וַיְהִי רָעָב בִּימֵי דָוִד שָׁלֹשׁ שָׁנִים שָׁנָה אַחֲרֵי שָׁנָה וַיְבַקֵּשׁ דָּוִד אֶת־פְּנֵי יְהֹוָה וַיֹּאמֶר יְהֹוָה אֶל־שָׁאוּל וְאֶל־בֵּית הַדָּמִים עַל אֲשֶׁר־הֵמִית אֶת־הַגִּבְעֹנִֽים׃ | 1 |
ئەمما داۋۇتنىڭ كۈنلىرىدە ئۇدا ئۈچ يىل ئاچارچىلىق بولدى. داۋۇت ئۇنىڭ توغرۇلۇق پەرۋەردىگاردىن سورىدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: ئاچارچىلىق سائۇل ۋە ئۇنىڭ قانخور جەمەتىدىكىلەر سەۋەبىدىن، يەنى ئۇنىڭ گىبېئونلۇقلارنى قىرغىن قىلغىنىدىن بولدى، دېدى. |
וַיִּקְרָא הַמֶּלֶךְ לַגִּבְעֹנִים וַיֹּאמֶר אֲלֵיהֶם וְהַגִּבְעֹנִים לֹא מִבְּנֵי יִשְׂרָאֵל הֵמָּה כִּי אִם־מִיֶּתֶר הָאֱמֹרִי וּבְנֵי יִשְׂרָאֵל נִשְׁבְּעוּ לָהֶם וַיְבַקֵּשׁ שָׁאוּל לְהַכֹּתָם בְּקַנֹּאתוֹ לִבְנֵֽי־יִשְׂרָאֵל וִיהוּדָֽה׃ | 2 |
پادىشاھ گىبېئونلۇقلارنى چاقىرىپ، ئۇلار بىلەن سۆزلەشتى (گىبېئونلۇقلار ئىسرائىللاردىن ئەمەس ئىدى، بەلكى ئامورىيلارنىڭ بىر قالدىسى ئىدى. ئىسرائىل ئەسلىدە ئۇلار بىلەن ئەھدە قىلىپ قەسەم ئىچكەنىدى؛ لېكىن سائۇل ئىسرائىل ۋە يەھۇدالارغا بولغان قىزغىنلىقى بىلەن ئۇلارنى ئۆلتۈرۈشكە ئىنتىلگەنىدى). |
וַיֹּאמֶר דָּוִד אֶל־הַגִּבְעֹנִים מָה אֶעֱשֶׂה לָכֶם וּבַמָּה אֲכַפֵּר וּבָרְכוּ אֶת־נַחֲלַת יְהֹוָֽה׃ | 3 |
داۋۇت گىبېئونلۇقلارغا: سىلەرگە نېمە قىلىپ بېرەي؟ مەن قانداق قىلىپ بۇ گۇناھنى كافارەت قىلىپ ياپسام، ئاندىن سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ مىراسىغا بەخت-بەرىكەت تىلىيەلەيسىلەر؟ ــ دېدى. |
וַיֹּאמְרוּ לוֹ הַגִּבְעֹנִים אֵֽין־[לָנוּ] (לי) כֶּסֶף וְזָהָב עִם־שָׁאוּל וְעִם־בֵּיתוֹ וְאֵֽין־לָנוּ אִישׁ לְהָמִית בְּיִשְׂרָאֵל וַיֹּאמֶר מָה־אַתֶּם אֹמְרִים אֶעֱשֶׂה לָכֶֽם׃ | 4 |
گىبېئونلۇقلار ئۇنىڭغا: بىزنىڭ سائۇل ۋە ئۇنىڭ جەمەتىدىكىلەردىن ئالتۇن-كۈمۈش سوراش ھەققىمىز يوق، ۋە بىزنىڭ سەۋەبىمىزدىن ئىسرائىلدىن بىر ئادەمنىمۇ ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلدۇرۇش ھەققىمىز يوق، دېدى. داۋۇت: سىلەر نېمە دېسەڭلار، مەن شۇنداق قىلاي، دېدى. |
וַיֹּֽאמְרוּ אֶל־הַמֶּלֶךְ הָאִישׁ אֲשֶׁר כִּלָּנוּ וַאֲשֶׁר דִּמָּה־לָנוּ נִשְׁמַדְנוּ מֵהִתְיַצֵּב בְּכׇל־גְּבֻל יִשְׂרָאֵֽל׃ | 5 |
ئۇلار پادىشاھقا: بۇرۇن بىزنى يوقاتماقچى بولغان، بىزنى ئىسرائىلنىڭ بارلىق پاسىللىرى ئىچىدە تۇرغۇدەك يېرى قالمىسۇن دەپ، بىزنى ھالاك قىلىشقا قەستلىگەن ھېلىقى كىشىنىڭ، |
(ינתן) [יֻתַּן־]לָנוּ שִׁבְעָה אֲנָשִׁים מִבָּנָיו וְהוֹקַֽעֲנוּם לַיהֹוָה בְּגִבְעַת שָׁאוּל בְּחִיר יְהֹוָה וַיֹּאמֶר הַמֶּלֶךְ אֲנִי אֶתֵּֽן׃ | 6 |
ھازىر ئۇنىڭ ئەركەك نەسلىدىن يەتتىسى بىزگە تاپشۇرۇپ بېرىلسۇن، بىز پەرۋەردىگارنىڭ تاللىغىنى بولغان سائۇلنىڭ گىبېئاھ شەھىرىدە، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ، ئېسىپ قويايلى، دېدى. پادىشاھ: ــ مەن سىلەرگە چوقۇم تاپشۇرۇپ بېرىمەن، دېدى. |
וַיַּחְמֹל הַמֶּלֶךְ עַל־מְפִיבֹשֶׁת בֶּן־יְהוֹנָתָן בֶּן־שָׁאוּל עַל־שְׁבֻעַת יְהֹוָה אֲשֶׁר בֵּינֹתָם בֵּין דָּוִד וּבֵין יְהוֹנָתָן בֶּן־שָׁאֽוּל׃ | 7 |
لېكىن داۋۇت بىلەن سائۇلنىڭ ئوغلى يوناتاننىڭ پەرۋەردىگار ئالدىدا ئىچىشكەن قەسىمى ۋەجىدىن پادىشاھ سائۇلنىڭ نەۋرىسى، يوناتاننىڭ ئوغلى مەفىبوشەتنى ئايىدى. |
וַיִּקַּח הַמֶּלֶךְ אֶת־שְׁנֵי בְּנֵי רִצְפָּה בַת־אַיָּה אֲשֶׁר יָלְדָה לְשָׁאוּל אֶת־אַרְמֹנִי וְאֶת־מְפִבֹשֶׁת וְאֶת־חֲמֵשֶׁת בְּנֵי מִיכַל בַּת־שָׁאוּל אֲשֶׁר יָלְדָה לְעַדְרִיאֵל בֶּן־בַּרְזִלַּי הַמְּחֹלָתִֽי׃ | 8 |
پادىشاھ ئاياھنىڭ قىزى رىزپاھنىڭ سائۇلغا تۇغۇپ بەرگەن ئىككى ئوغلى ئارمونى ۋە مەفىبوشەتنى ۋە سائۇلنىڭ قىزى مىقال مەھولاتلىق بارزىللاينىڭ ئوغلى ئادرىئەل ئۈچۈن بېقىۋالغان بەش ئوغۇلنى تۇتۇپ، |
וַֽיִּתְּנֵם בְּיַד הַגִּבְעֹנִים וַיֹּקִיעֻם בָּהָר לִפְנֵי יְהֹוָה וַיִּפְּלוּ (שבעתים) [שְׁבַעְתָּם] יָחַד (והם) [וְהֵמָּה] הֻמְתוּ בִּימֵי קָצִיר בָּרִאשֹׁנִים (תחלת) [בִּתְחִלַּת] קְצִיר שְׂעֹרִֽים׃ | 9 |
گىبېئونلۇقلارنىڭ قولىغا تاپشۇردى. بۇلار ئۇلارنى دۆڭدە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئېسىپ قويدى. بۇ يەتتەيلەن بىر كۈندە ئۆلتۈرۈلدى؛ ئۇلار ئۆلتۈرۈلگەندە ئارپا ئورمىسى ئالدىدىكى كۈنلەر ئىدى. |
וַתִּקַּח רִצְפָּה בַת־אַיָּה אֶת־הַשַּׂק וַתַּטֵּהוּ לָהּ אֶל־הַצּוּר מִתְּחִלַּת קָצִיר עַד נִתַּךְ־מַיִם עֲלֵיהֶם מִן־הַשָּׁמָיִם וְלֹֽא־נָתְנָה עוֹף הַשָּׁמַיִם לָנוּחַ עֲלֵיהֶם יוֹמָם וְאֶת־חַיַּת הַשָּׂדֶה לָֽיְלָה׃ | 10 |
ئاندىن ئاياھنىڭ قىزى رىزپاھ بۆز رەختنى ئېلىپ، قورام ئۈستىگە يېيىپ سالدى. ئۇ ئورما باشلانغاندىن تارتىپ ئاسماندىن يامغۇر چۈشكەن ۋاقىتقىچە، ئۇ يەردە ئولتۇرۇپ كۈندۈزى قۇشلارنىڭ جەسەتلەرنىڭ ئۈستىگە قونۇشىغا، كېچىسى يىرتقۇچلارنىڭ ئۇلارنى دەسسەپ چەيلىشىگە يول قويمىدى. |
וַיֻּגַּד לְדָוִד אֵת אֲשֶׁר־עָשְׂתָה רִצְפָּה בַת־אַיָּה פִּלֶגֶשׁ שָׁאֽוּל׃ | 11 |
بىرسى سائۇلنىڭ كېنىزىكى، ئاياھنىڭ قىزى رىزپاھنىڭ قىلغانلىرىنى داۋۇتقا ئېيتتى. |
וַיֵּלֶךְ דָּוִד וַיִּקַּח אֶת־עַצְמוֹת שָׁאוּל וְאֶת־עַצְמוֹת יְהוֹנָתָן בְּנוֹ מֵאֵת בַּעֲלֵי יָבֵישׁ גִּלְעָד אֲשֶׁר גָּנְבוּ אֹתָם מֵרְחֹב בֵּֽית־שַׁן אֲשֶׁר (תלום) [תְּלָאוּם] (שם הפלשתים) [שָׁמָּה פְּלִשְׁתִּים] בְּיוֹם הַכּוֹת פְּלִשְׁתִּים אֶת־שָׁאוּל בַּגִּלְבֹּֽעַ׃ | 12 |
شۇنىڭ بىلەن داۋۇت يابەش-گىلېئادتىكىلەرنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇ يەردىن سائۇلنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئوغلى يوناتاننىڭ سۆڭەكلىرىنى ئېلىپ كەلدى (فىلىستىيلەر گىلبوئادا سائۇلنى ئۆلتۈرگەن كۈنىدە ئۇلارنىڭ جەسەتلىرىنى بەيت-شاندىكى مەيداندا ئېسىپ قويغانىدى؛ يابەش-گىلېئادتىكىلەر ئەسلىدە بۇلارنى شۇ يەردىن ئوغرىلىقچە ئېلىپ كەتكەنىدى). |
וַיַּעַל מִשָּׁם אֶת־עַצְמוֹת שָׁאוּל וְאֶת־עַצְמוֹת יְהוֹנָתָן בְּנוֹ וַיַּאַסְפוּ אֶת־עַצְמוֹת הַמּוּקָעִֽים׃ | 13 |
داۋۇت سائۇل بىلەن ئۇنىڭ ئوغلى يوناتاننىڭ سۆڭەكلىرىنى شۇ يەردىن ئېلىپ كەلدى؛ ئۇلار ئېسىپ ئۆلتۈرۈلگەن يەتتەيلەننىڭ سۆڭەكلىرىنىمۇ يىغىپ قويدى، |
וַיִּקְבְּרוּ אֶת־עַצְמוֹת־שָׁאוּל וִיהוֹנָֽתָן־בְּנוֹ בְּאֶרֶץ בִּנְיָמִן בְּצֵלָע בְּקֶבֶר קִישׁ אָבִיו וַֽיַּעֲשׂוּ כֹּל אֲשֶׁר־צִוָּה הַמֶּלֶךְ וַיֵּעָתֵר אֱלֹהִים לָאָרֶץ אַחֲרֵי־כֵֽן׃ | 14 |
ئاندىن شۇلارنى سائۇل بىلەن ئوغلى يوناتاننىڭ سۆڭەكلىرى بىلەن بىنيامىن زېمىنىدىكى زېلادا، ئاتىسى كىشنىڭ قەبرىسىدە دەپنە قىلدى. ئۇلار پادىشاھ ئەمر قىلغاندەك قىلدى. ئاندىن خۇدا [خەلقنىڭ] زېمىن توغرۇلۇق دۇئالىرىنى ئىجابەت قىلدى. |
וַתְּהִי־עוֹד מִלְחָמָה לַפְּלִשְׁתִּים אֶת־יִשְׂרָאֵל וַיֵּרֶד דָּוִד וַעֲבָדָיו עִמּוֹ וַיִּלָּחֲמוּ אֶת־פְּלִשְׁתִּים וַיָּעַף דָּוִֽד׃ | 15 |
فىلىستىيلەر بىلەن ئىسرائىلنىڭ ئوتتۇرسىدا يەنە جەڭ بولدى، داۋۇت ئۆز ئادەملىرى بىلەن چۈشۈپ، فىلىستىيلەر بىلەن سوقۇشتى. ئەمما داۋۇت تولىمۇ چارچاپ كەتتى؛ |
(וישבו) [וְיִשְׁבִּי] בְּנֹב אֲשֶׁר ׀ בִּילִידֵי הָרָפָה וּמִשְׁקַל קֵינוֹ שְׁלֹשׁ מֵאוֹת מִשְׁקַל נְחֹשֶׁת וְהוּא חָגוּר חֲדָשָׁה וַיֹּאמֶר לְהַכּוֹת אֶת־דָּוִֽד׃ | 16 |
رافاھنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان ئىشبى-بىنوب داۋۇتنى ئۆلتۈرمەكچى ئىدى؛ ئۇنىڭ مىس نەيزىسىنىڭ ئېغىرلىقى ئۈچ يۈز شەكەل ئىدى؛ ئۇنىڭغا يەنە يېڭى ساۋۇت باغلاقلىق ئىدى. |
וַיַּֽעֲזׇר־לוֹ אֲבִישַׁי בֶּן־צְרוּיָה וַיַּךְ אֶת־הַפְּלִשְׁתִּי וַיְמִתֵהוּ אָז נִשְׁבְּעוּ אַנְשֵׁי־דָוִד לוֹ לֵאמֹר לֹא־תֵצֵא עוֹד אִתָּנוּ לַמִּלְחָמָה וְלֹא תְכַבֶּה אֶת־נֵר יִשְׂרָאֵֽל׃ | 17 |
لېكىن زەرۇئىيانىڭ ئوغلى ئابىشاي ئۇنىڭغا ياردەمگە كېلىپ فىلىستىينى قىلىچلاپ ئۆلتۈردى. شۇ كۈنى داۋۇتنىڭ ئادەملىرى ئۇنىڭغا قەسەم قىلىپ: سەن يەنە بىز بىلەن جەڭگە چىقمىغىن! بولمىسا ئىسرائىلنىڭ چىرىغى ئۆچۈپ قالىدۇ، ــ دېدى. |
וַֽיְהִי אַֽחֲרֵי־כֵן וַתְּהִי־עוֹד הַמִּלְחָמָה בְּגוֹב עִם־פְּלִשְׁתִּים אָז הִכָּה סִבְּכַי הַחֻשָׁתִי אֶת־סַף אֲשֶׁר בִּילִדֵי הָֽרָפָֽה׃ | 18 |
بۇ ئىشتىن كېيىن شۇنداق بولدىكى، گوبتا فىلىستىيلەر بىلەن يەنە جەڭ بولدى؛ ئۇ ۋاقىتتا ھۇشاتلىق سىببىكاي رافاھنىڭ ئەۋلادىدىن بولغان سافنى ئۆلتۈردى. |
וַתְּהִי־עוֹד הַמִּלְחָמָה בְּגוֹב עִם־פְּלִשְׁתִּים וַיַּךְ אֶלְחָנָן בֶּן־יַעְ רֵ י אֹרְגִים בֵּית הַלַּחְמִי אֵת גׇּלְיָת הַגִּתִּי וְעֵץ חֲנִיתוֹ כִּמְנוֹר אֹרְגִֽים׃ | 19 |
گوبتا يەنە بىر قېتىم فىلىستىيلەر بىلەن جەڭ بولدى؛ ئۇ چاغدا بەيت-لەھەملىك يائىرنىڭ ئوغلى ئەل-ھانان گاتلىق گولىياتنىڭ ئىنىسىنى ئۆلتۈردى. ئۇنىڭ نەيزىسىنىڭ سېپى باپكارنىڭ خادىسىدەك ئىدى. |
וַתְּהִי־עוֹד מִלְחָמָה בְּגַת וַיְהִי ׀ אִישׁ (מדין) [מָדוֹן] וְאֶצְבְּעֹת יָדָיו וְאֶצְבְּעֹת רַגְלָיו שֵׁשׁ וָשֵׁשׁ עֶשְׂרִים וְאַרְבַּע מִסְפָּר וְגַם־הוּא יֻלַּד לְהָרָפָֽה׃ | 20 |
يەنە بىر جەڭ گاتتا بولدى؛ ئۇ يەردە ئېگىز بويلۇق بىر ئادەم بار ئىدى، قوللىرىنىڭ ئالتىدىن بارماقلىرى، پۇتلىرىنىڭ ئالتىدىن بارماقلىرى بولۇپ جەمئىي يىگىرمە تۆت بارمىقى بار ئىدى. ئۇ ھەم رافاھنىڭ ئەۋلادى ئىدى. |
וַיְחָרֵף אֶת־יִשְׂרָאֵל וַיַּכֵּהוּ יְהוֹנָתָן בֶּן־[שִׁמְעָה] (שמעי) אֲחִי דָוִֽד׃ | 21 |
ئۇ ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ ئۇلارنى مازاق قىلدى؛ لېكىن داۋۇتنىڭ ئاكىسى شىمىيانىڭ ئوغلى يوناتان ئۇنى ئۆلتۈردى. |
אֶת־אַרְבַּעַת אֵלֶּה יֻלְּדוּ לְהָרָפָה בְּגַת וַיִּפְּלוּ בְיַד־דָּוִד וּבְיַד עֲבָדָֽיו׃ | 22 |
بۇ تۆت كىشى گاتلىق رافاھنىڭ ئەۋلادى بولۇپ، ھەممىسى داۋۇتنىڭ قولىدا ياكى ئۇنىڭ خىزمەتكارلىرىنىڭ قولىدا ئۆلتۈرۈلدى. |