וַיִּקְבְּצוּ פְלִשְׁתִּים אֶת־כׇּל־מַחֲנֵיהֶם אֲפֵקָה וְיִשְׂרָאֵל חֹנִים בַּעַיִן אֲשֶׁר בְּיִזְרְעֶֽאל׃ | 1 |
فىلىستىيلەر ھەممە قوشۇنلىرىنى يىغىپ ئافەكتە جەم قىلدى؛ ئىسرائىللار يىزرەئەلدىكى بۇلاقنىڭ يېنىدا چېدىر تىكتى. |
וְסַרְנֵי פְלִשְׁתִּים עֹֽבְרִים לְמֵאוֹת וְלַאֲלָפִים וְדָוִד וַאֲנָשָׁיו עֹבְרִים בָּאַחֲרֹנָה עִם־אָכִֽישׁ׃ | 2 |
فىلىستىيلەرنىڭ سەردارلىرى يۈز ياكى مىڭدىن ئەسكەرنى باشلاپ، سەپ تىزىپ كەلدى؛ ئۇلارنىڭ كەينىدىن داۋۇت ئۆز ئادەملىرىنى باشلاپ ئاقىش بىلەن چىقىپ سەپ تۈزدى. |
וַיֹּֽאמְרוּ שָׂרֵי פְלִשְׁתִּים מָה הָעִבְרִים הָאֵלֶּה וַיֹּאמֶר אָכִישׁ אֶל־שָׂרֵי פְלִשְׁתִּים הֲלוֹא־זֶה דָוִד עֶבֶד ׀ שָׁאוּל מֶלֶךְ־יִשְׂרָאֵל אֲשֶׁר הָיָה אִתִּי זֶה יָמִים אוֹ־זֶה שָׁנִים וְלֹֽא־מָצָאתִי בוֹ מְאוּמָה מִיּוֹם נׇפְלוֹ עַד־הַיּוֹם הַזֶּֽה׃ | 3 |
فىلىستىيلەرنىڭ ئەمىرلىرى: ــ بۇ ئىبرانىيلار بۇ يەردە نېمە ئىش قىلىدۇ؟ ــ دېدى. ئاقىش فىلىستىيلەرنىڭ ئەمىرلىرىگە: ــ بۇ ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى سائۇلنىڭ خىزمەتكارى داۋۇت ئەمەسمۇ؟ ئۇ بۇ يەردە بىرنەچچە كۈن، بىرنەچچە يىللاردىن بېرى مەن بىلەن تۇرغان ئەمەسمۇ؟ ئۇ ماڭا كەلگەن كۈندىن تارتىپ بۇ كۈنگىچە ئۇنىڭدىن ھېچ ئەيىب بايقىمىدىم، دېدى. |
וַיִּקְצְפוּ עָלָיו שָׂרֵי פְלִשְׁתִּים וַיֹּאמְרוּ לוֹ שָׂרֵי פְלִשְׁתִּים הָשֵׁב אֶת־הָאִישׁ וְיָשֹׁב אֶל־מְקוֹמוֹ אֲשֶׁר הִפְקַדְתּוֹ שָׁם וְלֹא־יֵרֵד עִמָּנוּ בַּמִּלְחָמָה וְלֹא־יִֽהְיֶה־לָּנוּ לְשָׂטָן בַּמִּלְחָמָה וּבַמֶּה יִתְרַצֶּה זֶה אֶל־אֲדֹנָיו הֲלוֹא בְּרָאשֵׁי הָאֲנָשִׁים הָהֵֽם׃ | 4 |
ئەمما فىلىستىيلەرنىڭ ئەمىرلىرى ئۇنىڭغا ئاچچىقلاندى. فىلىستىيلەرنىڭ ئەمىرلىرى ئۇنىڭغا: ــ ئۇنى قايتۇرۇۋەت! بۇ كىشى سەن ئۆزۈڭ ئۇنىڭغا ئورۇنلاشتۇرغان جايغا كەتسۇن؛ بىز بىلەن بىللە سوقۇشقا چۈشمىسۇن، بولمىسا، ئۇ سوقۇشتا بىزگە رەقىب بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. بۇ ئادەم ئۆز غوجىسى بىلەن نېمىسى ئارقىلىق يارىشىدۇ؟ بۇ ئادەملەرنىڭ باشلىرىنى ئېلىش بىلەن بولمامدۇ؟ |
הֲלוֹא־זֶה דָוִד אֲשֶׁר יַעֲנוּ־לוֹ בַּמְּחֹלוֹת לֵאמֹר הִכָּה שָׁאוּל בַּאֲלָפָיו וְדָוִד בְּרִבְבֹתָֽו׃ | 5 |
بۇ قىز-ئاياللار بۇرۇن ئۇنىڭ توغرىسىدا ئۇسسۇل ئويناپ قوشاق قېتىپ: ــ سائۇل مىڭلاپ ئۆلتۈردى، ۋە داۋۇت ئون مىڭلاپ ئۆلتۈردى، دېگەن داۋۇت ئەمەسمۇ؟ ــ دېدى. |
וַיִּקְרָא אָכִישׁ אֶל־דָּוִד וַיֹּאמֶר אֵלָיו חַי־יְהֹוָה כִּֽי־יָשָׁר אַתָּה וְטוֹב בְּעֵינַי צֵאתְךָ וּבֹאֲךָ אִתִּי בַּֽמַּחֲנֶה כִּי לֹֽא־מָצָאתִֽי בְךָ רָעָה מִיּוֹם בֹּאֲךָ אֵלַי עַד־הַיּוֹם הַזֶּה וּבְעֵינֵי הַסְּרָנִים לֹא־טוֹב אָֽתָּה׃ | 6 |
ئاقىش داۋۇتنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا: ــ پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن [قەسەم قىلىپ ئېيتىمەنكى]، سەن دۇرۇس ئادەمسەن، سېنىڭ مېنىڭ بىلەن لەشكەرگاھدا خىزمەتتە بولۇشۇڭ كۆزلىرىمدە ياخشى ئىشتۇر؛ چۈنكى ماڭا كەلگەن كۈنىدىن تارتىپ بۇ كۈنگىچە سەندىن ھېچ يامانلىق بايقىمىدىم. لېكىن سەن ئەمىرلەرگە ياقماپسەن. |
וְעַתָּה שׁוּב וְלֵךְ בְּשָׁלוֹם וְלֹא־תַעֲשֶׂה רָע בְּעֵינֵי סַרְנֵי פְלִשְׁתִּֽים׃ | 7 |
شۇڭا تىنچ-ئامان يېنىپ كەتكىن، بولمىسا فىلىستىيلەرنىڭ ئەمىرلىرىنى نارازى قىلىپ قويىسەن، دېدى. |
וַיֹּאמֶר דָּוִד אֶל־אָכִישׁ כִּי מֶה עָשִׂיתִי וּמַה־מָּצָאתָ בְעַבְדְּךָ מִיּוֹם אֲשֶׁר הָיִיתִי לְפָנֶיךָ עַד הַיּוֹם הַזֶּה כִּי לֹא אָבוֹא וְנִלְחַמְתִּי בְּאֹיְבֵי אֲדֹנִי הַמֶּֽלֶךְ׃ | 8 |
داۋۇت ئاقىشقا: ــ مەن نېمە قىلدىم؟ سىلىنىڭ قاشلىرىغا كەلگەن كۈندىن تارتىپ بۇ كۈنگىچە قىلغان قايسى [يامانلىقىم] ئۈچۈن مېنى غوجام پادىشاھنىڭ دۈشمەنلىرى بىلەن سوقۇشقىلى بارغۇزمايلا؟ ــ دېدى. |
וַיַּעַן אָכִישׁ וַיֹּאמֶר אֶל־דָּוִד יָדַעְתִּי כִּי טוֹב אַתָּה בְּעֵינַי כְּמַלְאַךְ אֱלֹהִים אַךְ שָׂרֵי פְלִשְׁתִּים אָֽמְרוּ לֹא־יַעֲלֶה עִמָּנוּ בַּמִּלְחָמָֽה׃ | 9 |
ئاقىش داۋۇتقا جاۋاب بېرىپ: ــ كۆزلىرىمدە خۇدانىڭ بىر پەرىشتىسىدەك ماڭا ياخشى ئىكەنلىكىڭنى بىلىمەن. لېكىن فىلىستىيلەرنىڭ ئەمىرلىرى سېنى بىز بىلەن بىللە جەڭگە چىقمىسۇن دەۋاتىدۇ، دېدى. |
וְעַתָּה הַשְׁכֵּם בַּבֹּקֶר וְעַבְדֵי אֲדֹנֶיךָ אֲשֶׁר־בָּאוּ אִתָּךְ וְהִשְׁכַּמְתֶּם בַּבֹּקֶר וְאוֹר לָכֶם וָלֵֽכוּ׃ | 10 |
شۇڭا ئەتە سەھەردە قوپۇڭلار، ئۆزۈڭ ۋە بىللە كەلگەنلەر، يەنى مەن خوجاڭنىڭ خىزمەتكارلىرى؛ سەھەردە قوپۇڭلار، تاڭ يورۇشى بىلەنلا چىقىپ كېتىڭلار، دېدى. |
וַיַּשְׁכֵּם דָּוִד הוּא וַאֲנָשָׁיו לָלֶכֶת בַּבֹּקֶר לָשׁוּב אֶל־אֶרֶץ פְּלִשְׁתִּים וּפְלִשְׁתִּים עָלוּ יִזְרְעֶֽאל׃ | 11 |
شۇڭا داۋۇت ئۆز ئادەملىرى بىلەن سەھەردە تۇرۇپ فىلىستىيلەرنىڭ زېمىنىغا ماڭدى. فىلىستىيلەر بولسا يىزرەئەلگە چىقتى. |