וַיְהִי אַחֲרֵי־כֵן וּלְאַבְשָׁלוֹם בֶּן־דָּוִד אָחוֹת יָפָה וּשְׁמָהּ תָּמָר וַיֶּאֱהָבֶהָ אַמְנוֹן בֶּן־דָּוִֽד׃ | 1 |
داۋۇتنىڭ ئوغلى ئابشالومنىڭ تامار دېگەن چىرايلىق بىر سىڭلىسى بار ئىدى. بۇ ئىشلاردىن كېيىن، داۋۇتنىڭ ئوغلى ئامنون ئۇنىڭغا ئاشىق بولۇپ قالدى. |
וַיֵּצֶר לְאַמְנוֹן לְהִתְחַלּוֹת בַּֽעֲבוּר תָּמָר אֲחֹתוֹ כִּי בְתוּלָה הִיא וַיִּפָּלֵא בְּעֵינֵי אַמְנוֹן לַעֲשׂוֹת לָהּ מְאֽוּמָה׃ | 2 |
ئامنون سىڭلىسى تامارنىڭ ئىشقىدا شۇنچە دەرد تارتتىكى، ئۇ كېسەل بولۇپ قالدى. ئەمما تامار تېخى قىز ئىدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئامنونغا ئۇنى بىر ئىش قىلىش مۇمكىن بولمايدىغاندەك كۆرۈندى. |
וּלְאַמְנוֹן רֵעַ וּשְׁמוֹ יֽוֹנָדָב בֶּן־שִׁמְעָה אֲחִי דָוִד וְיוֹנָדָב אִישׁ חָכָם מְאֹֽד׃ | 3 |
لېكىن ئامنوننىڭ يوناداب ئىسىملىك بىر دوستى بار ئىدى. ئۇ داۋۇتنىڭ ئاكىسى شىمېئاھنىڭ ئوغلى ئىدى. بۇ يوناداب تولىمۇ ھىيلىگەر بىر كىشى ئىدى. |
וַיֹּאמֶר לוֹ מַדּוּעַ אַתָּה כָּכָה דַּל בֶּן־הַמֶּלֶךְ בַּבֹּקֶר בַּבֹּקֶר הֲלוֹא תַּגִּיד לִי וַיֹּאמֶר לוֹ אַמְנוֹן אֶת־תָּמָר אֲחוֹת אַבְשָׁלֹם אָחִי אֲנִי אֹהֵֽב׃ | 4 |
ئۇ ئامنونغا: سەن پادىشاھنىڭ ئوغلى تۇرۇپ، نېمىشقا كۈندىن كۈنگە بۇنداق جۈدەپ كېتىسەن؟ قېنى، ماڭا ئېيتىپ بەر، دېدى. ئامنون ئۇنىڭغا: مەن ئىنىم ئابشالومنىڭ سىڭلىسى تامارغا ئاشىق بولدۇم، دېدى. |
וַיֹּאמֶר לוֹ יְהוֹנָדָב שְׁכַב עַל־מִשְׁכָּבְךָ וְהִתְחָל וּבָא אָבִיךָ לִרְאוֹתֶךָ וְאָמַרְתָּ אֵלָיו תָּבֹא נָא תָמָר אֲחוֹתִי וְתַבְרֵנִי לֶחֶם וְעָשְׂתָה לְעֵינַי אֶת־הַבִּרְיָה לְמַעַן אֲשֶׁר אֶרְאֶה וְאָכַלְתִּי מִיָּדָֽהּ׃ | 5 |
يوناداب ئۇنىڭغا: سەن ئاغرىپ ئورۇن تۇتۇپ، يېتىپ قالغان بولۇۋال؛ ئاتاڭ سېنى كۆرگىلى كەلگەندە ئۇنىڭغا: سىڭلىم تامار كېلىپ ماڭا تاماق بەرسۇن؛ ئۇنىڭ تاماق ئەتكىنىنى كۆرۈشۈم ئۈچۈن، ئالدىمدا تاماق ئېتىپ بەرسۇن، مەن ئۇنىڭ قولىدىن تاماق يەي، دەپ ئېيتقىن، دېدى. |
וַיִּשְׁכַּב אַמְנוֹן וַיִּתְחָל וַיָּבֹא הַמֶּלֶךְ לִרְאוֹתוֹ וַיֹּאמֶר אַמְנוֹן אֶל־הַמֶּלֶךְ תָּבוֹא־נָא תָּמָר אֲחֹתִי וּתְלַבֵּב לְעֵינַי שְׁתֵּי לְבִבוֹת וְאֶבְרֶה מִיָּדָֽהּ׃ | 6 |
شۇنىڭ بىلەن ئامنون يېتىۋېلىپ ئۆزىنى كېسەل كۆرسەتتى. پادىشاھ ئۇنى كۆرگىلى كەلگەندە، ئامنون پادىشاھقا: ئۆتۈنىمەن، سىڭلىم تامار بۇ يەرگە كېلىپ، ماڭا ئىككى قوتۇرماچ تەييار قىلىپ بەرسۇن، ئاندىن مەن ئۇنىڭ قولىدىن ئېلىپ يەي، دېدى. |
וַיִּשְׁלַח דָּוִד אֶל־תָּמָר הַבַּיְתָה לֵאמֹר לְכִי נָא בֵּית אַמְנוֹן אָחִיךְ וַעֲשִׂי־לוֹ הַבִּרְיָֽה׃ | 7 |
شۇنىڭ بىلەن داۋۇت ئوردىسىغا ئادەم ئەۋەتىپ تامارغا: سەندىن ئۆتۈنىمەنكى، ئاكاڭ ئامنوننىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇنىڭغا يېگۈدەك بىر نېمە تەييارلاپ بەرگىن، دەپ ئېيتتى. |
וַתֵּלֶךְ תָּמָר בֵּית אַמְנוֹן אָחִיהָ וְהוּא שֹׁכֵב וַתִּקַּח אֶת־הַבָּצֵק (ותלוש) [וַתָּלׇשׁ] וַתְּלַבֵּב לְעֵינָיו וַתְּבַשֵּׁל אֶת־הַלְּבִבֽוֹת׃ | 8 |
تامار ئامنوننىڭ ئۆيىگە باردى؛ ئۇ ياتقانىدى. ئۇ ئۇن ئېلىپ يۇغۇرۇپ، قوتۇرماچلارنى كۆز ئالدىدا ئەتتى. |
וַתִּקַּח אֶת־הַמַּשְׂרֵת וַתִּצֹק לְפָנָיו וַיְמָאֵן לֶאֱכוֹל וַיֹּאמֶר אַמְנוֹן הוֹצִיאוּ כׇל־אִישׁ מֵעָלַי וַיֵּצְאוּ כׇל־אִישׁ מֵעָלָֽיו׃ | 9 |
ئاندىن ئۇ قوتۇرماچنى قازاندىن ئېلىپ، ئۇنىڭ ئالدىغا قويدى. لېكىن ئۇ يىگىلى ئۇنىمىدى؛ ئۇ: ــ ھەممە ئادەم مېنىڭ قېشىمدىن چىقىپ كەتسۇن، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ھەممە كىشىلەر ئۇنىڭ قېشىدىن چىقىپ كەتتى. |
וַיֹּאמֶר אַמְנוֹן אֶל־תָּמָר הָבִיאִי הַבִּרְיָה הַחֶדֶר וְאֶבְרֶה מִיָּדֵךְ וַתִּקַּח תָּמָר אֶת־הַלְּבִבוֹת אֲשֶׁר עָשָׂתָה וַתָּבֵא לְאַמְנוֹן אָחִיהָ הֶחָֽדְרָה׃ | 10 |
ئاندىن ئامنون تامارغا: تائامنى ئىچكىرىكى ھۇجرىغا ئېلىپ كىرگىن، ئاندىن قولۇڭدىن ئېلىپ يەيمەن، ــ دېدى. تامار ئۆزى ئەتكەن قوتۇرماچنى ئىچكىرىكى ھۇجرىغا، ئاكىسى ئامنوننىڭ قېشىغا ئېلىپ كىردى. |
וַתַּגֵּשׁ אֵלָיו לֶאֱכֹל וַיַּֽחֲזֶק־בָּהּ וַיֹּאמֶר לָהּ בּוֹאִי שִׁכְבִי עִמִּי אֲחוֹתִֽי׃ | 11 |
تامار ئۇلارنى ئۇنىڭغا يېگۈزۈپ قويماقچى بولۇۋىدى، ئۇ ئۇنى تۇتۇۋېلىپ: ئى سىڭلىم، كەل! مەن بىلەن ياتقىن! دېدى. |
וַתֹּאמֶר לוֹ אַל־אָחִי אַל־תְּעַנֵּנִי כִּי לֹא־יֵעָשֶׂה כֵן בְּיִשְׂרָאֵל אַֽל־תַּעֲשֵׂה אֶת־הַנְּבָלָה הַזֹּֽאת׃ | 12 |
لېكىن ئۇ ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ياق، ئى ئاكا، مېنى نومۇسقا قويمىغىن! ئىسرائىلدا بۇنداق ئىش يوق! سەن بۇنداق پەسكەشلىك قىلمىغىن! |
וַאֲנִי אָנָה אוֹלִיךְ אֶת־חֶרְפָּתִי וְאַתָּה תִּֽהְיֶה כְּאַחַד הַנְּבָלִים בְּיִשְׂרָאֵל וְעַתָּה דַּבֶּר־נָא אֶל־הַמֶּלֶךְ כִּי לֹא יִמְנָעֵנִי מִמֶּֽךָּ׃ | 13 |
مەن بۇ شەرمەندىچىلىكنى قانداقمۇ كۆتۈرۈپ يۈرەلەيمەن؟! سەن بولساڭ ئىسرائىلنىڭ ئارىسىدىكى ئەخمەقلەردىن بولۇپ قالىسەن. ئۆتۈنۈپ قالاي، پەقەت پادىشاھقا دېسەڭلا، ئۇ مېنى ساڭا تەۋە بولۇشتىن توسىمايدۇ، ــ دېدى. |
וְלֹא אָבָה לִשְׁמֹעַ בְּקוֹלָהּ וַיֶּחֱזַק מִמֶּנָּה וַיְעַנֶּהָ וַיִּשְׁכַּב אֹתָֽהּ׃ | 14 |
لېكىن ئۇ ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىدى. ئۇ ئۇنىڭدىن كۈچلۈك كېلىپ، ئۇنى زورلاپ ئاياغ ئاستى قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن ياتتى. |
וַיִּשְׂנָאֶהָ אַמְנוֹן שִׂנְאָה גְּדוֹלָה מְאֹד כִּי גְדוֹלָה הַשִּׂנְאָה אֲשֶׁר שְׂנֵאָהּ מֵאַהֲבָה אֲשֶׁר אֲהֵבָהּ וַֽיֹּאמֶר־לָהּ אַמְנוֹן קוּמִי לֵֽכִי׃ | 15 |
ئاندىن ئامنون ئۇنىڭغا ئىنتايىن قاتتىق نەپرەتلەندى؛ ئۇنىڭ ئۇنىڭغا بولغان نەپرىتى ئۇنىڭغا بولغان ئەسلىدىكى مۇھەببىتىدىن زىيادە بولدى. ئامنون ئۇنىڭغا: قوپۇپ، يوقال! ــ دېدى. |
וַתֹּאמֶר לוֹ אַל־אוֹדֹת הָרָעָה הַגְּדוֹלָה הַזֹּאת מֵאַחֶרֶת אֲשֶׁר־עָשִׂיתָ עִמִּי לְשַׁלְּחֵנִי וְלֹא אָבָה לִשְׁמֹעַֽ לָֽהּ׃ | 16 |
تامار ئۇنىڭغا: ياق! مېنى ھەيدىگەن گۇناھىڭ سەن ھېلى ماڭا قىلغان شۇ ئىشتىن بەتتەردۇر، دېدى. لېكىن ئامنون ئۇنىڭغا قۇلاق سالمىدى، |
וַיִּקְרָא אֶֽת־נַעֲרוֹ מְשָׁרְתוֹ וַיֹּאמֶר שִׁלְחוּ־נָא אֶת־זֹאת מֵעָלַי הַחוּצָה וּנְעֹל הַדֶּלֶת אַחֲרֶֽיהָ׃ | 17 |
بەلكى خىزمىتىدىكى ياش يىگىتنى چاقىرىپ: بۇ [خوتۇننى] ماڭا چاپلاشتۇرماي، سىرتقا چىقىرىۋەت، ئاندىن ئىشىكنى تاقاپ قوي، دېدى. |
וְעָלֶיהָ כְּתֹנֶת פַּסִּים כִּי כֵן תִּלְבַּשְׁןָ בְנוֹת־הַמֶּלֶךְ הַבְּתוּלֹת מְעִילִים וַיֹּצֵא אוֹתָהּ מְשָֽׁרְתוֹ הַחוּץ וְנָעַל הַדֶּלֶת אַחֲרֶֽיהָ׃ | 18 |
تامار تولىمۇ رەڭدار بىر كۆڭلەك كىيگەنىدى؛ چۈنكى پادىشاھنىڭ تېخى ياتلىق بولمىغان قىزلىرى شۇنداق كىيىم كىيەتتى. ئامنوننىڭ خىزمەتكارى ئۇنى قوغلاپ چىقىرىپ، ئىشىكنى تاقىۋالدى. |
וַתִּקַּח תָּמָר אֵפֶר עַל־רֹאשָׁהּ וּכְתֹנֶת הַפַּסִּים אֲשֶׁר עָלֶיהָ קָרָעָה וַתָּשֶׂם יָדָהּ עַל־רֹאשָׁהּ וַתֵּלֶךְ הָלוֹךְ וְזָעָֽקָה׃ | 19 |
تامار بېشىغا كۈل چېچىپ، كىيگەن رەڭدار كۆڭلىكىنى يىرتىپ، قولىنى بېشىغا قويۇپ يىغلىغان پېتى كېتىۋاتاتتى. |
וַיֹּאמֶר אֵלֶיהָ אַבְשָׁלוֹם אָחִיהָ הַאֲמִינוֹן אָחִיךְ הָיָה עִמָּךְ וְעַתָּה אֲחוֹתִי הַחֲרִישִׁי אָחִיךְ הוּא אַל־תָּשִׁיתִי אֶת־לִבֵּךְ לַדָּבָר הַזֶּה וַתֵּשֶׁב תָּמָר וְשֹׁמֵמָה בֵּית אַבְשָׁלוֹם אָחִֽיהָ׃ | 20 |
ئاكىسى ئابشالوم ئۇنىڭغا: ئاكاڭ ئامنون سەن بىلەن ياتتىمۇ؟ ھازىرچە جىم تۇرغىن، سىڭلىم. ئۇ سېنىڭ ئاكاڭ ئەمەسمۇ؟ بۇ ئىشنى كۆڭلۈگگە ئالمىغىن، ــ دېدى. تامار ئاكىسى ئابشالومنىڭ ئۆيىدە كۆڭلى سۇنۇق ھالدا تۇرۇپ قالدى. |
וְהַמֶּלֶךְ דָּוִד שָׁמַע אֵת כׇּל־הַדְּבָרִים הָאֵלֶּה וַיִּחַר לוֹ מְאֹֽד׃ | 21 |
داۋۇت پادىشاھمۇ بولغان بارلىق ئىشلارنى ئاڭلاپ ئىنتايىن ئاچچىقلاندى. |
וְלֹֽא־דִבֶּר אַבְשָׁלוֹם עִם־אַמְנוֹן לְמֵרָע וְעַד־טוֹב כִּֽי־שָׂנֵא אַבְשָׁלוֹם אֶת־אַמְנוֹן עַל־דְּבַר אֲשֶׁר עִנָּה אֵת תָּמָר אֲחֹתֽוֹ׃ | 22 |
ئابشالوم بولسا ئامنونغا يا ياخشى، يا يامان ھېچ گەپ قىلمىدى. چۈنكى ئابشالوم سىڭلىسى تامارنى ئامنوننىڭ خورلىغانلىقىدىن ئۇنى ئۆچ كۆرەتتى. |
וַֽיְהִי לִשְׁנָתַיִם יָמִים וַיִּֽהְיוּ גֹֽזְזִים לְאַבְשָׁלוֹם בְּבַעַל חָצוֹר אֲשֶׁר עִם־אֶפְרָיִם וַיִּקְרָא אַבְשָׁלוֹם לְכׇל־בְּנֵי הַמֶּֽלֶךְ׃ | 23 |
تولۇق ئىككى يىل ئۆتۈپ، ئەفرائىمغا يېقىن بائال-ھازوردا ئابشالومنىڭ قىرقىغۇچىلىرى قويلىرىنى قىرقىۋاتاتتى؛ ئۇ پادىشاھنىڭ ھەممە ئوغۇللىرىنى تەكلىپ قىلدى. |
וַיָּבֹא אַבְשָׁלוֹם אֶל־הַמֶּלֶךְ וַיֹּאמֶר הִנֵּה־נָא גֹזְזִים לְעַבְדֶּךָ יֵלֶךְ־נָא הַמֶּלֶךְ וַעֲבָדָיו עִם־עַבְדֶּֽךָ׃ | 24 |
ئابشالوم پادىشاھنىڭ قېشىغا كېلىپ: مانا قۇللىرى قويلىرىنى قىرقىتىۋاتىدۇ، پادىشاھ ۋە خىزمەتكارلىرىنىڭ سىلىنىڭ قۇللىرى بىلەن بىللە بېرىشىنى ئۆتۈنىمەن، ــ دېدى. |
וַיֹּאמֶר הַמֶּלֶךְ אֶל־אַבְשָׁלוֹם אַל־בְּנִי אַל־נָא נֵלֵךְ כֻּלָּנוּ וְלֹא נִכְבַּד עָלֶיךָ וַיִּפְרׇץ־בּוֹ וְלֹא־אָבָה לָלֶכֶת וַֽיְבָרְכֵֽהוּ׃ | 25 |
پادىشاھ ئابشالومغا: ياق، ئوغلۇم، بىز ھەممىمىز بارمايلى، ساڭا ئېغىرچىلىق چۈشۈپ قالمىسۇن، ــ دېدى. ئابشالوم شۇنچە دېسىمۇ، ئۇ بارغىلى ئۇنىمىدى، بەلكى ئۇنىڭغا ئامەت تىلىدى. |
וַיֹּאמֶר אַבְשָׁלוֹם וָלֹא יֵלֶךְ־נָא אִתָּנוּ אַמְנוֹן אָחִי וַיֹּאמֶר לוֹ הַמֶּלֶךְ לָמָּה יֵלֵךְ עִמָּֽךְ׃ | 26 |
لېكىن ئابشالوم: ئەگەر بېرىشقا ئۇنىمىسىلا، ئاكام ئامنوننى بىز بىلەن بارغىلى قويسىلا، ــ دېدى. پادىشاھ ئۇنىڭدىن: نېمىشقا ئۇ سېنىڭ بىلەن بارىدۇ؟» ــ دەپ سورىدى. |
וַיִּפְרׇץ־בּוֹ אַבְשָׁלוֹם וַיִּשְׁלַח אִתּוֹ אֶת־אַמְנוֹן וְאֵת כׇּל־בְּנֵי הַמֶּֽלֶךְ׃ | 27 |
ئەمما ئابشالوم ئۇنى كۆپ زورلىغىنى ئۈچۈن ئۇ ئامنوننىڭ، شۇنداقلا پادىشاھنىڭ ھەممە ئوغۇللىرىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىللە بېرىشىغا قوشۇلدى. |
וַיְצַו אַבְשָׁלוֹם אֶת־נְעָרָיו לֵאמֹר רְאוּ נָא כְּטוֹב לֵב־אַמְנוֹן בַּיַּיִן וְאָמַרְתִּי אֲלֵיכֶם הַכּוּ אֶת־אַמְנוֹן וַהֲמִתֶּם אֹתוֹ אַל־תִּירָאוּ הֲלוֹא כִּי אָֽנֹכִי צִוִּיתִי אֶתְכֶם חִזְקוּ וִֽהְיוּ לִבְנֵי־חָֽיִל׃ | 28 |
ئابشالوم ئۆز غۇلاملىرىغا بۇيرۇپ: سەگەك تۇرۇڭلار، ئامنون شاراب ئىچىپ خۇش كەيپ بولغاندا، مەن سىلەرگە ئامنوننى ئۇرۇڭلار دېسەم، ئۇنى دەرھال ئۆلتۈرۈڭلار. قورقماڭلار! بۇلارنى سىلەرگە بۇيرۇغۇچى مەن ئەمەسمۇ؟ جۈرئەتلىك بولۇپ باتۇرلۇق كۆرسىتىڭلار ــ دېدى. |
וַֽיַּעֲשׂוּ נַעֲרֵי אַבְשָׁלוֹם לְאַמְנוֹן כַּאֲשֶׁר צִוָּה אַבְשָׁלוֹם וַיָּקֻמוּ ׀ כׇּל־בְּנֵי הַמֶּלֶךְ וַֽיִּרְכְּבוּ אִישׁ עַל־פִּרְדּוֹ וַיָּנֻֽסוּ׃ | 29 |
شۇنىڭ بىلەن ئابشالومنىڭ غۇلاملىرى ئامنونغا ئابشالوم ئۆزى بۇيرۇغاندەك قىلدى. شۇئان پادىشاھنىڭ ھەممە ئوغۇللىرى قوپۇپ، ھەر بىرى ئۆز قېچىرىغا مىنىپ قاچتى. |
וַֽיְהִי הֵמָּה בַדֶּרֶךְ וְהַשְּׁמֻעָה בָאָה אֶל־דָּוִד לֵאמֹר הִכָּה אַבְשָׁלוֹם אֶת־כׇּל־בְּנֵי הַמֶּלֶךְ וְלֹא־נוֹתַר מֵהֶם אֶחָֽד׃ | 30 |
شۇنداق بولدىكى، ئۇلار تېخى يولدا قېچىپ كېتىۋاتقاندا، «ئابشالوم پادىشاھنىڭ ھەممە ئوغۇللىرىنى ئۆلتۈردى. ئۇلارنىڭ ھېچ بىرى قالمىدى» دېگەن خەۋەر داۋۇتقا يەتكۈزۈلدى. |
וַיָּקׇם הַמֶּלֶךְ וַיִּקְרַע אֶת־בְּגָדָיו וַיִּשְׁכַּב אָרְצָה וְכׇל־עֲבָדָיו נִצָּבִים קְרֻעֵי בְגָדִֽים׃ | 31 |
پادىشاھ قوپۇپ كىيىملىرىنى يىرتىپ يەردە دۈم ياتتى؛ ئۇنىڭ ھەممە قۇل-خىزمەتكارلىرى بولسا كىيىملىرى يىرتىق ھالدا يېنىدا تۇراتتى. |
וַיַּעַן יוֹנָדָב ׀ בֶּן־שִׁמְעָה אֲחִי־דָוִד וַיֹּאמֶר אַל־יֹאמַר אֲדֹנִי אֵת כׇּל־הַנְּעָרִים בְּנֵֽי־הַמֶּלֶךְ הֵמִיתוּ כִּֽי־אַמְנוֹן לְבַדּוֹ מֵת כִּֽי־עַל־פִּי אַבְשָׁלוֹם הָיְתָה שׂוּמָה מִיּוֹם עַנֹּתוֹ אֵת תָּמָר אֲחֹתֽוֹ׃ | 32 |
ئەمما داۋۇتنىڭ ئاكىسى شىمېئاھنىڭ ئوغلى يوناداب ئۇنىڭغا: ــ غوجام، ئۇلار پادىشاھنىڭ ئوغۇللىرى بولغان ھەممە يىگىتلەرنى ئۆلتۈردى، دەپ خىيال قىلمىسىلا. چۈنكى پەقەت ئامنون ئۆلدى؛ ئۇ ئىش ئامنوننىڭ ئابشالومنىڭ سىڭلىسى تامارنى خار قىلغان كۈندىن باشلاپ ئابشالومنىڭ ئاغزىدىن چىقارمىغان نىيىتى ئىدى. |
וְעַתָּה אַל־יָשֵׂם אֲדֹנִי הַמֶּלֶךְ אֶל־לִבּוֹ דָּבָר לֵאמֹר כׇּל־בְּנֵי הַמֶּלֶךְ מֵתוּ כִּֽי־ (אם) ־אַמְנוֹן לְבַדּוֹ מֵֽת׃ | 33 |
ئەمدى غوجام پادىشاھ «پادىشاھنىڭ ھەممە ئوغۇللىرى ئۆلدى» دېگەن ئويدا بولۇپ كۆڭۈللىرىنى بىئارام قىلمىسىلا. چۈنكى پەقەت ئامنونلا ئۆلدى ــ دېدى. |
וַיִּבְרַח אַבְשָׁלוֹם וַיִּשָּׂא הַנַּעַר הַצֹּפֶה אֶת־עֵינָו וַיַּרְא וְהִנֵּה עַם־רַב הֹלְכִים מִדֶּרֶךְ אַחֲרָיו מִצַּד הָהָֽר׃ | 34 |
ئابشالوم بولسا قېچىپ كەتكەنىدى. [يېرۇسالېمدىكى] كۆزەتچى غۇلام قارىۋىدى، مانا، غەرب تەرىپىدىن تاغنىڭ يېنىدىكى يول بىلەن نۇرغۇن ئادەملەر كېلىۋاتاتتى. |
וַיֹּאמֶר יֽוֹנָדָב אֶל־הַמֶּלֶךְ הִנֵּה בְנֵי־הַמֶּלֶךְ בָּאוּ כִּדְבַר עַבְדְּךָ כֵּן הָיָֽה׃ | 35 |
يوناداب پادىشاھقا: مانا، پادىشاھنىڭ ئوغۇللىرى كەلدى. دەل قۇللىرى دېگەندەك بولدى ــ دېدى. |
וַיְהִי ׀ כְּכַלֹּתוֹ לְדַבֵּר וְהִנֵּה בְנֵֽי־הַמֶּלֶךְ בָּאוּ וַיִּשְׂאוּ קוֹלָם וַיִּבְכּוּ וְגַם־הַמֶּלֶךְ וְכׇל־עֲבָדָיו בָּכוּ בְּכִי גָּדוֹל מְאֹֽד׃ | 36 |
سۆزىنى تۈگىتىپ تۇرىۋىدى، پادىشاھنىڭ ئوغۇللىرى كېلىپ قاتتىق يىغا-زار قىلدى. پادىشاھ بىلەن خىزمەتكارلىرىمۇ قاتتىق يىغلاشتى. |
וְאַבְשָׁלוֹם בָּרַח וַיֵּלֶךְ אֶל־תַּלְמַי בֶּן־[עַמִּיהוּד] (עמיחור) מֶלֶךְ גְּשׁוּר וַיִּתְאַבֵּל עַל־בְּנוֹ כׇּל־הַיָּמִֽים׃ | 37 |
لېكىن ئابشالوم بولسا گەشۇرنىڭ پادىشاھى، ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى تالماينىڭ قېشىغا باردى. داۋۇت ئوغلى ئۈچۈن ھەر كۈنى ھازا تۇتۇپ قايغۇردى. |
וְאַבְשָׁלוֹם בָּרַח וַיֵּלֶךְ גְּשׁוּר וַֽיְהִי־שָׁם שָׁלֹשׁ שָׁנִֽים׃ | 38 |
ئابشالوم قېچىپ، گەشۇرغا بېرىپ ئۇ يەردە ئۈچ يىل تۇردى. |
וַתְּכַל דָּוִד הַמֶּלֶךְ לָצֵאת אֶל־אַבְשָׁלוֹם כִּי־נִחַם עַל־אַמְנוֹן כִּי־מֵֽת׃ | 39 |
داۋۇت پادىشاھنىڭ قەلبى ئابشالومنىڭ يېنىغا بېرىشقا ئىنتىزار بولدى؛ چۈنكى ئۇ ئامنونغا نىسبەتەن تەسەللى تاپقانىدى، چۈنكى ئۇ ئۆلگەنىدى. |