אשרי האיש-- אשר לא הלך בעצת רשעים ובדרך חטאים לא עמד ובמושב לצים לא ישב | 1 |
رەزىللەرنىڭ گېپى بويىچە ماڭمايدىغان، گۇناھكارلارنىڭ يولىدا تۇرمايدىغان، مەسخىرە قىلغۇچىنىڭ ئورنىدا ئولتۇرمايدىغان ئادەم بەخت تاپۇر! |
כי אם בתורת יהוה חפצו ובתורתו יהגה יומם ולילה | 2 |
ئۇنىڭ خۇرسەنلىكى پەقەت پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات-قانۇنىدىلىدۇر؛ ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ قانۇنىنى كېچە-كۈندۈز سېغىنىپ ئويلايدۇ. |
והיה-- כעץ שתול על-פלגי-מים אשר פריו יתן בעתו--ועלהו לא-יבול וכל אשר-יעשה יצליח | 3 |
ئۇ خۇددى ئېرىق بويىغا تىكىلگەن، ئۆز پەسلىدە مېۋىسىنى بېرىدىغان، يوپۇرماقلىرى سولاشمايدىغان دەرەختەكتۇر؛ ئۇ نېمىلا قىلسا روناق تاپىدۇ. |
לא-כן הרשעים כי אם-כמץ אשר-תדפנו רוח | 4 |
رەزىل ئادەملەر بولسا ئۇنداق بولماس؛ ئۇلار خۇددى شامال ئۇچۇرىۋەتكەن توزاندەكتۇر. |
על-כן לא-יקמו רשעים--במשפט וחטאים בעדת צדיקים | 5 |
شۇنىڭ ئۈچۈن رەزىللەر سوراق كۈنىدە تىك تۇرالمايدۇ، گۇناھكارلار ھەققانىيلارنىڭ جامائىتىدە ھېچ بېشىنى كۆتۈرۈپ تۇرالمايدۇ. |
כי-יודע יהוה דרך צדיקים ודרך רשעים תאבד | 6 |
چۈنكى پەرۋەردىگار ھەققانىيلارنىڭ يولىنى كۆڭلىگە پۈككەن؛ رەزىللەرنىڭ يولى بولسا يوقىلىدۇ. |