למנצח לדוד ביהוה חסיתי--איך תאמרו לנפשי נודו (נודי) הרכם צפור | 1 |
نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: پەرۋەردىگارنى باشپاناھىم قىلدىم؛ ئەمدى سىلەر قانداقمۇ ماڭا: «قۇشتەك ئۆز تېغىڭغا ئۇچۇپ قاچ! |
כי הנה הרשעים ידרכון קשת כוננו חצם על-יתר-- לירות במו-אפל לישרי-לב | 2 |
چۈنكى مانا، رەزىللەر كاماننى تارتىپ، قاراڭغۇلۇقتىن كۆڭلى دۇرۇسلارغا قارىتىپ ئاتماقچى بولۇپ، ئۇلار ئوقنى كىرىچقا سېلىپ قويدى؛ |
כי השתות יהרסון-- צדיק מה-פעל | 3 |
«ئۇللار ھالاك قىلىنسا، ئەمدى ھەققانىيلار نېمىمۇ قىلار؟»» ــ دەۋاتىسىلەر؟ |
יהוה בהיכל קדשו-- יהוה בשמים כסאו עיניו יחזו-- עפעפיו יבחנו בני אדם | 4 |
پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخانىسىدىدۇر، پەرۋەردىگارنىڭ تەختى ئاسمانلاردىدۇر؛ ئۇ نەزەر سالىدۇ، ئۇنىڭ سەزگۈر كۆزلىرى ئىنسان بالىلىرىنى كۆزىتىپ، سىنايدۇ. |
יהוה צדיק יבחן ורשע ואהב חמס--שנאה נפשו | 5 |
پەرۋەردىگار ھەققانىي ئادەمنى سىنايدۇ؛ رەزىللەرگە ۋە زوراۋانلىققا خۇشتارلارغا ئۇ ئىچ-ئىچىدىن نەپرەتلىنىدۇ. |
ימטר על-רשעים פחים אש וגפרית ורוח זלעפות--מנת כוסם | 6 |
ئۇ رەزىللەرگە قاپقانلار، ئوت ۋە گۈڭگۈرتنى ياغدۇرىدۇ؛ پىژغىرىم قىزىق شامال ئۇلارنىڭ قەدەھىدىكى نېسىۋىسى بولىدۇ. |
כי-צדיק יהוה צדקות אהב ישר יחזו פנימו | 7 |
چۈنكى پەرۋەردىگار ھەققانىيدۇر؛ ھەققانىيلىق ئۇنىڭ ئامرىقىدۇر؛ كۆڭلى دۇرۇسلار ئۇنىڭ دىدارىنى كۆرىدۇ. |