וַתִּתְפַּלֵּל חַנָּה וַתֹּאמַר עָלַץ לִבִּי בַּֽיהֹוָה רָמָה קַרְנִי בַּֽיהֹוָה רָחַב פִּי עַל־אוֹיְבַי כִּי שָׂמַחְתִּי בִּישׁוּעָתֶֽךָ׃ | 1 |
ھانناھ دۇئا قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ «مېنىڭ قەلبىم پەرۋەردىگار بىلەن يايرايدۇ، مېنىڭ مۈڭگۈزۈم پەرۋەردىگار بىلەن ئېگىز كۆتۈرۈلدى؛ ئاغزىم دۈشمەنلىرىمنىڭ ئالدىدا تەنتەنىلىكتە ئېچىلدى؛ چۈنكى سېنىڭ نىجاتىڭدىن شادلىنىمەن. |
אֵין־קָדוֹשׁ כַּיהֹוָה כִּי אֵין בִּלְתֶּךָ וְאֵין צוּר כֵּאלֹהֵֽינוּ׃ | 2 |
پەرۋەردىگاردەك مۇقەددەس بولغۇچى يوقتۇر؛ چۈنكى سەندىن باشقا ھېچ كىم يوق، خۇدايىمىزدەك ھېچ ئۇيۇلتاش يوقتۇر. |
אַל־תַּרְבּוּ תְדַבְּרוּ גְּבֹהָה גְבֹהָה יֵצֵא עָתָק מִפִּיכֶם כִּי אֵל דֵּעוֹת יְהֹוָה (ולא) [וְלוֹ] נִתְכְּנוּ עֲלִלֽוֹת׃ | 3 |
ئى ئىنسانلار، كىبىرلىك سۆزلىرىڭلارنى كۆپەيتىۋەرمەڭلار، يوغان گەپلەرنى ئاغزىڭلاردىن چىقارماڭلار؛ چۈنكى پەرۋەردىگار بىلىم-ھىدايەتكە ئىگە خۇدادۇر. ئىنسانلارنىڭ ئەمەللىرى ئۇنىڭ تەرىپىدىن تارازىدا تارتىلىدۇ. |
קֶשֶׁת גִּבֹּרִים חַתִּים וְנִכְשָׁלִים אָזְרוּ חָֽיִל׃ | 4 |
پالۋانلارنىڭ ئوق-يالىرى سۇندۇرىلدى؛ لېكىن پۇتلىشىپ يىقىلغانلارنىڭ بېلى بولسا قۇدرەت بىلەن باغلاندى. |
שְׂבֵעִים בַּלֶּחֶם נִשְׂכָּרוּ וּרְעֵבִים חָדֵלּוּ עַד־עֲקָרָה יָלְדָה שִׁבְעָה וְרַבַּת בָּנִים אֻמְלָֽלָה׃ | 5 |
قورسىقى توق بولغانلار نان تېپىش ئۈچۈن ئۆزىنى ياللانمىلىققا بەردى؛ لېكىن ئاچ قالغانلار ھازىر ئاچ قالمىدى؛ ھەتتا تۇغماس ئايال يەتتىنى تۇغىدۇ؛ لېكىن كۆپ بالىلىق بولغان سولىشىپ كېتىدۇ. |
יְהֹוָה מֵמִית וּמְחַיֶּה מוֹרִיד שְׁאוֹל וַיָּֽעַל׃ (Sheol h7585) | 6 |
پەرۋەردىگار ھەم ئۆلتۈرىدۇ، ھەم ھايات بېرىدۇ؛ ئۇ ئادەمنى تەھتىساراغا چۈشۈرىدۇ، ئۇ يەردىن يەنە تۇرغۇزىدۇ؛ (Sheol h7585) |
יְהֹוָה מוֹרִישׁ וּמַעֲשִׁיר מַשְׁפִּיל אַף־מְרוֹמֵֽם׃ | 7 |
پەرۋەردىگار ئادەمنى ھەم نامرات قىلىۋېتىدۇ، ھەم باي قىلىدۇ؛ ئۇ كىشىنى ھەم پەس قىلىدۇ، ھەم ئېگىز كۆتۈرىدۇ. |
מֵקִים מֵעָפָר דָּל מֵֽאַשְׁפֹּת יָרִים אֶבְיוֹן לְהוֹשִׁיב עִם־נְדִיבִים וְכִסֵּא כָבוֹד יַנְחִלֵם כִּי לַֽיהֹוָה מְצֻקֵי אֶרֶץ וַיָּשֶׁת עֲלֵיהֶם תֵּבֵֽל׃ | 8 |
ئۇ ئۆزى مىسكىننى توپىدىن قوپۇرىدۇ، قىغلىقتىن يوقسۇلنى كۆتۈرىدۇ؛ ئۇلارنى ئېسىلزادىلەر ئارىسىدا تەڭ ئولتۇرغۇزىدۇ؛ ئۇلارنى شان-شەرەپلىك تەختىگە مىراس قىلدۇرىدۇ؛ چۈنكى يەرنىڭ تۈۋرۈكلىرى پەرۋەردىگارنىڭكىدۇر؛ ئۇ ئۆزى دۇنيانى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە سالغانىدى. |
רַגְלֵי חֲסִידָו יִשְׁמֹר וּרְשָׁעִים בַּחֹשֶׁךְ יִדָּמּוּ כִּי־לֹא בְכֹחַ יִגְבַּר־אִֽישׁ׃ | 9 |
ئۆز مۇقەددەس بەندىلىرىنىڭ پۇتلىرىنى ئۇ مەزمۇت قىلىدۇ؛ ئەمما رەزىللەر بولسا، قاراڭغۇدا شۈك قىلىنىدۇ؛ چۈنكى ھېچكىم ئۆز قۇدرىتى بىلەن نۇسرەت تاپمايدۇ. |
יְהֹוָה יֵחַתּוּ מְרִיבָו עָלָו בַּשָּׁמַיִם יַרְעֵם יְהֹוָה יָדִין אַפְסֵי־אָרֶץ וְיִתֶּן־עֹז לְמַלְכּוֹ וְיָרֵם קֶרֶן מְשִׁיחֽוֹ׃ | 10 |
پەرۋەردىگار بىلەن قارشىلاشقانلار پارە-پارە قىلىۋېتىلىدۇ؛ ئۇ ئۆزى ئاسمانلاردىن ئۇلارغا قارشى گۈلدۈرلەيدۇ. پەرۋەردىگار يەر يۈزىنىڭ چەتلىرىگىچە ھۆكۈم چىقىرىدۇ؛ ئۇ ئۆزى تىكلىگەن پادىشاھقا قۇدرەت بېرىدۇ، ئۇ ئۆزى مەسىھلىگىنىنىڭ مۈڭگۈزىنى ئېگىز كۆتۈرىدۇ!». |
וַיֵּלֶךְ אֶלְקָנָה הָרָמָתָה עַל־בֵּיתוֹ וְהַנַּעַר הָיָה מְשָׁרֵת אֶת־יְהֹוָה אֶת־פְּנֵי עֵלִי הַכֹּהֵֽן׃ | 11 |
ئەلكاناھ بولسا راماھدىكى ئۆز ئۆيىگە يېنىپ باردى. بالا بولسا ئەلىنىڭ قېشىدا پەرۋەردىگارغا خىزمەت قىلىپ قالدى. |
וּבְנֵי עֵלִי בְּנֵי בְלִיָּעַל לֹא יָדְעוּ אֶת־יְהֹוָֽה׃ | 12 |
ئەمما ئەلىنىڭ ئوغۇللىرى ئىنتايىن يامان كىشىلەردىن بولۇپ، پەرۋەردىگارنى تونۇمايتتى. |
וּמִשְׁפַּט הַכֹּהֲנִים אֶת־הָעָם כׇּל־אִישׁ זֹבֵחַ זֶבַח וּבָא נַעַר הַכֹּהֵן כְּבַשֵּׁל הַבָּשָׂר וְהַמַּזְלֵג שְׁלֹשׁ הַשִּׁנַּיִם בְּיָדֽוֹ׃ | 13 |
كاھىنلارنىڭ خەلقلەرگە مۇنداق ئادىتى بولغان: ــ بىرسى قۇربانلىق قىلىپ، گۆش قايناپ پىشىۋاتقاندا كاھىننىڭ خىزمەتكارى كېلىپ ئۈچ تىللىق چاڭگاكنى قولىدا تۇتۇپ |
וְהִכָּה בַכִּיּוֹר אוֹ בַדּוּד אוֹ בַקַּלַּחַת אוֹ בַפָּרוּר כֹּל אֲשֶׁר יַעֲלֶה הַמַּזְלֵג יִקַּח הַכֹּהֵן בּוֹ כָּכָה יַעֲשׂוּ לְכׇל־יִשְׂרָאֵל הַבָּאִים שָׁם בְּשִׁלֹֽה׃ | 14 |
داش، قازان، داڭقان ياكى كورىنىڭ ئىچىگە سانجىپ، چاڭگاكقا نېمە ئېلىنغان بولسا كاھىن شۇنى ئۆزىگە ئالاتتى. ئۇلارنىڭ شىلوھغا [قۇربانلىق قىلغىلى] كەلگەن ھەممە ئىسرائىللارغا شۇنداق ئادىتى بولغان. |
גַּם בְּטֶרֶם יַקְטִרוּן אֶת־הַחֵלֶב וּבָא ׀ נַעַר הַכֹּהֵן וְאָמַר לָאִישׁ הַזֹּבֵחַ תְּנָה בָשָׂר לִצְלוֹת לַכֹּהֵן וְלֹא־יִקַּח מִמְּךָ בָּשָׂר מְבֻשָּׁל כִּי אִם־חָֽי׃ | 15 |
شۇنداقلا ھەتتا ياغنى كۆيدۈرمەستە كاھىننىڭ خىزمەتكارى كېلىپ قۇربانلىق قىلىۋاتقان ئادەمگە: ــ كاھىنغا كاۋاپ ئۈچۈن گۆش بەرگىن، چۈنكى ئۇ سەندىن قايناپ پىشقان گۆش قوبۇل قىلمايدۇ، بەلكى خام گۆش لازىم، دەيتتى. |
וַיֹּאמֶר אֵלָיו הָאִישׁ קַטֵּר יַקְטִירוּן כַּיּוֹם הַחֵלֶב וְקַח־לְךָ כַּאֲשֶׁר תְּאַוֶּה נַפְשֶׁךָ וְאָמַר ׀ [לֹא] (לו) כִּי עַתָּה תִתֵּן וְאִם־לֹא לָקַחְתִּי בְחׇזְקָֽה׃ | 16 |
ئەگەر قۇربانلىق قىلغۇچى ئۇنىڭغا: ــ ئاۋۋال يېغى كۆيدۈرۈلۈپ بولسۇن، ئاندىن نېمىنى خالىساڭ شۇنى ئالغىن، دېسە، ئۇ: ــ بولمايدۇ، ماڭا دەرھال بەر! بولمىسا مەجبۇرىي ئالىمەن، دەيتتى؛ |
וַתְּהִי חַטַּאת הַנְּעָרִים גְּדוֹלָה מְאֹד אֶת־פְּנֵי יְהֹוָה כִּי נִֽאֲצוּ הָאֲנָשִׁים אֵת מִנְחַת יְהֹוָֽה׃ | 17 |
شۇنداق قىلىپ بۇ ئىككى ياشنىڭ گۇناھى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تولىمۇ ئېغىر بولغانىدى؛ چۈنكى ئۇنىڭ سەۋەبىدىن خەق پەرۋەردىگارغا ئاتىغان قۇربانلىقلار كۆزگە ئىلىنمايۋاتاتتى. |
וּשְׁמוּאֵל מְשָׁרֵת אֶת־פְּנֵי יְהֹוָה נַעַר חָגוּר אֵפוֹד בָּֽד׃ | 18 |
ئەمما سامۇئىل نارەسىدە بالا بولۇپ كاناپتىن توقۇلغان بىر ئەفودنى كىيىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا خىزمەت قىلاتتى. |
וּמְעִיל קָטֹן תַּעֲשֶׂה־לּוֹ אִמּוֹ וְהַעַלְתָה לוֹ מִיָּמִים ׀ יָמִימָה בַּֽעֲלוֹתָהּ אֶת־אִישָׁהּ לִזְבֹּחַ אֶת־זֶבַח הַיָּמִֽים׃ | 19 |
بۇنىڭدىن باشقا ئۇنىڭ ئانىسى ھەر يىلدا ئۇنىڭغا بىر كىچىك تون تىكىپ، ھەر يىللىق قۇربانلىقنى قىلغىلى ئېرى بىلەن بارغاندا ئالغاچ كېلەتتى. |
וּבֵרַךְ עֵלִי אֶת־אֶלְקָנָה וְאֶת־אִשְׁתּוֹ וְאָמַר יָשֵׂם יְהֹוָה לְךָ זֶרַע מִן־הָאִשָּׁה הַזֹּאת תַּחַת הַשְּׁאֵלָה אֲשֶׁר שָׁאַל לַֽיהֹוָה וְהָלְכוּ לִמְקוֹמֽוֹ׃ | 20 |
ئەلى ئەلكاناھ ۋە ئايالىغا بەخت تىلەپ دۇئا قىلىپ: ــ «ئايالىڭنىڭ پەرۋەردىگارغا بېغىشلىغىنىنىڭ ئورنىغا ساڭا ئۇنىڭدىن باشقا نەسىل بەرگەي، دېدى. ئاندىن بۇ ئىككىسى ئۆز ئۆيىگە ياندى. |
כִּֽי־פָקַד יְהֹוָה אֶת־חַנָּה וַתַּהַר וַתֵּלֶד שְׁלֹשָֽׁה־בָנִים וּשְׁתֵּי בָנוֹת וַיִּגְדַּל הַנַּעַר שְׁמוּאֵל עִם־יְהֹוָֽה׃ | 21 |
شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ھانناھنى يوقلاپ بەرىكەتلەپ، ئۇ ھامىلىدار بولۇپ جەمئىي ئۈچ ئوغۇل ۋە ئىككى قىز تۇغدى. كىچىك سامۇئىل بولسا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ ئۆسۈۋاتاتتى. |
וְעֵלִי זָקֵן מְאֹד וְשָׁמַע אֵת כׇּל־אֲשֶׁר יַעֲשׂוּן בָּנָיו לְכׇל־יִשְׂרָאֵל וְאֵת אֲשֶֽׁר־יִשְׁכְּבוּן אֶת־הַנָּשִׁים הַצֹּבְאוֹת פֶּתַח אֹהֶל מוֹעֵֽד׃ | 22 |
ئەلى بەك قېرىپ كەتكەنىدى. ئۇ ئوغۇللىرىنىڭ پۈتكۈل ئىسرائىلغا ھەممە قىلغانلىرىنى ئاڭلىدى ھەم جامائەت چېدىرىنىڭ ئىشىكىدە خىزمەت قىلىدىغان ئاياللار بىلەن ياتقىنىنىمۇ ئاڭلىدى. |
וַיֹּאמֶר לָהֶם לָמָּה תַעֲשׂוּן כַּדְּבָרִים הָאֵלֶּה אֲשֶׁר אָנֹכִי שֹׁמֵעַ אֶת־דִּבְרֵיכֶם רָעִים מֵאֵת כׇּל־הָעָם אֵֽלֶּה׃ | 23 |
ئۇ ئۇلارغا: ــ سىلەر نېمە ئۈچۈن شۇنداق ئىشلارنى قىلىسىلەر؟ چۈنكى بۇ خەلقنىڭ ھەممىسىدىن سىلەرنىڭ يامانلىقىڭلارنى ئاڭلاۋاتىمەن، دېدى. |
אַל בָּנָי כִּי לֽוֹא־טוֹבָה הַשְּׁמֻעָה אֲשֶׁר אָנֹכִי שֹׁמֵעַ מַעֲבִרִים עַם־יְהֹוָֽה׃ | 24 |
بولمايدۇ، ئى ئوغۇللىرىم! مەن ئاڭلىغان بۇ خەۋەر ياخشى ئەمەس، پەرۋەردىگارنىڭ خەلقىنى ئازدۇرۇپسىلەر. |
אִם־יֶחֱטָא אִישׁ לְאִישׁ וּפִֽלְלוֹ אֱלֹהִים וְאִם לַֽיהֹוָה יֶחֱטָא־אִישׁ מִי יִתְפַּלֶּל־לוֹ וְלֹא יִשְׁמְעוּ לְקוֹל אֲבִיהֶם כִּֽי־חָפֵץ יְהֹוָה לַהֲמִיתָֽם׃ | 25 |
ئەگەر بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمگە گۇناھ قىلسا، باشقا بىرسى ئۇنىڭ ئۈچۈن خۇدادىن رەھىم سورىسا بولىدۇ؛ لېكىن ئەگەر بىرسى پەرۋەردىگارغا گۇناھ قىلسا، كىم ئۇنىڭ گۇناھىنى تىلىيەلەيدۇ؟ ــ دېدى. لېكىن ئۇلار ئاتىسىنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىدى؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئۆلتۈرۈشنى نىيەت قىلغانىدى. |
וְהַנַּעַר שְׁמוּאֵל הֹלֵךְ וְגָדֵל וָטוֹב גַּם עִם־יְהֹוָה וְגַם עִם־אֲנָשִֽׁים׃ | 26 |
ئەمما سامۇئىل دېگەن بالا ئۆسۈۋاتاتتى، پەرۋەردىگار ھەم ئادەملەرنىڭ ئالدىدا ئىلتىپات تاپقانىدى. |
וַיָּבֹא אִישׁ־אֱלֹהִים אֶל־עֵלִי וַיֹּאמֶר אֵלָיו כֹּה אָמַר יְהֹוָה הֲנִגְלֹה נִגְלֵיתִי אֶל־בֵּית אָבִיךָ בִּֽהְיוֹתָם בְּמִצְרַיִם לְבֵית פַּרְעֹֽה׃ | 27 |
خۇدانىڭ بىر ئادىمى ئەلىنىڭ يېنىغا كېلىپ مۇنداق دېدى: ــ پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇ: «مىسىردا، پىرەۋننىڭكىدە تۇرغاندا ئۆزۈمنى ئاتاڭنىڭ جەمەتىگە ئوچۇق ئايان قىلمىدىممۇ؟ |
וּבָחֹר אֹתוֹ מִכׇּל־שִׁבְטֵי יִשְׂרָאֵל לִי לְכֹהֵן לַעֲלוֹת עַֽל־מִזְבְּחִי לְהַקְטִיר קְטֹרֶת לָשֵׂאת אֵפוֹד לְפָנָי וָֽאֶתְּנָה לְבֵית אָבִיךָ אֶת־כׇּל־אִשֵּׁי בְּנֵי יִשְׂרָאֵֽל׃ | 28 |
مەن ئۇنى كاھىنىم بولۇش، ئۆز قۇربانگاھىمدا قۇربانلىق قىلىش، خۇشبۇي يېقىش ۋە مېنىڭ ئالدىمدا ئەفود تونىنى كېيىپ خىزمەت قىلىشقا ئىسرائىلنىڭ ھەممە قەبىلىلىرىدىن تاللىمىغانىدىممۇ؟ شۇنىڭدەك مەن ئىسرائىلنىڭ ئوتتا كۆيدۈرىدىغان ھەممە قۇربانلىقلىرىنى ئاتاڭغا تاپشۇرۇپ تەقدىم قىلغان ئەمەسمۇ؟ |
לָמָּה תִבְעֲטוּ בְּזִבְחִי וּבְמִנְחָתִי אֲשֶׁר צִוִּיתִי מָעוֹן וַתְּכַבֵּד אֶת־בָּנֶיךָ מִמֶּנִּי לְהַבְרִיאֲכֶם מֵרֵאשִׁית כׇּל־מִנְחַת יִשְׂרָאֵל לְעַמִּֽי׃ | 29 |
نېمىشقا مەن بۇيرۇغان، تۇرالغۇ جايىمدىكى قۇربانلىقىم بىلەن ئاشلىق ھەدىيەلەرنى دەپسەندە قىلىسىلەر؟ نېمىشقا خەلقىم ئىسرائىللار كەلتۈرگەن ھەممە ھەدىيەلەرنىڭ ئېسىلىدىن ئۆزلىرىڭلارنى سەمرىتىپ، ئۆز ئوغۇللىرىڭلارنىڭ ھۆرمىتىنى مېنىڭكىدىن ئۈستۈن قىلىسەن؟» |
לָכֵן נְאֻם־יְהֹוָה אֱלֹהֵי יִשְׂרָאֵל אָמוֹר אָמַרְתִּי בֵּֽיתְךָ וּבֵית אָבִיךָ יִתְהַלְּכוּ לְפָנַי עַד־עוֹלָם וְעַתָּה נְאֻם־יְהֹוָה חָלִילָה לִּי כִּֽי־מְכַבְּדַי אֲכַבֵּד וּבֹזַי יֵקָֽלּוּ׃ | 30 |
ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن دەرھەقىقەت سېنىڭ ۋە ئاتاڭنىڭ جەمەتىدىكىلەر مېنىڭ ئالدىمدا خىزمىتىمدە مەڭگۈ ماڭىدۇ، دەپ ئېيتقانىدىم؛ لېكىن ئەمدى مەن پەرۋەردىگار شۇنى دەيمەنكى، بۇ ئىش ھازىر مەندىن نېرى بولسۇن! مېنى ھۆرمەت قىلغانلارنى مەن ھۆرمەت قىلىمەن، لېكىن مېنى كەمسىتكەنلەر پەس قارىلىدۇ. |
הִנֵּה יָמִים בָּאִים וְגָֽדַעְתִּי אֶת־זְרֹעֲךָ וְאֶת־זְרֹעַ בֵּית אָבִיךָ מִֽהְיוֹת זָקֵן בְּבֵיתֶֽךָ׃ | 31 |
مانا شۇنداق كۈنلەر كېلىدۇكى، سېنىڭ بىلىكىڭنى ۋە ئاتاڭنىڭ جەمەتىنىڭ بىلىكىنى تەڭ كېسىۋېتىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن جەمەتىڭدە بىرمۇ قېرىغان ئادەم تېپىلمايدۇ! |
וְהִבַּטְתָּ צַר מָעוֹן בְּכֹל אֲשֶׁר־יֵיטִיב אֶת־יִשְׂרָאֵל וְלֹא־יִֽהְיֶה זָקֵן בְּבֵיתְךָ כׇּל־הַיָּמִֽים׃ | 32 |
سەن تۇرالغۇ جايىمدا دەرد-قايغۇ كۆرىسەن؛ ئىسرائىللار ھەرقانداق ھۇزۇر-بەختنى كۆرگىنى بىلەن، سېنىڭ جەمەتىڭدە ئەبەدگىچە بىرمۇ قېرىغان ئادەم تېپىلمايدۇ. |
וְאִישׁ לֹֽא־אַכְרִית לְךָ מֵעִם מִזְבְּחִי לְכַלּוֹת אֶת־עֵינֶיךָ וְלַאֲדִיב אֶת־נַפְשֶׁךָ וְכׇל־מַרְבִּית בֵּיתְךָ יָמוּתוּ אֲנָשִֽׁים׃ | 33 |
ۋە مەن قۇربانگاھىمنىڭ خىزمىتىدىن ئۈزۈپ تاشلىمىغان ئادىمىڭ بار بولسا، ئۇ كۆزلىرىڭنىڭ خىرەلىشىشى بىلەن جېنىڭنىڭ ئازابلىنىشىغا سەۋەب بولىدۇ. جەمەتىڭدە تۇغۇلغانلارنىڭ ھەممىسى بالاغەتتىن ئۆتمەي ئۆلىدۇ. |
וְזֶה־לְּךָ הָאוֹת אֲשֶׁר יָבֹא אֶל־שְׁנֵי בָנֶיךָ אֶל־חׇפְנִי וּפִֽינְחָס בְּיוֹם אֶחָד יָמוּתוּ שְׁנֵיהֶֽם׃ | 34 |
ساڭا بۇ ئىشلارنى ئىسپاتلاشقا، ئىككى ئوغلۇڭ خوفنىي بىلەن فىنىھاسنىڭ بېشىغا چۈشىدىغان مۇنداق بىر ئالامەت بېشارەت بولىدۇ: ــ ئۇلارنىڭ ئىككىلىسى بىر كۈندە ئۆلىدۇ. |
וַהֲקִימֹתִי לִי כֹּהֵן נֶאֱמָן כַּאֲשֶׁר בִּלְבָבִי וּבְנַפְשִׁי יַעֲשֶׂה וּבָנִיתִי לוֹ בַּיִת נֶאֱמָן וְהִתְהַלֵּךְ לִפְנֵֽי־מְשִׁיחִי כׇּל־הַיָּמִֽים׃ | 35 |
ئەمما ئۆزۈمگە روھىم ۋە دىلىمدىكى نىيىتىم بويىچە ئىش كۆرىدىغان سادىق بىر كاھىننى تىكلەيمەن؛ مەن ئۇنىڭغا مەزمۇت بىر جەمەت قۇرىمەن؛ ئۇ مېنىڭ مەسىھ قىلغىنىمنىڭ ئالدىدا مەڭگۈ مېڭىپ خىزمەت قىلىدۇ. |
וְהָיָה כׇּל־הַנּוֹתָר בְּבֵיתְךָ יָבוֹא לְהִשְׁתַּחֲוֺת לוֹ לַאֲגוֹרַת כֶּסֶף וְכִכַּר־לָחֶם וְאָמַר סְפָחֵנִי נָא אֶל־אַחַת הַכְּהֻנּוֹת לֶאֱכֹל פַּת־לָֽחֶם׃ | 36 |
شۇنداق بولىدۇكى، سېنىڭ جەمەتىڭدىكىلەردىن ھەربىر تىرىك قالغانلار بىر سەر كۈمۈش ۋە بىر چىشلەم نان تىلەشكە ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇنىڭغا تەزىم قىلىپ: «كاھىنلىق خىزمەتلىرىدىن ماڭا بىر ئورۇن بەرسىلە، يېگىلى بىر چىشلەم نان تاپاي دەپ ئېيتىدىغان بولىدۇ» دەيدۇ. |