בִּשְׁנַת שְׁלֹשִׁים וָשֵׁשׁ לְמַלְכוּת אָסָא עָלָה בַּעְשָׁא מֶֽלֶךְ־יִשְׂרָאֵל עַל־יְהוּדָה וַיִּבֶן אֶת־הָרָמָה לְבִלְתִּי תֵּת יוֹצֵא וָבָא לְאָסָא מֶלֶךְ יְהוּדָֽה׃ | 1 |
شۇ ۋاقىتتىن تارتىپ تاكى ئاسانىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئوتتۇز بەشىنچى يىلىغىچە ئۇرۇش بولۇپ باقمىدى. ئاسانىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئوتتۇز ئالتىنچى يىلى، ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بائاشا يەھۇداغا قارشى ھۇجۇم قىلدى؛ ھېچكىم يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئاسا بىلەن باردى-كەلدى قىلمىسۇن دەپ، راماھ شەھىرىنى مەھكەم قىلىپ ياسىدى. |
וַיֹּצֵא אָסָא כֶּסֶף וְזָהָב מֵאֹצְרוֹת בֵּית יְהֹוָה וּבֵית הַמֶּלֶךְ וַיִּשְׁלַח אֶל־בֶּן־הֲדַד מֶלֶךְ אֲרָם הַיּוֹשֵׁב בְּדַרְמֶשֶׂק לֵאמֹֽר׃ | 2 |
ئۇ ۋاقىتتا ئاسا پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى خەزىنىلەردىن ۋە پادىشاھنىڭ ئوردىسىدىكى خەزىنىلەردىن ئالتۇن-كۈمۈشنى ئېلىپ ئۇلارنى دەمەشقتە تۇرۇشلۇق سۇرىيە پادىشاھى بەن-ھادادقا ئەۋەتىپ ۋە بۇ خەۋەرنى يەتكۈزۈپ: ــ |
בְּרִית בֵּינִי וּבֵינֶךָ וּבֵין אָבִי וּבֵין אָבִיךָ הִנֵּה שָׁלַחְתִּֽי לְךָ כֶּסֶף וְזָהָב לֵךְ הָפֵר בְּרִֽיתְךָ אֶת־בַּעְשָׁא מֶלֶךְ יִשְׂרָאֵל וְיַעֲלֶה מֵעָלָֽי׃ | 3 |
«مېنىڭ ئاتام بىلەن سىلىنىڭ ئاتىلىرىنىڭ ئارىسىدا بولغاندەك مەن بىلەن سىلىنىڭ ئارىلىرىدا بىر ئەھدە بولسۇن. مانا، سىلىگە كۈمۈش بىلەن ئالتۇن ئەۋەتتىم؛ ئەمدى ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بائاشا بىلەن بولغان ئەھدىلىرىدىن قوللىرىنى ئۈزسىلە؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ مېنى قامال قىلىشتىن قول ئۈزسۇن» ــ دېدى. |
וַיִּשְׁמַע בֶּן־הֲדַד אֶל־הַמֶּלֶךְ אָסָא וַיִּשְׁלַח אֶת־שָׂרֵי הַחֲיָלִים אֲשֶׁר־לוֹ אֶל־עָרֵי יִשְׂרָאֵל וַיַּכּוּ אֶת־עִיּוֹן וְאֶת־דָּן וְאֵת אָבֵל מָיִם וְאֵת כׇּֽל־מִסְכְּנוֹת עָרֵי נַפְתָּלִֽי׃ | 4 |
بەن-ھاداد ئاسا پادىشاھنىڭ سۆزىگە كىرىپ، ئۆز قوشۇنىنىڭ سەردارلىرىنى ئىسرائىلنىڭ شەھەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتىپ، ئىجون، دان، ئابەل-مايىم، نافتالىدىكى بارلىق ئامبار شەھەرلىرىنى بېقىندۇردى. |
וַֽיְהִי כִּשְׁמֹעַ בַּעְשָׁא וַיֶּחְדַּל מִבְּנוֹת אֶת־הָרָמָה וַיַּשְׁבֵּת אֶת־מְלַאכְתּֽוֹ׃ | 5 |
بائاشا بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، راماھ ئىستىھكامىنى ياساشتىن قولىنى يىغىپ، قۇرۇلۇشلارنىڭ ھەممىسىنى توختاتتى. |
וְאָסָא הַמֶּלֶךְ לָקַח אֶת־כׇּל־יְהוּדָה וַיִּשְׂאוּ אֶת־אַבְנֵי הָרָמָה וְאֶת־עֵצֶיהָ אֲשֶׁר בָּנָה בַּעְשָׁא וַיִּבֶן בָּהֶם אֶת־גֶּבַע וְאֶת־הַמִּצְפָּֽה׃ | 6 |
ئاسا پادىشاھ بولسا پۈتكۈل يەھۇدانىڭ ئادەملىرىنى باشلاپ، بائاشا راماھ شەھىرىنى ياساشقا ئىشلەتكەن تاشلار بىلەن ياغاچلارنى راماھتىن توشۇپ ئېلىپ كەتتى. ئۇ مۇشۇلارنى ئىشلىتىپ گېبانى ۋە مىزپاھنى مەھكەم قىلىپ ياسىدى. |
וּבָעֵת הַהִיא בָּא חֲנָנִי הָרֹאֶה אֶל־אָסָא מֶלֶךְ יְהוּדָה וַיֹּאמֶר אֵלָיו בְּהִשָּׁעֶנְךָ עַל־מֶלֶךְ אֲרָם וְלֹא נִשְׁעַנְתָּ עַל־יְהֹוָה אֱלֹהֶיךָ עַל־כֵּן נִמְלַט חֵיל מֶלֶךְ־אֲרָם מִיָּדֶֽךָ׃ | 7 |
ئۇ چاغدا، ئالدىن كۆرگۈچى ھانانى يەھۇدا پادىشاھى ئاسانىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: ــ ئۆزۈڭ پەرۋەردىگار خۇدايىڭغا ئەمەس، بەلكى سۇرىيە پادىشاھىغا تايانغانلىقىڭ ئۈچۈن سۇرىيە پادىشاھىنىڭ قوشۇنى ئۆز قولۇڭدىن قۇتۇلدى. |
הֲלֹא הַכּוּשִׁים וְהַלּוּבִים הָיוּ לְחַיִל ׀ לָרֹב לְרֶכֶב וּלְפָרָשִׁים לְהַרְבֵּה מְאֹד וּבְהִשָּׁעֶנְךָ עַל־יְהֹוָה נְתָנָם בְּיָדֶֽךָ׃ | 8 |
ئېفىئوپىيلەر بىلەن لىۋىيەلىكلەر چوڭ بىر قوشۇن ئەمەسمىدى؟ جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئاتلىق ئەسكەرلىرى ئىنتايىن كۆپ ئەمەسمىدى؟ لېكىن سەن پەقەت پەرۋەردىگارغا تايانغاندا، ئۇ ئۇلارنى قولۇڭغا تاپشۇرغانىدى. |
כִּי יְהֹוָה עֵינָיו מְשֹׁטְטוֹת בְּכׇל־הָאָרֶץ לְהִתְחַזֵּק עִם־לְבָבָם שָׁלֵם אֵלָיו נִסְכַּלְתָּ עַל־זֹאת כִּי מֵעַתָּה יֵשׁ עִמְּךָ מִלְחָמֽוֹת׃ | 9 |
چۈنكى پەرۋەردىگار كۆڭلى ماڭا تامامەن سادىق بولغانلارغا ياردەمدە بولۇپ، ئۆزۈمنى قۇدرەتلىك كۆرسىتەي دەپ، كۆزلىرىنى پۈتۈن يەر يۈزىدە ئۇيان-بۇيان يۈگۈرتىدۇ. سەن بۇ ئىشتا بەك ئەخمەقلىق قىلدىڭ. ئەمدى بۇنىڭدىن كېيىن ئۇرۇشلاردىن خالاس بولالمايسەن، دېدى. |
וַיִּכְעַס אָסָא אֶל־הָרֹאֶה וַֽיִּתְּנֵהוּ בֵּית הַמַּהְפֶּכֶת כִּֽי־בְזַעַף עִמּוֹ עַל־זֹאת וַיְרַצֵּץ אָסָא מִן־הָעָם בָּעֵת הַהִֽיא׃ | 10 |
بۇنى ئاڭلاپلا ئاسا ئالدىن كۆرگۈچىگە ئىنتايىن غەزەپلىنىپ، ئۇنى زىندانغا سولاپ قويدى؛ ئۇنىڭ بۇ سۆزىگە قەھرى قايناپ كەتتى. ئۇ شۇ ۋاقىتلاردا خەلقتىن بەزىلىرىگە زۇلۇم سېلىشقا باشلىغانىدى. |
וְהִנֵּה דִּבְרֵי אָסָא הָרִאשׁוֹנִים וְהָאַחֲרוֹנִים הִנָּם כְּתוּבִים עַל־סֵפֶר הַמְּלָכִים לִיהוּדָה וְיִשְׂרָאֵֽל׃ | 11 |
مانا، ئاسانىڭ قىلغان ئىشلىرى باشتىن ئاخىرىغىچە «يەھۇدا ۋە ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخنامىسى»دا پۈتۈلگەندۇر. |
וַיֶּחֱלֶא אָסָא בִּשְׁנַת שְׁלוֹשִׁים וָתֵשַׁע לְמַלְכוּתוֹ בְּרַגְלָיו עַד־לְמַעְלָה חׇלְיוֹ וְגַם־בְּחׇלְיוֹ לֹא־דָרַשׁ אֶת־יְהֹוָה כִּי בָּרֹפְאִֽים׃ | 12 |
ئاسانىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئوتتۇز توققۇزىنچى يىلىدا پۇتىدا بىر كېسەل پەيدا بولدى؛ ۋە كېسىلى بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ كەتتى؛ لېكىن ئۇ ئاغرىغاندىمۇ پەرۋەردىگارنى ئىزدىمىدى، بەلكى پەقەت تېۋىپلاردىنلا ياردەم ئىزدىدى. |
וַיִּשְׁכַּב אָסָא עִם־אֲבֹתָיו וַיָּמׇת בִּשְׁנַת אַרְבָּעִים וְאַחַת לְמׇלְכֽוֹ׃ | 13 |
ئاسا سەلتەنىتىنىڭ قىرىق بىرىنچى يىلىدا ئۆلدى، ئاتا-بوۋىلىرى ئارىسىدا ئۇخلىدى. |
וַיִּקְבְּרֻהוּ בְקִבְרֹתָיו אֲשֶׁר כָּרָה־לוֹ בְּעִיר דָּוִיד וַיַּשְׁכִּיבֻהוּ בַּמִּשְׁכָּב אֲשֶׁר מִלֵּא בְּשָׂמִים וּזְנִים מְרֻקָּחִים בְּמִרְקַחַת מַעֲשֶׂה וַיִּשְׂרְפוּ־לוֹ שְׂרֵפָה גְּדוֹלָה עַד־לִמְאֹֽד׃ | 14 |
خەلقلەر ئۇنى «داۋۇت شەھىرى»دە ئۆزىگە ئاتاپ تەييارلىتىپ كولىغان قەبرىگە دەپنە قىلدى. ئۇلار ئۇنى ئەتتارلارنىڭ ئۇسۇلى بىلەن تەڭشەلگەن ھەرتۈرلۈك دورا-دەرماندىن بولغان بىر ئارىلاشما پۈركەلگەن جىنازىغا ياتقۇزدى ھەمدە ئۇنىڭغا ئاتاپ نۇرغۇن خۇشبۇي ياندۇردى. |