וַיַּעַשׂ־לוֹ בָתִּים בְּעִיר דָּוִיד וַיָּכֶן מָקוֹם לַאֲרוֹן הָאֱלֹהִים וַיֶּט־לוֹ אֹֽהֶל׃ | 1 |
داۋۇت داۋۇت شەھىرىدە ئۆزىگە ئۆي-ئوردىلار سالدۇردى، ھەم خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىغا جاي ھازىرلىدى ۋە ئۇنىڭغا چېدىر تىكتۈردى. |
אָז אָמַר דָּוִיד לֹא לָשֵׂאת אֶת־אֲרוֹן הָאֱלֹהִים כִּי אִם־הַלְוִיִּם כִּי־בָם ׀ בָּחַר יְהֹוָה לָשֵׂאת אֶת־אֲרוֹן יְהֹוָה וּֽלְשָׁרְתוֹ עַד־עוֹלָֽם׃ | 2 |
ئۇ چاغدا داۋۇت: «خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى لاۋىيلاردىن بۆلەك كىشىلەرنىڭ كۆتۈرۈشىگە بولمايدۇ، چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇنى كۆتۈرۈشكە ۋە مەڭگۈ ئۆزىنىڭ خىزمىتىدە بولۇشقا شۇلارنى تاللىغانىدى» دېدى. |
וַיַּקְהֵל דָּוִיד אֶת־כׇּל־יִשְׂרָאֵל אֶל־יְרוּשָׁלָ͏ִם לְהַֽעֲלוֹת אֶת־אֲרוֹן יְהֹוָה אֶל־מְקוֹמוֹ אֲשֶׁר־הֵכִין לֽוֹ׃ | 3 |
ئاندىن داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ھازىرلاپ قويغان يەرگە يۆتكەش ئۈچۈن پۈتكۈل ئىسرائىللارنى يېرۇسالېمغا يىغدى. |
וַיֶּאֱסֹף דָּוִיד אֶת־בְּנֵי אַהֲרֹן וְאֶת־הַלְוִיִּֽם׃ | 4 |
داۋۇت يەنە ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىنى ۋە لاۋىيلارنى يىغدى: |
לִבְנֵי קְהָת אוּרִיאֵל הַשָּׂר וְאֶחָיו מֵאָה וְעֶשְׂרִֽים׃ | 5 |
كوھاتنىڭ ئەۋلادلىرى جەمەت بېشى بولغان ئۇرىيەل ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى بىر يۈز يىگىرمە كىشى؛ |
לִבְנֵי מְרָרִי עֲשָׂיָה הַשָּׂר וְאֶחָיו מָאתַיִם וְעֶשְׂרִֽים׃ | 6 |
مەرارى ئەۋلادلىرىدىن جەمەت بېشى بولغان ئاسايا ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىدىن ئىككى يۈز يىگىرمە كىشى؛ |
לִבְנֵי גֵּרְשׁוֹם יוֹאֵל הַשָּׂר וְאֶחָיו מֵאָה וּשְׁלֹשִֽׁים׃ | 7 |
گەرشومنىڭ ئەۋلادلىرىدىن جەمەت بېشى بولغان يوئېل ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى بىر يۈز ئوتتۇز كىشى؛ |
לִבְנֵי אֱלִיצָפָן שְׁמַֽעְיָה הַשָּׂר וְאֶחָיו מָאתָֽיִם׃ | 8 |
ئەلىزافاننىڭ ئەۋلادلىرىدىن جەمەت بېشى بولغان شېمايا ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى ئىككى يۈز كىشى؛ |
לִבְנֵי חֶבְרוֹן אֱלִיאֵל הַשָּׂר וְאֶחָיו שְׁמוֹנִֽים׃ | 9 |
ھېبروننىڭ ئەۋلادلىرىدىن جەمەت بېشى بولغان ئەلىيەل ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى سەكسەن كىشى؛ |
לִבְנֵי עֻזִּיאֵל עַמִּינָדָב הַשָּׂר וְאֶחָיו מֵאָה וּשְׁנֵים עָשָֽׂר׃ | 10 |
ئۇززىيەلنىڭ ئەۋلادلىرىدىن جەمەت بېشى بولغان ئاممىناداب ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى بىر يۈز ئون ئىككى كىشى ئىدى. |
וַיִּקְרָא דָוִיד לְצָדוֹק וּלְאֶבְיָתָר הַכֹּהֲנִים וְלַלְוִיִּם לְאוּרִיאֵל עֲשָׂיָה וְיוֹאֵל שְׁמַֽעְיָה וֶאֱלִיאֵל וְעַמִּינָדָֽב׃ | 11 |
داۋۇت كاھىنلاردىن زادوك بىلەن ئابىياتارنى، شۇنىڭدەك لاۋىلىيلاردىن ئۇرىيەل، ئاسايا، يوئېل، شېمايا، ئەلىيەل ۋە ئاممىنادابنى چاقىرتىپ كېلىپ ئۇلارغا: |
וַיֹּאמֶר לָהֶם אַתֶּם רָאשֵׁי הָאָבוֹת לַלְוִיִּם הִֽתְקַדְּשׁוּ אַתֶּם וַאֲחֵיכֶם וְהַעֲלִיתֶם אֵת אֲרוֹן יְהֹוָה אֱלֹהֵי יִשְׂרָאֵל אֶל־הֲכִינוֹתִי לֽוֹ׃ | 12 |
«سىلەر لاۋىي جەمەتىنىڭ باشلىرىسىلەر؛ ئۆزۈڭلارنى ۋە سىلەرنىڭ قېرىنداشلىرىڭلارنى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى مەن تەييارلاپ قويغان يەرگە كۆتۈرۈپ كېلىش ئۈچۈن پاك قىلىڭلار. |
כִּי לְמַבָּרִאשׁוֹנָה לֹא אַתֶּם פָּרַץ יְהֹוָה אֱלֹהֵינוּ בָּנוּ כִּי־לֹא דְרַשְׁנֻהוּ כַּמִּשְׁפָּֽט׃ | 13 |
چۈنكى ئىلگىرى سىلەر شۇنداق قىلماي، بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە ئۇنىڭدىن يول سورىمىغىنىمىزدىن خۇدايىمىز پەرۋەردىگار بىزگە زەربە بەرگەن» دېدى. |
וַיִּֽתְקַדְּשׁוּ הַכֹּהֲנִים וְהַלְוִיִּם לְהַעֲלוֹת אֶת־אֲרוֹן יְהֹוָה אֱלֹהֵי יִשְׂרָאֵֽל׃ | 14 |
شۇنىڭ بىلەن كاھىنلار بىلەن لاۋىيلار ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ مېڭىش ئۈچۈن ئۆزلىرىنى پاك قىلدى. |
וַיִּשְׂאוּ בְנֵֽי־הַלְוִיִּם אֵת אֲרוֹן הָאֱלֹהִים כַּאֲשֶׁר צִוָּה מֹשֶׁה כִּדְבַר יְהֹוָה בִּכְתֵפָם בַּמֹּטוֹת עֲלֵיהֶֽם׃ | 15 |
لاۋىيلار ئەمدى مۇسانىڭ پەرۋەردىگارنىڭ سۆز-كالامى بىلەن تاپىلىغىنى بويىچە، خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى بالداق بىلەن مۈرىسىگە ئېلىپ كۆتۈردى. |
וַיֹּאמֶר דָּוִיד לְשָׂרֵי הַלְוִיִּם לְהַעֲמִיד אֶת־אֲחֵיהֶם הַמְשֹׁרְרִים בִּכְלֵי־שִׁיר נְבָלִים וְכִנֹּרוֹת וּמְצִלְתָּיִם מַשְׁמִיעִים לְהָרִֽים־בְּקוֹל לְשִׂמְחָֽה׃ | 16 |
داۋۇت يەنە لاۋىيلارنىڭ يولباشچىلىرىغا ئۆزلىرىنىڭ قېرىنداشلىرىدىن نەغمىچىلەرنى تەيىنلەشنى بۇيرۇدى؛ ئۇلار جۈملىدىن تەمبۇر، چىلتار، جاڭلار قاتارلىق ھەرخىل سازلارنى چېلىپ ئاۋازىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ شاد-خۇراملىق ئىچىدە كۈي ئېيتىشقا تەيىنلەندى. |
וַיַּֽעֲמִידוּ הַלְוִיִּם אֵת הֵימָן בֶּן־יוֹאֵל וּמִן־אֶחָיו אָסָף בֶּן־בֶּרֶכְיָהוּ וּמִן־בְּנֵי מְרָרִי אֲחֵיהֶם אֵיתָן בֶּן־קוּשָׁיָֽהוּ׃ | 17 |
شۇڭلاشقا، لاۋىيلار يوئېلنىڭ ئوغلى ھېماننى ۋە ئۇنىڭ جەمەتىدىكى بەرەكىيانىڭ ئوغلى ئاسافنى ھەم ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرىدىن بولغان مەرارىلاردىن كۇشاياھنىڭ ئوغلى ئېتاننى بەلگىلىدى. |
וְעִמָּהֶם אֲחֵיהֶם הַמִּשְׁנִים זְכַרְיָהוּ בֵּן וְיַעֲזִיאֵל וּשְׁמִירָמוֹת וִיחִיאֵל ׀ וְעֻנִּי אֱלִיאָב וּבְנָיָהוּ וּמַעֲשֵׂיָהוּ וּמַתִּתְיָהוּ וֶאֱלִיפְלֵהוּ וּמִקְנֵיָהוּ וְעֹבֵד אֱדֹם וִיעִיאֵל הַשֹּׁעֲרִֽים׃ | 18 |
ئۇلار بىلەن بىرلىكتە يەنە قېرىنداشلىرىدىن زەكەرىيا، بىن، يائازىيەل، شېمىراموت، يەھىيەل، ئۇننى، ئېلىئاب، بىناياھ، مائاسېياھ، ماتتىتىياھ، ئەلىفەلەھ، مېكنىيا ھەم دەرۋازىۋەن ئوبەد-ئېدوم بىلەن جەئىيەلنى ئىككىنچى دەرىجىلىك ئەترەت قىلىپ تەشكىللىدى. |
וְהַמְשֹׁרְרִים הֵימָן אָסָף וְאֵיתָן בִּמְצִלְתַּיִם נְחֹשֶׁת לְהַשְׁמִֽיעַ׃ | 19 |
نەغمىچى ھېمان، ئاساف ۋە ئېتانلار مىس چاڭلار چېلىپ، ياڭراق ئاۋاز چىقىراتتى؛ |
וּזְכַרְיָה וַעֲזִיאֵל וּשְׁמִירָמוֹת וִֽיחִיאֵל וְעֻנִּי וֶאֱלִיאָב וּמַעֲשֵׂיָהוּ וּבְנָיָהוּ בִּנְבָלִים עַל־עֲלָמֽוֹת׃ | 20 |
زەكەرىيا، يائازىيەل، شېمىراموت، يەھىيەل، ئۇننى، ئېلىئاب، مائاسېياھ ۋە بىنايالار تەمبۇر چېلىپ «ئالاموت ئۇسلۇبى»دا تەڭكەش قىلاتتى؛ |
וּמַתִּתְיָהוּ וֶאֱלִֽיפְלֵהוּ וּמִקְנֵיָהוּ וְעֹבֵד אֱדֹם וִיעִיאֵל וַעֲזַזְיָהוּ בְּכִנֹּרוֹת עַל־הַשְּׁמִינִית לְנַצֵּֽחַ׃ | 21 |
ماتتىتىياھ، ئەلىفەلەھ، مېكنىيا، ئوبەد-ئېدوم، جەئىيەل ۋە ئازازىيالار چىلتار چېلىپ باشلامچىلىق قىلىپ، «شەمىنىت ئۇسلۇبى»دا تەڭكەش بولاتتى. |
וּכְנַנְיָהוּ שַֽׂר־הַלְוִיִּם בְּמַשָּׂא יָסֹר בַּמַּשָּׂא כִּי מֵבִין הֽוּא׃ | 22 |
لاۋىيلارنىڭ يولباشچىسى كەنانىيا مۇزىكىغا ناھايىتى پىششىق بولغاچقا، مەخسۇس نەغمە-ناۋاچىلىققا مەسئۇل بولۇپ مۇزىكا ئۆگىتەتتى. |
וּבֶֽרֶכְיָה וְאֶלְקָנָה שֹׁעֲרִים לָאָרֽוֹן׃ | 23 |
بەرەكىيا بىلەن ئەلكاناھ ئەھدە ساندۇقىغا مەسئۇل ئىشىكباقارلار ئىدى. |
וּשְׁבַנְיָהוּ וְיוֹשָׁפָט וּנְתַנְאֵל וַעֲמָשַׂי וּזְכַרְיָהוּ וּבְנָיָהוּ וֶאֱלִיעֶזֶר הַכֹּהֲנִים (מחצצרים) [מַחְצְרִים] בַּחֲצֹצְרוֹת לִפְנֵי אֲרוֹן הָאֱלֹהִים וְעֹבֵד אֱדֹם וִֽיחִיָּה שֹׁעֲרִים לָאָרֽוֹן׃ | 24 |
شەبانىيا، يەھوشافات، نەتانەل، ئاماساي، زەكەرىيا، بىنايا ۋە ئەلىئېزەر قاتارلىق كاھىنلار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى ئالدىدا كاناي چالاتتى؛ ئوبەد-ئېدوم بىلەن يەھىياھمۇ ئەھدە ساندۇقىغا مەسئۇل ئىشىكباقار قىلىنىپ قويۇلغانىدى. |
וַיְהִי דָוִיד וְזִקְנֵי יִשְׂרָאֵל וְשָׂרֵי הָאֲלָפִים הַהֹלְכִים לְֽהַעֲלוֹת אֶת־אֲרוֹן בְּרִית־יְהֹוָה מִן־בֵּית עֹבֵֽד־אֱדֹם בְּשִׂמְחָֽה׃ | 25 |
شۇنىڭ بىلەن داۋۇت ئىسرائىل ئاقساقاللىرى ۋە مىڭبېشى قاتارلىقلار بىلەن بىرگە ئوبەد-ئېدومنىڭ ئۆيىدىن خۇشاللىققا چۆمگەن ھالدا پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ چىققىلى باردى. |
וַֽיְהִי בֶּעְזֹר הָאֱלֹהִים אֶת־הַלְוִיִּם נֹשְׂאֵי אֲרוֹן בְּרִית־יְהֹוָה וַיִּזְבְּחוּ שִׁבְעָֽה־פָרִים וְשִׁבְעָה אֵילִֽים׃ | 26 |
ۋە شۇنداق بولدىكى، [داۋۇتلار] خۇدا پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ ماڭغان لاۋىيلارغا ياردەم بەرگەنلىكىنى كۆرۈپ، يەتتە بۇقا ۋە يەتتە قوچقار قۇربانلىق قىلدى. |
וְדָוִיד מְכֻרְבָּל ׀ בִּמְעִיל בּוּץ וְכׇל־הַלְוִיִּם הַנֹּשְׂאִים אֶת־הָאָרוֹן וְהַמְשֹׁרְרִים וּכְנַנְיָה הַשַּׂר הַמַּשָּׂא הַמְשֹׁרְרִים וְעַל־דָּוִיד אֵפוֹד בָּֽד׃ | 27 |
داۋۇت ۋە شۇنداقلا ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرىدىغان لاۋىيلار ھەمدە نەغمىچىلەر ھەم نەغمە-ناۋا بېشى بولغان كەنانىيالارنىڭ ھەممىسى كاناپ لىباس كىيىشكەنىدى؛ داۋۇت ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە كاناپ ئەفود كىيگەنىدى. |
וְכׇל־יִשְׂרָאֵל מַֽעֲלִים אֶת־אֲרוֹן בְּרִית־יְהֹוָה בִּתְרוּעָה וּבְקוֹל שׁוֹפָר וּבַחֲצֹצְרוֹת וּבִמְצִלְתָּיִם מַשְׁמִעִים בִּנְבָלִים וְכִנֹּרֽוֹת׃ | 28 |
پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقى ئەمدى شۇ تەرىقىدە تەنتەنە قىلىپ، بۇرغا، كاناي، جاڭجاڭ، تەمبۇر، چىلتار قاتارلىق تۈرلۈك سازلار بىلەن يۇقىرى ئاۋازدا مۇزىكا چېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ كېلىشتى. |
וַיְהִי אֲרוֹן בְּרִית יְהֹוָה בָּא עַד־עִיר דָּוִיד וּמִיכַל בַּת־שָׁאוּל נִשְׁקְפָה ׀ בְּעַד הַחַלּוֹן וַתֵּרֶא אֶת־הַמֶּלֶךְ דָּוִיד מְרַקֵּד וּמְשַׂחֵק וַתִּבֶז לוֹ בְּלִבָּֽהּ׃ | 29 |
پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى داۋۇت شەھىرىگە يېتىپ كەلگەندە سائۇلنىڭ قىزى مىقال پەنجىردىن تۆۋەنگە قاراپ تۇراتتى؛ ئۇ داۋۇتنىڭ سەكرەپ ئويناپ-چېلىپ تەنتەنە قىلىۋاتقىنىنى كۆرۈپ ئىچىدە ئۇنى زاڭلىق قىلدى. |