יהוה מלך תגל הארץ ישמחו איים רבים | 1 |
پەرۋەردىگار ھۆكۈم سۈرىدۇ! يەر-زېمىن خۇش بولسۇن، كۆپلىگەن ئاراللار شادلانسۇن! |
ענן וערפל סביביו צדק ומשפט מכון כסאו | 2 |
بۇلۇتلار ۋە قاراڭغۇلۇق ئۇنىڭ ئەتراپىدىدۇر، ھەققانىيەت ۋە ئادالەت تەختىنىڭ ئۇلىدۇر؛ |
אש לפניו תלך ותלהט סביב צריו | 3 |
ئۇنىڭ ئالدىدا ئوت يالقۇنى يۈرىدۇ، ئەتراپتىكى دۈشمەنلىرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ؛ |
האירו ברקיו תבל ראתה ותחל הארץ | 4 |
ئۇنىڭ چاقماقلىرى جاھاننى يورۇتتى، يەر بۇنى كۆرۈپ تىترەپ كەتتى؛ |
הרים--כדונג נמסו מלפני יהוה מלפני אדון כל-הארץ | 5 |
پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا، پۈتكۈل زېمىننىڭ ئىگىسىنىڭ ئالدىدا، تاغلار مومدەك ئېرىپ كېتىدۇ. |
הגידו השמים צדקו וראו כל-העמים כבודו | 6 |
ئاسمانلار ئۇنىڭ ھەققانىيىتىنى جاكارلايدۇ، بارلىق خەلقلەر ئۇنىڭ شان-شەرىپىنى كۆرىدۇ. |
יבשו כל-עבדי פסל-- המתהללים באלילים השתחוו-לו כל-אלהים | 7 |
ئويما ھەيكەللەرگە چوقۇنغانلار، بۇتلار بىلەن ماختىنىپ يۈرگۈچىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇياتتا قالىدۇ. بارلىق ئىلاھلار، ئۇنىڭغا سەجدە قىلىڭلار! |
שמעה ותשמח ציון ותגלנה בנות יהודה-- למען משפטיך יהוה | 8 |
سېنىڭ ھۆكۈملىرىڭ سەۋەبىدىن، ئى پەرۋەردىگار، زىئون ئاڭلاپ شادلاندى، يەھۇدا قىزلىرى خۇش بولدى. |
כי-אתה יהוה עליון על-כל-הארץ מאד נעלית על-כל-אלהים | 9 |
چۈنكى سەن پەرۋەردىگار پۈتكۈل يەر يۈزى ئۈستىدىكى ئەڭ ئالىيسىدۇرسەن؛ سەن بارلىق ئىلاھلاردىن نەقەدەر يۇقىرىدۇرسەن! |
אהבי יהוה שנאו-רע שמר נפשות חסידיו מיד רשעים יצילם | 10 |
پەرۋەردىگارنى سۆيگەنلەر، يامانلىقتىن نەپرەتلىنىڭلار! ئۇ مۆمىن بەندىلىرىنىڭ جېنىدىن خەۋەر ئالىدۇ، رەزىللەرنىڭ چاڭگىلىدىن خالاس قىلىدۇ. |
אור זרע לצדיק ולישרי-לב שמחה | 11 |
ھەققانىيلار ئۈچۈن نۇر، دىلى دۇرۇسلار ئۈچۈن شادلىق تېرىلغاندۇر؛ |
שמחו צדיקים ביהוה והודו לזכר קדשו | 12 |
پەرۋەردىگاردىن شادلىنىڭلار، ئى ھەققانىيلار، ئۇنىڭ پاك-مۇقەددەسلىكىنى ياد ئېتىپ تەشەككۈر ئېيتىڭلار! |