى ئۆلتۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ «ئۈچ پالۋان» ئىچىدە نامى چىققانىدى. |
מִן־הַשְּׁלֹשָׁה הֲכִי נִכְבָּד וַיְהִי לָהֶם לְשָׂר וְעַד־הַשְּׁלֹשָׁה לֹא־בָֽא׃ | 19 |
ئۇ بۇ ئۈچەيلەننىڭ ئىچىدە ئەڭ ھۆرمەتلىكى ئىدى، شۇڭا ئۇلارنىڭ بېشى ئىدى؛ لېكىن ئۇ ئاۋۋالقى ئۈچەيلەنگە يەتمەيتتى. |
וּבְנָיָהוּ בֶן־יְהוֹיָדָע בֶּן־אִֽישׁ־[חַיִל] (חי) רַב־פְּעָלִים מִֽקַּבְצְאֵל הוּא הִכָּה אֵת שְׁנֵי אֲרִאֵל מוֹאָב וְהוּא יָרַד וְהִכָּה אֶֽת־[הָאֲרִי] (האריה) בְּתוֹךְ הַבֹּאר בְּיוֹם הַשָּֽׁלֶג׃ | 20 |
يەھويادانىڭ ئوغلى بىنايا كابزەئەلدىن بولۇپ، بىر باتۇر پالۋان ئىدى؛ ئۇ كۆپ قالتىس ئىشلارنى قىلغان. ئۇ موئابىي ئارىئەلنىڭ ئىككى ئوغلىنى ئۆلتۈرگەن. يەنە قار ياغقان بىر كۈنى ئازگالغا چۈشۈپ، بىر شىرنى ئۆلتۈرگەنىدى. |
וְהוּא־הִכָּה אֶת־אִישׁ מִצְרִי (אשר) [אִישׁ] מַרְאֶה וּבְיַד הַמִּצְרִי חֲנִית וַיֵּרֶד אֵלָיו בַּשָּׁבֶט וַיִּגְזֹל אֶֽת־הַחֲנִית מִיַּד הַמִּצְרִי וַיַּהַרְגֵהוּ בַּחֲנִיתֽוֹ׃ | 21 |
ئۇ ھەم كۈچتۈڭگۈر بىر مىسىرلىقنى ئۆلتۈرگەنىدى. مىسىرلىقنىڭ قولىدا بىر نەيزە بار ئىدى، لېكىن بىنايانىڭ قولىدا بىر ھاسىلا بار ئىدى. ئۇ مىسىرلىقنىڭ قولىدىن نەيزىسىنى تارتىۋېلىپ، ئۆز نەيزىسى بىلەن ئۇنى ئۆلتۈردى. |
אֵלֶּה עָשָׂה בְּנָיָהוּ בֶּן־יְהוֹיָדָע וְלוֹ־שֵׁם בִּשְׁלֹשָׁה הַגִּבֹּרִֽים׃ | 22 |
بۇ ئىشلارنى يەھويادانىڭ ئوغلى بىنايا قىلغان بولۇپ، ئۇ ئۈچ پالۋان ئارىسىدا نام چىقارغانىدى. |
מִן־הַשְּׁלֹשִׁים נִכְבָּד וְאֶל־הַשְּׁלֹשָׁה לֹא־בָא וַיְשִׂמֵהוּ דָוִד אֶל־מִשְׁמַעְתּֽוֹ׃ | 23 |
ئۇ ئوتتۇز يولباشچى ئىچىدە ھۆرمەتلىك ئىدى. لېكىن ئۇ ئاۋۋالقى ئۈچ پالۋانغا يەتمەيتتى. داۋۇت ئۇنى ئۆزىنىڭ پاسىبان بېگى قىلدى. |
עֲשָׂהאֵל אֲחִֽי־יוֹאָב בַּשְּׁלֹשִׁים אֶלְחָנָן בֶּן־דֹּדוֹ בֵּית לָֽחֶם׃ | 24 |
ئوتتۇز يولباشچى ئىچىدە يوئابنىڭ ئىنىسى ئاساھەل، بەيت-لەھەملىك دودونىڭ ئوغلى ئەل-ھانان بار ئىدى. |
שַׁמָּה הַחֲרֹדִי אֱלִיקָא הַחֲרֹדִֽי׃ | 25 |
[بۇنىڭدىن باشقا]: ھارودلۇق شامماھ، ھارودلۇق ئېلىكا، |
חֶלֶץ הַפַּלְטִי עִירָא בֶן־עִקֵּשׁ הַתְּקוֹעִֽי׃ | 26 |
پاتلىلىق ھەلەز، تەكوئالىق ئىككەشنىڭ ئوغلى ئىرا، |
אֲבִיעֶזֶר הָעַנְּתֹתִי מְבֻנַּי הַחֻשָׁתִֽי׃ | 27 |
ئاناتوتلۇق ئابىئېزەر، ھۇشاتلىق مىبونناي، |
צַלְמוֹן הָאֲחֹחִי מַהְרַי הַנְּטֹפָתִֽי׃ | 28 |
ئاخوھلۇق زالمون، نىتوفاتلىق ماھاراي، |
חֵלֶב בֶּֽן־בַּעֲנָה הַנְּטֹפָתִי אִתַּי בֶּן־רִיבַי מִגִּבְעַת בְּנֵי בִנְיָמִֽן׃ | 29 |
نىتوفاتلىق بائاناھنىڭ ئوغلى خەلەب، بىنيامىنلاردىن گىبېئاھلىق رىباينىڭ ئوغلى ئىتتاي، |
בְּנָיָהוּ פִּרְעָתֹנִי הִדַּי מִנַּחֲלֵי גָֽעַשׁ׃ | 30 |
پىراتونلۇق بىنايا، گائاش ۋادىلىرىدىن ھىدداي، |
אֲבִֽי־עַלְבוֹן הָעַרְבָתִי עַזְמָוֶת הַבַּרְחֻמִֽי׃ | 31 |
ئارباتلىق ئابى-ئالبون، بارھۇملۇق ئازماۋەت، |
אֶלְיַחְבָּא הַשַּׁעַלְבֹנִי בְּנֵי יָשֵׁן יְהוֹנָתָֽן׃ | 32 |
شائالبونلۇق ئەلىياھبا، ياشەننىڭ ئوغۇللىرى، ھارارلىق شامماھنىڭ [ئوغلى] يوناتان، ھارارلىق شارارنىڭ ئوغلى ئاھىيام، |
שַׁמָּה הַהֲרָרִי אֲחִיאָם בֶּן־שָׁרָר הָארָרִֽי׃ | 33 |
אֱלִיפֶלֶט בֶּן־אֲחַסְבַּי בֶּן־הַמַּעֲכָתִי אֱלִיעָם בֶּן־אֲחִיתֹפֶל הַגִּלֹנִֽי׃ | 34 |
مائاكاتىي ئاخاسباينىڭ ئوغلى ئەلىفەلەت، گىلونلۇق ئاھىتوفەلنىڭ ئوغلى ئېلىيام، |
(חצרו) [חֶצְרַי] הַֽכַּרְמְלִי פַּעֲרַי הָאַרְבִּֽי׃ | 35 |
كارمەللىك ھەزراي، ئاربىلىق پائاراي، |
יִגְאָל בֶּן־נָתָן מִצֹּבָה בָּנִי הַגָּדִֽי׃ | 36 |
زوباھدىن بولغان ناتاننىڭ ئوغلى ئىگال، گادلىق باننى، |
צֶלֶק הָעַמֹּנִי נַחְרַי הַבְּאֵרֹתִי (נשאי) [נֹשֵׂא] כְּלֵי יוֹאָב בֶּן־צְרֻיָֽה׃ | 37 |
ئاممونىي زەلەك، بەئەروتلۇق ناھاراي (ئۇ زەرۇئىيانىڭ ئوغلى يوئابنىڭ ياراغ كۆتۈرگۈچىسى ئىدى)، |
עִירָא הַיִּתְרִי גָּרֵב הַיִּתְרִֽי׃ | 38 |
يىترىلىق ئىرا، يىترىلىق گارەب |
אוּרִיָּה הַחִתִּי כֹּל שְׁלֹשִׁים וְשִׁבְעָֽה׃ | 39 |
ۋە ھىتتىي ئۇرىيا قاتارلىقلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئوتتۇز يەتتە كىشى ئىدى. |