< במדבר 8 >

וידבר יהוה אל משה לאמר 1
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ: —
דבר אל אהרן ואמרת אליו בהעלתך את הנרת אל מול פני המנורה יאירו שבעת הנרות 2
سەن ھارۇنغا: «سەن چىراغلار ياقىدىغان چاغدا يەتتە چىراغنىڭ ھەممىسى چىراغداننىڭ ئالدىنى يورۇتىدىغان بولسۇن» دەپ ئېيتىپ قوي، — دېدى.
ויעש כן אהרן--אל מול פני המנורה העלה נרתיה כאשר צוה יהוה את משה 3
ھارۇن شۇنداق قىلدى؛ ئۇ چىراغدان ئۈستىدىكى چىراغلارنىڭ ھەممىسىنى ياندۇرۇپ، خۇددى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا ئېيتقىنىدەك، چىراغ نۇرىنى چىراغداننىڭ ئالدىنى يورۇتىدىغان قىلىپ قويدى.
וזה מעשה המנרה מקשה זהב עד ירכה עד פרחה מקשה הוא כמראה אשר הראה יהוה את משה--כן עשה את המנרה 4
چىراغداننىڭ ياسىلىشى مۇنداق: ئۇ ئالتۇندىن بولقا بىلەن سوقۇپ ياسالغان، پۇتىدىن گۈللىرىگىچە بولقا بىلەن سوقۇپ چىقىرىلغان. پەرۋەردىگار مۇساغا كۆرسەتكەن نۇسخىدەك، ئۇ چىراغداننى شۇنداق ياساتتى.
וידבר יהוה אל משה לאמר 5
پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: —
קח את הלוים מתוך בני ישראל וטהרת אתם 6
سەن ئىسرائ‍ىللارنىڭ ئىچىدىن لاۋىيلارنى تاللاپ چىقىپ پاكلىغىن.
וכה תעשה להם לטהרם הזה עליהם מי חטאת והעבירו תער על כל בשרם וכבסו בגדיהם והטהרו 7
ئۇلارنى پاكلاش ئۈچۈن ئۇلارغا مۇنداق قىل: «كافارەت سۈيى»نى ئۇلارنىڭ بەدىنىگە چاچقىن؛ ئاندىن ئۇلار ئۆزلىرى پۈتۈن بەدىنىنى ئۇستۇرا بىلەن چۈشۈرسۇن، كىيىملىرىنى يۇيۇپ ئۆزىنى پاك قىلسۇن.
ולקחו פר בן בקר ומנחתו סלת בלולה בשמן ופר שני בן בקר תקח לחטאת 8
ئاندىن كېيىن ئۇلار بىر تورپاق بىلەن شۇنىڭغا قوشۇپ ئاشلىق ھەدىيەسىنى، يەنى زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن ئېسىل ئۇننى كەلتۈرسۇن؛ سەن گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن يەنە بىر تورپاقنى كەلتۈر.
והקרבת את הלוים לפני אהל מועד והקהלת--את כל עדת בני ישראל 9
سەن لاۋىيلارنى جامائەت چېدىرىنىڭ ئالدىغا كەلتۈر ۋە پۈتۈن ئىسرائىل جامائىتىنى يىغىپ كەل؛
והקרבת את הלוים לפני יהוה וסמכו בני ישראל את ידיהם על הלוים 10
لاۋىيلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا ھازىر قىلغىن؛ ئاندىن ئىسرائ‍ىللار كېلىپ قوللىرىنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە قويسۇن.
והניף אהרן את הלוים תנופה לפני יהוה מאת בני ישראל והיו לעבד את עבדת יהוה 11
ھارۇن لاۋىيلارنى ئىسرائ‍ىللارنىڭ «پۇلاڭلاتما قۇربانلىق»ى سۈپىتىدە پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىنى قىلسۇن دەپ، پەرۋەردىگارغا ھەدىيە قىلسۇن.
והלוים יסמכו את ידיהם על ראש הפרים ועשה את האחד חטאת ואת האחד עלה ליהוה לכפר על הלוים 12
لاۋىيلار قوللىرىنى ھېلىقى ئىككى تورپاقنىڭ بېشىغا قويسۇن؛ سەن بىرىنى گۇناھ قۇربانلىقى بولسۇن، بىرىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق بولسۇن، لاۋىيلار ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرسۇن دەپ پەرۋەردىگارغا سۇنغىن.
והעמדת את הלוים לפני אהרן ולפני בניו והנפת אתם תנופה ליהוה 13
سەن ئاندىن لاۋىيلارنى ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئالدىدا تۇرغۇزۇپ، ئۇلارنى پۇلاڭلاتما قۇربانلىق سۈپىتىدە پەرۋەردىگارغا ھەدىيە قىل.
והבדלת את הלוים מתוך בני ישראל והיו לי הלוים 14
لاۋىيلار مېنىڭكى بولسۇن دەپ، سەن لاۋىيلارنى ئەنە شۇ تەرىقىدە ئىسرائ‍ىللاردىن ئايرىپ چىق.
ואחרי כן יבאו הלוים לעבד את אהל מועד וטהרת אתם והנפת אתם תנופה 15
ئاندىن لاۋىيلار كىرىپ جامائەت چېدىرىنىڭ ئىشلىرىنى قىلسا بولىدۇ؛ سەن ئۇلارنى پاكلاندۇر، ئۇلارنى پۇلاڭلاتما قۇربانلىق سۈپىتىدە ھەدىيە قىل.
כי נתנים נתנים המה לי מתוך בני ישראל תחת פטרת כל רחם בכור כל מבני ישראל--לקחתי אתם לי 16
چۈنكى ئۇلار ئىسرائ‍ىللار ئىچىدە پۈتۈنلەي ماڭا ئاتالغان؛ مېنىڭ ئۇلارنى مېنىڭكى بولسۇن دەپ تاللىشىم ئۇلارنى ئىسرائ‍ىللارنىڭ ئارىسىدا بالىياتقۇنىڭ تۇنجى مېۋىسى ئورنىدا قويغانلىقىمدۇر.
כי לי כל בכור בבני ישראל באדם ובבהמה ביום הכתי כל בכור בארץ מצרים הקדשתי אתם לי 17
چۈنكى ئىسرائ‍ىللارنىڭ تۇنجىسى، مەيلى ئۇ ئىنسان ياكى ھايۋان بولسۇن، پۈتۈنلەي ماڭا تەۋەدۇر؛ مەن مىسىر زېمىنىدا بارلىق تۇنجىلارنى ئۆلتۈرگەن كۈنى ئۇلارنى ئۆزۈمگە مۇقەددەس قىلىپ ئېلىۋالغانىدىم.
ואקח את הלוים תחת כל בכור בבני ישראל 18
مېنىڭ لاۋىيلارنى ئۇ يول بىلەن تاللىشىم ئۇلارنى ئىسرائ‍ىللارنىڭ ئىچىدىكى تۇنجىلىرىنىڭ ئورنىدا قويۇشۇم ئۈچۈندۇر.
ואתנה את הלוים נתנים לאהרן ולבניו מתוך בני ישראל לעבד את עבדת בני ישראל באהל מועד ולכפר על בני ישראל ולא יהיה בבני ישראל נגף בגשת בני ישראל אל הקדש 19
ۋە جامائەت چېدىرىدا ئىسرائ‍ىللارنىڭ خىزمىتىدە بولسۇن ۋە ئىسرائ‍ىللارنىڭ [گۇناھىنى تىلەپ] كافارەت كەلتۈرسۇن، شۇنىڭدەك ئىسرائ‍ىللار مۇقەددەس جايغا يېقىنلاشقاندا ئۇلار ئارىسىدا بالا-قازا چىقمىسۇن دەپ، مەن ئىسرائ‍ىللار ئىچىدىن لاۋىيلارنى ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا بەردىم.
ויעש משה ואהרן וכל עדת בני ישראל ללוים ככל אשר צוה יהוה את משה ללוים--כן עשו להם בני ישראל 20
مۇسا، ھارۇن ۋە پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتى لاۋىيلارنى شۇنداق قىلدى؛ پەرۋەردىگارنىڭ لاۋىيلار توغرۇلۇق مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك ئىسرائ‍ىللار ھەممىسىنى بەجا كەلتۈردى.
ויתחטאו הלוים ויכבסו בגדיהם וינף אהרן אתם תנופה לפני יהוה ויכפר עליהם אהרן לטהרם 21
لاۋىيلار شۇنداق قىلىپ ئۆزلىرىنى [گۇناھتىن] پاكلاپ، كىيىم-كېچەكلىرىنى يۇيۇپ پاكىزلىدى؛ ھارۇن ئۇلارنى پۇلاڭلاتما قۇربانلىق سۈپىتىدە پەرۋەردىگارغا ھەدىيە قىلدى؛ ھارۇن يەنە ئۇلارنى پاكلاشقا [گۇناھىنى تىلەپ] كافارەت قىلدى.
ואחרי כן באו הלוים לעבד את עבדתם באהל מועד לפני אהרן ולפני בניו כאשר צוה יהוה את משה על הלוים כן עשו להם 22
ئاندىن كېيىن لاۋىيلار كىرىپ ھارۇننىڭ ئالدىدا، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئالدىدا، جامائەت چېدىرى ئىچىدىكى ئىشلارنى قىلىشقا كىرىشتى؛ پەرۋەردىگار لاۋىيلار توغرۇلۇق مۇساغا قانداق بۇيرۇغان بولسا، ئىسرائ‍ىللار ئۇنى شۇ بويىچە بەجا كەلتۈردى.
וידבר יהוה אל משה לאמר 23
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: —
זאת אשר ללוים מבן חמש ועשרים שנה ומעלה יבוא לצבא צבא בעבדת אהל מועד 24
لاۋىيلارنىڭ ۋەزىپىسى مۇنداق بولسۇن: — يىگىرمە بەش ياشتىن يۇقىرىلىرى كىرىپ جامائەت چېدىرى ئىچىدىكى ئىشلارنى قىلىشقا سەپكە كىرسۇن؛
ומבן חמשים שנה ישוב מצבא העבדה ולא יעבד עוד 25
ئەللىك ياشقا يەتكەندىن كېيىن سەپتىن چېكىنىپ شۇ خىزمەتنى قىلمىسۇن؛
ושרת את אחיו באהל מועד לשמר משמרת ועבדה לא יעבד ככה תעשה ללוים במשמרתם 26
لېكىن ئۇلار جامائەت چېدىرى ئىچىدە قېرىنداشلىرىغا ياردەملىشىپ، ئۇلارنىڭ ھاجەتلىرىدىن چىقىشقا بولىدۇ، ئەمما چېدىردىكى رەسمىي ۋەزىپىدە بولمىسۇن. لاۋىيلارنىڭ ۋەزىپىلىرى ھەققىدە ئۇلارغا ئەنە شۇنداق قىل.

< במדבר 8 >