שיר מזמור לאסף ב אלהים אל-דמי-לך אל-תחרש ואל-תשקט אל | 1 |
ئاسافنىڭ كۈي-ناخشىسى: ــ ئى خۇدا، ئۈن چىقارماي تۇرۇۋالما، جىم تۇرۇۋالما، سۈكۈت قىلىپ تۇرۇۋالما، ئى تەڭرىم! |
כי-הנה אויביך יהמיון ומשנאיך נשאו ראש | 2 |
چۈنكى مانا، سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭ داۋراڭ قىلماقتا، ساڭا ئۆچمەنلەر باش كۆتۈرمەكتە. |
על-עמך יערימו סוד ויתיעצו על-צפוניך | 3 |
ئۇلار قۇۋلۇق بىلەن سېنىڭ خەلقىڭگە سۇيىقەست قىلىدۇ، سېنىڭ ھىمايە قىلىپ قەدىرلىگەنلىرىڭ بىلەن قارشىلىشىشنى مەسلىھەتلىشىدۇ. |
אמרו--לכו ונכחידם מגוי ולא-יזכר שם-ישראל עוד | 4 |
ئۇلار: ــ «يۈرۈڭلار، ئۇلارنى مىللەت قاتارىدىن يوق قىلايلى! ئىسرائىلنىڭ نامى ئىككىنچى تىلغا ئېلىنمىسۇن!» ــ دېمەكتە. |
כי נועצו לב יחדו עליך ברית יכרתו | 5 |
ئۇلار ھەمنەپەس، ھەمدىل مەسلىھەتلەشتى؛ ئۇلار ساڭا قارشى ئىتتىپاق تۈزدى. |
אהלי אדום וישמעאלים מואב והגרים | 6 |
مانا، ئېدوم ۋە ئىسمائىللارنىڭ چېدىرلىرى، موئاب ھەم ھاگرىيلار؛ |
גבל ועמון ועמלק פלשת עם-ישבי צור | 7 |
گەبال، ئاممون، ۋە ئامالەك؛ فىلىستىيە ھەمدە تۇر ئاھالىلىرى، |
גם-אשור נלוה עמם היו זרוע לבני-לוט סלה | 8 |
ئاسۇرىيەمۇ ئۇلارغا قوشۇلدى؛ ئۇلار لۇت ئوغۇللىرىغا يار-يۆلەك بولۇپ كەلگەن. سېلاھ. |
עשה-להם כמדין כסיסרא כיבין בנחל קישון | 9 |
سەن كىشون دەرياسىدا مىدىيانىيلارغا، سىسېراغا ۋە يابىنغا قانداق تاقابىل تۇرغان بولساڭ، ئۇلارغىمۇ شۇنداق قىلغايسەن؛ |
נשמדו בעין-דאר היו דמן לאדמה | 10 |
بۇلار ئەن-دور يېزىسىدا قىرىلغانىدى، يەر ئۈچۈن تىزەك-ئوغۇتقا ئايلانغانىدى. |
שיתמו נדיבימו כערב וכזאב וכזבח וכצלמנע כל-נסיכימו | 11 |
ئۇلارنىڭ ئەمىرلىرىنى ئورەب ۋە زېئەبكە، ئۇلارنىڭ داھىيلىرىنى زەباھ ھەم زالمۇنناغا ئوخشاش قىلغايسەن؛ |
אשר אמרו נירשה לנו-- את נאות אלהים | 12 |
چۈنكى ئۇلار: «خۇدانىڭ چىمەن-يايلاقلىرىنى ئۆزىمىزگە مۈلۈك قىلىۋالايلى!» ــ دەپ ئېيتقان. |
אלהי שיתמו כגלגל כקש לפני-רוח | 13 |
ئى خۇدايىم، ئۇلارنى دومىلىنىدىغان قامغاقتەك، شامالدا ئۇچۇرۇلغان سامان كەبى سورۇۋەتكەيسەن. |
כאש תבער-יער וכלהבה תלהט הרים | 14 |
ئوت ئورمانلىققا تۇتاشقانغا ئوخشاش، يالقۇن تاغلارنى كۆيدۈرگەنگە ئوخشاش، |
כן תרדפם בסערך ובסופתך תבהלם | 15 |
سەن يەنە ئۇلارنى بورىنىڭ بىلەن قوغلىغايسەن، قارا قۇيۇنىڭ بىلەن ۋەھىمىگە سالغايسەن؛ |
מלא פניהם קלון ויבקשו שמך יהוה | 16 |
ئۇلارنىڭ سېنىڭ نامىڭنى ئىزدىشى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنى شەرم-ھايا بىلەن چۆمدۈرگەيسەن، ئى پەرۋەردىگار! |
יבשו ויבהלו עדי-עד ויחפרו ויאבדו | 17 |
ئۇلار نومۇستىن ئەبەدىي شەرمەندە بولسۇن، جاھانغا رەسۋا بولۇپ يوقىتىلسۇن. |
וידעו-- כי-אתה שמך יהוה לבדך עליון על-כל-הארץ | 18 |
ئۇلار بىلسۇنكى، نامىڭ پەرۋەردىگار بولغان سەنلا پۈتكۈل جاھاندىكى ئەڭ ئالىي بولغۇچىدۇرسەن. |