לשלמה אלהים--משפטיך למלך תן וצדקתך לבן-מלך | 1 |
سۇلايمان ئۈچۈن: ــ ئى خۇدا، پادىشاھقا ھۆكۈملىرىڭنى تاپشۇرغايسەن؛ پادىشاھنىڭ ئوغلىغا ئۆز ھەققانىيلىقىڭنى بەرگەيسەن. |
ידין עמך בצדק וענייך במשפט | 2 |
شۇنداق بولغاندا ئۇ ئۆز خەلقىڭ ئۈچۈن ھەققانىيلىق بىلەن، ساڭا تەۋە ئېزىلگەن مۆمىنلەر ئۈچۈن ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ؛ |
ישאו הרים שלום לעם וגבעות בצדקה | 3 |
تاغلار خەلققە تىنچ-ئامانلىق ئېلىپ كېلىدۇ، ئېدىرلىقلارمۇ ھەققانىيلىق بىلەن شۇنداق قىلىدۇ. |
ישפט עניי-עם--יושיע לבני אביון וידכא עושק | 4 |
پادىشاھ خەلق ئارىسىدىكى ئېزىلگەنلەرگە ئادىل ھۆكۈملەرنى چىقىرىدۇ؛ ئۇ نامراتلارنىڭ بالىلىرىنى قۇتقۇزىدۇ، زالىملارنى بىتچىت قىلىدۇ. |
ייראוך עם-שמש ולפני ירח דור דורים | 5 |
شۇنداق بولغاندا كۈن ۋە ئاي يوق بولۇپ كەتمىسىلا، ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا خەلق سەندىن ئەيمىنىدۇ. |
ירד כמטר על-גז כרביבים זרזיף ארץ | 6 |
ئۇ بولسا گويا يېڭىدىن ئورغان ئوتلاققا ياغقان يامغۇردەك، يەر سۇغىرىدىغان ھۆل-يېغىنلاردەك چۈشىدۇ. |
יפרח-בימיו צדיק ורב שלום עד-בלי ירח | 7 |
ئۇنىڭ كۈنلىرىدە ھەققانىيلار روناق تاپىدۇ؛ ئاي يوق بولغۇچە تىنچ-ئامانلىق تېشىپ تۇرىدۇ. |
וירד מים עד-ים ומנהר עד-אפסי-ארץ | 8 |
ئۇ دېڭىزدىن-دېڭىزلارغىچە، [ئەفرات] دەرياسىدىن يەر يۈزىنىڭ چەتلىرىگىچە ھۆكۈم سۈرىدۇ. |
לפניו יכרעו ציים ואיביו עפר ילחכו | 9 |
چۆل-باياۋاندا ياشاۋاتقانلار ئۇنىڭ ئالدىدا باش قويىدۇ؛ ئۇنىڭ دۈشمەنلىرى توپىلارنى يالايدۇ. |
מלכי תרשיש ואיים מנחה ישיבו מלכי שבא וסבא אשכר יקריבו | 10 |
تارشىشنىڭ ۋە ئاراللارنىڭ پادىشاھلىرى ئۇنىڭغا ھەدىيەلەر تەقدىم قىلىدۇ، شېبا ۋە سېبانىڭ پادىشاھلىرىمۇ سوۋغاتلار سۇنىدۇ. |
וישתחוו-לו כל-מלכים כל-גוים יעבדוהו | 11 |
دەرۋەقە، بارلىق پادىشاھلار ئۇنىڭ ئالدىدا سەجدە قىلىدۇ؛ پۈتكۈل ئەللەر ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولىدۇ؛ |
כי-יציל אביון משוע ועני ואין-עזר לו | 12 |
چۈنكى ئۇ پەرياد كۆتۈرگەن يوقسۇللارنى، پاناھسىز ئېزىلگەنلەرنى قۇتۇلدۇرىدۇ؛ |
יחס על-דל ואביון ונפשות אביונים יושיע | 13 |
ئۇ يوقسۇل-ئاجىزلارغا ئىچىنى ئاغرىتىدۇ، يوقسۇللارنىڭ جېنىنى قۇتقۇزىدۇ؛ |
מתוך ומחמס יגאל נפשם וייקר דמם בעיניו | 14 |
ئۇلارنىڭ جېنىنى زۇلۇم-زومىگەرلىكتىن ھۆرلۈككە چىقىرىدۇ، ئۇلارنىڭ قېنى ئۇنىڭ نەزىرىدە قىممەتلىكتۇر. |
ויחי-- ויתן-לו מזהב שבא ויתפלל בעדו תמיד כל-היום יברכנהו | 15 |
[پادىشاھ] ياشىسۇن! شېبانىڭ ئالتۇنلىرىدىن ئۇنىڭغا سۇنۇلىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈچۈن دۇئا توختاۋسىز قىلىنىدۇ؛ ئۇنىڭغا كۈن بويى بەخت تىلىنىدۇ؛ |
יהי פסת-בר בארץ-- בראש הרים ירעש כלבנון פריו ויציצו מעיר כעשב הארץ | 16 |
يەر يۈزىدىكى ھوسۇل مول بولىدۇ، ھەتتا تاغ چوققىلىرىدىمۇ شۇنداق بولىدۇ. [مىغ-مىغ] چۈشكەن مېۋىلەر لىۋاندىكى ئورمانلاردەك تەۋرىنىدۇ؛ شەھەردىكىلەر بولسا دالادىكى ئوت-يېشىللىقتەك گۈللىنىدۇ؛ |
יהי שמו לעולם-- לפני-שמש ינין (ינון) שמו ויתברכו בו כל-גוים יאשרוהו | 17 |
ئۇنىڭ نامى مەڭگۈگە ئۆچمەيدۇ، ئۇنىڭ نامى قۇياش يوقالغۇچە تۇرىدۇ؛ ئادەملەر ئۇنىڭ بىلەن ئۆزلىرىگە بەخت تىلەيدۇ، بارلىق ئەللەر ئۇنى بەختلىك دەپ ئاتىشىدۇ. |
ברוך יהוה אלהים--אלהי ישראל עשה נפלאות לבדו | 18 |
ئىسرائىلنىڭ خۇداسى، پەرۋەردىگار خۇداغا تەشەككۈر-مەدھىيە بولغاي! كارامەت ئىشلارنى ياراتقۇچى يالغۇز ئۇدۇر! |
וברוך שם כבודו-- לעולם וימלא כבודו את-כל הארץ-- אמן ואמן | 19 |
ئۇنىڭ شەرەپلىك نامىغا مەڭگۈگە تەشەككۈر-مەدھىيە ئوقۇلسۇن! ئۇنىڭ شان-شۆھرىتى پۈتكۈل دۇنيانى قاپلىغاي! ئامىن! ۋە ئامىن! |
כלו תפלות-- דוד בן-ישי | 20 |
يەسسەنىڭ ئوغلى داۋۇتنىڭ دۇئالىرى شۇنىڭ بىلەن تامام بولدى. |