למנצח על-מות לבן מזמור לדוד ב אודה יהוה בכל-לבי אספרה כל-נפלאותיך | 1 |
نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «مۇت-لاببەن» دېگەن ئاھاڭدا ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ مەن سەن پەرۋەردىگارنى پۈتۈن قەلبىم بىلەن مەدھىيەلەيمەن؛ مەن سېنىڭ قىلغان بارلىق كارامەتلىرىڭنى بايان قىلاي؛ |
אשמחה ואעלצה בך אזמרה שמך עליון | 2 |
مەن سەندىن خۇشال بولۇپ شادلىنىمەن؛ سېنىڭ نامىڭنى ناخشا قىلىپ ئېيتىمەن، ئى ھەممىدىن ئالىي! |
בשוב-אויבי אחור יכשלו ויאבדו מפניך | 3 |
مېنىڭ دۈشمەنلىرىمنىڭ كەينىگە يېنىشلىرى بولسا، دەل ئۇلارنىڭ سېنىڭ دىدارىڭ ئالدىدا يىقىلىپ، يوقىلىشىدىن ئىبارەت بولىدۇ. |
כי-עשית משפטי ודיני ישבת לכסא שופט צדק | 4 |
چۈنكى سەن مېنىڭ ھەققىم ھەم دەۋايىمنى سورىدىڭ؛ سەن تەختكە ئولتۇرۇپ، ھەققانىيلارچە سوتلىدىڭ. |
גערת גוים אבדת רשע שמם מחית לעולם ועד | 5 |
سەن ئەللەرگە تەنبىھ بېرىپ، رەزىللەرنى ھالاك قىلدىڭ؛ سەن ئۇلارنىڭ نامىنى مەڭگۈگە ئۆچۈرۈۋەتكەنسەن. |
האויב תמו חרבות--לנצח וערים נתשת--אבד זכרם המה | 6 |
ئى دۈشمىنىم! ھالاكەتلىرىڭ مەڭگۈلۈك بولدى! سەن شەھەرلىرىنى يۇلۇپ تاشلىۋەتتىڭ، ھەتتا ئۇلارنىڭ ناملىرىمۇ يوقاپ كەتتى؛ |
ויהוה לעולם ישב כונן למשפט כסאו | 7 |
بىراق پەرۋەردىگار مەڭگۈگە ئولتۇرۇپ [ھۆكۈم سۈرىدۇ]؛ ئۇ ئۆز تەختىنى سوت قىلىشقا تەييارلاپ بېكىتكەن؛ |
והוא ישפט-תבל בצדק ידין לאמים במישרים | 8 |
ئالەمنى ھەققانىيلىق بىلەن سوت قىلغۇچى ئۇدۇر؛ خەلقلەرنىڭ ئۈستىدىن ئۇ ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ؛ |
ויהי יהוה משגב לדך משגב לעתות בצרה | 9 |
ھەم ئۇ پەرۋەردىگار ئېزىلگۈچىلەرگە ئېگىز پاناھ، شۇنداقلا ئازابلىق كۈنلەردە ئېگىز پاناھدۇر. |
ויבטחו בך יודעי שמך כי לא-עזבת דרשיך יהוה | 10 |
نامىڭنى بىلگەنلەر بولسا ساڭا تايىنىدۇ؛ چۈنكى سەن، ئى پەرۋەردىگار، ئۆزۈڭنى ئىزدىگەنلەرنى ھەرگىز تاشلىغان ئەمەسسەن. |
זמרו--ליהוה ישב ציון הגידו בעמים עלילותיו | 11 |
زىئوندا تۇرغۇچى پەرۋەردىگارغا كۈيلەرنى ياڭرىتىڭلار! ئۇنىڭ قىلغانلىرىنى خەلقلەر ئارىسىدا بايان قىلىڭلار؛ |
כי-דרש דמים אותם זכר לא-שכח צעקת עניים (ענוים) | 12 |
چۈنكى [تۆكۈلگەن] قاننىڭ سورىقىنى قىلغۇچى ئۇدۇر، ئۇ دەل شۇنداق كىشىلەرنى ئەسلەيدۇ، خار قىلىنغانلارنىڭ نالە-پەريادلىرىنى ئۇ ئۇنتۇغان ئەمەس. |
חננני יהוה--ראה עניי משנאי מרוממי משערי מות | 13 |
ماڭا شەپقەت كۆرسەتكىن، ئى پەرۋەردىگار، مېنىڭ ئۆچمەنلەردىن كۆرگەن خورلۇقلىرىمغا نەزەر سالغىنكى، مېنى ئۆلۈم دەرۋازىلىرى ئالدىدىن كۆتۈرگەيسەن؛ |
למען אספרה כל-תהלתיך בשערי בת-ציון--אגילה בישועתך | 14 |
شۇنداق قىلغاندا مەن زىئون قىزىنىڭ دەرۋازىلىرىدا تۇرۇپ، ساڭا تەئەللۇق بارلىق مەدھىيىلەرنى جاكارلايمەن؛ مەن نىجاتلىق-قۇتقۇزۇشۇڭدا شادلىنىمەن. |
טבעו גוים בשחת עשו ברשת-זו טמנו נלכדה רגלם | 15 |
ئەللەر بولسا ئۆزلىرى كولىغان ئورىغا ئۆزلىرى چۈشۈپ كەتتى، ئۆزلىرى يوشۇرۇپ قويغان تورغا پۇتى قاپسىلىپ قالدى. |
נודע יהוה--משפט עשה בפעל כפיו נוקש רשע הגיון סלה | 16 |
پەرۋەردىگار چىقارغان ھۆكۈمى بىلەن تونۇلار؛ رەزىل ئادەملەر ئۆز قولىدا ياسىغىنى بىلەن ئىلىنىپ قالدى. خىگگائون ــ سېلاھ. |
ישובו רשעים לשאולה כל-גוים שכחי אלהים (Sheol h7585) | 17 |
رەزىللەر، يەنى خۇدانى ئۇنتۇغان بارلىق ئەللەر، ياندۇرۇلۇپ، تەھتىساراغا تاشلىنىدۇ. (Sheol h7585) |
כי לא לנצח ישכח אביון תקות ענוים (עניים) תאבד לעד | 18 |
چۈنكى نامراتلار مەڭگۈگە ئەستىن چىقىرىلمايدۇ؛ مۆمىنلەرنىڭ ئۈمىدى مەڭگۈ ئۆچمەي، تۇرىۋېرىدۇ. |
קומה יהוה אל-יעז אנוש ישפטו גוים על-פניך | 19 |
ئى پەرۋەردىگار، ئورنۇڭدىن تۇرغىن؛ ئادەم بالىلىرىنىڭ غەلىبە قىلىشىغا يول قويمىغىن؛ ھۇزۇرۇڭ ئالدىدا بارلىق ئەللەر سوتلانسۇن. |
שיתה יהוה מורה--להם ידעו גוים--אנוש המה סלה | 20 |
ئۇلارنى دەككە-دۈككىگە چۈشۈر، ئى پەرۋەردىگار؛ ئەللەر ئۆزلىرىنى بىز پەقەت ئادەم بالىلىرى خالاس، دەپ بىلسۇن! سېلاھ! |