מאזני מרמה תועבת יהוה ואבן שלמה רצונו | 1 |
يالغان تارازا پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر؛ ئادىل جىڭ تېشى ئۇنى خۇرسەن قىلار. |
בא-זדון ויבא קלון ואת-צנועים חכמה | 2 |
تەكەببۇرلۇق بىلەن بىرگە شەرمەندىچىلىك ئەگىشىپ كېلەر؛ لېكىن دانالىق كىچىك پېئىللارغا ھەمراھ بولار. |
תמת ישרים תנחם וסלף בגדים ושדם (ישדם) | 3 |
توغرىلارنىڭ سەمىمىيلىكى ئۆزىنى يېتەكلەر؛ لېكىن كاززاپلارنىڭ ئەگرىلىكى ئۆزىنى ۋەيران قىلار. |
לא-יועיל הון ביום עברה וצדקה תציל ממות | 4 |
خۇدانىڭ غەزەپ كۈنىدە مال-دۇنيانىڭ پايدىسى بولماس؛ لېكىن ھەققانىيەت ئادەمنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزار. |
צדקת תמים תישר דרכו וברשעתו יפל רשע | 5 |
كامىل ئادەمنىڭ ھەققانىيلىقى ئۆزىنى تۈز يولغا باشلار؛ يامان ئادەم ئۆز يامانلىقىدىن يىقىلار. |
צדקת ישרים תצילם ובהות בגדים ילכדו | 6 |
دۇرۇس ئادەملەرنىڭ ھەققانىيلىقى ئۆزلىرىنى قۇتقۇزار؛ لېكىن كاززاپلار ئۆز ھىيلە-نەيرىڭىدىن تۇتۇلار. |
במות אדם רשע תאבד תקוה ותוחלת אונים אבדה | 7 |
رەزىل ئادەم ئۆلسە، ئۇنىڭ ئۈمىدى يوققا چىقار؛ گۇناھكارنىڭ ئۈمىدى ئاخىرى قۇرۇق قالار. |
צדיק מצרה נחלץ ויבא רשע תחתיו | 8 |
ھەققانىي ئادەم قىيىنچىلىقتىن خالىي قىلىنار؛ رەزىل ئادەم ئۇنىڭ ئورنىغا تۇتۇلار. |
בפה--חנף ישחת רעהו ובדעת צדיקים יחלצו | 9 |
مۇناپىقلار ئۆز ئاغزى بىلەن يېقىنىنى بۇزار؛ لېكىن ھەققانىيلار بىلىمى بىلەن قۇتقۇزۇلار. |
בטוב צדיקים תעלץ קריה ובאבד רשעים רנה | 10 |
ھەققانىي ئادەم روناق تاپسا، شەھەر خۇش بولار؛ رەزىل ئادەم ھالاك بولسا، خەلق تەنتەنە قىلار. |
בברכת ישרים תרום קרת ובפי רשעים תהרס | 11 |
توغرىلارنىڭ بەرىكەت تىلەشلىرى بىلەن شەھەر گۈللىنەر؛ لېكىن رەزىللەرنىڭ تىلى بىلەن ۋەيران بولار. |
בז-לרעהו חסר-לב ואיש תבונות יחריש | 12 |
ئۆز يېقىنىنى سۆكىدىغان كىشى ــ ئەقىلسىزدۇر؛ ئەمما يورۇتۇلغان ئادەم ئاغزىنى يىغار. |
הולך רכיל מגלה-סוד ונאמן-רוח מכסה דבר | 13 |
گەپ توشۇغۇچى مەخپىيەتلەرنى ئاشكارىلار؛ سادىق ئادەم ئامانەتكە خىيانەت قىلماس. |
באין תחבלות יפל-עם ותשועה ברב יועץ | 14 |
يوليورۇق كەم بولسا، ئەل-يۇرت يىقىلار؛ ئۇلۇغ بىر مەسلىھەتچى بولسا، ئەل نىجات تاپار. |
רע-ירוע כי-ערב זר ושנא תקעים בוטח | 15 |
ياتقا بورۇن بولغان كىشى زىيان تارتماي قالماس؛ قول بېرىشىپ كېپىل بولۇشنى يامان كۆرگەن كىشىنىڭ قۇلىقى تىنچ بولار. |
אשת-חן תתמך כבוד ועריצים יתמכו-עשר | 16 |
شاپائەتلىك ئايال ئىززەت-ھۆرمەتنى قولدىن بەرمەس؛ زوراۋانلار بايلىقنى قولدىن بەرمەس. |
גמל נפשו איש חסד ועכר שארו אכזרי | 17 |
رەھىمدىل ئۆز-ئۆزىگە بەخت يارىتار؛ رەھىمسىز ئۆز تېنىنى ئاغرىتار. |
רשע--עשה פעלת-שקר וזרע צדקה שכר אמת | 18 |
يامان ئادەملەرنىڭ ئالغان ئىش ھەققى ئۇلارنى ئالدار، بەرىكەتسىز بولار؛ ئەمما ھەققانىيەت تېرىغۇچى ئادەم ئەمەلىي ئىنئام ئالار. |
כן-צדקה לחיים ומרדף רעה למותו | 19 |
ھەققانىيەت ئادەمگە ھاياتلىق تاپقۇزار؛ يامانلىقنى كۆزلەپ يۈرىدىغان كىشى ئۆلۈمگە يۈز تۇتار. |
תועבת יהוה עקשי-לב ורצונו תמימי דרך | 20 |
نىيىتى بۇزۇق كىشى پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر؛ ئەمما يولى دىيانەتلىك كىشىلەر ئۇنىڭ خۇرسەنلىكىدۇر. |
יד ליד לא-ינקה רע וזרע צדיקים נמלט | 21 |
قول تۇتۇشۇپ بىرلەشسىمۇ، يامانلار جازاغا تارتىلماي قالماس؛ لېكىن ھەققانىيلارنىڭ نەسلى نىجات تاپار. |
נזם זהב באף חזיר-- אשה יפה וסרת טעם | 22 |
چىرايلىق ئەمما تېتىقسىز خوتۇن، چوشقىنىڭ تۇمشۇقىغا ئالتۇن ھالقا سالغاندەكتۇر. |
תאות צדיקים אך-טוב תקות רשעים עברה | 23 |
ھەققانىيلارنىڭ ئارزۇسى پەقەت ياخشى مېۋە ئېلىپ كېلەر؛ يامانلارنىڭ كۈتكىنى غەزەپ-نەپرەتتۇر. |
יש מפזר ונוסף עוד וחשך מישר אך-למחסור | 24 |
بىراۋ مەردلەرچە تارقاتسىمۇ، گۈللىنەر؛ يەنە بىراۋ بېرىشكە تېگىشلىكىنى ئايىسىمۇ، پەقەت نامراتلىشار. |
נפש-ברכה תדשן ומרוה גם-הוא יורא | 25 |
مەرد ئادەم ئەتلىنەر؛ باشقىلارنى سۇغارغۇچى ئۆزىمۇ سۇغىرىلار. |
מנע בר יקבהו לאום וברכה לראש משביר | 26 |
ئاشلىقنى ساتماي بېسىۋالغان كىشى ئەلنىڭ لەنىتىگە ئۇچرايدۇ؛ لېكىن ئاشلىقنى سېتىپ بەرگۈچىگە بەرىكەت تىلىنەر. |
שחר טוב יבקש רצון ודרש רעה תבואנו | 27 |
ياخشىلىقنى ئىزدەپ ئىنتىلگەن ئادەم شاپائەت تاپار؛ يامانلىقنى ئىزدىگەن ئادەم ئۆزى يامانلىق كۆرەر. |
בוטח בעשרו הוא יפול וכעלה צדיקים יפרחו | 28 |
ئۆز مال-دۇنىياسىغا تايانغۇچى يىقىلار؛ ھەققانىي كىشى يوپۇرماقتەك كۆكىرەر. |
עכר ביתו ינחל-רוח ועבד אויל לחכם-לב | 29 |
ئۆز ئۆيىگە ئازارچىلىق سالغان كىشى شامالغا مىراس بولار؛ ئەقىلسىز ئادەم ئاقىلانىنىڭ قۇلى بولۇپ قالار. |
פרי-צדיק עץ חיים ולקח נפשות חכם | 30 |
ھەققانىينىڭ بېرىدىغان مېۋىسى «ھاياتلىق دەرىخى»دۇر؛ دانا كىشى كۆڭۈللەرنى [ھاياتلىققا] مايىل قىلار. |
הן צדיק בארץ ישלם אף כי-רשע וחוטא | 31 |
قاراڭلار، ھەققانىي ئادەم بۇ دۇنيادا [سەۋەنلىكى ئۈچۈن] بەدەل تۆلىگەن يەردە، رەزىللەر بىلەن گۇناھكارلارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولار؟ |