למה יהוה תעמד ברחוק תעלים לעתות בצרה | 1 |
نېمىشقا، ئى پەرۋەردىگار، يىراقتا تۇرىسەن؟ نېمىشقا ئازابلىق كۈنلەردە ئۆزۈڭنى يوشۇرىسەن؟ |
בגאות רשע ידלק עני יתפשו במזמות זו חשבו | 2 |
رەزىل ئادەملەر تەكەببۇرلۇقى بىلەن ئاجىز مۆمىنلەرنى تاپ باستۇرۇپ قوغلاپ يۈرىدۇ؛ ئۇلار ئۆزلىرى تاپقان ھىيلىلەر بىلەن ئىلىنىپ، بابلىنىدۇ. |
כי-הלל רשע על-תאות נפשו ובצע ברך נאץ יהוה | 3 |
چۈنكى رەزىللەر ئۆز ئارزۇ-ھەۋەسلىرى بىلەن ماختىنىدۇ؛ ئاچ كۆزلەر ئۈچۈن بەخت تىلەيدۇ؛ پەرۋەردىگارنى بولسا كۆزىگە ئىلمايدۇ. |
רשע--כגבה אפו בל-ידרש אין אלהים כל-מזמותיו | 4 |
ئۇلار چىرايىدىن ھاكاۋۇرلۇق ياغدۇرۇپ، خۇدانى ئىزدىمەيدۇ؛ ئۇلار بارلىق خىياللىرىدا: «ھېچبىر خۇدا يوقتۇر!» دەيدۇ. |
יחילו דרכו בכל-עת--מרום משפטיך מנגדו כל-צורריו יפיח בהם | 5 |
ئۇلارنىڭ يوللىرى ھەمىشە راۋان بولىدۇ؛ سېنىڭ ھۆكۈملىرىڭ ئۇلارنىڭ نەزىرىدىن يىراق ۋە ئۈستۈن تۇرىدۇ؛ ئۇلارنىڭ رەقىبلىرى بولسا، ئۇلارغا قاراپ «تۈفى!» دەپ مازاق قىلىدۇ. |
אמר בלבו בל-אמוט לדר ודר אשר לא-ברע | 6 |
[رەزىل ئادەم] كۆڭلىدە: «مەن ھېچ تەۋرەنمەي تۇرىۋېرىمەن! دەۋردىن-دەۋرگە ھېچ مۇشەققەتكە ئۇچرىمايمەن» ــ دەيدۇ. |
אלה פיהו מלא--ומרמות ותך תחת לשונו עמל ואון | 7 |
ئۇنىڭ ئاغزى قارغاش، ئالدامچىلىق ھەم زۇلۇمغا تولغان؛ تىلى ئاستىدا ئەسكىلىك ۋە قەبىھلىك ياتىدۇ. |
ישב במארב חצרים--במסתרים יהרג נקי עיניו לחלכה יצפנו | 8 |
ئۇ مەھەللىلەردە يوشۇرۇنچە ماراپ ئولتۇرىدۇ؛ ئۇ پىنھان جايلاردا گۇناھسىزلارنى ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ؛ كۆزلىرى يوقسۇللارنى كۆزلەيدۇ؛ |
יארב במסתר כאריה בסכה-- יארב לחטוף עני יחטף עני במשכו ברשתו | 9 |
ئۇ چاتقاللىقىدا ياتقان شىردەك يوشۇرۇنچە پايلاپ ياتىدۇ؛ ئۇ مۆمىنلەرنى تۇتۇۋېلىش ئۈچۈن يوشۇرۇنچە ماراپ ياتىدۇ؛ مۆمىنلەرنى تۇتۇۋېلىپ، ئۇلارنى ئۆز تورىغا چۈشۈرىدۇ. |
ודכה (ידכה) ישח ונפל בעצומיו חלכאים (חל כאים) | 10 |
[يوقسۇللار] ئېزىلىدۇ، پۈكۈلىدۇ؛ دەردمەنلەر ئۇنىڭ ياۋۇزلۇقلىرى بىلەن يىقىلىدۇ. |
אמר בלבו שכח אל הסתיר פניו בל-ראה לנצח | 11 |
ئۇ كۆڭلىدە: «تەڭرى بۇنى ئۇنتۇپ قالدى، ئۇ يۈزىنى يېپىۋېلىپ، قارىمايدۇ؛ بۇنى ھەرگىز كۆرمەيدۇ» ــ دەيدۇ. |
קומה יהוה--אל נשא ידך אל-תשכח עניים (ענוים) | 12 |
ئورنۇڭدىن تۇرغىن، ئى پەرۋەردىگار؛ ئى تەڭرىم، قولۇڭنى كۆتۈرگىن؛ ئېزىلگەن مۆمىنلەرنى ئۇنتۇما! |
על-מה נאץ רשע אלהים אמר בלבו לא תדרש | 13 |
رەزىل ئادەم نېمىشقا [سەن] خۇدانى كۆزىگە ئىلمايدۇ؟ ئۇ كۆڭلىدە: «[خۇدا] بۇنى سۈرۈشتۈرمەيدۇ!» ــ دەيدۇ. |
ראתה כי-אתה עמל וכעס תביט-- לתת בידך עליך יעזב חלכה יתום אתה היית עוזר | 14 |
سەن بۇنى كۆرگەنسەن؛ سەن ئۆز قولۇڭ بىلەن يامانلىق ھەم زۇلۇمنى ئۆزلىرىگە قايتۇرۇش ئۈچۈن، ئۆزۈڭ بۇلارنى كۆزلەپ يۈرىسەن؛ دەردمەنلەر ئۆزلىرىنى ساڭا ئامانەت قىلىدۇ؛ چۈنكى سەن يېتىم-يېسىرلەرگە يار-يۆلەك بولۇپ كەلگەنسەن؛ |
שבר זרוע רשע ורע תדרוש-רשעו בל-תמצא | 15 |
رەزىل، يامان ئادەمنىڭ بىلىكىنى سۇندۇرۇۋەتكەيسەن؛ ئۇنىڭ رەزىللىكىنى بىرمۇبىر سۈرۈشتۈرۈپ، ئۈزۈل-كېسىل يوقاتقايسەن. |
יהוה מלך עולם ועד אבדו גוים מארצו | 16 |
پەرۋەردىگار ئەبەدىلئەبەدگىچە پادىشاھدۇر؛ [ئىمانسىز] ئەللەر بولسا [پەرۋەردىگارنىڭ] زېمىنىدىن يوقىلار. |
תאות ענוים שמעת יהוה תכין לבם תקשיב אזנך | 17 |
پەرۋەردىگار، سەن ئاجىز مۆمىنلەرنىڭ ئارمانلىرىنى ئاڭلايسەن؛ ئۇلارنىڭ دىلىنى توق قىلىسەن؛ يېتىم-يېسىرلار ۋە ئېزىلگۈچىلەر ئۈچۈن ئادالەتنى ياقلاپ، يەر يۈزىدىكى ئىنسانلارنىڭ [ئاجىز-مۆمىنلەرگە] قايتىدىن ۋەھىمە سالغۇچى بولماسلىقى ئۈچۈن، قۇلىقىڭنى دىڭ تۇتىسەن. |
לשפט יתום ודך בל-יוסיף עוד--לערץ אנוש מן-הארץ | 18 |