< תהילים 54 >

למנצח בנגינת משכיל לדוד ב בבא הזיפים ויאמרו לשאול הלא דוד מסתתר עמנו ג אלהים בשמך הושיעני ובגבורתך תדינני 1
نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، تارلىق سازلار بىلەن ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان «ماسقىل» (زىف شەھىرىدىكىلەر سائۇل پادىشاھنىڭ يېنىغا بېرىپ: «داۋۇت بىزنىڭ مۇشۇ يۇرتىمىزغا مۆكۈۋالغان، سىلى بىلمەمدىلا؟» دەپ ئايغاقچىلىق قىلغاندىن كېيىن يېزىلغان): ئى خۇدا، ئۆز نامىڭ بىلەن مېنى قۇتقۇزغايسەن؛ زور قۇدرىتىڭ بىلەن دەۋايىمنى سورىغايسەن.
אלהים שמע תפלתי האזינה לאמרי-פי 2
ئى خۇدا، دۇئايىمنى ئاڭلىغايسەن؛ ئاغزىمدىكى سۆزلەرگە قۇلاق سالغايسەن.
כי זרים קמו עלי-- ועריצים בקשו נפשי לא שמו אלהים לנגדם סלה 3
چۈنكى يات ئادەملەر ماڭا ھۇجۇم قىلىشقا ئورنىدىن تۇردى؛ زومىگەرلەر مېنىڭ جېنىمنى ئوۋلىماقتا؛ ئۇلار خۇدانى نەزىرىگە ھېچ ئىلمايدۇ. سېلاھ.
הנה אלהים עזר לי אדני בסמכי נפשי 4
قارا، خۇدا ماڭا ياردەم قىلغۇچىدۇر؛ رەب جېنىمنى يۆلەيدىغانلار ئارىسىدىدۇر. سېلاھ.
ישוב (ישיב) הרע לשררי באמתך הצמיתם 5
ئۇ دۈشمەنلىرىمنىڭ يامانلىقىنى ئۆزىگە قايتۇرىدۇ؛ [ئى خۇدا]، ئۆز ھەقىقىتىڭ بىلەن ئۇلارنى ئۈزۈپ تاشلىغايسەن.
בנדבה אזבחה-לך אודה שמך יהוה כי-טוב 6
مەن ساڭا خالىس قۇربانلىقلار سۇنىمەن؛ نامىڭنى مەدھىيەلەيمەن، ئى پەرۋەردىگار؛ شۇنداق قىلىش ئەلادۇر.
כי מכל-צרה הצילני ובאיבי ראתה עיני 7
چۈنكى ئۇ مېنى بارلىق بالا-قازالاردىن قۇتقۇزدى؛ دۈشمەنلىرىمنىڭ مەغلۇبىيىتىنى ئۆز كۆزۇم بىلەن كۆردۈم.

< תהילים 54 >