למנצח על-ידותון-- מזמור לדוד ב אך אל-אלהים דומיה נפשי ממנו ישועתי | 1 |
نەغمىچىلەرنىڭ بېشى يەدۇتۇنغا تاپشۇرۇلغان، داۋۇت يازغان كۈي: ــ جېنىم خۇداغىلا قاراپ سۈكۈتتە كۈتىدۇ؛ مېنىڭ نىجاتلىقىم ئۇنىڭدىندۇر. |
אך-הוא צורי וישועתי משגבי לא-אמוט רבה | 2 |
پەقەت ئۇلا مېنىڭ قورام تېشىم ۋە مېنىڭ نىجاتلىقىم، مېنىڭ يۇقىرى قورغىنىمدۇر؛ مەن ئۇنچىلىك تەۋرىنىپ كەتمەيمەن. |
עד-אנה תהותתו על-איש-- תרצחו כלכם כקיר נטוי גדר הדחויה | 3 |
سىلەر قاچانغىچە شۇ ئاجىز بىر ئىنسانغا ھۇجۇم قىلىسىلەر؟ ھەممىڭلار قىڭغىيىپ قالغان تامنى، ئىرغاڭلاپ قالغان قاشانى غۇلاتقاندەك، ئۇنى غۇلاتماقچىسىلەر؟ |
אך משאתו יעצו להדיח-- ירצו כזב בפיו יברכו ובקרבם יקללו-סלה | 4 |
ئۇنى شۆھرەت-ھەيۋىتىدىن چۈشۈرۈۋېتىشتىن باشقا، ئۇلارنىڭ ھېچ مەسلىھەتى يوقتۇر؛ يالغانچىلىقلاردىن خۇرسەن ئۇلار؛ ئاغزىدا بەخت تىلىگىنى بىلەن، ئۇلار ئىچىدە لەنەت ئوقۇيدۇ. سېلاھ. |
אך לאלהים דומי נפשי כי-ממנו תקותי | 5 |
ئى جېنىم، خۇداغىلا قاراپ سۈكۈتتە كۈتكىن؛ چۈنكى مېنىڭ ئۈمىدىم ئۇنىڭدىندۇر. |
אך-הוא צורי וישועתי משגבי לא אמוט | 6 |
پەقەت ئۇ مېنىڭ قورام تېشىم ھەم مېنىڭ نىجاتلىقىم، مېنىڭ يۇقىرى قورغىنىمدۇر؛ مەن تەۋرىنىپ كەتمەيمەن. |
על-אלהים ישעי וכבודי צור-עזי מחסי באלהים | 7 |
نىجاتلىقىم ھەم شان-شۆھرىتىم خۇداغا باغلىقتۇر؛ مېنىڭ كۈچۈم بولغان قورام تاش، مېنىڭ پاناھگاھىم خۇدادىدۇر. |
בטחו בו בכל-עת עם-- שפכו-לפניו לבבכם אלהים מחסה-לנו סלה | 8 |
ئى خالايىق، ئۇنىڭغا ھەردائىم تايىنىڭلار! ئۇنىڭ ئالدىدا ئىچ-باغرىڭلارنى تۆكۈڭلار؛ خۇدا بىزنىڭ پاناھگاھىمىزدۇر! سېلاھ. |
אך הבל בני-אדם-- כזב בני-איש במאזנים לעלות המה מהבל יחד | 9 |
ئاددىي بەندىلەر پەقەت بىر تىنىق، ئېسىلزادىلەرمۇ بىر ئالدام سۆز خالاس؛ تارازىغا سېلىنسا ئۇلارنىڭ قىلچە سالمىقى يوق، بىر تىنىقتىنمۇ يېنىكتۇر. |
אל-תבטחו בעשק ובגזל אל-תהבלו חיל כי-ינוב-- אל-תשיתו לב | 10 |
زومىگەرلىككە تايانماڭلار؛ بۇلاڭچىلىقتىن خام خىيال قىلماڭلار، بايلىقلار ئاۋۇسىمۇ، بۇلارغا كۆڭلۈڭلارنى قويماڭلار؛ |
אחת דבר אלהים--שתים-זו שמעתי כי עז לאלהים | 11 |
خۇدا بىر قېتىم ئېيتقانكى، مۇنداق دېگىنىنى ئىككى قېتىم ئاڭلىدىمكى: ــ «كۈچ-قۇدرەت خۇداغا مەنسۇپتۇر». |
ולך-אדני חסד כי-אתה תשלם לאיש כמעשהו | 12 |
ھەم ئى رەب، ساڭا ئۆزگەرمەس مۇھەببەتمۇ مەنسۇپتۇر؛ چۈنكى سەن ھەربىر كىشىگە ئۆز ئەمىلىگە يارىشا قايتۇرىسەن. |