שאלו מיהוה מטר בעת מלקוש יהוה עשה חזיזים ומטר גשם יתן להם לאיש עשב בשדה | 1 |
پەرۋەردىگاردىن «كېيىنكى يامغۇر» پەسلىدە يامغۇرنى تەلەپ قىلىڭلار؛ پەرۋەردىگار چاقماقلارنى چاقتۇرۇپ، ئۇلارغا مول يامغۇرلارنى، شۇنىڭدەك ھەربىرىگە ئېتىزدا ئوت-چۆپلەرنى بېرىدۇ. |
כי התרפים דברו און והקוסמים חזו שקר וחלמות השוא ידברו הבל ינחמון על כן נסעו כמו צאן יענו כי אין רעה | 2 |
چۈنكى «ئۆي بۇتلىرى» بىمەنە گەپلەرنى ئېيتقان، پالچىلار يالغان «ئالامەت»لەرنى كۆرگەن، تۇتۇرۇقسىز چۈشلەرنى سۆزلىگەن؛ ئۇلار قۇرۇق تەسەللى بېرىدۇ. شۇڭا خەلق قوي پادىسىدەك تېنەپ كەتتى؛ ئۇلار پادىچىسى بولمىغاچقا، ئازار يېمەكتە. |
על הרעים חרה אפי ועל העתודים אפקוד כי פקד יהוה צבאות את עדרו את בית יהודה ושם אותם כסוס הודו במלחמה | 3 |
مېنىڭ غەزىپىم پادىچىلارغا قوزغالدى؛ مەن مۇشۇ «تېكە» [يېتەكچىلەرنى] جازالايمەن؛ چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئۆز پادىسىدىن، يەنى يەھۇدا جەمەتىدىن خەۋەر ئېلىشقا كەلدى؛ ئۇ جەڭدە ئۇلارنى ئۆزىنىڭ ھەيۋەتلىك ئېتىدەك قىلىدۇ. |
ממנו פנה ממנו יתד ממנו קשת מלחמה ממנו יצא כל נוגש יחדו | 4 |
ئۇنىڭدىن [يەنى يەھۇدادىن] «بۇرجەك تېشى»، ئۇنىڭدىن «قوزۇق»، ئۇنىڭدىن «جەڭ ئوقياسى»، ئۇنىڭدىن «ھەممىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى» چىقىدۇ. |
והיו כגברים בוסים בטיט חוצות במלחמה ונלחמו כי יהוה עמם והבישו רכבי סוסים | 5 |
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار جەڭدە، [دۈشمەنلەرنى] كوچىلاردىكى پاتقاقنى دەسسىگەندەك چەيلەيدىغان پالۋانلاردەك بولىدۇ؛ ئۇلار جەڭ قىلىدۇ، چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلار بىلەن بىللىدۇر؛ ئۇلار ئاتلىق ئەسكەرلەرنىمۇ يەرگە قارىتىپ قويىدۇ. |
וגברתי את בית יהודה ואת בית יוסף אושיע והושבותים כי רחמתים והיו כאשר לא זנחתים כי אני יהוה אלהיהם--ואענם | 6 |
مەن يەھۇدا جەمەتىنى كۈچەيتىمەن، يۈسۈپنىڭ جەمەتىنى قۇتقۇزىمەن؛ مەن ئۇلارنى قايتىدىن ئولتۇراقلىشىشقا قايتۇرىمەن؛ چۈنكى مەن ئۇلارغا رەھىم-شەپقەتنى كۆرسىتىمەن. ئۇلار مەن ھېچقاچان تاشلىۋەتمىگەندەك بولىدۇ؛ چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارمەن؛ مەن ئۇلارغا جاۋاب بېرىمەن. |
והיו כגבור אפרים ושמח לבם כמו יין ובניהם יראו ושמחו יגל לבם ביהוה | 7 |
ئەفرائىمدىكىلەر پالۋاندەك بولىدۇ، كۆڭۈللىرى شاراب كەيپىنى سۈرگەنلەردەك خۇشاللىنىدۇ؛ ئۇلارنىڭ بالىلىرى بۇنى كۆرۈپ خۇشاللىنىدۇ؛ ئۇلارنىڭ كۆڭلى پەرۋەردىگاردىن شادلىنىدۇ. |
אשרקה להם ואקבצם כי פדיתים ורבו כמו רבו | 8 |
مەن ئۈشقىرتىپ، ئۇلارنى يىغىمەن؛ چۈنكى مەن ئۇلارنى بەدەل تۆلەپ ھۆرلۈككە چىقىرىمەن؛ ئۇلار ئىلگىرى كۆپىيىپ كەتكەندەك كۆپىيىدۇ. |
ואזרעם בעמים ובמרחקים יזכרוני וחיו את בניהם ושבו | 9 |
مەن ئۇلارنى ئەللەر ئارىسىدا ئۇرۇقتەك چاچىمەن؛ ئاندىن ئۇلار مېنى يىراق جايلاردا ئەسلەيدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بالىلىرى بىلەن ھايات قېلىپ، قايتىپ كېلىدۇ. |
והשבותים מארץ מצרים ומאשור אקבצם ואל ארץ גלעד ולבנון אביאם ולא ימצא להם | 10 |
مەن ئۇلارنى قايتىدىن مىسىر زېمىنىدىن ئېلىپ كېلىمەن، ئاسۇرىيەدىنمۇ چىقىرىپ يىغىمەن؛ ئۇلارنى گىلېئاد ۋە لىۋان زېمىنىغا ئېلىپ كىرگۈزىمەن؛ يەر-زېمىن ئۇلارنى پاتقۇزالماي قالىدۇ. |
ועבר בים צרה והכה בים גלים והבישו כל מצולות יאר והורד גאון אשור ושבט מצרים יסור | 11 |
شۇنداق قىلىپ، ئۇ جەبىر-جاپا دېڭىزىدىن ئۆتۈپ، دېڭىزدىكى دولقۇنلارنى ئۇرىدۇ؛ نىل دەرياسىنىڭ تەگلىرى قۇرۇپ كېتىدۇ؛ ئاسۇرىيەنىڭ مەغرۇرلۇقى ۋە پەخرى پەس قىلىنىدۇ، مىسىردىكى شاھانە ھاسىمۇ يوقىلىدۇ. |
וגברתים ביהוה ובשמו יתהלכו נאם יהוה | 12 |
مەن ئۇلارنى پەرۋەردىگار ئارقىلىق كۈچەيتىمەن؛ ئۇلار ئۇنىڭ نامىدا ماڭىدۇ، دەيدۇ پەرۋەردىگار. |