לדוד אל-תתחר במרעים אל-תקנא בעשי עולה | 1 |
داۋۇت يازغان كۈي: ــ يامانلىق قىلغۇچىلار تۈپەيلىدىن ئۆزۈڭنى كۆيدۈرمە، ناكەسلەرگە ھەسەت قىلما. |
כי כחציר מהרה ימלו וכירק דשא יבולון | 2 |
چۈنكى ئۇلار ئوت-چۆپلەردەك تېزلا ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ، يۇمران ئۆسۈملۈكلەرگە ئوخشاش توزۇپ كېتىدۇ. |
בטח ביהוה ועשה-טוב שכן-ארץ ורעה אמונה | 3 |
پەرۋەردىگارغا تايان، تىرىشىپ ياخشىلىق قىل، زېمىندا ماكانلىشىپ ياشاپ، ئۇنىڭ ۋاپا-ھەقىقىتىنى ئوزۇق بىلىپ ھۇزۇرلان. |
והתענג על-יהוה ויתן-לך משאלת לבך | 4 |
«پەرۋەردىگارنى خۇرسەنلىكىم» دەپ بىلگىن، ئۇ ئارزۇ-تىلەكلىرىڭگە يەتكۈزىدۇ. |
גול על-יהוה דרכך ובטח עליו והוא יעשה | 5 |
يولۇڭنى پەرۋەردىگارغا ئامانەت قىل؛ ئۇنىڭغا تايان، ئۇ چوقۇم [تىلىكىڭنى] ئىجابەت قىلىدۇ. |
והוציא כאור צדקך ומשפטך כצהרים | 6 |
ئۇ ھەققانىيلىقىڭنى نۇردەك، ئادالىتىڭنى چۈشتىكى قۇياشتەك چاقنىتىدۇ. |
דום ליהוה-- והתחולל-לו אל-תתחר במצליח דרכו באיש עשה מזמות | 7 |
پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تىنچ بولۇپ، ئۇنى سەۋرچانلىق بىلەن كۈت؛ ھارامدىن روناق تاپقان ئادەم تۈپەيلىدىن، يامان نىيەتلىرى ئىشقا ئاشىدىغان كىشى تۈپەيلىدىن ئۆزۈڭنى كۆيدۈرمە. |
הרף מאף ועזב חמה אל-תתחר אך-להרע | 8 |
ئاچچىقىڭدىن يان، غەزەپتىن قايت، ئۆزۈڭنى كۆيدۈرمە؛ ئۇ پەقەت سېنى يامانلىققا ئېلىپ بارىدۇ. |
כי-מרעים יכרתון וקוי יהוה המה יירשו-ארץ | 9 |
چۈنكى يامانلىق قىلغۇچىلار زېمىندىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ؛ پەرۋەردىگارغا تەلمۈرۈپ كۈتكەنلەر بولسا، زېمىنغا ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ. |
ועוד מעט ואין רשע והתבוננת על-מקומו ואיננו | 10 |
: كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلا، رەزىل ئادەم ھالاك بولىدۇ؛ ئۇنىڭ ماكانىغا سەپسېلىپ قارىساڭ، ئۇ يوق بولىدۇ. |
וענוים יירשו-ארץ והתענגו על-רב שלום | 11 |
بىراق ياۋاش-مۆمىنلەر زېمىنغا مىراسلىق قىلىدۇ، ۋە چەكسىز ئارامبەخشلىكتىن ھۇزۇرلىنىدۇ. |
זמם רשע לצדיק וחרק עליו שניו | 12 |
رەزىل ئادەم ھەققانىيغا قەست قىلىدۇ؛ ئۇنىڭغا چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ خىرىس قىلىدۇ؛ |
אדני ישחק-לו כי-ראה כי-יבא יומו | 13 |
لېكىن رەب ئۇنىڭغا قاراپ كۈلىدۇ؛ چۈنكى [رەب] ئۇنىڭ بېشىغا كېلىدىغان كۈننى كۆرىدۇ. |
חרב פתחו רשעים-- ודרכו קשתם להפיל עני ואביון לטבוח ישרי-דרך | 14 |
ياۋاشلار ۋە يوقسۇللارنى يىقىتىش ئۈچۈن، يولى دۇرۇسلارنى قىرىپ تاشلاش ئۈچۈن، رەزىللەر قىلىچىنى غىلىپىدىن سۇغۇرۇپ ئېلىپ، ئوقياسىنىڭ كىرىچىنى تارتىپ تەييارلىدى. |
חרבם תבוא בלבם וקשתותם תשברנה | 15 |
لېكىن قىلىچى بولسا ئۆز يۈرىكىگە سانجىلىدۇ، ئوقيالىرى سۇندۇرۇۋېتىلىدۇ. |
טוב-מעט לצדיק-- מהמון רשעים רבים | 16 |
ھەققانىيلاردىكى «ئاز»، كۆپلىگەن يامانلارنىڭ بايلىقلىرىدىن ئەۋزەلدۇر. |
כי זרועות רשעים תשברנה וסומך צדיקים יהוה | 17 |
چۈنكى رەزىللەرنىڭ بىلەكلىرى سۇندۇرۇلىدۇ؛ لېكىن پەرۋەردىگار ھەققانىيلارنى يۆلەيدۇ؛ |
יודע יהוה ימי תמימם ונחלתם לעולם תהיה | 18 |
پەرۋەردىگار كۆڭلى دۇرۇسلارنىڭ كۈنلىرىنى بىلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ مىراسى مەڭگۈگە بولىدۇ. |
לא-יבשו בעת רעה ובימי רעבון ישבעו | 19 |
ئۇلار ئېغىر كۈنلەردە يەرگە قاراپ قالمايدۇ؛ قەھەتچىلىكتىمۇ ئۇلار توق يۈرىدۇ. |
כי רשעים יאבדו ואיבי יהוה כיקר כרים כלו בעשן כלו | 20 |
بىراق رەزىللەر ھالاك بولىدۇ؛ پەرۋەردىگار بىلەن قارشىلاشقۇچىلار چىمەنزاردىكى گۈل-گىياھدەك توزۇپ كېتىدۇ؛ ئۇلار تۈگەيدۇ؛ ئىس-تۈتۈندەك تارقىلىپ تۈگەيدۇ. |
לוה רשע ולא ישלם וצדיק חונן ונותן | 21 |
رەزىل ئادەم ئۆتنە ئېلىپ قايتۇرمايدۇ؛ ئەمما ھەققانىي ئادەم مېھرىبانلىق بىلەن ئۆتنە بېرىدۇ؛ |
כי מברכיו יירשו ארץ ומקלליו יכרתו | 22 |
چۈنكى [پەرۋەردىگار] رەھمەت قىلغانلار زېمىنغا ئىگە بولىدۇ، بىراق ئۇنىڭ لەنىتىگە ئۇچرىغانلار ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ؛ |
מיהוה מצעדי-גבר כוננו ודרכו יחפץ | 23 |
مەردانە ئادەمنىڭ قەدەملىرى پەرۋەردىگار تەرىپىدىندۇر؛ [رەب] ئۇنىڭ يولىدىن خۇرسەن بولىدۇ. |
כי-יפל לא-יוטל כי-יהוה סומך ידו | 24 |
ئۇ تېيىلىپ كەتسىمۇ، يىقىلىپ چۈشمەيدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ يۆلەپ تۇرىدۇ. |
נער הייתי-- גם-זקנתי ולא-ראיתי צדיק נעזב וזרעו מבקש-לחם | 25 |
مەن ياش ئىدىم، ھازىر قېرىپ قالدىم؛ لېكىن ھەققانىيلارنىڭ تاشلىۋېتىلگەنلىكىنى، ياكى پەرزەنتلىرىنىڭ نان تىلىگەنلىكىنى ئەسلا كۆرگەن ئەمەسمەن؛ |
כל-היום חונן ומלוה וזרעו לברכה | 26 |
ئۇ كۈن بويى مەرد-مېھرىبان بولۇپ ئۆتنە بېرىدۇ؛ ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىمۇ خەلققە بەرىكەت يەتكۈزىدۇ. |
סור מרע ועשה-טוב ושכן לעולם | 27 |
يامانلىقنى تاشلاڭلار، ياخشىلىق قىلىڭلار، مەڭگۈ ياشايسىلەر! |
כי יהוה אהב משפט ולא-יעזב את-חסידיו לעולם נשמרו וזרע רשעים נכרת | 28 |
چۈنكى پەرۋەردىگار ئادالەتنى سۆيىدۇ، ئۇ ئۆز مۆمىن بەندىلىرىنى تاشلىمايدۇ؛ ئۇلار مەڭگۈگە ساقلىنىدۇ؛ لېكىن رەزىللەرنىڭ ئەۋلادلىرى ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ. |
צדיקים יירשו-ארץ וישכנו לעד עליה | 29 |
ھەققانىيلار يەر-جاھانغا ئىگە بولىدۇ، ئەبەدىلئەبەدگىچە ئۇنىڭدا ماكان تۇتۇپ ياشايدۇ. |
פי-צדיק יהגה חכמה ולשונו תדבר משפט | 30 |
ھەققانىي ئادەمنىڭ ئاغزى دانالىق جاكارلايدۇ؛ ئۇنىڭ تىلى ئادىل ھۆكۈملەرنى سۆزلەيدۇ؛ |
תורת אלהיו בלבו לא תמעד אשריו | 31 |
قەلبىدە خۇدانىڭ [مۇقەددەس] قانۇنى تۇرىدۇ؛ ئۇنىڭ قەدەملىرى تېيىلىپ كەتمەس. |
צופה רשע לצדיק ומבקש להמיתו | 32 |
رەزىللەر ھەققانىي ئادەمنى پايلاپ يۈرىدۇ؛ ئۇلار ئۇنى ئۆلتۈرگۈدەك پەيتنى ئىزدەپ يۈرىدۇ. |
יהוה לא-יעזבנו בידו ולא ירשיענו בהשפטו | 33 |
لېكىن پەرۋەردىگار ئۇنى دۈشمەننىڭ چاڭگىلىغا چۈشۈرمەيدۇ؛ ياكى ھۆكۈمدە ئۇنى گۇناھقا پۈتمەيدۇ. |
קוה אל-יהוה ושמר דרכו וירוממך לרשת ארץ בהכרת רשעים תראה | 34 |
پەرۋەردىگارنى تەلمۈرۈپ كۈت، ئۇنىڭ يولىنى چىڭ تۇتقىن؛ ئۇ سېنىڭ مەرتىۋەڭنى كۆتۈرۈپ، زېمىنغا ئىگە قىلىدۇ ، رەزىللەر ھالاك قىلىنغاندا، سەن بۇنى كۆرىسەن. |
ראיתי רשע עריץ ומתערה כאזרח רענן | 35 |
مەن رەزىل ئادەمنىڭ زومىگەرلىك قىلىۋاتقىنىنى كۆردۈم، ئۇ خۇددى ئاينىغان باراقسان ياپيېشىل دەرەختەك روناق تاپقان. |
ויעבר והנה איננו ואבקשהו ולא נמצא | 36 |
بىراق ئۇ ئۆتۈپ كەتتى، مانا، ئۇ يوق بولدى؛ مەن ئۇنى ئىزدىسەممۇ، ئۇ تېپىلمايدۇ. |
שמר-תם וראה ישר כי-אחרית לאיש שלום | 37 |
مۇكەممەل ئادەمگە نەزەر سال، دۇرۇس ئىنسانغا قارا! چۈنكى بۇنداق ئادەمنىڭ ئاخىر كۆرىدىغىنى ئارامبەخش خاتىرجەملىك بولىدۇ. |
ופשעים נשמדו יחדו אחרית רשעים נכרתה | 38 |
ئىتائەتسىزلەر بولسا بىرلىكتە ھالاك بولىشىدۇ؛ ئۇلارنىڭ كېلەچىكى ئۈزۈلىدۇ؛ |
ותשועת צדיקים מיהוה מעוזם בעת צרה | 39 |
بىراق ھەققانىيلارنىڭ نىجاتلىقى پەرۋەردىگاردىندۇر؛ ئۇ ئېغىر كۈنلەردە ئۇلارنىڭ كۈچلۈك پاناھىدۇر. |
ויעזרם יהוה ויפלטם יפלטם מרשעים ויושיעם--כי-חסו בו | 40 |
پەرۋەردىگار ياردەم قىلىپ ئۇلارنى ساقلايدۇ؛ ئۇ ئۇلارنى رەزىللەردىن ساقلاپ قۇتقۇزىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار ئۇنى باشپاناھى قىلىدۇ. |