למנצח מזמור לדוד ב יהוה בעזך ישמח-מלך ובישועתך מה-יגיל (יגל) מאד | 1 |
نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ پادىشاھ قۇدرىتىڭدىن شادلىنىدۇ، ئى پەرۋەردىگار؛ غەلىبە-نىجاتلىقىڭدىن ئۇ نەقەدەر خۇرسەن بولىدۇ! |
תאות לבו נתתה לו וארשת שפתיו בל-מנעת סלה | 2 |
سەن ئۇنىڭ كۆڭۈل تىلىكىنى ئۇنىڭغا ئاتا قىلدىڭ، لەۋلىرىنىڭ تەلىپىنى رەت قىلغان ئەمەسسەن. سېلاھ! |
כי-תקדמנו ברכות טוב תשית לראשו עטרת פז | 3 |
چۈنكى سەن ئېسىل بەرىكەتلەر بىلەن ئۇنى قارشى ئالدىڭ؛ ئۇنىڭ بېشىغا ساپ ئالتۇن تاج كىيدۈردۈڭ. |
חיים שאל ממך--נתתה לו ארך ימים עולם ועד | 4 |
ئۇ سەندىن ئۆمۈر تىلىسە، سەن ئۇنىڭغا بەردىڭ، يەنى ئۇزۇن كۈنلەرنى، تاكى ئەبەدىلئەبەدگىچە بەردىڭ. |
גדול כבודו בישועתך הוד והדר תשוה עליו | 5 |
ئۇ سېنىڭ بەرگەن غەلىبە-نىجاتلىقىڭدىن زور شەرەپ قۇچتى؛ سەن ئۇنىڭغا ئىززەت-ھەيۋەت ھەم شانۇ-شەۋكەت قوندۇردۇڭ. |
כי-תשיתהו ברכות לעד תחדהו בשמחה את-פניך | 6 |
سەن ئۇنىڭ ئۆزىنى مەڭگۈلۈك بەرىكەتلەر قىلدىڭ؛ دىدارىڭنىڭ شادلىقى بىلەن ئۇنى زور خۇرسەن قىلدىڭ؛ |
כי-המלך בטח ביהוה ובחסד עליון בל-ימוט | 7 |
چۈنكى پادىشاھ پەرۋەردىگارغا تايىنىدۇ؛ ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتى بىلەن ئۇ ھېچ تەۋرەنمەيدۇ. |
תמצא ידך לכל-איביך ימינך תמצא שנאיך | 8 |
سېنىڭ قولۇڭ بارلىق دۈشمەنلىرىڭنى تېپىپ، ئاشكارە قىلىدۇ؛ ئوڭ قولۇڭ ساڭا ئۆچمەنلىك قىلغانلارنى تېپىپ ئاشكارە قىلىدۇ؛ |
תשיתמו כתנור אש-- לעת פניך יהוה באפו יבלעם ותאכלם אש | 9 |
سېنىڭ دىدارىڭ كۆرۈنگەن كۈندە، ئۇلارنى يالقۇنلۇق خۇمدانغا سالغاندەك كۆيدۈرىسەن؛ پەرۋەردىگار دەرغەزەپ بىلەن ئۇلارنى يۇتۇۋېتىدۇ؛ ئوت ئۇلارنى كۆيدۈرۈپ تۈگىتىدۇ. |
פרימו מארץ תאבד וזרעם מבני אדם | 10 |
ئۇلارنىڭ تۇخۇمىنى جاھاندىن، نەسىللىرىنى كىشىلىك دۇنيادىن قۇرىتىسەن؛ |
כי-נטו עליך רעה חשבו מזמה בל-יוכלו | 11 |
چۈنكى ئۇلار ساڭا يامانلىق قىلىشقا ئۇرۇندى؛ ئۇلار رەزىل بىر نەيرەڭنى ئويلاپ چىققىنى بىلەن، ئەمما غەلىبە قىلالمىدى. |
כי תשיתמו שכם במיתריך תכונן על-פניהם | 12 |
چۈنكى سەن ئۇلارنى كەينىگە بۇرۇلۇشقا مەجبۇر قىلدىڭ؛ سەن ئۇلارنىڭ يۈزىگە قاراپ ئوقيايىڭنى چەنلەيسەن. |
רומה יהוה בעזך נשירה ונזמרה גבורתך | 13 |
ئى پەرۋەردىگار، ئۆز كۈچۈڭ بىلەن ئۇلۇغلۇقۇڭنى نامايان قىلغايسەن؛ شۇنىڭ بىلەن بىز ناخشا ئېيتىپ قۇدرىتىڭنى مەدھىيىلەيمىز. |