וַיְהִי אַחֲרֵי־כֵן בָּאוּ בְנֵי־מוֹאָב וּבְנֵי עַמּוֹן וְעִמָּהֶם ׀ מֵהָעַמּוֹנִים עַל־יְהוֹשָׁפָט לַמִּלְחָמָֽה׃ | 1 |
كېيىنكى ۋاقىتلاردا شۇنداق بولدىكى، موئابىيلار، ئاممونىيلار ۋە مائونىيلاردىن بەزىلىرى بىرلىشىپ كېلىپ يەھوشافاتقا ھۇجۇم قىلىشقا چىقتى. |
וַיָּבֹאוּ וַיַּגִּידוּ לִיהֽוֹשָׁפָט לֵאמֹר בָּא עָלֶיךָ הָמוֹן רָב מֵעֵבֶר לַיָּם מֵאֲרָם וְהִנָּם בְּחַֽצְצוֹן תָּמָר הִיא עֵין גֶּֽדִי׃ | 2 |
[چاپارمەنلەر] كېلىپ يەھوشافاتقا: ــ [ئۆلۈك] دېڭىزنىڭ ئۇ قېتىدىن، يەنى ئېدومدىن سىلىگە ھۇجۇم قىلغىلى زور بىر قوشۇن چىقىپ كەلدى؛ مانا، ئۇلار ھازازون-تاماردا، دېدى (ھازازون-تامار يەنە «ئەن-گەدى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ). |
וַיִּרָא וַיִּתֵּן יְהוֹשָׁפָט אֶת־פָּנָיו לִדְרוֹשׁ לַֽיהֹוָה וַיִּקְרָא־צוֹם עַל־כׇּל־יְהוּדָֽה׃ | 3 |
بۇنى ئاڭلىغان يەھوشافات قورقۇپ، پەرۋەردىگارنى ئىزدەشكە نىيەت باغلاپ، پۈتۈن يەھۇدا تەۋەسىدە «روزا تۇتۇشىمىز كېرەك» دەپ جاكارلىدى. |
וַיִּקָּבְצוּ יְהוּדָה לְבַקֵּשׁ מֵיְהֹוָה גַּם מִכׇּל־עָרֵי יְהוּדָה בָּאוּ לְבַקֵּשׁ אֶת־יְהֹוָֽה׃ | 4 |
يەھۇدالار ئەمدى پەرۋەردىگاردىن ياردەم تىلىگىلى يىغىلدى؛ خەلق يەھۇدانىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىن چىقىپ پەرۋەردىگاردىن ياردەم تىلەشكە كېلىشتى. |
וַיַּעֲמֹד יְהֽוֹשָׁפָט בִּקְהַל יְהוּדָה וִירוּשָׁלַ͏ִם בְּבֵית יְהֹוָה לִפְנֵי הֶחָצֵר הַחֲדָשָֽׁה׃ | 5 |
يەھوشافات يەھۇدا ۋە يېرۇسالېمدىكى جامائەت ئارىسىغا چىقىپ، پەرۋەردىگار ئۆيىنىڭ يېڭى ھويلىسىنىڭ ئالدىدا ئۆرە تۇرۇپ |
וַיֹּאמַר יְהֹוָה אֱלֹהֵי אֲבֹתֵינוּ הֲלֹא אַתָּה־הוּא אֱלֹהִים בַּשָּׁמַיִם וְאַתָּה מוֹשֵׁל בְּכֹל מַמְלְכוֹת הַגּוֹיִם וּבְיָֽדְךָ כֹּחַ וּגְבוּרָה וְאֵין עִמְּךָ לְהִתְיַצֵּֽב׃ | 6 |
مۇنداق دۇئا قىلىپ: ــ «ئى پەرۋەردىگار، ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ خۇداسى، سەن ئەرشتە تۇرغۇچى خۇدا، بارلىق ئەل-مەملىكەتلەرنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرگۈچى ئەمەسمىدىڭ؟ سېنىڭ قولۇڭ كۈچ-قۇدرەتكە تولغاندۇر، ھېچكىم سېنى توسالمايدۇ. |
הֲלֹא ׀ אַתָּה אֱלֹהֵינוּ הוֹרַשְׁתָּ אֶת־יֹֽשְׁבֵי הָאָרֶץ הַזֹּאת מִלִּפְנֵי עַמְּךָ יִשְׂרָאֵל וַֽתִּתְּנָהּ לְזֶרַע אַבְרָהָם אֹהַבְךָ לְעוֹלָֽם׃ | 7 |
ئى خۇدايىمىز، سەن بۇ زېمىندىكى ئاھالىنى ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىللار ئالدىدىن قوغلاپ، ئۇنى ئۆز دوستۇڭ ئىبراھىمنىڭ نەسلىگە مەڭگۈلۈك مىراس قىلىپ بەرگەن ئەمەسمىدىڭ؟ |
וַיֵּשְׁבוּ־בָהּ וַיִּבְנוּ לְךָ ׀ בָּהּ מִקְדָּשׁ לְשִׁמְךָ לֵאמֹֽר׃ | 8 |
ئۇلار شۇ يەردە تۇردى ھەم شۇ يەردە سېنىڭ نامىڭغا ئاتاپ بىر مۇقەددەسخانا سېلىپ: |
אִם־תָּבוֹא עָלֵינוּ רָעָה חֶרֶב שְׁפוֹט וְדֶבֶר וְרָעָב נַעַמְדָה לִפְנֵי הַבַּיִת הַזֶּה וּלְפָנֶיךָ כִּי שִׁמְךָ בַּבַּיִת הַזֶּה וְנִזְעַק אֵלֶיךָ מִצָּרָתֵנוּ וְתִשְׁמַע וְתוֹשִֽׁיעַ׃ | 9 |
«مۇبادا بېشىمىزغا بىرەر بالايىئاپەت كەلسە، مەيلى ئۇ قىلىچ، جازا، ۋابا، ئاچارچىلىق بولسۇن، قىيىنچىلىقتا قالغان ۋاقتىمىزدا، مۇشۇ ئۆي، يەنى سېنىڭ ئالدىڭدا تۇرۇپ، ساڭا مۇراجىئەت قىلساق (چۈنكى سېنىڭ نامىڭ مۇشۇ ئۆيدىدۇر)، سەن ئاڭلايسەن ۋە قۇتقۇزىسەن» دېگەنىدى. |
וְעַתָּה הִנֵּה בְנֵי־עַמּוֹן וּמוֹאָב וְהַר־שֵׂעִיר אֲשֶׁר לֹֽא־נָתַתָּה לְיִשְׂרָאֵל לָבוֹא בָהֶם בְּבֹאָם מֵאֶרֶץ מִצְרָיִם כִּי סָרוּ מֵעֲלֵיהֶם וְלֹא הִשְׁמִידֽוּם׃ | 10 |
ئەمدى مانا، بۇ يەرگە ئاممونىيلار، موئابىيلار ۋە سېئىر تېغىدىكىلەر بېسىپ كېلىۋاتىدۇ! ئىلگىرى ئىسرائىللار مىسىر زېمىنىدىن چىققان چاغدا سەن ئىسرائىللارنىڭ ئۇلارغا تاجاۋۇز قىلىشىغا يول قويمىغانىدىڭ؛ ئۇ چاغدا ئىسرائىللار ئۇلارنى يوقاتماي ئۇ يەردىن ئايلىنىپ ئۆتكەن. |
וְהִנֵּה־הֵם גֹּמְלִים עָלֵינוּ לָבוֹא לְגָרְשֵׁנוּ מִיְּרֻשָּׁתְךָ אֲשֶׁר הוֹרַשְׁתָּֽנוּ׃ | 11 |
ئەمدى قارا، ھازىر ئۇلارنىڭ ياخشىلىقىمىزنى قانداق يول بىلەن قايتۇرماقچى بولۇۋاتقىنىغا! ئۇلار بىزنى سەن بىزگە مىراس قىلىپ بەرگەن بۇ زېمىندىن قوغلاپ چىقارماقچى بولۇۋاتىدۇ. |
אֱלֹהֵינוּ הֲלֹא תִשְׁפׇּט־בָּם כִּי אֵין בָּנוּ כֹּחַ לִפְנֵי הֶהָמוֹן הָרָב הַזֶּה הַבָּא עָלֵינוּ וַאֲנַחְנוּ לֹא נֵדַע מַֽה־נַּעֲשֶׂה כִּי עָלֶיךָ עֵינֵֽינוּ׃ | 12 |
ئى خۇدايىمىز، سەن ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقارمامسەن؟ چۈنكى بىزنىڭ بىزگە ھۇجۇم قىلىشقا كېلىۋاتقان بۇ زور قوشۇن بىلەن قارشىلاشقۇدەك كۈچىمىز يوق؛ نېمە قىلىشىمىزنىمۇ بىلمەي قالدۇق؛ لېكىن بىزنىڭ كۆزىمىز ساڭا تىكىلىپ تۇرماقتا» ــ دېدى. |
וְכׇל־יְהוּדָה עֹמְדִים לִפְנֵי יְהֹוָה גַּם־טַפָּם נְשֵׁיהֶם וּבְנֵיהֶֽם׃ | 13 |
بۇ چاغدا پۈتۈن يەھۇدا خەلقى، ئۇلارنىڭ قۇچاقتىكى بالىلىرى، خوتۇن بالا-چاقىلىرىنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۇراتتى. |
וְיַחֲזִיאֵל בֶּן־זְכַרְיָהוּ בֶּן־בְּנָיָה בֶּן־יְעִיאֵל בֶּן־מַתַּנְיָה הַלֵּוִי מִן־בְּנֵי אָסָף הָיְתָה עָלָיו רוּחַ יְהֹוָה בְּתוֹךְ הַקָּהָֽל׃ | 14 |
ۋە شۇ پەيتتە پەرۋەردىگارنىڭ روھى جامائەتنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرغان لاۋىيلاردىن ئاسافنىڭ ئەۋلادى بولغان ماتتانىيانىڭ چەۋرىسى، جەئىيەلنىڭ ئەۋرىسى، بىنايانىڭ نەۋرىسى، زەكەرىيانىڭ ئوغلى ياھازىيەلگە چۈشتى؛ |
וַיֹּאמֶר הַקְשִׁיבוּ כׇל־יְהוּדָה וְיֹשְׁבֵי יְרוּשָׁלַ͏ִם וְהַמֶּלֶךְ יְהוֹשָׁפָט כֹּה־אָמַר יְהֹוָה לָכֶם אַתֶּם אַל־תִּֽירְאוּ וְאַל־תֵּחַתּוּ מִפְּנֵי הֶהָמוֹן הָרָב הַזֶּה כִּי לֹא לָכֶם הַמִּלְחָמָה כִּי לֵאלֹהִֽים׃ | 15 |
ئۇ: ــ ئى پۈتۈن يەھۇدا خەلقى، سىلەر يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلار ۋە پادىشاھ يەھوشافات، قۇلاق سېلىڭلار! پەرۋەردىگار سىلەرگە مۇنداق دەيدۇ: ــ «سىلەر بۇ زور قوشۇندىن قورقۇپ كەتمەڭلار ۋە ئالاقزادە بولۇپ كەتمەڭلار؛ چۈنكى بۇ جەڭ سىلەرنىڭكى ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ئۆزىنىڭكىدۇر. |
מָחָר רְדוּ עֲלֵיהֶם הִנָּם עֹלִים בְּמַעֲלֵה הַצִּיץ וּמְצָאתֶם אֹתָם בְּסוֹף הַנַּחַל פְּנֵי מִדְבַּר יְרוּאֵֽל׃ | 16 |
ئەتە ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىشقا چىقىڭلار؛ مانا، ئۇلار زىز داۋانىدىن چىقىپ كېلىدۇ ۋە سىلەر ئۇلارنى يەرۇئەل چۆلىنىڭ ئالدىدىكى جىلغا ئېغىزىدا ئۇچرىتىسىلەر. |
לֹא לָכֶם לְהִלָּחֵם בָּזֹאת הִתְיַצְּבוּ עִמְדוּ וּרְאוּ אֶת־יְשׁוּעַת יְהֹוָה עִמָּכֶם יְהוּדָה וִירוּשָׁלַ͏ִם אַל־תִּֽירְאוּ וְאַל־תֵּחַתּוּ מָחָר צְאוּ לִפְנֵיהֶם וַיהֹוָה עִמָּכֶֽם׃ | 17 |
سىلەر بۇ دۆرەم جەڭدە ئۇرۇشۇشۇڭلارنىڭ ھاجىتى بولمايدۇ؛ پەقەت سەپكە تىزىلىپ تۇرۇڭلار، سىلەر بىلەن بىللە بولغان پەرۋەردىگارنىڭ نىجات-نۇسرىتىنى كۆرۈڭلار! ئى يەھۇدا، ئى يېرۇسالېمدىكىلەر، قورقماڭلار، ئالاقزادىمۇ بولۇپ كەتمەڭلار؛ ئەتە ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىشقا چىقىڭلار، پەرۋەردىگار چوقۇم سىلەر بىلەن بىللە بولىدۇ!» ــ دېدى. |
וַיִּקֹּד יְהוֹשָׁפָט אַפַּיִם אָרְצָה וְכׇל־יְהוּדָה וְיֹשְׁבֵי יְרוּשָׁלַ͏ִם נָֽפְלוּ לִפְנֵי יְהֹוָה לְהִֽשְׁתַּחֲוֺת לַיהֹוָֽה׃ | 18 |
بۇ گەپنى ئاڭلاپ يەھوشافات بېشىنى يەرگە تەگكۈزۈپ تىزلاندى ۋە بارلىق يەھۇدا خەلقى ھەم يېرۇسالېمدىكىلەر پەرۋەردىگار ئالدىدا دۈم يىقىلىپ پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلدى. |
וַיָּקֻמוּ הַלְוִיִּם מִן־בְּנֵי הַקְּהָתִים וּמִן־בְּנֵי הַקׇּרְחִים לְהַלֵּל לַֽיהֹוָה אֱלֹהֵי יִשְׂרָאֵל בְּקוֹל גָּדוֹל לְמָֽעְלָה׃ | 19 |
كوھات ئەۋلادى ۋە كوراھ ئەۋلادى ئىچىدىكى لاۋىيلاردىن بولغانلار ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ ئىنتايىن كۈچلۈك ئاۋاز بىلەن ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنى مەدھىيىلەشتى. |
וַיַּשְׁכִּימוּ בַבֹּקֶר וַיֵּצְאוּ לְמִדְבַּר תְּקוֹעַ וּבְצֵאתָם עָמַד יְהוֹשָׁפָט וַיֹּאמֶר שְׁמָעוּנִי יְהוּדָה וְיֹשְׁבֵי יְרוּשָׁלַ͏ִם הַאֲמִינוּ בַּֽיהֹוָה אֱלֹֽהֵיכֶם וְתֵאָמֵנוּ הַאֲמִינוּ בִנְבִיאָיו וְהַצְלִֽיחוּ׃ | 20 |
پۈتۈن خەلق ئەتىسى قاق سەھەردە تۇرۇپ تەكوئا چۆلىگە قاراپ ئاتلاندى؛ ئۇلار ئاتلىنىپ كېتىۋاتقاندا، يەھوشافات ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇلارغا: ــ ئى يەھۇدا خەلقى، ئى يېرۇسالېمدىكىلەر، گېپىمگە قۇلاق سېلىڭلار! خۇدايىڭلار پەرۋەردىگارغا تايىنىڭلار، چوقۇم مەزمۇت تۇرغۇزۇلىسىلەر؛ ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىشىنىڭلار، يولۇڭلار چوقۇم راۋان بولىدۇ! ــ دېدى. |
וַיִּוָּעַץ אֶל־הָעָם וַיַּעֲמֵד מְשֹֽׁרְרִים לַיהֹוָה וּֽמְהַלְלִים לְהַדְרַת־קֹדֶשׁ בְּצֵאת לִפְנֵי הֶחָלוּץ וְאֹמְרִים הוֹדוּ לַיהֹוָה כִּי לְעוֹלָם חַסְדּֽוֹ׃ | 21 |
ئاندىن ئۇ خەلق بىلەن ئوبدان مەسلىھەتلىشىپ، پەرۋەردىگارنىڭ مۇقەددەس بەھەيۋەتلىكىنى مەدھىيىلەپ، ئۇنىڭغا ئاتاپ غەزەل-كۈي ئېيتىدىغانلارنى: «سىلەر پەرۋەردىگارغا رەھمەت-تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر!» دەپ ئوقۇشقا تەيىنلەپ، قوشۇننىڭ ئالدىدا ماڭدۇردى. |
וּבְעֵת הֵחֵלּוּ בְרִנָּה וּתְהִלָּה נָתַן יְהֹוָה ׀ מְאָֽרְבִים עַל־בְּנֵי עַמּוֹן מוֹאָב וְהַר־שֵׂעִיר הַבָּאִים לִֽיהוּדָה וַיִּנָּגֵֽפוּ׃ | 22 |
ئۇلار تەنتەنە قىلىپ ھەمدۇسانا ئوقۇشى بىلەن، پەرۋەردىگار يەھۇدا خەلقىگە ھۇجۇم قىلىشقا چىققان ئاممونىيلار، موئابىيلار ۋە سېئىر تېغىدىكىلەرگە پىستىرما قوشۇننى ئەۋەتىپ، ئۇلارنى تارمار قىلدۇردى. |
וַיַּעַמְדוּ בְּנֵי עַמּוֹן וּמוֹאָב עַל־יֹשְׁבֵי הַר־שֵׂעִיר לְהַחֲרִים וּלְהַשְׁמִיד וּכְכַלּוֹתָם בְּיוֹשְׁבֵי שֵׂעִיר עָזְרוּ אִישׁ־בְּרֵעֵהוּ לְמַשְׁחִֽית׃ | 23 |
شۇنىڭ بىلەن ئاممونىيلار بىلەن موئابىيلار سېئىر تېغىدىكىلەرگە ھۇجۇم قىلىشقا ئۆتتى، ئۇلارنى بىرىنى قويماي قىرىۋەتتى؛ ئۇلار سېئىر تېغىدىكىلەرنى قىرىپ تۈگەتكەندىن كېيىن يەنە ئۆزلىرى بىر-بىرىنى قىرغىن قىلىشقا چۈشكەنىدى. |
וִיהוּדָה בָּא עַל־הַמִּצְפֶּה לַמִּדְבָּר וַיִּפְנוּ אֶל־הֶהָמוֹן וְהִנָּם פְּגָרִים נֹפְלִים אַרְצָה וְאֵין פְּלֵיטָֽה׃ | 24 |
يەھۇدالار چۆلدىكى كۆزەتگاھقا كېلىپ شۇ زور قوشۇن تەرەپكە قارىسا، مانا قېچىپ قۇتۇلغان بىرمۇ ئادەم يوق بولۇپ، ھەممە يەرنى ئۆلۈك قاپلاپ كەتكەنىدى. |
וַיָּבֹא יְהוֹשָׁפָט וְעַמּוֹ לָבֹז אֶת־שְׁלָלָם וַיִּמְצְאוּ בָהֶם לָרֹב וּרְכוּשׁ וּפְגָרִים וּכְלֵי חֲמֻדוֹת וַיְנַצְּלוּ לָהֶם לְאֵין מַשָּׂא וַיִּהְיוּ יָמִים שְׁלוֹשָׁה בֹּזְזִים אֶת־הַשָּׁלָל כִּי רַב־הֽוּא׃ | 25 |
يەھوشافات ئۆزىنىڭ ئادەملىرى بىلەن دۈشمەندىن ئولجا بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشقا كەلگەندە، ئۇلار ئۆلۈكلەر بىلەن بىللە نۇرغۇن مال-مۈلۈك ۋە كۆپ قىممەتلىك بۇيۇملارنى تاپتى. ئۇلار سالدۇرۇۋالغانلىرىنىڭ تولىلىقىدىن ئېلىپ كىتەلمەي قالدى؛ ئولجا شۇنچە كۆپ بولغاچقا، ئۇنى يىغىۋېلىشقا ئۈچ كۈن كەتتى. |
וּבַיּוֹם הָרְבִעִי נִקְהֲלוּ לְעֵמֶק בְּרָכָה כִּי־שָׁם בֵּרְכוּ אֶת־יְהֹוָה עַל־כֵּן קָרְאוּ אֶת־שֵׁם הַמָּקוֹם הַהוּא עֵמֶק בְּרָכָה עַד־הַיּֽוֹם׃ | 26 |
ئۇلار تۆتىنچى كۈنى بەراكاھ جىلغىسىغا يىغىلىپ، پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئوقۇپ مۇبارەكلىدى؛ شۇڭا ئۇ يەر تاكى بۈگۈنگە قەدەر «بەراكاھ جىلغىسى» دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە. |
וַיָּשֻׁבוּ כׇּל־אִישׁ יְהוּדָה וִירוּשָׁלַ͏ִם וִיהוֹשָׁפָט בְּרֹאשָׁם לָשׁוּב אֶל־יְרוּשָׁלַ͏ִם בְּשִׂמְחָה כִּֽי־שִׂמְּחָם יְהֹוָה מֵאוֹיְבֵיהֶֽם׃ | 27 |
ئاندىن بارلىق يەھۇدادىكىلەر ۋە يېرۇسالېمدىكىلەر يەھوشافاتنىڭ باشلامچىلىقىدا خۇشال-خۇرام بولۇپ يېرۇسالېمغا قايتتى؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلارنى دۈشمەنلىرى ئۈستىدىن غالىب قىلىپ خۇشاللىققا چۆمدۈرگەنىدى. |
וַיָּבֹאוּ יְרוּשָׁלַ͏ִם בִּנְבָלִים וּבְכִנֹּרוֹת וּבַחֲצֹֽצְרוֹת אֶל־בֵּית יְהֹוָֽה׃ | 28 |
ئۇلار يېرۇسالېمغا تەمبۇر، چىلتار ۋە كانايلار چېلىپ كېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىردى. |
וַֽיְהִי פַּחַד אֱלֹהִים עַל כׇּל־מַמְלְכוֹת הָאֲרָצוֹת בְּשׇׁמְעָם כִּי נִלְחַם יְהֹוָה עִם אוֹיְבֵי יִשְׂרָאֵֽל׃ | 29 |
بارلىق ئەل-مەملىكەتلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىلنىڭ دۈشمەنلىرىگە قارشى چىقىپ جەڭ قىلغانلىقىنى ئاڭلىغاندا، خۇدانىڭ ۋەھىمىسى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە باستى. |
וַתִּשְׁקֹט מַלְכוּת יְהוֹשָׁפָט וַיָּנַֽח לוֹ אֱלֹהָיו מִסָּבִֽיב׃ | 30 |
شۇنىڭ بىلەن يەھوشافاتنىڭ پادىشاھلىقى تىنچ-ئاسايىشلىقتا بولدى؛ ئۇنىڭ خۇداسى ئۇنىڭ تۆت ئەتراپىنى تىنچ قىلغانىدى. |
וַיִּמְלֹךְ יְהוֹשָׁפָט עַל־יְהוּדָה בֶּן־שְׁלֹשִׁים וְחָמֵשׁ שָׁנָה בְּמׇלְכוֹ וְעֶשְׂרִים וְחָמֵשׁ שָׁנָה מָלַךְ בִּירוּשָׁלַ͏ִם וְשֵׁם אִמּוֹ עֲזוּבָה בַּת־שִׁלְחִֽי׃ | 31 |
شۇنداق قىلىپ يەھوشافات يەھۇدا ئۈستىگە ھۆكۈم سۈردى. ئۇ تەختكە چىققان چاغدا ئوتتۇز بەش ياشتا ئىدى؛ ئۇ يېرۇسالېمدا يىگىرمە بەش يىل سەلتەنەت قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى ئازۇباھ بولۇپ، ئۇ شىلھىنىڭ قىزى ئىدى. |
וַיֵּלֶךְ בְּדֶרֶךְ אָבִיו אָסָא וְלֹא־סָר מִמֶּנָּה לַעֲשׂוֹת הַיָּשָׁר בְּעֵינֵי יְהֹוָֽה׃ | 32 |
يەھوشافات قايماي ئاتىسى ئاسانىڭ يولىدا مېڭىپ، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغاننى قىلدى. |
אַךְ הַבָּמוֹת לֹא־סָרוּ וְעוֹד הָעָם לֹא־הֵכִינוּ לְבָבָם לֵאלֹהֵי אֲבֹתֵיהֶֽם׃ | 33 |
پەقەت «يۇقىرى جايلار»لا يوقىتىلمىغانىدى؛ خەلق تېخىچە كۆڭۈللىرىنى ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسىغا مايىل قىلمىغانىدى. |
וְיֶתֶר דִּבְרֵי יְהוֹשָׁפָט הָרִאשֹׁנִים וְהָאַחֲרֹנִים הִנָּם כְּתוּבִים בְּדִבְרֵי יֵהוּא בֶן־חֲנָנִי אֲשֶׁר הֹֽעֲלָה עַל־סֵפֶר מַלְכֵי יִשְׂרָאֵֽל׃ | 34 |
يەھوشافاتنىڭ قالغان ئىشلىرى بولسا، مانا باشتىن ئاخىرىغىچە «يەھۇدا ۋە ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخنامىسى»غا كىرگۈزۈلگەن «ھانانىنىڭ ئوغلى يەھۇنىڭ بايان سۆزلىرى»دە پۈتۈلگەندۇر. |
וְאַחֲרֵי־כֵן אֶתְחַבַּר יְהוֹשָׁפָט מֶלֶךְ־יְהוּדָה עִם אֲחַזְיָה מֶֽלֶךְ־יִשְׂרָאֵל הוּא הִרְשִׁיעַ לַעֲשֽׂוֹת׃ | 35 |
بۇ ئىشلاردىن كېيىن يەھۇدا پادىشاھى يەھوشافات تولا رەزىل ئىشلارنى قىلغان ئىسرائىل پادىشاھى ئاھازىيا بىلەن ئىتتىپاق تۈزدى. |
וַיְחַבְּרֵהוּ עִמּוֹ לַעֲשׂוֹת אֳנִיּוֹת לָלֶכֶת תַּרְשִׁישׁ וַיַּעֲשׂוּ אֳנִיּוֹת בְּעֶצְיוֹן גָּֽבֶר׃ | 36 |
يەھوشافات تارشىشقا بارىدىغان كېمىلەرنى ياساشقا ئۇنىڭ بىلەن شىرىكلەشتى؛ شۇ كېمىلەرنى ئۇلار ئەزىئون-گەبەردە ياساتتى. |
וַיִּתְנַבֵּא אֱלִיעֶזֶר בֶּן־דֹּדָוָהוּ מִמָּרֵשָׁה עַל־יְהוֹשָׁפָט לֵאמֹר כְּהִֽתְחַבֶּרְךָ עִם־אֲחַזְיָהוּ פָּרַץ יְהֹוָה אֶֽת־מַעֲשֶׂיךָ וַיִּשָּׁבְרוּ אֳנִיּוֹת וְלֹא עָצְרוּ לָלֶכֶת אֶל־תַּרְשִֽׁישׁ׃ | 37 |
ئۇ چاغدا مارەشاھلىق دوداۋاھۇنىڭ ئوغلى ئەلىئېزەر يەھوشافاتنى ئەيىبلەپ ئۇنىڭغا بېشارەت بېرىپ: ــ ئاھازىيا بىلەن ئىتتىپاق تۈزگىنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگار سېنىڭ ياسىغانلىرىڭنى بۇزۇۋېتىدۇ» دېدى. دەرۋەقە، كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇ كېمىلەر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ تارشىشقا ماڭالمىدى. |