וַֽעֲתַלְיָה אֵם אֲחַזְיָהוּ (וראתה) [רָאֲתָה] כִּי מֵת בְּנָהּ וַתָּקׇם וַתְּאַבֵּד אֵת כׇּל־זֶרַע הַמַּמְלָכָֽה׃ | 1 |
ئەمدى ئاھازىيانىڭ ئانىسى ئاتالىيا ئوغلىنىڭ ئۆلگىنىنى كۆرگەندە، بارلىق شاھ نەسلىنى ئۆلتۈرۈشكە قوزغالدى. |
וַתִּקַּח יְהוֹשֶׁבַע בַּת־הַמֶּֽלֶךְ־יוֹרָם אֲחוֹת אֲחַזְיָהוּ אֶת־יוֹאָשׁ בֶּן־אֲחַזְיָה וַתִּגְנֹב אֹתוֹ מִתּוֹךְ בְּנֵֽי־הַמֶּלֶךְ (הממותתים) [הַמּוּמָתִים] אֹתוֹ וְאֶת־מֵינִקְתּוֹ בַּחֲדַר הַמִּטּוֹת וַיַּסְתִּרוּ אֹתוֹ מִפְּנֵי עֲתַלְיָהוּ וְלֹא הוּמָֽת׃ | 2 |
لېكىن يورام پادىشاھنىڭ قىزى، يەنى ئاھازىيانىڭ سىڭلىسى يەھوشېبا ئۆلتۈرۈلۈش ئالدىدا تۇرغان پادىشاھنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئارىسىدىن ئاھازىيانىڭ ئوغلى يوئاشنى ئوغرىلىقچە ئېلىپ چىقىپ، ئۇنى ۋە ئىنىك ئانىسىنى ياستۇق-كىرلىك ئامبىرىغا يوشۇرۇپ قويدى. يوئاش شۇ يول بىلەن ئاتالىيادىن يوشۇرۇپ قېلىنىپ ئۆلتۈرۈلمىدى. |
וַיְהִי אִתָּהּ בֵּית יְהֹוָה מִתְחַבֵּא שֵׁשׁ שָׁנִים וַעֲתַלְיָה מֹלֶכֶת עַל־הָאָֽרֶץ׃ | 3 |
ئاندىن كېيىن [ئىنىك ئانىسى] بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە ئالتە يىلغىچە يوشۇرۇنۇپ تۇردى. شۇ ۋاقىتلاردا ئاتالىيا زېمىندا سەلتەنەت قىلدى. |
וּבַשָּׁנָה הַשְּׁבִיעִית שָׁלַח יְהוֹיָדָע וַיִּקַּח ׀ אֶת־שָׂרֵי (המאיות) [הַמֵּאוֹת] לַכָּרִי וְלָרָצִים וַיָּבֵא אֹתָם אֵלָיו בֵּית יְהֹוָה וַיִּכְרֹת לָהֶם בְּרִית וַיַּשְׁבַּע אֹתָם בְּבֵית יְהֹוָה וַיַּרְא אֹתָם אֶת־בֶּן־הַמֶּֽלֶךְ׃ | 4 |
يەتتىنچى يىلى يەھويادا ئادەم ئەۋەتىپ كارىيلار ھەم ئوردا پاسىبانلىرىنىڭ يۈزبېشىلىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە چاقىرتىپ كېلىپ، ئۇلار بىلەن ئەھدە قىلىشتى. ئۇ ئۇلارغا پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە قەسەم ئىچكۈزۈپ، پادىشاھنىڭ ئوغلىنى كۆرسەتتى. |
וַיְצַוֵּם לֵאמֹר זֶה הַדָּבָר אֲשֶׁר תַּעֲשׂוּן הַשְּׁלִשִׁית מִכֶּם בָּאֵי הַשַּׁבָּת וְשֹׁמְרֵי מִשְׁמֶרֶת בֵּית הַמֶּֽלֶךְ׃ | 5 |
ئاندىن ئۇلارغا بۇيرۇپ: مانا سىلەر قىلىشىڭلار كېرەك بولغان ئىش شۇكى: ــ شابات كۈنىدە پاسىبانلىق نۆۋىتى كەلگەن ئۈچتىن بىرى پادىشاھنىڭ ئوردىسىدا پاسىبانلىق كۆزىتى قىلسۇن. |
וְהַשְּׁלִשִׁית בְּשַׁעַר סוּר וְהַשְּׁלִשִׁית בַּשַּׁעַר אַחַר הָרָצִים וּשְׁמַרְתֶּם אֶת־מִשְׁמֶרֶת הַבַּיִת מַסָּֽח׃ | 6 |
ئۈچتىن بىرى سۈر دېگەن دەرۋازىدا تۇرسۇن ۋە ئۈچتىن بىرى ئوردا پاسىبانلار ھويلىسىنىڭ كەينىدىكى دەرۋازىدا تۇرسۇن؛ شۇنداق قىلىپ سىلەر ئوردا ئۈچۈن پاسىبانلىق قىلىسىلەر. |
וּשְׁתֵּי הַיָּדוֹת בָּכֶם כֹּל יֹצְאֵי הַשַּׁבָּת וְשָׁמְרוּ אֶת־מִשְׁמֶרֶת בֵּית־יְהֹוָה אֶל־הַמֶּֽלֶךְ׃ | 7 |
شابات كۈنىدە پاسىبانلىق نۆۋىتىنى قىلىپ بولغان ئۈچتىن ئىككى قىسمى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە پادىشاھنىڭ قېشىدا پاسىبانلىق قىلسۇن. |
וְהִקַּפְתֶּם עַל־הַמֶּלֶךְ סָבִיב אִישׁ וְכֵלָיו בְּיָדוֹ וְהַבָּא אֶל־הַשְּׂדֵרוֹת יוּמָת וִֽהְיוּ אֶת־הַמֶּלֶךְ בְּצֵאתוֹ וּבְבֹאֽוֹ׃ | 8 |
سىلەر پادىشاھنىڭ ئەتراپىدا تۇرۇپ، ھەربىرىڭلار قولۇڭلارغا ئۆز قورالىڭلارنى ئېلىپ، كىمدەكىم سېپىڭلاردىن ئۆتكىلى ئۇرۇنسا ئۇنى ئۆلتۈرۈڭلار؛ پادىشاھ چىقىپ-كىرسە ئۇنىڭ بىلەن بىللە يۈرۈڭلار، دېدى. |
וַֽיַּעֲשׂוּ שָׂרֵי (המאיות) [הַמֵּאוֹת] כְּכֹל אֲשֶׁר־צִוָּה יְהוֹיָדָע הַכֹּהֵן וַיִּקְחוּ אִישׁ אֶת־אֲנָשָׁיו בָּאֵי הַשַּׁבָּת עִם יֹצְאֵי הַשַּׁבָּת וַיָּבֹאוּ אֶל־יְהוֹיָדָע הַכֹּהֵֽן׃ | 9 |
يۈزبېشىلار كاھىن يەھويادا بارلىق تاپىلىغانلىرىنى بەجا كەلتۈرۈشتى؛ ھەربىر يۈزبېشى ئۆز ئادەملىرىنى، ھەم شابات كۈنىدە پاسىبانلىق نۆۋىتىگە كەلگەنلەرنى ھەم پاسىبانلىق نۆۋىتىدىن يانغانلارنى قالدۇرۇپ قالدى؛ ئاندىن يەھويادا كاھىننىڭ قېشىغا كەلدى. |
וַיִּתֵּן הַכֹּהֵן לְשָׂרֵי (המאיות) [הַמֵּאוֹת] אֶֽת־הַחֲנִית וְאֶת־הַשְּׁלָטִים אֲשֶׁר לַמֶּלֶךְ דָּוִד אֲשֶׁר בְּבֵית יְהֹוָֽה׃ | 10 |
كاھىن بولسا داۋۇت پادىشاھنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە ساقلاقلىق نەيزە ۋە قالقانلىرىنى يۈزبېشىلارغا تارقىتىپ بەردى. |
וַיַּעַמְדוּ הָרָצִים אִישׁ ׀ וְכֵלָיו בְּיָדוֹ מִכֶּתֶף הַבַּיִת הַיְמָנִית עַד־כֶּתֶף הַבַּיִת הַשְּׂמָאלִית לַמִּזְבֵּחַ וְלַבָּיִת עַל־הַמֶּלֶךְ סָבִֽיב׃ | 11 |
ئوردا پاسىبانلىرى تىزىلىپ، ھەربىرى ئۆز قولىدا قورالىنى تۇتۇپ، ئىبادەتخانىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىن تارتىپ سول تەرىپىگىچە قۇربانگاھ بىلەن ئىبادەتخانىنى بويلاپ پادىشاھنىڭ ئەتراپىدا تۇردى. |
וַיּוֹצִא אֶת־בֶּן־הַמֶּלֶךְ וַיִּתֵּן עָלָיו אֶת־הַנֵּזֶר וְאֶת־הָעֵדוּת וַיַּמְלִכוּ אֹתוֹ וַיִּמְשָׁחֻהוּ וַיַּכּוּ־כָף וַיֹּאמְרוּ יְחִי הַמֶּֽלֶךְ׃ | 12 |
يەھويادا شاھزادىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ ئۇنىڭ بېشىغا تاجنى كىيگۈزۈپ، ئۇنىڭغا گۇۋاھنامىلەرنى بېرىپ، پادىشاھ بولۇشقا [خۇشبۇي ماي بىلەن] مەسىھ قىلدى. ھەممەيلەن چاۋاك چېلىپ: ــ «پادىشاھ ياشىسۇن!» دەپ توۋلاشتى. |
וַתִּשְׁמַע עֲתַלְיָה אֶת־קוֹל הָרָצִין הָעָם וַתָּבֹא אֶל־הָעָם בֵּית יְהֹוָֽה׃ | 13 |
ئاتالىيا ئوردا پاسىبانلىرى بىلەن خەلقنىڭ توۋلاشلىرىنى ئاڭلىغاندا، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئارىسىغا كەلدى. |
וַתֵּרֶא וְהִנֵּה הַמֶּלֶךְ עֹמֵד עַֽל־הָעַמּוּד כַּמִּשְׁפָּט וְהַשָּׂרִים וְהַחֲצֹֽצְרוֹת אֶל־הַמֶּלֶךְ וְכׇל־עַם הָאָרֶץ שָׂמֵחַ וְתֹקֵעַ בַּחֲצֹֽצְרוֹת וַתִּקְרַע עֲתַלְיָה אֶת־בְּגָדֶיהָ וַתִּקְרָא קֶשֶׁר קָֽשֶׁר׃ | 14 |
ئۇ قارىۋىدى، مانا پادىشاھ قائىدە-رەسىم بويىچە تۈۋرۈكنىڭ يېنىدا تۇراتتى. پادىشاھنىڭ يېنىدا ئەمەلدارلار بىلەن كانايچىلار تىزىلغانىدى؛ بارلىق يۇرت خەلقى شادلىنىپ، كاناي چېلىشاتتى. بۇنى كۆرگەن ئاتالىيا كىيىملىرىنى يىرتىپ: ــ ئاسىيلىق، ئاسىيلىق! ــ دەپ ۋارقىردى. |
וַיְצַו יְהוֹיָדָע הַכֹּהֵן אֶת־שָׂרֵי (המאיות) [הַמֵּאוֹת ׀] פְּקֻדֵי הַחַיִל וַיֹּאמֶר אֲלֵיהֶם הוֹצִיאוּ אֹתָהּ אֶל־מִבֵּית לַשְּׂדֵרֹת וְהַבָּא אַחֲרֶיהָ הָמֵת בֶּחָרֶב כִּי אָמַר הַכֹּהֵן אַל־תּוּמַת בֵּית יְהֹוָֽה׃ | 15 |
ئەمما يەھويادا كاھىن قوشۇنغا مەسئۇل بولغان يۈزبېشىلارغا: ئۇنى سەپلىرىڭلار ئوتتۇرىسىدىن سىرتقا چىقىرىۋېتىڭلار؛ كىمدەكىم ئۇنىڭغا ئەگەشسە قىلىچلانسۇن، دەپ بۇيرۇدى. چۈنكى كاھىن: ــ ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە ئۆلتۈرۈلمىسۇن، دەپ ئېيتقانىدى. |
וַיָּשִׂמוּ לָהּ יָדַיִם וַתָּבוֹא דֶּֽרֶךְ־מְבוֹא הַסּוּסִים בֵּית הַמֶּלֶךְ וַתּוּמַת שָֽׁם׃ | 16 |
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنىڭغا يول بوشىتىپ بەردى؛ ۋە ئۇ پادىشاھ ئوردىسىغا كىرىدىغان ئات يولىغا يېتىپ كەلگەندە، ئۇلار ئۇ يەردە ئۇنى ئۆلتۈردى. |
וַיִּכְרֹת יְהֽוֹיָדָע אֶֽת־הַבְּרִית בֵּין יְהֹוָה וּבֵין הַמֶּלֶךְ וּבֵין הָעָם לִהְיוֹת לְעָם לַיהֹוָה וּבֵין הַמֶּלֶךְ וּבֵין הָעָֽם׃ | 17 |
يەھويادا: ــ «پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى بولايلى» دەپ پەرۋەردىگارنىڭ ۋە پادىشاھ بىلەن خەلقنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر ئەھدە توختاتتى؛ پادىشاھ بىلەن خەلقنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھەم بىر ئەھدە باغلاندى. |
וַיָּבֹאוּ כׇל־עַם הָאָרֶץ בֵּית־הַבַּעַל וַֽיִּתְּצֻהוּ אֶת־מִזְבְּחֹתָו וְאֶת־צְלָמָיו שִׁבְּרוּ הֵיטֵב וְאֵת מַתָּן כֹּהֵן הַבַּעַל הָרְגוּ לִפְנֵי הַֽמִּזְבְּחוֹת וַיָּשֶׂם הַכֹּהֵן פְּקֻדֹּת עַל־בֵּית יְהֹוָֽה׃ | 18 |
ئاندىن بارلىق زېمىندىكى خەلق بائالنىڭ بۇتخانىسىغا بېرىپ ئۇنى بۇزۇپ تاشلىدى؛ ئۇنىڭ قۇربانگاھلىرى بىلەن مەبۇدلىرىنى چېقىپ پارە-پارە قىلىپ، بائالنىڭ كاھىنى ماتتاننى قۇربانگاھلارنىڭ ئالدىدا ئۆلتۈردى. ئاندىن كېيىن [يەھويادا] كاھىن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە پاسىبانلارنى تەيىنلىدى. |
וַיִּקַּח אֶת־שָׂרֵי הַמֵּאוֹת וְאֶת־הַכָּרִי וְאֶת־הָֽרָצִים וְאֵת ׀ כׇּל־עַם הָאָרֶץ וַיֹּרִידוּ אֶת־הַמֶּלֶךְ מִבֵּית יְהֹוָה וַיָּבוֹאוּ דֶּרֶךְ־שַׁעַר הָרָצִים בֵּית הַמֶּלֶךְ וַיֵּשֶׁב עַל־כִּסֵּא הַמְּלָכִֽים׃ | 19 |
ئاندىن ئۇ يۈزبېشىلار، كارىيلار، ئوردا پاسىبانلىرى ۋە يۇرتنىڭ ھەممە خەلقىنى ئۆزى بىلەن ئېلىپ كېلىپ، پادىشاھنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىن باشلاپ چۈشۈپ، ئوردىدىكى «پاسىبانلارنىڭ دەرۋازىسى»دىن پادىشاھنىڭ ئوردىسىغا كىرگۈزدى؛ يوئاش پادىشاھلىق تەختىگە ئولتۇردى. |
וַיִּשְׂמַח כׇּל־עַם־הָאָרֶץ וְהָעִיר שָׁקָטָה וְאֶת־עֲתַלְיָהוּ הֵמִיתוּ בַחֶרֶב בֵּית (מלך) [הַמֶּֽלֶךְ]׃ | 20 |
يۇرتنىڭ بارلىق خەلقى شادلىناتتى؛ ئۇلار ئاتالىيانى پادىشاھنىڭ ئوردىسىنىڭ يېنىدا قىلىچلاپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، شەھەر تىنچ بولۇپ قالدى. |
בֶּן־שֶׁבַע שָׁנִים יְהוֹאָשׁ בְּמׇלְכֽוֹ׃ | 21 |
يەھوئاش يەتتە ياشقا كىرگەندە پادىشاھ بولدى. |