למנצח בנגינת מזמור שיר ב אלהים יחננו ויברכנו יאר פניו אתנו סלה | 1 |
نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، تارلىق سازلار بىلەن چېلىنسۇن، دەپ يېزىلغان كۈي-ناخشا: ــ خۇدا بىزگە مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، بىزنى بەرىكەتلەپ، ئۆز جامالىنىڭ نۇرىنى ئۈستىمىزگە چاچقاي! سېلاھ! |
לדעת בארץ דרכך בכל-גוים ישועתך | 2 |
شۇنداق قىلغاندا يولۇڭ پۈتكۈل جاھاندا، قۇتۇلدۇرۇش-نىجاتلىقىڭ بارلىق ئەللەر ئارىسىدا ئايان بولىدۇ. |
יודוך עמים אלהים יודוך עמים כלם | 3 |
بارلىق قوۋملار سېنى مەدھىيىلىگەي، ئى خۇدا؛ بارلىق قوۋملار سېنى مەدھىيىلىگەي! |
ישמחו וירננו לאמים כי-תשפט עמים מישר ולאמים בארץ תנחם סלה | 4 |
جىمى قوۋملار خۇشاللىق بىلەن تەنتەنە قىلىپ كۈيلىگەي، چۈنكى سەن خەلق-مىللەتلەرگە ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىسەن، يەر يۈزىدىكى تائىپىلەرنى، سەن يېتەكلەيسەن؛ سېلاھ. |
יודוך עמים אלהים יודוך עמים כלם | 5 |
بارلىق قوۋملار سېنى مەدھىيىلىگەي، ئى خۇدا؛ بارلىق قوۋملار سېنى مەدھىيىلىگەي! |
ארץ נתנה יבולה יברכנו אלהים אלהינו | 6 |
ۋە يەر-زېمىن كۆكلىرىنى ئۈندۈرىدۇ؛ خۇدا، بىزنىڭ خۇدايىمىز، بىزنى بەرىكەتلەيدۇ؛ |
יברכנו אלהים וייראו אותו כל-אפסי-ארץ | 7 |
خۇدا بىزنى بەرىكەتلەيدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن يەر يۈزندىكىلەر چەت-ياقىلارغىچە ئۇنىڭدىن ئەيمىنىشىدۇ! |