מזמור לדוד בברחו מפני אבשלום בנו ב יהוה מה-רבו צרי רבים קמים עלי | 1 |
داۋۇت ئۆز ئوغلى ئابشالومدىن قېچىپ يۈرگەن كۈنلەردە يازغان كۈي: ــ ئى پەرۋەردىگار، مېنى قىستاۋاتقانلار نەقەدەر كۆپىيىپ كەتكەن، مەن بىلەن قارشىلىشىۋاتقانلار نېمىدېگەن كۆپ! |
רבים אמרים לנפשי אין ישועתה לו באלהים סלה | 2 |
نۇرغۇنلار مەن توغرۇلۇق: ــ «خۇدادىن ئۇنىڭغا ھېچ نىجات يوقتۇر!» دېيىشىۋاتىدۇ. سېلاھ! |
ואתה יהוה מגן בעדי כבודי ומרים ראשי | 3 |
بىراق سەن، ئى پەرۋەردىگار، ئەتراپىمدىكى قالقاندۇرسەن؛ شان-شەرىپىم ھەم بېشىمنى يۆلىگۈچىدۇرسەن! |
קולי אל-יהוה אקרא ויענני מהר קדשו סלה | 4 |
ئاۋازىم بىلەن مەن پەرۋەردىگارغا نىدا قىلىمەن، ئۇ مۇقەددەس تېغىدىن ئىجابەت بېرىدۇ. سېلاھ. |
אני שכבתי ואישנה הקיצותי--כי יהוה יסמכני | 5 |
مەن بولسام ياتتىم، ئۇخلىدىم؛ ئويغاندىم، چۈنكى پەرۋەردىگار ماڭا يار-يۆلەك بولىدۇ. |
לא-אירא מרבבות עם-- אשר סביב שתו עלי | 6 |
مېنى قورشاپ سەپ تۈزگەن تۈمەنلىگەن ئادەملەر بولسىمۇ، مەن ئۇلاردىن قورقمايمەن! |
קומה יהוה הושיעני אלהי-- כי-הכית את-כל-איבי לחי שני רשעים שברת | 7 |
ئى پەرۋەردىگار، ئورنۇڭدىن تۇر! مېنى قۇتقۇز، ئى خۇدايىم! مېنىڭ بارلىق دۈشمەنلىرىمنىڭ تەستىكىگە سالغايسەن؛ رەزىللەرنىڭ چىشلىرىنى چېقىۋەتكەيسەن! |
ליהוה הישועה על-עמך ברכתך סלה | 8 |
نىجاتلىق بولسا پەرۋەردىگاردىندۇر؛ بەرىكىتىڭ ئۆز خەلقىڭدە بولسۇن! سېلاھ! |