וַיְהִי לִיהוֹשָׁפָט עֹשֶׁר וְכָבוֹד לָרֹב וַיִּתְחַתֵּן לְאַחְאָֽב׃ | 1 |
يەھوشافاتنىڭ مال-مۈلكى ناھايىتى كۆپ، شان-شۆھرىتى ناھايىتى يۇقىرى بولدى؛ ئۇ ئاھاب بىلەن قۇدىلىشىپ ئىتتىپاقلاشتى. |
וַיֵּרֶד לְקֵץ שָׁנִים אֶל־אַחְאָב לְשֹׁמְרוֹן וַיִּֽזְבַּֽח־לוֹ אַחְאָב צֹאן וּבָקָר לָרֹב וְלָעָם אֲשֶׁר עִמּוֹ וַיְסִיתֵהוּ לַעֲלוֹת אֶל־רָמֹת גִּלְעָֽד׃ | 2 |
بىرنەچچە يىلدىن كېيىن ئۇ ئاھاب بىلەن كۆرۈشۈشكە سامارىيەگە باردى. ئاھاب بولسا ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىغا ئاتاپ نۇرغۇن كالا، قوي سويدى؛ ئاندىن ئۇ ئۇنى گىلېئادتىكى راموتقا بىللە ھۇجۇم قىلىشقا ئۇناتتى. |
וַיֹּאמֶר אַחְאָב מֶלֶךְ־יִשְׂרָאֵל אֶל־יְהֽוֹשָׁפָט מֶלֶךְ יְהוּדָה הֲתֵלֵךְ עִמִּי רָמֹת גִּלְעָד וַיֹּאמֶר לוֹ כָּמוֹנִי כָמוֹךָ וּכְעַמְּךָ עַמִּי וְעִמְּךָ בַּמִּלְחָמָֽה׃ | 3 |
ئىسرائىل پادىشاھى ئاھاب يەھۇدا پادىشاھى يەھوشافاتتىن: ــ ئۆزلىرى مېنىڭ بىلەن بىللە گىلېئادتىكى راموتقا بېرىشقا ماقۇل بولامدىلا؟ ــ دەپ سورىۋىدى، ئۇ: ــ بىز سىلىنىڭ-مېنىڭ دەپ ئايرىمايمىز؛ مېنىڭ خەلقىم ئۆزلىرىنىڭ خەلقىدۇر. مەن ئۆزلىرى بىلەن بىللە جەڭ قىلىشقا بارماي تۇرمايمەن، دەپ جاۋاپ بەردى. |
וַיֹּאמֶר יְהוֹשָׁפָט אֶל־מֶלֶךְ יִשְׂרָאֵל דְּרׇשׁ־נָא כַיּוֹם אֶת־דְּבַר יְהֹוָֽה׃ | 4 |
لېكىن يەھوشافات ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىغا: ــ ئۆتۈنىمەنكى، بۈگۈن ئاۋۋال پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى سوراپ كۆرگەيلا، دېدى. |
וַיִּקְבֹּץ מֶלֶךְ־יִשְׂרָאֵל אֶֽת־הַנְּבִאִים אַרְבַּע מֵאוֹת אִישׁ וַיֹּאמֶר אֲלֵהֶם הֲנֵלֵךְ אֶל־רָמֹת גִּלְעָד לַמִּלְחָמָה אִם־אֶחְדָּל וַיֹּאמְרוּ עֲלֵה וְיִתֵּן הָאֱלֹהִים בְּיַד הַמֶּֽלֶךְ׃ | 5 |
شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى پەيغەمبەرلەرنى، يەنى تۆت يۈز ئادەمنى يىغدۇرۇپ ئۇلاردىن: ــ بىز جەڭ قىلغىلى گىلېئادتىكى راموتقا چىقساق بولامدۇ، يوق؟» دەپ سورىۋىدى، ئۇلار: «چىققىن، خۇدا ئۇنى پادىشاھنىڭ قولىغا بېرىدۇ، دېيىشتى. |
וַיֹּאמֶר יְהוֹשָׁפָט הַאֵין פֹּה נָבִיא לַיהֹוָה עוֹד וְנִדְרְשָׁה מֵאֹתֽוֹ׃ | 6 |
لېكىن يەھوشافات بولسا: ــ بۇلاردىن باشقا يول سورىغۇدەك، پەرۋەردىگارنىڭ بىرەر پەيغەمبىرى يوقمىدۇ؟ ــ دەپ سورىدى. |
וַיֹּאמֶר מֶלֶךְ־יִשְׂרָאֵל ׀ אֶֽל־יְהוֹשָׁפָט עוֹד אִישׁ־אֶחָד לִדְרוֹשׁ אֶת־יְהֹוָה מֵֽאֹתוֹ וַאֲנִי שְׂנֵאתִיהוּ כִּֽי־אֵינֶנּוּ מִתְנַבֵּא עָלַי לְטוֹבָה כִּי כׇל־יָמָיו לְרָעָה הוּא מִיכָיְהוּ בֶן־יִמְלָא וַיֹּאמֶר יְהוֹשָׁפָט אַל־יֹאמַר הַמֶּלֶךְ כֵּֽן׃ | 7 |
ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يەھوشافاتقا جاۋاب بېرىپ: ــ پەرۋەردىگاردىن يول سورايدىغان يەنە بىر ئادەم بار؛ لېكىن ئۇ مېنىڭ توغرامدا قۇتلۇقنى ئەمەس، بەلكى دائىم بالايىئاپەتنى كۆرسىتىپ بېشارەت بەرگەچكە، مەن ئۇنى ئۆچ كۆرىمەن. ئۇ بولسا ئىملاھنىڭ ئوغلى مىكايادۇر، دېدى. يەھوشافات: ــ ئى ئالىيلىرى، سىلى ئۇنداق دېمىگەيلا، دېدى. |
וַיִּקְרָא מֶלֶךְ יִשְׂרָאֵל אֶל־סָרִיס אֶחָד וַיֹּאמֶר מַהֵר (מיכהו) [מִיכָיְהוּ] בֶן־יִמְלָֽא׃ | 8 |
ئاندىن ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بىر چاكىرىنى قىچقىرىپ ئۇنىڭغا: ــ چاققان بېرىپ، ئىملاھنىڭ ئوغلى مىكايانى چاقىرتىپ كەل، دەپ بۇيرۇدى. |
וּמֶלֶךְ יִשְׂרָאֵל וִיהוֹשָׁפָט מֶלֶךְ־יְהוּדָה יוֹשְׁבִים אִישׁ עַל־כִּסְאוֹ מְלֻבָּשִׁים בְּגָדִים וְיֹשְׁבִים בְּגֹרֶן פֶּתַח שַׁעַר שֹׁמְרוֹן וְכׇל־הַנְּבִיאִים מִֽתְנַבְּאִים לִפְנֵיהֶֽם׃ | 9 |
ئەمدى ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بىلەن يەھۇدانىڭ پادىشاھى يەھوشافات شاھانە كىيىملىرىنى كىيىشىپ، سامارىيەنىڭ دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدىكى خاماندا ھەربىرى ئۆز تەختىدە ئولتۇرۇشتى؛ ئۇلارنىڭ ئالدىدا پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسى بېشارەت بەرمەكتە ئىدى. |
וַיַּעַשׂ לוֹ צִדְקִיָּהוּ בֶֽן־כְּנַעֲנָה קַרְנֵי בַרְזֶל וַיֹּאמֶר כֹּֽה־אָמַר יְהֹוָה בְּאֵלֶּה תְּנַגַּח אֶת־אֲרָם עַד־כַּלּוֹתָֽם׃ | 10 |
كەنئاناھنىڭ ئوغلى زەدەكىيا بولسا ئۆزى تۆمۈردىن مۈڭگۈزلەرنى ياساپ: ــ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «مۇشۇ مۈڭگۈزلەر بىلەن سۇرىيلەرنى يوقاتقۇچە ئۈسۈپ ئۇرسىلا»، دېدى. |
וְכׇל־הַנְּבִאִים נִבְּאִים כֵּן לֵאמֹר עֲלֵה רָמֹת גִּלְעָד וְהַצְלַח וְנָתַן יְהֹוָה בְּיַד הַמֶּֽלֶךְ׃ | 11 |
ھەممە پەيغەمبەرلەر شۇنىڭغا ئوخشاش بېشارەت بېرىپ: «گىلېئادتىكى راموتقا چىقىپ سۆزسىز مۇۋەپپەقىيەت قازىنىلا؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇنى پادىشاھنىڭ قولىغا تاپشۇرىدىكەن»، دېيىشتى. |
וְהַמַּלְאָךְ אֲשֶׁר־הָלַךְ ׀ לִקְרֹא לְמִיכָיְהוּ דִּבֶּר אֵלָיו לֵאמֹר הִנֵּה דִּבְרֵי הַנְּבִאִים פֶּה־אֶחָד טוֹב אֶל־הַמֶּלֶךְ וִיהִי־נָא דְבָרְךָ כְּאַחַד מֵהֶם וְדִבַּרְתָּ טּֽוֹב׃ | 12 |
مىكايانى قىچقىرغىلى بارغان خەۋەرچى ئۇنىڭغا: ــ مانا، ھەممە پەيغەمبەرلەر بىردەك پادىشاھقا ياخشى خەۋەر بەرمەكتە؛ ئەمدى ئۆتۈنىمەن، سېنىڭ سۆزۈڭمۇ ئۇلارنىڭكى بىلەن بىردەك بولۇپ، ياخشى بىر خەۋەرنى بەرگىن، دېدى. |
וַיֹּאמֶר מִיכָיְהוּ חַי־יְהֹוָה כִּי אֶת־אֲשֶׁר־יֹאמַר אֱלֹהַי אֹתוֹ אֲדַבֵּֽר׃ | 13 |
ئەمما مىكايا: ــ پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، خۇدايىم ماڭا نېمە ئېيتسا، مەن شۇنى ئېيتىمەن، دېدى. |
וַיָּבֹא אֶל־הַמֶּלֶךְ וַיֹּאמֶר הַמֶּלֶךְ אֵלָיו מִיכָה הֲנֵלֵךְ אֶל־רָמֹת גִּלְעָד לַמִּלְחָמָה אִם־אֶחְדָּל וַיֹּאמֶר עֲלוּ וְהַצְלִיחוּ וְיִנָּתְנוּ בְּיֶדְכֶֽם׃ | 14 |
ئۇ پادىشاھنىڭ ئالدىغا كەلگەندە پادىشاھ ئۇنىڭدىن: ــ ئى مىكايا، جەڭ قىلغىلى گىلېئادتىكى راموتقا چىقساق بولامدۇ، يوق؟ ــ دەپ سورىۋىدى، ئۇ ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ چىقىپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىسىلەر؛ چۈنكى [دۈشمىنىڭلار] قوللىرىڭلارغا تاپشۇرۇلىدۇ، دېدى. |
וַיֹּאמֶר אֵלָיו הַמֶּלֶךְ עַד־כַּמֶּה פְעָמִים אֲנִי מַשְׁבִּיעֶךָ אֲשֶׁר לֹֽא־תְדַבֵּר אֵלַי רַק־אֱמֶת בְּשֵׁם יְהֹוָֽה׃ | 15 |
لېكىن پادىشاھ ئۇنىڭغا: ــ مەن ساڭا قانچە قېتىم پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا راست گەپتىن باشقىسىنى ماڭا ئېيتماسلىققا قەسەم ئىچكۈزۈشۈم كېرەك؟! ــ دېدى. |
וַיֹּאמֶר רָאִיתִי אֶת־כׇּל־יִשְׂרָאֵל נְפוֹצִים עַל־הֶהָרִים כַּצֹּאן אֲשֶׁר אֵין־לָהֶן רֹעֶה וַיֹּאמֶר יְהֹוָה לֹֽא־אֲדֹנִים לָאֵלֶּה יָשׁוּבוּ אִישׁ־לְבֵיתוֹ בְּשָׁלֽוֹם׃ | 16 |
مىكايا: ــ مەن پۈتكۈل ئىسرائىلنىڭ تاغلاردا پادىچىسىز قويلاردەك تارىلىپ كەتكەنلىكىنى كۆردۈم. پەرۋەردىگار: «بۇلارنىڭ ئىگىسى يوق؛ بۇلارنىڭ ھەربىرى تىنچ-ئامان ئۆز ئۆيىگە قايتسۇن» دېدى، ــ دېدى. |
וַיֹּאמֶר מֶלֶךְ־יִשְׂרָאֵל אֶל־יְהוֹשָׁפָט הֲלֹא אָמַרְתִּי אֵלֶיךָ לֹא־יִתְנַבֵּא עָלַי טוֹב כִּי אִם־לְרָֽע׃ | 17 |
ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يەھوشافاتقا: ــ مانا، مەن سىلىگە «ئۇ مېنىڭ توغرامدا قۇتلۇقنى ئەمەس، بەلكى ھامان بالايىئاپەتنى كۆرسىتىپ بېشارەت بېرىدۇ»، دېمىگەنمىدىم؟ ــ دېدى. |
וַיֹּאמֶר לָכֵן שִׁמְעוּ דְבַר־יְהֹוָה רָאִיתִי אֶת־יְהֹוָה יוֹשֵׁב עַל־כִּסְאוֹ וְכׇל־צְבָא הַשָּׁמַיִם עֹמְדִים עַל־יְמִינוֹ וּשְׂמֹאלֽוֹ׃ | 18 |
مىكايا يەنە: ــ شۇڭا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغىن؛ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز تەختىدە ئولتۇرغانلىقىنى، ئاسماننىڭ پۈتكۈل قوشۇنلىرى ئۇنىڭ يېنىدا، ئوڭ ۋە سول تەرىپىدە تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. |
וַיֹּאמֶר יְהֹוָה מִי יְפַתֶּה אֶת־אַחְאָב מֶלֶךְ־יִשְׂרָאֵל וְיַעַל וְיִפֹּל בְּרָמוֹת גִּלְעָד וַיֹּאמֶר זֶה אֹמֵר כָּכָה וְזֶה אֹמֵר כָּֽכָה׃ | 19 |
پەرۋەردىگار: «كىم ئاھابنى گىلېئادتىكى راموتقا چىقىپ، شۇ يەردە ھالاك بولۇشقا ئالدايدۇ؟» ــ دېدى. بىرسى ئۇنداق، بىرسى مۇنداق دېيىشتى؛ |
וַיֵּצֵא הָרוּחַ וַֽיַּעֲמֹד לִפְנֵי יְהֹוָה וַיֹּאמֶר אֲנִי אֲפַתֶּנּוּ וַיֹּאמֶר יְהֹוָה אֵלָיו בַּמָּֽה׃ | 20 |
شۇ ۋاقىتتا بىر روھ چىقىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ: «مەن بېرىپ ئالداي» دېدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭدىن: «قانداق ئۇسۇل بىلەن ئالدايسەن؟» دەپ سورىۋىدى، |
וַיֹּאמֶר אֵצֵא וְהָיִיתִי לְרוּחַ שֶׁקֶר בְּפִי כׇּל־נְבִיאָיו וַיֹּאמֶר תְּפַתֶּה וְגַם־תּוּכָל צֵא וַעֲשֵׂה־כֵֽן׃ | 21 |
ئۇ: «مەن چىقىپ ئۇنىڭ ھەممە پەيغەمبەرلىرىنىڭ ئاغزىدا يالغانچى بىر روھ بولىمەن»، دېدى. پەرۋەردىگار: «ئۇنى ئالداپ ئىلكىڭگە ئالالايسەن؛ بېرىپ شۇنداق قىل» ــ دېدى. |
וְעַתָּה הִנֵּה נָתַן יְהֹוָה רוּחַ שֶׁקֶר בְּפִי נְבִיאֶיךָ אֵלֶּה וַֽיהֹוָה דִּבֶּר עָלֶיךָ רָעָֽה׃ | 22 |
مانا ئەمدى پەرۋەردىگار سېنىڭ بۇ ھەممە پەيغەمبەرلىرىڭنىڭ ئاغزىغا بىر يالغانچى روھنى سالدى؛ پەرۋەردىگار سېنىڭ توغراڭدا بالايىئاپەت كۆرسىتىپ سۆزلىدى» ــ دېدى. |
וַיִּגַּשׁ צִדְקִיָּהוּ בֶֽן־כְּנַעֲנָה וַיַּךְ אֶת־מִיכָיְהוּ עַל־הַלֶּחִי וַיֹּאמֶר אֵי זֶה הַדֶּרֶךְ עָבַר רוּחַ־יְהֹוָה מֵאִתִּי לְדַבֵּר אֹתָֽךְ׃ | 23 |
شۇنى ئاڭلاپ كەنئاناھنىڭ ئوغلى زەدەكىيا كېلىپ مىكايانىڭ كاچىتىغا بىرنى سېلىپ: ــ پەرۋەردىگارنىڭ روھى قايسى يول بىلەن مەندىن ئۆتۈپ ساڭا سۆز قىلىشقا باردى؟! ــ دېدى. |
וַיֹּאמֶר מִיכָיְהוּ הִנְּךָ רֹאֶה בַּיּוֹם הַהוּא אֲשֶׁר תָּבוֹא חֶדֶר בְּחֶדֶר לְהֵחָבֵֽא׃ | 24 |
مىكايا جاۋاب بېرىپ: ئۆزۈڭنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ئىچكىرىدىكى ئۆيگە يۈگۈرگەن كۈنىدە شۇنى كۆرىسەن، دېدى. |
וַיֹּאמֶר מֶלֶךְ יִשְׂרָאֵל קְחוּ אֶת־מִיכָיְהוּ וַהֲשִׁיבֻהוּ אֶל־אָמוֹן שַׂר־הָעִיר וְאֶל־יוֹאָשׁ בֶּן־הַמֶּֽלֶךְ׃ | 25 |
ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى ئەمدى: ــ مىكايانى ئېلىپ قايتۇرۇپ بېرىپ، شەھەر ھاكىمى ئامون بىلەن پادىشاھنىڭ ئوغلى يوئاشقا تاپشۇرۇپ، |
וַאֲמַרְתֶּם כֹּה אָמַר הַמֶּלֶךְ שִׂימוּ זֶה בֵּית הַכֶּלֶא וְהַאֲכִלֻהוּ לֶחֶם לַחַץ וּמַיִם לַחַץ עַד שׁוּבִי בְשָׁלֽוֹם׃ | 26 |
ئۇلارغا تاپىلاپ: «پادىشاھ مۇنداق دەيدۇ: ــ ئۇنى زىندانغا سولاپ مەن تىنچ-ئامان يېنىپ كەلگۈچىلىك قىيناپ، نان بىلەن سۇنى ئاز-ئاز بېرىپ تۇرۇڭلار» ــ دەڭلار، دەپ بۇيرۇدى. |
וַיֹּאמֶר מִיכָיְהוּ אִם־שׁוֹב תָּשׁוּב בְּשָׁלוֹם לֹא־דִבֶּר יְהֹוָה בִּי וַיֹּאמֶר שִׁמְעוּ עַמִּים כֻּלָּֽם׃ | 27 |
مىكايا: ــ ئەگەر سەن ھەقىقەتەن تىنچ-ئامان يېنىپ كەلسەڭ، پەرۋەردىگار مېنىڭ ۋاسىتەم بىلەن سۆز قىلمىغان بولىدۇ، دېدى. ئاندىن ئۇ يەنە: ــ ئەي جامائەت، ھەربىرىڭلار ئاڭلاڭلار، دېدى. |
וַיַּעַל מֶלֶךְ־יִשְׂרָאֵל וִיהוֹשָׁפָט מֶלֶךְ־יְהוּדָה אֶל־רָמֹת גִּלְעָֽד׃ | 28 |
ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بىلەن يەھۇدانىڭ پادىشاھى يەھوشافات گىلېئادتىكى راموتقا چىقتى. |
וַיֹּאמֶר מֶלֶךְ יִשְׂרָאֵל אֶל־יְהוֹשָׁפָט הִתְחַפֵּשׂ וָבוֹא בַמִּלְחָמָה וְאַתָּה לְבַשׁ בְּגָדֶיךָ וַיִּתְחַפֵּשׂ מֶלֶךְ יִשְׂרָאֵל וַיָּבֹאוּ בַּמִּלְחָמָֽה׃ | 29 |
ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يەھوشافاتقا: ــ مەن باشقا قىياپەتكە كىرىپ جەڭگە چىقاي؛ سىلى بولسىلا ئۆز كىيىملىرىنى كىيىپ چىقسىلا، دېدى. ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى باشقا قىياپەت بىلەن جەڭگە چىقتى. |
וּמֶלֶךְ אֲרָם צִוָּה אֶת־שָׂרֵי הָרֶכֶב אֲשֶׁר־לוֹ לֵאמֹר לֹא תִּלָּחֲמוּ אֶת־הַקָּטֹן אֶת־הַגָּדוֹל כִּי אִֽם־אֶת־מֶלֶךְ יִשְׂרָאֵל לְבַדּֽוֹ׃ | 30 |
سۇرىيەنىڭ پادىشاھى جەڭ ھارۋىسى سەردارلىرىغا: ــ چوڭلىرى ياكى كىچىكلىرى بىلەن ئەمەس، پەقەت ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بىلەن سوقۇشۇڭلار، دەپ بۇيرۇدى. |
וַיְהִי כִּרְאוֹת שָׂרֵי הָרֶכֶב אֶת־יְהוֹשָׁפָט וְהֵמָּה אָֽמְרוּ מֶלֶךְ יִשְׂרָאֵל הוּא וַיָּסֹבּוּ עָלָיו לְהִלָּחֵם וַיִּזְעַק יְהֽוֹשָׁפָט וַיהֹוָה עֲזָרוֹ וַיְסִיתֵם אֱלֹהִים מִמֶּֽנּוּ׃ | 31 |
ۋە شۇنداق بولدىكى، جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ سەردارلىرى يەھوشافاتنى كۆرگەندە: ــ ئۇنى چوقۇم ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى دەپ، ئۇنىڭغا ئولىشىپ ھۇجۇم قىلماقچى بولدى؛ لېكىن يەھوشافات پەرياد كۆتۈردى، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا ياردەم بەردى. خۇدا ئۇلارنى ئۇنىڭدىن يىراقلاشتۇردى؛ |
וַיְהִי כִּרְאוֹת שָׂרֵי הָרֶכֶב כִּי לֹֽא־הָיָה מֶלֶךְ יִשְׂרָאֵל וַיָּשׁוּבוּ מֵאַחֲרָֽיו׃ | 32 |
چۈنكى شۇنداق بولدىكى، جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ سەردارلىرى ئۇنىڭ ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى ئەمەسلىكىنى كۆرگەندە ئۇنى قوغلىماي، بۇرۇلۇپ كېتىپ قېلىشتى. |
וְאִישׁ מָשַׁךְ בַּקֶּשֶׁת לְתֻמּוֹ וַיַּךְ אֶת־מֶלֶךְ יִשְׂרָאֵל בֵּין הַדְּבָקִים וּבֵין הַשִּׁרְיָן וַיֹּאמֶר לָרַכָּב הֲפֹךְ (ידיך) [יָדְךָ] וְהוֹצֵאתַנִי מִן־הַֽמַּחֲנֶה כִּי הׇֽחֳלֵֽיתִי׃ | 33 |
ئەمما بىرەيلەن قارىسىغىلا بىر ئوقيا ئېتىۋىدى، ئوق ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىنىڭ ساۋۇتىنىڭ مۈرىسىدىن تۆۋەنكى ئۇلىقىدىن ئۆتۈپ تەگدى. ئۇ ھارۋىكېشىگە: ھارۋىنى ياندۇرۇپ مېنى سەپتىن چىقارغىن؛ چۈنكى مەن يارىدار بولدۇم، دېدى. |
וַתַּעַל הַמִּלְחָמָה בַּיּוֹם הַהוּא וּמֶלֶךְ יִשְׂרָאֵל הָיָה מַעֲמִיד בַּמֶּרְכָּבָה נֹכַח אֲרָם עַד־הָעָרֶב וַיָּמׇת לְעֵת בּוֹא הַשָּֽׁמֶשׁ׃ | 34 |
ئۇ كۈنى جەڭ بارغانسېرى قاتتىق بولدى. پادىشاھ كەچكىچە سۇرىيلەرنىڭ ئۇدۇلىدا ئۆز جەڭ ھارۋىسىغا يۆلىنىپ ئۆرە تۇردى. كۈن پېتىشى بىلەن ئۇ ئۆلدى. |