< תהילים 118 >

הודו ליהוה כי-טוב כי לעולם חסדו 1
پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇ مېھرىباندۇر؛ ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى مەڭگۈدۇر!
יאמר-נא ישראל כי לעולם חסדו 2
ئىسرائىل: « ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى مەڭگۈدۇر» ــ دېسۇن!
יאמרו-נא בית-אהרן כי לעולם חסדו 3
ھارۇن جەمەتى: «ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى مەڭگۈدۇر» ــ دېسۇن!
יאמרו-נא יראי יהוה כי לעולם חסדו 4
پەرۋەردىگاردىن قورقىدىغانلار: «ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى مەڭگۈدۇر» ــ دېسۇن!
מן-המצר קראתי יה ענני במרחב יה 5
قىستاقتا قېلىپ ياھغا نىدا قىلدىم؛ ياھ جاۋاب بېرىپ، مېنى كەڭرى-ئازادىلىكتە تۇرغۇزدى.
יהוה לי לא אירא מה-יעשה לי אדם 6
پەرۋەردىگار مەن تەرەپتىدۇر، مەن قورقمايمەن؛ ئىنسان مېنى نېمە قىلالىسۇن؟
יהוה לי בעזרי ואני אראה בשנאי 7
پەرۋەردىگار ماڭا ياردەم قىلغۇچىلار ئارىسىدا بولۇپ، مېنىڭ تەرىپىمدىدۇر؛ ئۆچمەنلىرىمنىڭ مەغلۇبىيىتىنى كۆرىمەن.
טוב לחסות ביהוה-- מבטח באדם 8
پەرۋەردىگارنى باشپاناھىم قىلىش، ئىنسانغا تايىنىشتىن ئەۋزەلدۇر؛
טוב לחסות ביהוה-- מבטח בנדיבים 9
پەرۋەردىگارنى باشپاناھىم قىلىش، ئەمىرلەرگە تايىنىشتىن ئەۋزەلدۇر.
כל-גוים סבבוני בשם יהוה כי אמילם 10
بارلىق ئەللەر مېنى قورشىۋالدى؛ بىراق پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ئۇلارنى ھالاك قىلىمەن؛
סבוני גם-סבבוני בשם יהוה כי אמילם 11
ئۇلار مېنى قورشىۋالدى؛ بەرھەق، قورشىۋالدى؛ بىراق پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن مەن ئۇلارنى ھالاك قىلىمەن؛
סבוני כדבורים-- דעכו כאש קוצים בשם יהוה כי אמילם 12
ئۇلار ھەرىلەردەك مېنى قورشىۋالدى؛ ئۇلار يېقىلغان يانتاق ئوتىدەك تېزلا ئۆچۈرۈلىدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن مەن ئۇلارنى ھالاك قىلىمەن.
דחה דחיתני לנפל ויהוה עזרני 13
سەن [دۈشمەن] مېنى زەرب بىلەن ئىتتەردىڭ، يىقىلغىلى تاس قالدىم؛ بىراق پەرۋەردىگار ماڭا ياردەمدە بولدى.
עזי וזמרת יה ויהי-לי לישועה 14
كۈچۈم ۋە ناخشام بولسا ياھدۇر؛ ئۇ مېنىڭ نىجاتلىقىم بولدى!
קול רנה וישועה--באהלי צדיקים ימין יהוה עשה חיל 15
ھەققانىيلارنىڭ چېدىرلىرىدا شادلىق ۋە نىجاتلىقنىڭ تەنتەنىلىرى ياڭرىتىلماقتا؛ پەرۋەردىگارنىڭ ئوڭ قولى زەپەر قۇچماقتا!
ימין יהוה רוממה ימין יהוה עשה חיל 16
پەرۋەردىگارنىڭ ئوڭ قولى ئېگىز كۆتۈرۈلگەن! پەرۋەردىگارنىڭ ئوڭ قولى زەپەر قۇچماقتا!
לא-אמות כי-אחיה ואספר מעשי יה 17
مەن ئۆلمەيمەن، بەلكى ياشايمەن، ياھنىڭ قىلغانلىرىنى جاكارلايمەن.
יסר יסרני יה ולמות לא נתנני 18
پەرۋەردىگار ماڭا قاتتىق تەربىيە بەرگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇ مېنى ئۆلۈمگە تاپشۇرمىدى.
פתחו-לי שערי-צדק אבא-בם אודה יה 19
ھەققانىيەت دەرۋازىلىرىنى ماڭا ئېچىپ بېرىڭلار؛ مەن كىرىمەن، ياھنى مەدھىيىلەيمەن.
זה-השער ליהוה צדיקים יבאו בו 20
بۇ پەرۋەردىگارنىڭ دەرۋازىسىدۇر؛ ھەققانىيلار بۇنىڭدىن كىرىدۇ!
אודך כי עניתני ותהי-לי לישועה 21
مەن ساڭا تەشەككۈر ئېيتىمەن؛ چۈنكى سەن ماڭا جاۋاب قايتۇردۇڭ، ھەم مېنىڭ نىجاتلىقىم بولدۇڭ.
אבן מאסו הבונים-- היתה לראש פנה 22
تامچىلار تاشلىۋەتكەن تاش بولسا، بۇرجەك تېشى بولۇپ تىكلەندى.
מאת יהוה היתה זאת היא נפלאת בעינינו 23
بۇ ئىش پەرۋەردىگاردىندۇر، بۇ كۆزىمىز ئالدىدا كارامەت بولدى.
זה-היום עשה יהוה נגילה ונשמחה בו 24
بۇ پەرۋەردىگار ياراتقان كۈندۇر؛ بىز ئۇنىڭدا شادلىنىپ خۇرسەن بولىمىز.
אנא יהוה הושיעה נא אנא יהוה הצליחה נא 25
قۇتقۇزغايسەن، ئى پەرۋەردىگار، سەندىن ئۆتۈنىمەن؛ سەندىن ئۆتۈنىمەن، بىزنى ياشناتقايسەن!
ברוך הבא בשם יהוה ברכנוכם מבית יהוה 26
پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا كەلگۈچىگە مۇبارەك بولسۇن! بىز پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ ساڭا «مۇبارەك!» دەپ توۋلىدۇق.
אל יהוה--ויאר-לנו אסרו-חג בעבתים--עד קרנות המזבח 27
پەرۋەردىگار تەڭرىدۇر؛ ئۇ ئۈستىمىزگە نۇر بەرگەن؛ ھېيتلىق قۇربانلىقنى تانىلار بىلەن باغلاڭلار، ــ قۇربانگاھنىڭ مۈڭگۈزلىرىگە ئىلىپ باغلاڭلار.
אלי אתה ואודך אלהי ארוממך 28
سەن مېنىڭ ئىلاھىمدۇرسەن، مەن ساڭا تەشەككۈر ئېيتىمەن؛ مېنىڭ خۇدايىم، مەن سېنى ئۇلۇغلايمەن.
הודו ליהוה כי-טוב כי לעולם חסדו 29
پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار؛ چۈنكى ئۇ مېھرىباندۇر؛ ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى مەڭگۈدۇر!

< תהילים 118 >