וְהִנֵּה ׀ אִישׁ אֱלֹהִים בָּא מִיהוּדָה בִּדְבַר יְהֹוָה אֶל־בֵּֽית־אֵל וְיָרׇבְעָם עֹמֵד עַל־הַמִּזְבֵּחַ לְהַקְטִֽיר׃ | 1 |
ۋە مانا، پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقى بىلەن خۇدانىڭ بىر ئادىمى يەھۇدادىن چىقىپ بەيت-ئەلگە كەلدى؛ شۇ پەيتتە يەروبوئام خۇشبۇي يېقىشقا قۇربانگاھنىڭ يېنىدا تۇراتتى؛ |
וַיִּקְרָא עַל־הַמִּזְבֵּחַ בִּדְבַר יְהֹוָה וַיֹּאמֶר מִזְבֵּחַ מִזְבֵּחַ כֹּה אָמַר יְהֹוָה הִנֵּה־בֵן נוֹלָד לְבֵית־דָּוִד יֹאשִׁיָּהֽוּ שְׁמוֹ וְזָבַח עָלֶיךָ אֶת־כֹּהֲנֵי הַבָּמוֹת הַמַּקְטִרִים עָלֶיךָ וְעַצְמוֹת אָדָם יִשְׂרְפוּ עָלֶֽיךָ׃ | 2 |
شۇ ئادەم قۇربانگاھغا قاراپ پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بىلەن چاقىرىپ: ــ ئى قۇربانگاھ، ئى قۇربانگاھ! پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا داۋۇتنىڭ جەمەتىدە يوسىيا ئىسىملىك بىر ئوغۇل تۇغۇلىدۇ. ئۇ بولسا سېنىڭ ئۈستۈڭدە خۇشبۇي ياققان «يۇقىرى جايلار»دىكى كاھىنلارنى سويۇپ قۇربانلىق قىلىدۇ؛ شۇنداقلا سېنىڭ ئۈستۈڭدە ئادەم سۆڭەكلىرى كۆيدۈرۈلىدۇ! ــ دېدى. |
וְנָתַן בַּיּוֹם הַהוּא מוֹפֵת לֵאמֹר זֶה הַמּוֹפֵת אֲשֶׁר דִּבֶּר יְהֹוָה הִנֵּה הַמִּזְבֵּחַ נִקְרָע וְנִשְׁפַּךְ הַדֶּשֶׁן אֲשֶׁר־עָלָֽיו׃ | 3 |
ئۇ كۈنى ئۇ بىر بېشارەتلىك ئالامەتنى جاكارلاپ: پەرۋەردىگارنىڭ مۇشۇ سۆزىنى ئىسپاتلايدىغان ئالامەت شۇ بولىدۇكى: ــ مانا، قۇربانگاھ يېرىلىپ، ئۈستىدىكى كۈللەر تۆكۈلۈپ كېتىدۇ، ــ دېدى. |
וַיְהִי כִשְׁמֹעַ הַמֶּלֶךְ אֶת־דְּבַר אִישׁ־הָאֱלֹהִים אֲשֶׁר קָרָא עַל־הַמִּזְבֵּחַ בְּבֵֽית־אֵל וַיִּשְׁלַח יָרׇבְעָם אֶת־יָדוֹ מֵעַל הַמִּזְבֵּחַ לֵאמֹר ׀ תִּפְשֻׂהוּ וַתִּיבַשׁ יָדוֹ אֲשֶׁר שָׁלַח עָלָיו וְלֹא יָכֹל לַהֲשִׁיבָהּ אֵלָֽיו׃ | 4 |
ۋە شۇنداق بولدىكى، يەروبوئام پادىشاھ خۇدانىڭ ئادىمىنىڭ بەيت-ئەلدىكى قۇربانگاھقا قاراپ جاكارلىغان سۆزىنى ئاڭلىغاندا، ئۇ قۇربانگاھتا تۇرۇپ قولىنى سوزۇپ: ــ ئۇنى تۇتۇڭلار، دېدى. لېكىن ئۇنىڭغا قارىتىپ سوزغان قولى شۇنىڭ بىلەن شۇ پېتى قۇرۇپ كەتتى، ئۇنى ئۆزىگە يەنە يىغالمىدى. |
וְהַמִּזְבֵּחַ נִקְרָע וַיִּשָּׁפֵךְ הַדֶּשֶׁן מִן־הַמִּזְבֵּחַ כַּמּוֹפֵת אֲשֶׁר נָתַן אִישׁ הָאֱלֹהִים בִּדְבַר יְהֹוָֽה׃ | 5 |
ئاندىن خۇدانىڭ ئادىمى پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقان مۆجىزىلىك ئالامەت يۈز بېرىپ، قۇربانگاھ ھەم يېرىلىپ ئۈستىدىكى كۈللەر تۆكۈلۈپ كەتتى. |
וַיַּעַן הַמֶּלֶךְ וַיֹּאמֶר ׀ אֶל־אִישׁ הָאֱלֹהִים חַל־נָא אֶת־פְּנֵי יְהֹוָה אֱלֹהֶיךָ וְהִתְפַּלֵּל בַּעֲדִי וְתָשֹׁב יָדִי אֵלָי וַיְחַל אִישׁ־הָֽאֱלֹהִים אֶת־פְּנֵי יְהֹוָה וַתָּשׇׁב יַד־הַמֶּלֶךְ אֵלָיו וַתְּהִי כְּבָרִאשֹׁנָֽה׃ | 6 |
پادىشاھ خۇدانىڭ ئادىمىدىن: ــ پەرۋەردىگار خۇدايىڭدىن مېنىڭ ھەققىمدە ئۆتۈنگەيسەنكى، قولۇمنى ئەسلىگە كەلتۈرگەي، دەپ يالۋۇردى. خۇدانىڭ ئادىمى پەرۋرەردىگارنىڭ ئىلتىپاتىنى ئۆتۈنگىنىدە، پادىشاھنىڭ قولى يەنە ئۆزىگە يىغىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. |
וַיְדַבֵּר הַמֶּלֶךְ אֶל־אִישׁ הָאֱלֹהִים בֹּֽאָה־אִתִּי הַבַּיְתָה וּֽסְעָדָה וְאֶתְּנָה לְךָ מַתָּֽת׃ | 7 |
پادىشاھ خۇدانىڭ ئادىمىگە: ــ مېنىڭ بىلەن ئۆيۈمگە بېرىپ ئۆزۈڭنى قۇتلاندۇرغىن، مەن ساڭا ئىنئام بېرەي، دېدى. |
וַיֹּאמֶר אִישׁ־הָֽאֱלֹהִים אֶל־הַמֶּלֶךְ אִם־תִּתֶּן־לִי אֶת־חֲצִי בֵיתֶךָ לֹא אָבֹא עִמָּךְ וְלֹא־אֹכַל לֶחֶם וְלֹא אֶשְׁתֶּה־מַּיִם בַּמָּקוֹם הַזֶּֽה׃ | 8 |
لېكىن خۇدانىڭ ئادىمى پادىشاھقا جاۋاب بېرىپ: ــ سەن ماڭا ئورداڭنىڭ يېرىمىنى بەرسەڭمۇ، سېنىڭ بىلەن بارمايمەن ياكى بۇ يەردە نان يەپ سۇ ئىچمەيمەن. |
כִּי־כֵן ׀ צִוָּה אֹתִי בִּדְבַר יְהֹוָה לֵאמֹר לֹא־תֹאכַל לֶחֶם וְלֹא תִשְׁתֶּה־מָּיִם וְלֹא תָשׁוּב בַּדֶּרֶךְ אֲשֶׁר הָלָֽכְתָּ׃ | 9 |
چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز سۆزىنى يەتكۈزۈپ ماڭا بۇيرۇپ: «سەن نە نان يېمە نە سۇ ئىچمە، بارغان يولۇڭ بىلەن قايتىپ كەلمە» دېگەن، دېدى. |
וַיֵּלֶךְ בְּדֶרֶךְ אַחֵר וְלֹא־שָׁב בַּדֶּרֶךְ אֲשֶׁר בָּא בָהּ אֶל־בֵּֽית־אֵֽל׃ | 10 |
شۇنىڭ بىلەن ئۇ بەيت-ئەلگە كەلگەن يول بىلەن ئەمەس، بەلكى باشقا بىر يول بىلەن قايتىپ كەتتى. |
וְנָבִיא אֶחָד זָקֵן יֹשֵׁב בְּבֵֽית־אֵל וַיָּבוֹא בְנוֹ וַיְסַפֶּר־לוֹ אֶת־כׇּל־הַמַּעֲשֶׂה אֲשֶׁר־עָשָׂה אִישׁ־הָאֱלֹהִים ׀ הַיּוֹם בְּבֵֽית־אֵל אֶת־הַדְּבָרִים אֲשֶׁר דִּבֶּר אֶל־הַמֶּלֶךְ וַֽיְסַפְּרוּם לַאֲבִיהֶֽם׃ | 11 |
لېكىن بەيت-ئەلدە ياشانغان بىر پەيغەمبەر تۇراتتى. ئۇنىڭ ئوغۇللىرى كېلىپ خۇدانىڭ ئادىمىنىڭ ئۇ كۈنى بەيت-ئەلدە قىلغان بارلىق ئەمەللىرىنى ئۇنىڭغا دەپ بەردى، شۇنداقلا ئۇنىڭ پادىشاھقا قىلغان سۆزلىرىنىمۇ ئاتىسىغا ئېيتىپ بەردى. |
וַיְדַבֵּר אֲלֵהֶם אֲבִיהֶם אֵי־זֶה הַדֶּרֶךְ הָלָךְ וַיִּרְאוּ בָנָיו אֶת־הַדֶּרֶךְ אֲשֶׁר הָלַךְ אִישׁ הָאֱלֹהִים אֲשֶׁר־בָּא מִיהוּדָֽה׃ | 12 |
ئاتىسى ئۇلاردىن، ئۇ قايسى يول بىلەن كەتتى، دەپ سورىدى؛ چۈنكى ئوغۇللىرى يەھۇدادىن كەلگەن خۇدانىڭ ئادىمىنىڭ قايسى يول بىلەن كەتكىنىنى كۆرگەنىدى. |
וַיֹּאמֶר אֶל־בָּנָיו חִבְשׁוּ־לִי הַחֲמוֹר וַיַּחְבְּשׁוּ־לוֹ הַחֲמוֹר וַיִּרְכַּב עָלָֽיו׃ | 13 |
ئۇ ئوغۇللىرىغا: ــ ماڭا ئېشەكنى توقۇپ بېرىڭلار، دەپ تاپىلىدى. ئۇلار ئۇنىڭغا ئېشەكنى توقۇپ بەرگەندە ئۇ ئۇنىڭغا مىنىپ |
וַיֵּלֶךְ אַֽחֲרֵי אִישׁ הָאֱלֹהִים וַיִּמְצָאֵהוּ יֹשֵׁב תַּחַת הָאֵלָה וַיֹּאמֶר אֵלָיו הַאַתָּה אִישׁ־הָאֱלֹהִים אֲשֶׁר־בָּאתָ מִיהוּדָה וַיֹּאמֶר אָֽנִי׃ | 14 |
خۇدانىڭ ئادىمىنىڭ كەينىدىن قوغلاپ كەتتى. ئۇ ئۇنى بىر دۇب دەرىخىنىڭ ئاستىدا ئولتۇرغان يېرىدىن تېپىپ ئۇنىڭدىن: ــ يەھۇدادىن كەلگەن خۇدانىڭ ئادىمى سەنمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ: ــ مەن شۇ، دەپ جاۋاب بەردى. |
וַיֹּאמֶר אֵלָיו לֵךְ אִתִּי הַבָּיְתָה וֶאֱכֹל לָֽחֶם׃ | 15 |
ئۇ ئۇنىڭغا: ــ مېنىڭ بىلەن ئۆيۈمگە بېرىپ نان يېگىن، دېدى. |
וַיֹּאמֶר לֹא אוּכַל לָשׁוּב אִתָּךְ וְלָבוֹא אִתָּךְ וְלֹא־אֹכַל לֶחֶם וְלֹֽא־אֶשְׁתֶּה אִתְּךָ מַיִם בַּמָּקוֹם הַזֶּֽה׃ | 16 |
ئۇ جاۋابەن: ــ مەن نە سېنىڭ بىلەن قايتالمايمەن، نە سېنىڭكىگە كىرەلمەيمەن؛ مەن نە بۇ يەردە سېنىڭ بىلەن نان يەپ سۇ ئىچەلمەيمەن؛ |
כִּֽי־דָבָר אֵלַי בִּדְבַר יְהֹוָה לֹא־תֹאכַל לֶחֶם וְלֹא־תִשְׁתֶּה שָׁם מָיִם לֹא־תָשׁוּב לָלֶכֶת בַּדֶּרֶךְ אֲשֶׁר־הָלַכְתָּ בָּֽהּ׃ | 17 |
چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز سۆزى بىلەن ماڭا تاپىلاپ: «ئۇ يەردە نان يېمە، سۇ ئىچمىگىن؛ بارغان يولۇڭ بىلەن قايتىپ كەلمىگىن» دېگەن، دېدى. |
וַיֹּאמֶר לוֹ גַּם־אֲנִי נָבִיא כָּמוֹךָ וּמַלְאָךְ דִּבֶּר אֵלַי בִּדְבַר יְהֹוָה לֵאמֹר הֲשִׁבֵהוּ אִתְּךָ אֶל־בֵּיתֶךָ וְיֹאכַל לֶחֶם וְיֵשְׁתְּ מָיִם כִּחֵשׁ לֽוֹ׃ | 18 |
[قېرى پەيغەمبەر] ئۇنىڭغا: ــ مەن ھەم سەندەك بىر پەيغەمبەردۇرمەن؛ ۋە بىر پەرىشتە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ماڭا يەتكۈزۈپ: ــ «ئۇنىڭغا نان يېگۈرۈپ، سۇ ئىچكۈزگىلى ئۆزۈڭ بىلەن ئۆيۈڭگە ياندۇرۇپ كەل» دېدى، دەپ ئېيتتى. لېكىن ئۇ شۇنى دەپ ئۇنىڭغا يالغان ئېيتىۋاتاتتى. |
וַיָּשׇׁב אִתּוֹ וַיֹּאכַל לֶחֶם בְּבֵיתוֹ וַיֵּשְׁתְּ מָֽיִם׃ | 19 |
شۇنىڭ بىلەن [خۇدانىڭ ئادىمى] ئۇنىڭ بىلەن يېنىپ ئۆيدە نان يەپ سۇ ئىچتى. |
וַיְהִי הֵם יֹֽשְׁבִים אֶל־הַשֻּׁלְחָן וַֽיְהִי דְּבַר־יְהֹוָה אֶל־הַנָּבִיא אֲשֶׁר הֱשִׁיבֽוֹ׃ | 20 |
لېكىن ئۇلار داستىخاندا ئولتۇرغىنىدا، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئۇنى ياندۇرۇپ ئەكەلگەن قېرى پەيغەمبەرگە كەلدى. |
וַיִּקְרָא אֶל־אִישׁ הָאֱלֹהִים אֲשֶׁר־בָּא מִֽיהוּדָה לֵאמֹר כֹּה אָמַר יְהֹוָה יַעַן כִּי מָרִיתָ פִּי יְהֹוָה וְלֹא שָׁמַרְתָּ אֶת־הַמִּצְוָה אֲשֶׁר צִוְּךָ יְהֹוָה אֱלֹהֶֽיךָ׃ | 21 |
ئۇ يەھۇدادىن كەلگەن خۇدانىڭ ئادىمىنى چاقىرىپ: ــ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «سەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە ئىتائەتسىزلىك قىلىپ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ بۇيرۇغان ئەمرىنى تۇتماي، |
וַתָּשׇׁב וַתֹּאכַל לֶחֶם וַתֵּשְׁתְּ מַיִם בַּמָּקוֹם אֲשֶׁר דִּבֶּר אֵלֶיךָ אַל־תֹּאכַל לֶחֶם וְאַל־תֵּשְׁתְּ מָיִם לֹֽא־תָבוֹא נִבְלָתְךָ אֶל־קֶבֶר אֲבֹתֶֽיךָ׃ | 22 |
بەلكى يېنىپ، ئۇ ساڭا: ــ نان يېمە، سۇ ئىچمە، دەپ مەنئى قىلغان يەردە نان يەپ سۇ ئىچكىنىڭ تۈپەيلىدىن، جەسىتىڭ ئاتا-بوۋىلىرىڭنىڭ قەبرىسىدە كۆمۈلمەيدۇ»، دەپ توۋلىدى. |
וַיְהִי אַחֲרֵי אׇכְלוֹ לֶחֶם וְאַחֲרֵי שְׁתוֹתוֹ וַיַּחֲבׇשׁ־לוֹ הַחֲמוֹר לַנָּבִיא אֲשֶׁר הֱשִׁיבֽוֹ׃ | 23 |
ۋە شۇنداق بولدىكى، خۇدانىڭ ئادىمى نان يەپ سۇ ئىچىپ بولغاندا، ئۇنىڭغا، يەنى ئۆزى ياندۇرۇپ ئەكەلگەن پەيغەمبەرگە ئېشەكنى توقۇپ بەردى. |
וַיֵּלֶךְ וַיִּמְצָאֵהוּ אַרְיֵה בַּדֶּרֶךְ וַיְמִיתֵהוּ וַתְּהִי נִבְלָתוֹ מֻשְׁלֶכֶת בַּדֶּרֶךְ וְהַֽחֲמוֹר עֹמֵד אֶצְלָהּ וְהָאַרְיֵה עֹמֵד אֵצֶל הַנְּבֵלָֽה׃ | 24 |
ئۇ يولغا چىقتى. كېتىۋاتقىنىدا، يولدا ئۇنىڭغا بىر شىر ئۇچراپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئۆلۈكى يولدا تاشلىنىپ قالدى، ئېشىكى بولسا ئۇنىڭ يېنىدا تۇراتتى؛ شىرمۇ جەسەتنىڭ يېنىدا تۇراتتى. |
וְהִנֵּה אֲנָשִׁים עֹבְרִים וַיִּרְאוּ אֶת־הַנְּבֵלָה מֻשְׁלֶכֶת בַּדֶּרֶךְ וְאֶת־הָאַרְיֵה עֹמֵד אֵצֶל הַנְּבֵלָה וַיָּבֹאוּ וַיְדַבְּרוּ בָעִיר אֲשֶׁר הַנָּבִיא הַזָּקֵן יֹשֵׁב בָּֽהּ׃ | 25 |
مانا بىرنەچچە ئادەم ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، يولدا تاشلىنىپ قالغان جەسەت بىلەن جەسەتنىڭ يېنىدا تۇرغان شىرنى كۆردى؛ ئۇلار قېرى پەيغەمبەر تۇرغان شەھەرگە كېلىپ ئۇ يەردە شۇ خەۋەرنى يەتكۈزدى. |
וַיִּשְׁמַע הַנָּבִיא אֲשֶׁר הֱשִׁיבוֹ מִן־הַדֶּרֶךְ וַיֹּאמֶר אִישׁ הָאֱלֹהִים הוּא אֲשֶׁר מָרָה אֶת־פִּי יְהֹוָה וַיִּתְּנֵהוּ יְהֹוָה לָאַרְיֵה וַֽיִּשְׁבְּרֵהוּ וַיְמִתֵהוּ כִּדְבַר יְהֹוָה אֲשֶׁר דִּבֶּר־לֽוֹ׃ | 26 |
ئۇنى يولدىن ياندۇرغان پەيغەمبەر بۇنى ئاڭلاپ: ــ ئۇ دەل پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە ئىتائەتسىزلىك قىلغان خۇدانىڭ ئادىمىدۇر. شۇڭا پەرۋەردىگار ئۇنى شىرغا تاپشۇردى؛ پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا قىلغان سۆزى بويىچە شىر ئۇنى تىتما-تىتما قىلىپ ئۆلتۈردى، دېدى. |
וַיְדַבֵּר אֶל־בָּנָיו לֵאמֹר חִבְשׁוּ־לִי אֶֽת־הַחֲמוֹר וַֽיַּחֲבֹֽשׁוּ׃ | 27 |
ئۇ ئوغۇللىرىغا: ــ ماڭا ئېشەكنى توقۇپ بېرىڭلار، دېدى؛ ئۇلار ئۇنى توقۇپ بەردى. |
וַיֵּלֶךְ וַיִּמְצָא אֶת־נִבְלָתוֹ מֻשְׁלֶכֶת בַּדֶּרֶךְ וַֽחֲמוֹר וְהָאַרְיֵה עֹמְדִים אֵצֶל הַנְּבֵלָה לֹֽא־אָכַל הָֽאַרְיֵה אֶת־הַנְּבֵלָה וְלֹא שָׁבַר אֶֽת־הַחֲמֽוֹר׃ | 28 |
ئۇ يولدا تاشلاقلىق جەسەت بىلەن جەسەتنىڭ يېنىدا تۇرغان ئېشەك ۋە شىرنى تاپتى. شىر بولسا نە جەسەتنى يېمىگەنىدى نە ئېشەكنىمۇ تالىمىغانىدى. |
וַיִּשָּׂא הַנָּבִיא אֶת־נִבְלַת אִישׁ־הָאֱלֹהִים וַיַּנִּחֵהוּ אֶֽל־הַחֲמוֹר וַיְשִׁיבֵהוּ וַיָּבֹא אֶל־עִיר הַנָּבִיא הַזָּקֵן לִסְפֹּד וּלְקׇבְרֽוֹ׃ | 29 |
پەيغەمبەر خۇدانىڭ ئادىمىنىڭ جەسىتىنى ئېلىپ ئېشەككە ئارتىپ ياندى. قېرى پەيغەمبەر ئۇنىڭ ئۈچۈن ماتەم تۇتۇپ ئۇنى دەپنە قىلغىلى شەھەرگە كىردى. |
וַיַּנַּח אֶת־נִבְלָתוֹ בְּקִבְרוֹ וַיִּסְפְּדוּ עָלָיו הוֹי אָחִֽי׃ | 30 |
ئۇ جەسەتنى ئۆز قەبرىستانلىقىدا قويدى. ئۇلار ئۇنىڭ ئۈچۈن ماتەم تۇتۇپ: ــ ئاھ بۇرادىرىم! ــ دەپ پەرياد كۆتۈردى. |
וַיְהִי אַחֲרֵי קׇבְרוֹ אֹתוֹ וַיֹּאמֶר אֶל־בָּנָיו לֵאמֹר בְּמוֹתִי וּקְבַרְתֶּם אֹתִי בַּקֶּבֶר אֲשֶׁר אִישׁ הָאֱלֹהִים קָבוּר בּוֹ אֵצֶל עַצְמֹתָיו הַנִּיחוּ אֶת־עַצְמֹתָֽי׃ | 31 |
ئۇنى دەپنە قىلغاندىن كېيىن ئۇ ئۆز ئوغۇللىرىغا: ــ مەن ئۆلگەندە مېنى خۇدانىڭ ئادىمى دەپنە قىلىنغان گۆرگە دەپنە قىلىڭلار؛ مېنىڭ سۆڭەكلىرىمنى ئۇنىڭ سۆڭەكلىرىنىڭ يېنىدا قويۇڭلار؛ |
כִּי הָיֹה יִֽהְיֶה הַדָּבָר אֲשֶׁר קָרָא בִּדְבַר יְהֹוָה עַל־הַמִּזְבֵּחַ אֲשֶׁר בְּבֵֽית־אֵל וְעַל כׇּל־בָּתֵּי הַבָּמוֹת אֲשֶׁר בְּעָרֵי שֹׁמְרֽוֹן׃ | 32 |
چۈنكى ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقى بىلەن بەيت-ئەلدىكى قۇربانگاھقا قارىغان ۋە سامارىيەدىكى شەھەرلەرنىڭ «يۇقىرى جاي»لىرىدىكى [ئىبادەت] ئۆيلىرىگە قارىغان، ئۇنىڭ جار قىلغان سۆزى ئەمەلگە ئاشۇرۇلماي قالمايدۇ، ــ دېدى. |
אַחַר הַדָּבָר הַזֶּה לֹא־שָׁב יָרׇבְעָם מִדַּרְכּוֹ הָרָעָה וַיָּשׇׁב וַיַּעַשׂ מִקְצוֹת הָעָם כֹּהֲנֵי בָמוֹת הֶֽחָפֵץ יְמַלֵּא אֶת־יָדוֹ וִיהִי כֹּהֲנֵי בָמֽוֹת׃ | 33 |
لېكىن يەروبوئام بۇ ۋەقەدىن كېيىنمۇ ئۆز رەزىل يولىدىن يانماي، بەلكى «يۇقىرى جايلار»غا ھەرخىل خەلقتىن كاھىنلارنى تەيىنلىدى؛ كىم خالىسا، ئۇ شۇنى «مۇقەددەس قىلىپ» [كاھىنلىق مەنسىپىگە] بېغىشلايتتى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار «يۇقىرى جايلار»دا [قۇربانلىق قىلىشقا] كاھىن بولاتتى. |
וַֽיְהִי בַּדָּבָר הַזֶּה לְחַטַּאת בֵּית יָרׇבְעָם וּלְהַכְחִיד וּלְהַשְׁמִיד מֵעַל פְּנֵי הָאֲדָמָֽה׃ | 34 |
شۇ ئىش تۈپەيلىدىن يەروبوئام جەمەتىنىڭ ھېسابىغا گۇناھ بولۇپ، ئۇلارنىڭ يەر يۈزىدىن ئۈزۈپ ئېلىنىپ ھالاك بولۇشىغا سەۋەب بولدى. |