וַיִּשְׁלַח חִירָם מֶלֶךְ־צוֹר אֶת־עֲבָדָיו אֶל־שְׁלֹמֹה כִּי שָׁמַע כִּי אֹתוֹ מָשְׁחוּ לְמֶלֶךְ תַּחַת אָבִיהוּ כִּי אֹהֵב הָיָה חִירָם לְדָוִד כׇּל־הַיָּמִֽים׃ | 1 |
تۇرنىڭ پادىشاھى ھىرام سۇلايماننى ئاتىسىنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولۇشقا مەسىھ قىلىنغان دەپ ئاڭلاپ، ئۆز خىزمەتكارلىرىنى ئۇنىڭ قېشىغا ئەۋەتتى؛ چۈنكى ھىرام داۋۇتنى ئىزچىل سۆيگۈچى ئىدى. |
וַיִּשְׁלַח שְׁלֹמֹה אֶל־חִירָם לֵאמֹֽר׃ | 2 |
سۇلايمان ھىرامغا ئادەم ئەۋىتىپ مۇنداق ئۇچۇرنى يەتكۈزدى: ــ |
אַתָּה יָדַעְתָּ אֶת־דָּוִד אָבִי כִּי לֹא יָכֹל לִבְנוֹת בַּיִת לְשֵׁם יְהֹוָה אֱלֹהָיו מִפְּנֵי הַמִּלְחָמָה אֲשֶׁר סְבָבֻהוּ עַד תֵּת־יְהֹוָה אֹתָם תַּחַת כַּפּוֹת (רגלו) [רַגְלָֽי]׃ | 3 |
«ئۆزۈڭ بىلىسەنكى، ئاتام داۋۇتنىڭ دۈشمەنلىرىنى پەرۋەردىگار ئۇنىڭ پۇتى ئاستىغا قويغۇچە، ئۇ ئەتراپىدا ھەر تەرەپتە جەڭ قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن پەرۋەردىگار خۇداسنىڭ نامىغا بىر ئىبادەتخانا ياسىيالمىدى. |
וְעַתָּה הֵנִיחַ יְהֹוָה אֱלֹהַי לִי מִסָּבִיב אֵין שָׂטָן וְאֵין פֶּגַע רָֽע׃ | 4 |
ئەمدى ھازىر پەرۋەردىگار خۇدايىم ماڭا ھەممە تەرەپتىن ئارام بەردى؛ ھېچبىر دۈشمىنىم يوق، ھېچبىر بالا-قازا يوق. |
וְהִנְנִי אֹמֵר לִבְנוֹת בַּיִת לְשֵׁם יְהֹוָה אֱלֹהָי כַּאֲשֶׁר ׀ דִּבֶּר יְהֹוָה אֶל־דָּוִד אָבִי לֵאמֹר בִּנְךָ אֲשֶׁר אֶתֵּן תַּחְתֶּיךָ עַל־כִּסְאֶךָ הֽוּא־יִבְנֶה הַבַּיִת לִשְׁמִֽי׃ | 5 |
مانا، پەرۋەردىگارنىڭ ئاتام داۋۇتقا: «مەن سېنىڭ ئورنۇڭغا ئۆز تەختىڭگە ئولتۇرغۇزغان ئوغلۇڭ بولسا، ئۇ مېنىڭ نامىمغا بىر ئىبادەتخانا ياسايدۇ» دەپ ئېيتقىنىدەك، مەن پەرۋەردىگار خۇدايىمنىڭ نامىغا بىر ئىبادەتخانا ياساي دەپ نىيەت قىلدىم؛ |
וְעַתָּה צַוֵּה וְיִכְרְתוּ־לִי אֲרָזִים מִן־הַלְּבָנוֹן וַעֲבָדַי יִֽהְיוּ עִם־עֲבָדֶיךָ וּשְׂכַר עֲבָדֶיךָ אֶתֵּן לְךָ כְּכֹל אֲשֶׁר תֹּאמֵר כִּי ׀ אַתָּה יָדַעְתָּ כִּי אֵין בָּנוּ אִישׁ יֹדֵעַ לִכְרׇת־עֵצִים כַּצִּדֹנִֽים׃ | 6 |
ئەمدى مەن ئۈچۈن [ئادەملىرىڭگە] لىۋاندىن كېدىر دەرەخلىرىنى كېسىڭلار، دەپ يارلىق چۈشۈرگىن؛ مېنىڭ خىزمەتكارلىرىم سېنىڭ خىزمەتكارلىرىڭغا ھەمدەمدە بولىدۇ. سېنىڭ بېكىتكىنىڭ بويىچە خىزمەتكارلىرىڭغا بېرىلىدىغان ئىش ھەققىنى ساڭا تۆلەيمەن؛ چۈنكى ئۆزۈڭگە ئايانكى، دەرەخ كېسىشتە ئارىمىزدا ھېچكىم زىدوندىكىلەردەك ئۇستا ئەمەس». |
וַיְהִי כִּשְׁמֹעַ חִירָם אֶת־דִּבְרֵי שְׁלֹמֹה וַיִּשְׂמַח מְאֹד וַיֹּאמֶר בָּרוּךְ יְהֹוָה הַיּוֹם אֲשֶׁר נָתַן לְדָוִד בֵּן חָכָם עַל־הָעָם הָרָב הַזֶּֽה׃ | 7 |
ھىرام سۇلايماننىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندا ئىنتايىن خۇشال بولۇپ: ــ بۈگۈن بۇ ئۇلۇغ خەلق ئۈستىگە ھۆكۈم سۈرۈشكە داۋۇتقا شۇنداق دانا بىر ئوغۇل بەرگەن پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر ئېيتىلسۇن! ــ دېدى. |
וַיִּשְׁלַח חִירָם אֶל־שְׁלֹמֹה לֵאמֹר שָׁמַעְתִּי אֵת אֲשֶׁר־שָׁלַחְתָּ אֵלָי אֲנִי אֶֽעֱשֶׂה אֶת־כׇּל־חֶפְצְךָ בַּעֲצֵי אֲרָזִים וּבַעֲצֵי בְרוֹשִֽׁים׃ | 8 |
ھىرام سۇلايمانغا ئادەم ئەۋىتىپ: ــ سەن ماڭا قويغان تەلەپلىرىڭنى ئاڭلاپ قوبۇل قىلدىم. مەن سېنىڭ كېدىر ياغىچى ۋە ئارچا ياغىچى توغرۇلۇق ئارزۇ قىلغانلىرىڭنىڭ ھەممىسىنى ئادا قىلىمەن؛ |
עֲבָדַי יֹרִדוּ מִן־הַלְּבָנוֹן יָמָּה וַאֲנִי אֲשִׂימֵם דֹּבְרוֹת בַּיָּם עַֽד־הַמָּקוֹם אֲשֶׁר־תִּשְׁלַח אֵלַי וְנִפַּצְתִּים שָׁם וְאַתָּה תִשָּׂא וְאַתָּה תַּעֲשֶׂה אֶת־חֶפְצִי לָתֵת לֶחֶם בֵּיתִֽי׃ | 9 |
مېنىڭ خىزمەتكارلىرىم شۇلارنى لىۋاندىن دېڭىزغا ئاپىرىدۇ؛ مەن ئۇلارنى سال قىلىپ باغلاپ، دېڭىز بىلەن سەن ماڭا بېكىتكەن يەرگە يەتكۈزىمەن، ئاندىن شۇ يەردە ئۇلارنى يەشكۈزىمەن. شۇنىڭ بىلەن سەن ئۇلارنى تاپشۇرۇۋېلىپ، ئېلىپ كېتىسەن. بۇنىڭ ھېسابىغا سەن تەلەپلىرىم بويىچە ئوردىدىكىلىرىم ئۈچۈن يېمەك-ئىچمەك تەمىنلىگەيسەن، ــ دېدى. |
וַיְהִי חִירוֹם נֹתֵן לִשְׁלֹמֹה עֲצֵי אֲרָזִים וַעֲצֵי בְרוֹשִׁים כׇּל־חֶפְצֽוֹ׃ | 10 |
شۇنداق قىلىپ، ھىرام سۇلايمانغا بارلىق تەلىپى بويىچە كېدىر ياغاچلىرى ۋە ئارچا ياغاچلىرىنى بەردى. |
וּשְׁלֹמֹה נָתַן לְחִירָם עֶשְׂרִים אֶלֶף כֹּר חִטִּים מַכֹּלֶת לְבֵיתוֹ וְעֶשְׂרִים כֹּר שֶׁמֶן כָּתִית כֹּֽה־יִתֵּן שְׁלֹמֹה לְחִירָם שָׁנָה בְשָׁנָֽה׃ | 11 |
سۇلايمان ھىرامغا ئوردىدىكىلىرىنىڭ يېمەك-ئىچمىكىگە يىگىرمە مىڭ كور بۇغداي ۋە يىگىرمە بات ساپ زەيتۇن مېيىنى ئەۋەتىپ بەردى. ھەر يىلى سۇلايمان ھىرامغا شۇنداق بېرەتتى. |
וַֽיהֹוָה נָתַן חׇכְמָה לִשְׁלֹמֹה כַּאֲשֶׁר דִּבֶּר־לוֹ וַיְהִי שָׁלֹם בֵּין חִירָם וּבֵין שְׁלֹמֹה וַיִּכְרְתוּ בְרִית שְׁנֵיהֶֽם׃ | 12 |
پەرۋەردىگار سۇلايمانغا ۋەدە قىلغاندەك ئۇنىڭغا دانالىق بەرگەنىدى. ھىرام بىلەن سۇلايماننىڭ ئارىسىدا ئىناقلىق بولۇپ، ئىككىسى ئەھدە تۈزۈشتى. |
וַיַּעַל הַמֶּלֶךְ שְׁלֹמֹה מַס מִכׇּל־יִשְׂרָאֵל וַיְהִי הַמַּס שְׁלֹשִׁים אֶלֶף אִֽישׁ׃ | 13 |
سۇلايمان پادىشاھ پۈتۈن ئىسرائىلدىن ھاشارغا ئىشلەمچىلەرنى بېكىتتى، ئۇلارنىڭ سانى ئوتتۇز مىڭ ئىدى. |
וַיִּשְׁלָחֵם לְבָנוֹנָה עֲשֶׂרֶת אֲלָפִים בַּחֹדֶשׁ חֲלִיפוֹת חֹדֶשׁ יִהְיוּ בַלְּבָנוֹן שְׁנַיִם חֳדָשִׁים בְּבֵיתוֹ וַאֲדֹנִירָם עַל־הַמַּֽס׃ | 14 |
ئۇ بۇلارنى نۆۋەت بىلەن ھەر ئايدا ئون مىڭدىن لىۋانغا ئەۋەتەتتى؛ شۇنداق قىلىپ، ئۇلار بىر ئاي لىۋاندا تۇرسا، ئىككى ئاي ئۆيىدە تۇردى. ئادونىرام ھاشارچىلانىڭ ئۈستىدە تۇراتتى. |
וַיְהִי לִשְׁלֹמֹה שִׁבְעִים אֶלֶף נֹשֵׂא סַבָּל וּשְׁמֹנִים אֶלֶף חֹצֵב בָּהָֽר׃ | 15 |
سۇلايماننىڭ يەتمىش مىڭ ھاممىلى، تاغلاردا ئىشلەيدىغان سەكسەن مىڭ تاشچىسى بار ئىدى. |
לְבַד מִשָּׂרֵי הַנִּצָּבִים לִשְׁלֹמֹה אֲשֶׁר עַל־הַמְּלָאכָה שְׁלֹשֶׁת אֲלָפִים וּשְׁלֹשׁ מֵאוֹת הָרֹדִים בָּעָם הָעֹשִׂים בַּמְּלָאכָֽה׃ | 16 |
ئۇنىڭدىن باشقا سۇلايماننىڭ مەنسەپدارلىرىدىن ئىش ئۈستىگە قويۇلغان ئۈچ مىڭ ئۈچ يۈز ئىش بېشى بار ئىدى؛ ئۇلار ئىشلەمچىلەرنى باشقۇراتتى. |
וַיְצַו הַמֶּלֶךְ וַיַּסִּעוּ אֲבָנִים גְּדֹלוֹת אֲבָנִים יְקָרוֹת לְיַסֵּד הַבָּיִת אַבְנֵי גָזִֽית׃ | 17 |
پادىشاھ يارلىق چۈشۈرۈشى بىلەن ئۇلار ئىبادەتخانىنىڭ ئۇلىنى سېلىشقا يونۇلغان، چوڭ ۋە قىممەتلىك تاشلارنى كېسىپ كەلتۈردى. |
וַֽיִּפְסְלוּ בֹּנֵי שְׁלֹמֹה וּבֹנֵי חִירוֹם וְהַגִּבְלִים וַיָּכִינוּ הָעֵצִים וְהָאֲבָנִים לִבְנוֹת הַבָּֽיִת׃ | 18 |
ۋە سۇلايماننىڭ تامچىلىرى بىلەن ھىرامنىڭ تامچىلىرى ۋە گەباللىقلار قوشۇلۇپ تاشلارنى ئويۇپ، ئۆينى ياساش ئۈچۈن ياغاچ ھەم تاشلارنى تەييارلاپ قويدى. |